查看完整版本: [-- زۇھا نامىزى(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> زۇھا نامىزى(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-12-11 14:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

چاشكا نامىزى (زۇھا نامىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەكىتلەنمىگەن سۇننەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر.

چاشكا نامىزى ئۇقۇش نەپلى ئەمەل قاتارىغا كىرىدۇ.

قانداق بىر كىشى كىچىككىنە ئەمىلى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئەجىرگە ئىرشەي دىسە چاشكا نامىزىنى ئۇقۇسا بۇلىدۇ.

چاشكا نامىزى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى بار. پەيغەمبىرىمىز چاشكا نامىزى ئۇقۇشنى ئۇزىنىڭ ھەدىسلىرىنى ئەڭ كۆپ يادلىغان ساھابىسى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دىگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ‹ماڭا دوستۇم رەسۇلۇللە مۇنۇ ئۇچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلدى. مەن بۇ ئۇچ ئىشنى ئۇلۇپ كەتكىچە تاشلىمايمەن. بۇ ئۇچ ئىش،ھەر ئايدا ئۈچ كۇن رۇزا تۇتۇش،چاشكا نامىزى ئۇقۇش،ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋېتىر ئۇقۇش<(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلندۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسلام مۇنداق دىگەن كىمكى چاشكا نامىزىنى تاشلىماي ئۇقۇسا ئۇ كىشىنىڭ گۇناھى گەرچە دېڭىزنىڭ كىپىكىدەك بولسىمۇ مەغپىرەت قىلنىدۇ(كىچىك گۇناھلارنى دىمەكچى)(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇھۇرەيرە دىگەن ساھابە رەسۇلۇللەنىڭ ئىشكى ئالدىدىلا ياتاتتى. رەسۇلۇللە سىرتقا چىقماقچى بولسا رەسۇلۇللەنىڭ كەشىنى توغۇرلايتتى.رەسۇلۇللە تاھارەت ئالماقچى بولسا سۇ تەييارلايتتى .ئۇ ئىلىمگە تۇلىمۇ ھىرىسمەن ئىدى.ھەم بەكمۇ تەقۋا دۇنياغا بىرىلمەيدىغان ساھابە ئىدى. رەسۇلۇللەمۇ بۇ ساھابىسىنى بەكمۇ ياخشى كۇرەتتى. شۇڭا بۇ ساھابىسىگە كۆپ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ يۇقارقى ئۇچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلغان. بۇ ساھابىمۇ رەسۇلۇللە ۋەسىيەت قىلغان بۇ ئۇچ ئىشنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرگىچىلىك داۋاملاشتۇرغان.خوش. ئەمدى چاشكا نامىزى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلەرگە قاراپ باقايلى.

ئەبۇ زەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن.سىلەرنىڭ تاڭ ئاتقۇزغان ھەممە كۇنلىرىڭلاردا ھەربىر سۇڭەك،ئۇگىلىرىڭلارغا قارتا ئادا قىلىشقا تىگىشلىك سەدقە باردۇر.ھەر بىر تەسبىھ سەدقە (سۇبھەنەللاھ). ھەر بىر ھەمدۇ سەدقە(ئەلھەمدۇلىللاھ).ھەر بىر تەكبىر سەدقە(ئاللاھۇئەكبەر). ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدقە. يامانلىقتىن تۇسۇشمۇ سەدقە.چاشكا ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇش يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

ئادەم بەدىنىدە 309پارچە سۇڭەك بار. مۇشۇ سۇڭەكلەرنىڭ ھەممىسىگە تاڭ ئاتقۇزغان كۇنى سەدقە كىلىدۇ.تەسبىھ،ھەمدە،تەكبر،ئەمىر-مەرۇف،نەھىي مۇنكەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ بەدەنلىرىمىزدكى ئۇستىخانلار ئۇچۇن سەدقە بۇلىدۇ. ئىككى رەكئەت چاشكا نامىزى ئۇقۇش يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ئۆز نەپسى-خاھىشى بۇيىچە سۆزلىمەيدىغان ئېغىزىدىن پەقەتلا ھەقلا چىقىدىغان رەھبىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ سۈزىدۇر.. ئەمما ھەر كۇنى چاشكا نامىزى ئۇقۇيسىز تەسبىھ ھەمدۇ ،تەكبىرلەرنىمۇ ئۇقۇسىڭىز بۇ ياخشىدۇر.ھىساباتىڭىزغا نەپلى ئەمەللەر خاتىرلىنىدۇ. قىيامەت كۇنى ئەمەللەرنى تارازىغا سالغاندا پەرز ئەمەللەر كەملەپ قالغاندا نەپلى ئەمەللەر بىلەن تۇلۇقلىنىدۇ.



چاشكا نامىزىنىڭ ئۇقۇلۇش ئەھۋلاتلىرى.

چاشكا نامىزىنى رەسۇلۇللە ئىككى رەكئەتمۇ ئۇقۇغان،تۆت رەكئەتمۇ ئۇقۇغان، 8رەكئەتمۇ ئۇقۇغان. سىز ئىككى رەكئەتمۇ ياكى 4مۇ ۋە ياكى 8مۇ ... ئىشقىلقپ ئۇزىڭىزگە ئاسان بولغىنىنى ئۇقۇسىڭىز بۇلىدۇ.ئەمما كۆپرەكى 2رەكئەت ،4رەكئەت ئۇقۇلۇپ كەلگەن.

بۇ نامازنى ئۇقۇغاندا ئادەتتە سىز ئۇقۇيدىغان نامازلارنى ئۇقۇغانغا ئوخشاشلار ئۇقۇيسىز. خالىغان سۈرىنى ئۇقۇيسىز. مەخسۇس چاشكا نامىزىدا ئۇقۇيدىغان سۈرە دىگەن گەپ يوق. ئۇزىڭىز بىلىدىغان سۈردىن ئۇقۇسىڭىز بۇلىدۇ.قىيامى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى.

بۇ نامازنى ئۇقيدىغان ۋاقىت. كۇن نەيزە بۇيى كۈتۈرۈپ كۇننىڭ سېرىقى يۇقىلىپ بولغاندا ئۇقىلىدۇ. خوتەن تەرەپتە تەخمىنەن 8:30~9:30لار ئەتراپىدا ئۇقۇلسا بۇلىدۇ.

ئەگەر بۇ تىمىدا سىز چۇشۇنەلمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز كۇچۇمنىڭ يىتىشچە چۇشەنچە بىرىمەن.

ئاللاھ ئىسلام ئۇچۇن يۇركى سۇقۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۇرسۇن.ئامىن.

taklemakan 2010-12-11 14:28
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ،                                                                                                                                                                                      نادىر تىمالىرىڭىز توختىمىسۈن                    

appakhoja 2010-12-11 17:03
ھەمزىنىڭ مۇشۇ تېمىسىدىن رازى بولدۇم ،يەنە بۇ نىمە دەيدىغاندۇ دەپ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن كىرگەنتىم، خۇددى تىجارەتتە تۇيۇقسىز پايدا ئالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم ،ئاللا سىزنى ھەق يول ئۈستىدە قىلسۇن ...ئامىن

تاھىربەگ 2010-12-11 18:19
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئاللا سىزگە  كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن  بۇرادەر ، ئاللا سىزنىلا ئەمەس ، ئازغان  بەندىلىرنى قوشۇپ ھەممىمىزنى ھەق ئۈستىدە قىلدۇن .ئامىن

rayhan 2010-12-11 18:29
رەھمەت اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم .....مەن تېخى كون چىققاندىن كېيڭن تاكى 11لەرگىچە ئوقىسا بولدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن بۇ نامازنى ....

ھەمزە 2010-12-11 18:33
تىك چۇش ۋاختىغىچە ئۇقۇسىڭىز بۇلىدۇ. كۇن ئازراق قىززىغاندا ئۇقۇسا ياخشى.

wukumran 2010-12-11 20:05
مۇشۇنداق ياخشى  تېمىللىرىڭىز  بولسا قېرىنداشلىرىڭىزدىن ئايىمغايسىز...سىزگە ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز ...

qeqan007 2010-12-11 20:57
ئاللا رەخمەت  قېلسۇن  قېرېندېشېم  @  رەخمەت  قېرېندېشېم

ibrayim 2011-12-19 08:13
ئىنكاس ئارقىلىق ەە مزە بوُرادىرىمىزنى ئە سلە پ قويايلى

فىردەۋىس1 2011-12-19 10:19
مەنمۇ  بۇ  تىمىدىن  بەك  خۇش  بولدۇم .  ئاللا  سىزگە  يۇقىرى  مەرتىۋە  ئاتا  قىلسۇن  قىرىندىشىم  ھەمزە  .

muslima32 2011-12-19 16:32
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم بارلىق ئەجىرلىرىڭىز ئۈچۈن ئۇللۇغ ئاللاھىم كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن، بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزنى ناھايتى كىچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ، يەنىلا ئىنكاس يازغىم كىلىپ قالدى. مەنمۇ مۇشۇ  چاشگاھ ناماز ى توغرۇلۇق ۋاقتىنى ئېنىق بىلەلمەي كىلىۋاتقان،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،


查看完整版本: [-- زۇھا نامىزى(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.041218 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us