gayrat828 |
2010-12-29 02:00 |
[attachment=7266] مۇخپىرىنىڭ 23- دىكابىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق چىگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش ئىدارىسىدىن ئېگىلشىچە ،ئېران يېزا -ئېگلىك مىنىستىرلىقى 24- دىكابىردىن باشلاپ ئىمپورىت قىلىندىغان 49 خىل يىزا -ئېگلىكى مەھسۇلاتىنىڭ چىگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەن . ئېران يېزا -ئېگلىك مىنىستىرلىقى جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىغا ئالاقە ئەۋەتىپ ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن بىر تۈركۈم مىۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورىت قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ، بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ قاچان بىكار قىلىندىغانلىقى ئىنىق ئەمەسكەن . ئېگىلىنشچە ئېران ئىمپورىت قىلىشنى چەكلىگەن مەھسۇلاتلار ئىچىدە ،باش پىياز ،سامساق ،بەرەڭگە ،نەشپۈت ،بۆلجۈرگەن ،سۈت پاراشۈكى ، ئانار ،شوخلا قىيامى قاتارلىقلار بار ئىكەن . ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى مۇنداق دېدى : << ئېراننىڭ بۇ چەكلەش بۇيرۇقى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ شوخلا قىيامى ئېكىسپورتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئېران دۆلىتىمىزدىن شوخلا قىيامى ئىمپورىت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى ،شۇنداقلا دكلىتىمىزمۇ شوخلا قىيامى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق دۆلەت ، چەكلەش بۇيرۇقى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئېكىسپورىتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ >> .. مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى .
|
|