查看完整版本: [-- شىنجاڭ  پۇتبول  ئەپەندىسىگە  بېلەت  تاشلاڭ . --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> شىنجاڭ  پۇتبول  ئەپەندىسىگە  بېلەت  تاشلاڭ . [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nawruz0991 2010-12-21 23:52
مەنبە:11ئادەم پۇتبول تورى

 


شىنجاڭ  پۇتبول  ئەپەندىسىگە  بېلەت  تاشلاڭ .

ھەر  يىلى  يىل  ئاخىرىدا  ھەممىلا  يەر  يىللىق  باھالاش  ۋە  يىللىق  خۇلاسىلەر بىلەن  تولۇپ  كىتىدۇ .  بىز  پۇتبولخۇمارلارمۇ  2010-يىللىق  شىنجاڭ پۇتبول  ئەپەندىسىنى  باھالاپ  چىقماقچى  .2010-يىلى  ئۇيغۇر  پۇتبولچىلىقى  ئۇچۇن ئۇنتۇلماس  بىر  يىل  بولدى  .  مىرئەخمەتجان  بىر  يىل  ئىچىدە دۆلەتلىك  ياشلار  كوماندىسىغا  ،  دۆلەتلىك  ئولىمپىك  كوماندىسىغا ،دۆلەت كوماندىسىغا كىردى.جوڭگو دەرىجىدىن  تاشقىرى لوڭقىسىدا خېنەن كوماندىسى ئۇچۇن  21مەيدان  ئويناپ ، ئۆزىنىڭ  ئورنىنى  تىكلىدى.بارى بولسا  جوڭگو دەرىجىدىن  تاشقىرى  بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدانغا چىققان ئۇيغۇر ،  تۇنجى  توپ  كىرگۇزگەن  ئۇيغۇرغا  ئايلاندى .

ئۆتكۇر بولسا  لۇنىڭ پۇتبول  مەكتىپىگە  ۋاكالىتەن   17ياشتىن كىچىكلەر  بىرلەشمىسىگە  قاتنىشىپ  شىنجاڭدىكى  تەڭتۇشلىرىنى  يىڭىپ  چىمپىيونلىققا  ئېرىشتى . ھازىر دۆلەتلىك  ياشلار  كوماندىسىغا  كىرىپ  مىرئەخمەتجاننىڭ  ئورنىدا  ئويناۋاتىدۇ .

مانا  بۇ  ئۈچ  ماھىر  2010-يىللىق  شىنجاڭ پۇتبول  ئەپەندىسىنىڭ نامزاتى .

سىز  ئىچىدىن  خالىغان  بىرسىگە  بىلەت  تاشلىسىڭىز  بولىدۇ .  ئەڭ  كۆپ  بىلەتكە  ئېرىشكەن  ماھىر غا مەخسۇس  شىنجاڭ  پۇتبول  ئەپەندىسى  دىگەن  نامدا  خاتىرە  بويۇم ياسىتىلىپ  سوۋغا  قىلىنىلدۇ . شۇ  ماھىرنى  تاللىغان  قاتناشقۇچىدىن  تەلەيلىك بىرەيلەن  شۇ  ماھرنىڭ  ئىمزاسى  بار  سۈرەتكە  ئېرىشەلەيدۇ .

پائالىيەت  ۋاقتى : 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۇنىدىن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۇنىگىچە بولىدۇ ،  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ ،  ئۆزىمىزنىڭ  ئوغلانلىرىغا  مەدەت  بولسۇن.
ئەگەر تەلەيلىك  تاللىغۇچى بولماقچى  بولسىڭىز ئالاقىلىشىش  ئۇسۇلىڭىزنى  قالدۇرۇپ  قويۇڭ
پائالىيەت مەنزىلى :

http://bbs.11adam.cn/forum.php?mod=redirect&tid=267&goto=lastpost#lastpost

 

سېخى 2010-12-22 14:44
مەن ئۆتكۈرنى بىرازىليەدە مەشىق قىلۋىتىپتۇ دەپ توردىن كۆرگەن ئىدىم شۇ بالا شۇمۇ ئەمەسمۇ ؟ئىستىقبالى بار نوچى بالىدەك قىلدۇ

salamgulja 2010-12-22 17:33
پەرھاتچۇ؟

adiham 2010-12-22 17:41
مەنچە بولسا ھەممىسىگە بېلەت تاشلەپ ئۇلارغا مەدەت بەرگىم بار

dilxikar 2010-12-23 07:14
مەن مىرئەخمەتجانغا بېلەت تاشلايتتىم، بېلەت تاشلاش كۆزنىكى كوپېراتسىيە ۋاقتىدىكى بېلەت ئالىدىغان كاماردەك ئېتىلىپ قاپتۇغۇ؟


查看完整版本: [-- شىنجاڭ  پۇتبول  ئەپەندىسىگە  بېلەت  تاشلاڭ . --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.050291 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us