查看完整版本: [-- مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجئەت   ئەھەت مامۇت --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجئەت   ئەھەت مامۇت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ahatmamut 2010-12-23 23:00
    مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجئەت
 
 ئەسسالام پەزىلەت ۋە پاراسەتلەر ئىگىسى ،ھۆرمەتلىك خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمان ھەم تورداشلارغا:
 
                                                                
         ھەر قانداق كىشى ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشالىغاندىلا ئاندىن ئۆز مىللىتىگىمۇ شان شەرەپ كەلتۈرەلەيدۇ. كەمىينە مەزكور تەشەببۇسنامىنى يېزىش ئارقىلىق تورداشلارنى دۇنيا ئىلىم مۇنبېرىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىشنى قارار تاپتىم ھەم شۇنداقلا ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشىنى جىددى(مەن بۇ ھەقتە خەنزۇچە تورلاردا پۇرسەت تۇتىۋىلىنسا يىقىنقى 10يىلدا فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى جۇڭگو شىنجاڭدىن ۋۇجۇتقا كېلىشى مۈمكىن[تور ئادرىسى:http://www.blogchina.com/20100824994271.html] مەزكۇر يوللانمىنىڭ خەنزۇچىسى : http://www.blogchina.com/201012201064854.html سەرلەۋىلىك ماقالىنىمۇ يوللىغانىتىم ) تەۋسىيە قىلماقچىمەن. غۇلجا دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيونىرى قاسىم سىدىق ئەپەندىم 32 يىلدىن بويان نەزىريىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى» دېگەن باش تېما ئاستىدا جاپالىق ئىزدىنىپ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئېينىشتىيىن ھەم بىر قىسىم نەزىرىيىۋى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ قىسمەن خاتا كۆزقاراشلىرى «ياماپ» ۋە تۈزىتىپ تولۇقلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ ئىشىكىنى قاقماقتا.   
  
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى»__ ئالاھىدە بىر خىل بىلىش ۋە پەن-تەتقىقات مىتودى بولۇپ،ئۇ زور بىر تۈرلۈك ئىلمىي نەزەرىيە ۋە سېستىما قۇرلىشىدۇر. ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە يادروسى: ماددى دۇنيانى شەكىلسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق ماددا مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولغان بولىدۇ، شەكلى يوق ماددىنى ئىنسان بايقىغان ئەمەس ھەم بايقىيالمايدۇ؛ئالەم دەۋرىيلىككە ئىگە، ئالدىنقى بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىشى كىيىنكى يەنە بىر دەۋىرنىڭ باشلىنىشىدىن دىرەك بېرىدۇ؛ ھەركەت ئەگرى بولىدۇ، ماكان ئەگرى بولمايدۇ؛ ھەركەت ئەگرىلىكى ماكاننىڭ ئەگرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ماددىنىڭ تۈزۈلىشىدە ھەقىقى مەنەدىكى ئاساسىي زەررىچە مەۋجۇت، ئۇ قايتا بۆلۈنمەيدۇ؛ نۇرنىڭ ئەمىلىي تىزلىكى 300مىڭ كىلومىتېر سىكونتتىن يۇقىرى؛جىسىم ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىپ ھەركەت قىلغاندا ،ئۆز ئوقىدا ھەركەتلىنىش بىلەن بىر چاغدا ھەركەت يۆلۈنىشى تەرەپكە ئاغىدۇ، بۇنى ئىغىش ھادىسىسى دەيمىز؛ مۇتلەق ھەجىم؛ قاپلاش ئۇقۇمى............قاتارلىقلاردىن ئىبارەت..............(سەھىپە ئىھتىياجىدىن باشقا تەپسىلاتلار قىسقارتىلدى.)ھازىرچە بۇ تەقىقات ئاز بىر قانچە ياخشى نىيەتلىك ساخاۋەتچى ۋە ئىلىم ئاشىقلىرىنىڭ خۇسۇسى قوللىشى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىنتايىن جاپا مۇشەققەتلىك ھالدا داۋام ئېتىۋاتقان بولسىمۇ بىراق بەزى نەتىجىلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولۇدۇكى، ناۋادا بۇ تەتقىقات ئومۇمىيۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشپ، سېستىمىلىق تەتقىقات-تەجرىبېلەر قانات يايدۇرلسا ئىلىمىز جوڭگۇلۇقلاردىنمۇ نوبېل مۇكاپات ساھىبلىرى بولماسلىقتەك ئاق توچكا ھالەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ  ئۇلۇغ ۋەتەنىمىىزگە شان شارەپ كەلتۈرۈپلا قالماستىن ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا  شانلىق تۆھپىلەر قوشۇلۇپ،ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى بىلىشىدە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا  فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ سەركىسى دەل سەھرالىق ئوقۇتقۇچى قاسىم سىېدىق ئەپەندىم بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن زور. بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچايتىش ۋە پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلىپلاشتۇرۇش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يىقىندىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايونلۇق پەن تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا دوكلات سۇنۇپ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى تەتقىقات جەمىيىتى» قۇرۇش توغرىسىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددى ئىشلەنمەكتە. نۆۋەتتە گەرچە قىيىنچىلىق ۋە مۈشكىلاتلار ئاز بولمىسىمۇ باسقۇچ خاراكتىرلىك بەزى نەتىجىلەرنى جاھان ئەھلىگە ۋاختىدا  ئەينەن تونۇشتۇرۇش جىددى زۆرۈر بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپنىڭ كۈچى ھامان كۆپ بولىدۇ. ئىزتىراپ ،قىيىنچىلىق ۋە خىرىسمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، بىزنى ئەپسوسلاندۇرىدىغان بىر قىسىم ئىشلار مەۋجۈت. چۈنكى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۇنى مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم تور بىكەتلەر ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرى توربىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروز (R.Penrose) ، ئەرمەنيە ئالىمى ۋاچ.گۇسادىيان (V.G.Gurzadyan) لارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىىنىڭ يېتەرلىك  ئىسپاتىغا ئىرىشكەنلىگىنى بەس-بەستە ئېلان قىلدى. بۇلار دەل  ئۇستازىمىز، تەبئى پەن ئىزدەنگۈچىسى، تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابىنى تىنىمسىز ۋاراقداۋاتقان قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم نەزىريىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار دەل قاسىم سىدىق ئۇلاردىن10نەچچە يىللار بۇرۇنل ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىيقىياسلار ئىدى. دېمەك مۇشۇنىڭ بىلەن قاسىم سىدىقنىڭ 5-6 تۈردىكى بايقاشلىرى چەتئەللىك ئالىملار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە بۇ خىل بايقاشلار چەتئەللىكلەرنىڭ نەتىجىسى بولۇپ كىتىشى ئىنىق. نىمە ئۈچۈن قاسىم سىدىقنىڭ تەتقىقاتلىرى ئىلىم دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىدى؟ نىمە ئۈچۈن يۇرتىمىزدىن چىقىپ كىتەلمىدى؟ سەۋەپى، قاسىم سىدىقنىڭ ئالەم نەزىريىلىرىنى ئاساس قىلغان نەزىرىيىۋى فىزىكا ماقالىلىرىنى مۇكەممەل خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىدىغان سەۋىيە تولىمۇ كەمچىل. ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلىم-پەن ژۇرنىلى بولغان«ئىلىم-پەن»ۋە «تەبىئەت» ژۇرناللىرىغا سۇنۇشقا قۇربىمىز يەتمىدى. شۇڭا يۇرتىمىزدىن چىقالماي دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە تۇنۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. ئەمدى مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك قاسىم سىدىقنىڭ نەتىجىلىرى ۋاقتنىڭ ئۆۈشىگە بارا-بارا باشقا ئالىملار تەرىپىدىن بايقىلىپ شۇلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ كېتىشىمۈمكىن. بەلكىم مۇشۇنداق تەرجىمان يوقمىكەن دەپ گۇمانلىشىڭلار مۇمكىن. مەن سىلەرگە ئىچىنىشلىق ھالدا يەتكۈزسەم، دۆلەت ئىچىدە تېخى بۇ ماقالىلارنى ئۇيغۇرچىدىن ئېنگىلىز تىلىغا توپتوغراۋە دەلمۇ-دەل تەرجىمە قىلالايدىغان كىشىنى ھازىرچە تاپالمىدۇق. بۇ ساھەدىكى دوكتورلار بولسا روسچە، نىمىسچە ياكى ياپونچە ئوقىغان، ئېنگىلىزچە ھاجىتىدىن لوغەت كۆرۈپ چىقىدىكەن . پەننى ئۇموملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خەنزۇچە تىل تەرجىماللىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئۈمۈر بۇيى خەنزۇچە ماقالىلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن شوغۇللىنىپ ئەزەلدىن ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ كۆرمىگەن ئىكەن. شۇڭا قىيىنچىلىق ئاز ئەمەس. لىكىن، بىز بۇنى ساقلاپ تۇرساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم خەنزۇچىغا ھەم ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنى دۆلەت –ئىچى سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلىم-پەن ژۇرناللارىغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.
يوقۇرقى بايانلاردىن بۇ ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز، قانچىلىك جىددىيلىكىنى دىمىسەممۇ ئەقىللىق تورداشلار چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ. شۇ ۋەجدىن، مەزكور تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ئېنگىلىزتىل مەدەنىيىتى(قانداق كەسىپ ئوقۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئازراق تەبىئى پەن ئاساسى بولسا تېخىمۇ ياخشى)ياكى خەنزۇ تىل مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان، خالىس تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان(توغرىسى ھازىرچە بىكىرىغا  ئىشلەيدۇ،بىراق، ھامان ئەمگىكىگە يارىشا ئىش ھەققى بېرىلىدۇ) تورداشلارنىڭ ئوغۇزخان بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن(چ چ نومۇرى: 1587277107). بەلگىلىك شارائىت ھازىرلىغاندىن كىيىن ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز.  
  
ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قىزىققۇچىلار بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن، تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا چوقۇم ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ناۋادا قاسىم سىدىقنىڭ ئىزدىنىشلىرى دۆلەت ئىچى ھەم دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىسە، بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.   

جىددى ئەسكەرتىش: مەزكۇر تەشەببۇسنامە چاقچاق ئەمەس. مەن تورداشلارنىڭ ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.    
   بۇ ئىشقا كونكىرىتنى مەسئۇل ۋە ئالاقىلاشقۇچى:  ئوغۇزخان   
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: قاسىم سىدىقنىڭ ئىلمىي كاتىپى ۋە ئىلمىي ئاخبارات باياناتچىسى بىلىكيار   

ئەسلى بۇ تېمىنى بۇ يەرگە چاپلىمىسام بولاتتى. لېكىن، مەزمۇننىڭ ياخشىلىقى ۋە بۇ خەۋەرنى دوستلارغا يەتكۈزۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى   ھېس قىلىپ، تېما ئىگىسى بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولمىغاچقا،مەن  ئورنىدا بۇيەرگە يوللاپ قويدۇم. مەنبە:http://www.hawaskar.com/bbs/

turkax 2010-12-24 00:31
ئىنتايىن ياخشى خەۋەر ئىكەن...قاسىم سىدىق ئاكىغا ئوتۇق تلەيمەن.ئومرىڭىز ئوزۇن بولسۇن....

تەرجىمانلار چوقوم چىقىدۇ..

rayhan 2010-12-24 00:54
ئىشلىرى  ئۇتۇغلۇق بولغاي !!!

huxdil 2010-12-24 01:01
ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە مۇراجەت قىلىپ بېقىڭ ، چەئئەلدە مۇشۇ كەسىپتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مۇشۇ مۇنبەردىكى <<ئۇيغۇرلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ >> دىگەن تېمىدا  فىزىكا ئىلمىدە ئوقىغان ئۇيغۇرلىرىمىز خېلى  باركەن ،بەزىسى جوڭگودا بەزىسى چەتئەلدە ئىكەن . تىرىشسا چۇقۇم ئالاقىلاشلىقى بۇلىدۇ .

kokbura 2010-12-24 01:03
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى داۋاملىق چوقىلاپ تۇرۇڭلار ھەممىمىزگە شان -شەرەپ ئەكىلدىغان قۇتلۇق ئىشكەن بۇ

ahatmamut 2010-12-24 02:16
مەنمۇ شۇنداق قارايمەن

bugra321 2010-12-24 11:36
قاسىم سىدىق ئاكمىزنى شىنجاڭ تېلۋىزيە ئىستانسىدا زىيارەت قىلغاندا نىمىشقا بۇمەسلىنى ئوتۇرغا قويمۇغاندۇ ؟

ئالاھ خالىسا بۇ قىيىنچىلىق مۇ  ھەل بوپكىتە .

padexah 2010-12-24 12:39
مېنېڭچە ئاشۇ ياپۇنچە ۋە باشقا تىللارغا مۇكەممەل تەرجىمە قىلالايدىغانلارغا شۇ تىللارغا تەرجىمە قىلدۇرسا ،ئاندىن شۇتىلنى ئېنگىلىز چىغا تەرجىمە قىلدىغان ئادەم كۆپ مىكىن دەيمەن !

esma0999 2010-12-24 15:58
ئۇف كەڭسايدىمۇ ئىلىم-پەنگە ئائىت ماقالا يوللىنىدىكەنھە؟

ensar 2010-12-25 13:26
<<ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە مۇراجەت قىلىپ بېقىڭ ، چەئئەلدە مۇشۇ كەسىپتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن>>
مەنمۇ مۇشۇ پىكىردە!!!     

saljuq 2010-12-25 13:34
ئىشلىتىش
引用第3楼huxdil于2010-12-24 01:01发表的 :
ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە مۇراجەت قىلىپ بېقىڭ ، چەئئەلدە مۇشۇ كەسىپتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مۇشۇ مۇنبەردىكى <<ئۇيغۇرلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ >> دىگەن تېمىدا  فىزىكا ئىلمىدە ئوقىغان ئۇيغۇرلىرىمىز خېلى  باركەن ،بەزىسى جوڭگودا بەزىسى چەتئەلدە ئىكەن . تىرىشسا چۇقۇم ئالاقىلاشلىقى بۇلىدۇ .

توغرا، ئارىمىزدىن قايسىمىز بولساق بۇ ئىشقا  جىددىي ھەم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلايلى ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنايلى.

uyokuguqi 2010-12-25 14:14
ھەقىقەتەنمۇ جىدى ئشكەن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يۆتكەيلى دەرھال تېخمۇ جېق ئادەم خەۋەر تېپىشى كېرەك شۇنداق بولغاندا ...

pulsar 2010-12-25 15:49
مەن قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ خىزمىتى بىلەن تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا تونۇشقانىدىم. مېنىڭ ساۋاقداشلىرىممۇ بۇ كىشى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپتىكەن. يەنە مەن بۇ كىشىنىڭ بىر مۇنچە ماقالىلىرىنى كۆرگەن.
بۇ ئىشقا نىسپىتىن مەن مۇنداق قارايمەن: بىرىنچى، قاسىم سىدىق ئاكا ھەقىقەتەن تىرىشچانكەن. لېكىن ئۇ نەزىرىيىسىنى مۇكەممەل بولغان ماھىيەتلىك مەسىلە ئۈستىگە قويالىدىمۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، ماھىيەتلىك بىرەر مەسىلىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، قانات يايدۇرالىدىمۇ؟ ئىككىنچى، نەزىرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بايقاش نۇقتىلىرى مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق ئىپادىسىنى تاپتىمۇ؟ ئەگەر ماتېماتىكىلىق ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، شۇ ئىپادە ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتىلغان نيۇتوننىڭ ئىپادىسىگە قايتالىدىمۇ؟ ئۈچىنچى، ئەڭ ئالدى بىلەن تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىپ بولۇنغان نەزىرىيە نەتىجىلىرىدىن گۇمانلانغاننىڭ پايدىسى يوق. مەسىلەن، نيۇتون قانۇنلىرىدىن؛ ئېينىشتىيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسىدىكى ۋاقىتنىڭ ئاستىلىشى، ئۇزۇنلۇنىڭ قىسقىرىشى؛ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسىدىكى يورۇقلۇقنىڭ ئېگىلىشى قاتارلىقلاردىن گۇمانلىنىش ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقانداق ئادەمنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.
نەزىرىيە قىياس بىلەن باشلانغان بولسىمۇ لېكىن ماتېماتىكىلىق مۇكەممەل  ئىپادە ئەمەلىيەتنى تەسۋىرلەپ بېرەلىسە ئۇنى تاكى توغرا دەپ ئىسپاتلانغۇچە قوبۇل قىلىپ تورۇشقا بولىدۇ. بولمىسا ئۇ ئارتۇقچە جۆيلۈش ياكى بولمىسا قوپالراق ئېيتساق سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ قالىدۇ.    

turanshah 2010-12-28 17:17
ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە مۇراجەت قىلسا كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپقا ئېرىشكىلى بولار.. ئەگەر ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسا بەلكىم مەرىپەت تورى ئارقىلىق ئېلخەت ئادىرىسىنى تاپقىلى بولىدۇ...
ئاۋال ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە تەپسىلى كۆرسىتىپ بېقىش، ئەگەر شۇكىشى قايىل بولسا (بىزلەر قۇرۇق ھاياجانلىنىشتىن باشقىنى بىلمىگەندىكىن)  ئاندىن ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىش يەنىلا شۇ كىشىنىڭ قولىدىن كېلىدۇ...  
مېنىڭچە فىزىكىدا چەتئەلدە (ئېنگىلىز تىلىدا) دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان زىيالىيلارنىڭ ياردىمىگە تايانسا (ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىشى مۇمكىن) ئىش ئوڭغا تارتىشى مۇمكىن..  

tamqabulak 2010-12-28 19:26
ئەركىن سددىق ئاكىمىزنىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ تېزرەك مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشىشىنى تىلەيلى !

sameme.ahmak 2011-01-05 23:03
يائاللاھ ما مۇنبەردىمۇ ماندا تىمىلارنى كورگىلى بولىدىكەن   .
ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

rukuya 2011-01-11 17:58
ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ياخشى بىر يول كورسەتكۈچى بوپ قېلىشى مومكىن.

makanim 2011-01-11 23:39
نىمىشقا شىنجاڭ ئونىۋېرستىتى فىزىكا فاكولتىتىنىڭ پىرافىسسورى سايىپجامال دۆلەت مۇئەللىمنى ئىزدىمەيسىلەر؟ ئۇ ئايالنىڭ نەزەرىيۋى فىزىكا ساھەسىدە خەلىقئارادا خېلى نامى بار، ئىنگىلىسچىنى ئۇيغۇرچىدىن ياخشى سوزلەيدۇ. چۈنكى مەن شۇ مۇئەللىمنىڭ ئوقوغۇچىسى. بەزى گەپلەرنى ئۇيغۇرچە دىيەلمىسە ئىنگىلىسچە دەيتى

asanat 2011-02-20 13:26
قاسىم سىدىق ئاكىدەك نامسىز ئالىملىرىمز كوپتۇر.
نۇبىل مۇكاپاتىغا لايقلارمۇ ھەم شۇ.

abduwali123 2011-02-20 19:47
مەن نمە دەي    قۇللايمەن  

hakanxp 2011-02-21 22:39
12-قەۋەتتىكى pulsar ئوبدان گەپ قىلىپتۇ

yalhuznur 2011-02-22 00:31
بۇ كەڭساينى چۈشۈرگىنىڭىزمۇ دوستۇم. سىزچە دېنى بىلىملەرنى ئىلىم-پەن دىيىشكە بولمامدۇ؟

qongbulak 2011-02-23 12:13
    جىددى  تۇتۇش  قىلايلى  قېرىنداشلار  . . .

alpacino 2011-03-11 23:58
مەرھۇم زوردىن سابىر  ئەپەندىدىن بىرەيلەن ئۇيغۇرلادىن نوبىل مۇكاپاتىغا  ئېرىشىدىغانلا چىقامدۇ دەپ سورىسا ،  زوردىن سابىر ئەپەندىم  چىقىدۇ لېكىن بىز  چىققىلى  قويمايمىز  دەپ جاۋاپ  بېرىپتىكەن ...  

ما  تېمىنى كۆرۈپ شۇ گەپ  ئېسىمگە  كېىپ  قېلىۋاتىدۇ  ..

جەڭچى 2011-05-13 17:40
توغرا  ئەركىن سىدىق  ئاكىمىز بىلەن ئالاقىلشىپ بىقىڭ.     

dolataogli 2011-05-26 12:26
قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئاللا بۇيۇرسا بۇ ئىشلارمۇ چوققۇم ھەل بولىدۇ.

ئادۇۋكات 2011-06-20 23:21
مەن پۇتۇن كۇچۇم بىلەن قۇللايمەن بىراق ئىنگىلىز تىلى ئۇقمايمەن . تىرىشىپ بىقىڭلار چۇقۇم ياردەم قلىدىغانلار چىقىدۇ.

لەتىپە 2011-06-21 19:13
قاسىم ئاكىنىڭ ئەجرى ئاللاھ خالىسا  دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلغۇسى!  مەنمۇ 3-قەۋەتتىكى قېرىندىشىمنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن .

asanat 2011-06-24 19:29
ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە مۇراجەت قىلىپ بېقىڭ ، چەئئەلدە مۇشۇ كەسىپتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن
مەنمۇ مۇشۇ

دولاتا 2011-06-27 19:29
بەكمۇ ياخشى بوپتۇ، مەن بىر تەرجىماننىڭ نومۇرىنى بىلىمەن، ئالاقىلىشىپ كۆرۈڭلار، 15299249310

بىناۋا 2011-08-11 08:22
ساھىپجامال يېنىمىزدىلا بارغۇ! مېنىڭچە ئەڭ ئاسان يول مۇشۇ خانىمنى ئىزدەش.


查看完整版本: [-- مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجئەت   ئەھەت مامۇت --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062215 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us