查看完整版本: [-- ئالمىشىپ كەتكەن بوۋاقنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇلى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> ئالمىشىپ كەتكەن بوۋاقنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sazlan 2010-06-23 00:40



مىسىرلىق بىر دوختۇر كىشى ئامرىكىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار تۇغۇت بۆلىمىدە بىرقانچىلىگەن ئامرىكىلىق دوختۇرلار بىلەن
 بىرگە خىزمەت بىجىرىدىكەن , خىزمەت بىجىرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى ئارقىلىق دوختۇرلار بىلەن ئۆز - ئارا
دۇسلۇق ئورناتقان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە باش مەسئۇل دوختۇر يوق بولغان كۈنى ئاياللار تۇغۇت بۆلىمىگە بىرلا ۋاقىتتا تولغىقى
 پىشىپ تۇغىتى قىستاپ  قالغان ئىككى ئايال ئىلىپ كىلىنىپتۇ. بىر مەھەل داۋام قىلغان جىددىيلىك ئاخىرلىشىپ   ئۇ ئىككى ئايال يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن سىستىرالارنىڭ بىخەستلىكىدىن يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۆۋاقلار ئالمىشىپ كېتىپتۇ.
دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە بۆۋاقنىڭ بىرى ئوغۇل , يەنە بىرى قىز ئىكەن. لىكىن ئۇ ئامرىكىلىق بىلەن مىسىرلىق ئىككىلى دۇختۇر ئوغۇل كىمنىڭ پەرزەنتى ؟ قىزكىمنىڭ پەرزەنتى , بۇ بوۋاقلارنىڭ ئانىلىرى كىم ئۇنىمۇ بىلەلمەي ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. (قان تېپىنى تەكشۈرۈپمۇ تاپالمىغان بولىشى مومكىن. ئەسلى مەزمۇندا بۇ ھەقتە چۈشەنچە يوق ئىكەن) ئاخىرى ئۇ ئامرىكىلىق دوختۇر مىسىرلىق مەسلەكدىشىدىن سەن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابىدا ھەممە نەرسىلەر ئوچۇق , ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىلگەن دېگەن ئېدىڭ، قېنى ئەمدى
بۇ ئىككى بۆۋاقنىڭ قايسى ئايالنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئېكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەرگىن دەپتۇ.
مىسىرلىق دوختۇر ئىككىلەنمەستىن توغرا دەيسىز مەن ساڭا شۇنداق دېگەن، مەن ساڭا ئىسپاتلاپ بىرىمەن , لېكىن مەن ئالدى بىلەن
 بىلىم سەۋىيەسى مەندىن يۇقىرى ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق قانائەتلىنەرلىك توغرا مەلۇماتقا ئېگە بولۇپ ئۇندىن كېيىن
ساڭا جاۋاپ بىرىمەن دېگەن.
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مىسىرلىق مۇسۇلمان دوختۇر تىزدىن سەپەر قىلىشقا تەييارلىنىپ ئاخىرى مىسىرگە يېتىپ بارىدۇ, مىسىردا ئەزھەر شەرىپنىڭ كاتتا شەيخ ئۆلىمالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئامرىكىدىكى دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئەھۋالنى تەپسىلى بايان قىلىپ
بىرىدۇ.
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۇ ئالىم كېشى : سەن ماڭا سۆزلەپ بەرگەن مەسىلە توغرىسىدا مىنىڭ دوختۇرلۇقتىن خەۋىرىم يوق , لېكىن
مەن ساڭا بۇ توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەتنى ئوقۇپ بىرەي سەن ئۇ ئايەت ئۈستىدە ياخشى پىكىر يۇرگۈزگىن ,
اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن بىر چىقىش يولى تاپارسەن دەپ قۇرئان كەرىم نىسا سۇرسىنىڭ 11- ئايتىدىكى- <<بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسى تېگىدۇ>> دېگەن ئىبارىنى ئوقۇپ بىرىدۇ.
مىسىرلىق دوختۇر بۇ ئايەت كەرىمە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۇپ , چۇڭقۇر تەپەككۇر قىلىدۇ، ئاندىن قىز تۇققان ئايال بىلەن ئوغۇل
تۇققان ئايالنىڭ سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. دىگەندەك ئۇ ئېلمى تەكشۇرۇشنىڭ نەتىجىسى چىقتى , مىسىرلىق
دوختۇر بۇ مەسىلىدە ھەر بىر پەرزەنت كىمگە مەنسۇپ ئىكەنلىگى توغرىسىدا ئۆز كۆڭلىدە تولۇق ئىشەنجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئامرېكىلىق مەسلەكدىشىغا بۇ نەتىجىنى خەۋەر قىلدۇ .
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئامرېكىلىق دوختۇر ھەيران بولغان قىياپەتتە بۇنى قانداق بىلدىڭىز ؟ دەپ سورايدۇ, ئۇ مىسىرلىق دوختۇر
قۇرئان كەرىمنىڭ بايان قىلغان ئايەت كەرىمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قىز بالىنىڭ ئانىسىدىكى سۇتنىڭ مىقدارىدىن ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىدىكى سۇتنىڭ مىقدارى بىر ھەسسە كۆپلىگى, يەنە سۇتنىڭ تەركىۋىدىكى تۇز ۋە ۋىتامىن ماددىسى ئوغۇل بالىنىڭ ئانا
سۇتىنىڭ تەركىۋىدە قىز بالىنىڭكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدىكەن دەپ مەسلەكدىشىنى ئىلمى تەجرىبە ئارقىلىق قايىل قىلىدۇ.
مەنبە: 80 خالتا تورىدىن .

salat 2010-06-23 14:08
اللە نىڭ مۆجىزىللىرى ھەممە يەردە بار ، بۇنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن .
اللە رەھمەت قىلسۇن

aykut 2010-06-23 18:28
رەھمەت ...قۇرئاندىكى ھەر بىر ئايەتلەر ئەنە شۇنداق مۆجىزىگە تولغان...
ئۇلۇغ اللە ئىگەم بىزلەرنىڭمۇ ئىلىمىمىزنى زىيادە قىلغان...
بەك توغرا  تېپىپتۇ.......


查看完整版本: [-- ئالمىشىپ كەتكەن بوۋاقنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.043296 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us