查看完整版本: [-- دادام ئېيتقان ھېكمەتلەر... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> دادام ئېيتقان ھېكمەتلەر... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇرۇم 2010-06-20 18:53



ھەممە ئاتىلار ئۆز پەرزەنىتلىرگە پۇل ،مال-دۇنيانى ئەمەس ،ۋىجدان -غورورنى ،
غەزەپ -نەپرەتنى ،ئەجىر ھېكمەتنى، ئىنساپنى، كۇن ئۆتكۇزۇشنىلا ئەمەس،
قانداق ياشاشنى، ئادىميلىكنى،سەمىمىيلكنى، مىھىر-مۇھەببەتنى ،ئۆمۇرلۇك ھۆرمەتنى قالدۇرشىنى ئۇمۇد  قىلمەن. بۇ ئەسرىمنى ئاشۇ قارا كۆزلەرگە بېغىشلايمەن...

بۇگۇن دادامنىڭ تۇغۇلغان كۇنى، مەن <<دادامغا>> ناملىق شېئىرىم بىلەن
خېلى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغان ھۆسۇنخەت ئەسرىمنى سوۋغات سۇپتىدە
 دادامغا بېرىش ئۇچۇن ئۆيگە قايتىۋاتىمەن،   شۇ ئەسنادا <<دادا....>> دىگەن
ئوتلۇق خىيال  ئاشۇ مىھىرلىك كۆز مىنى چىرمىۋالدى، گەرچە چىرايىمنى مەنلىك
تەبەسسۇم جىلۋە  قىلسىمۇ، لىكىن كۆزلىرىمدىن يىپى ئۇزۇلگگن
 مارجاندەك ياش قۇيلىۋاتىدۇ.....
<<ئاھ ،دادا..... سىنى بەك سېغىندىم، بولۇپمۇ يېقىنقى كۇنلەردە سىنى بەكلا
ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، ياخشى تۇرۋاتقانسەنمۇ؟ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق
 كىتۋاتقاندىمۇ؟ ئارلاپ-ئارلاپ مۇجۇپ ئاغرىيدىغان كىسىلىڭ يەنە سىنى بىئارام قىلۋاتقاندىمۇ؟ يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا مەن يۇلۋەتكەن ئاق چاچلار ئۇسىتىگە يەنە ئاق چاچلار ياماشقاندىمۇ؟  تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئويلاۋاتقانسەنمۇ؟ ۋە ياكى دۇنيادىكلى ئازاپلارنى ئۇنتىغان كىشلەردەك كۇلۇپ ياشاپ كىتۋاتامسەن؟ توغرا! راسىت!دۇرۇس!...سەن قوللۇرۇڭدا غەزەپ-نەپرەتنى چىڭ چىقىمدىغىنىڭچە كۇلۇپ ياشايدىغان ئادەمسەن سەن چوقۇم كۇلۇپ ياشايسەن. ئەينى چاغلاردىمۇ ماڭا <<سەن دىگگن ئوغۇل بالا بېشىڭغا نىمە ئىش كەلسۇن كۇلۇپ ياشا >>دىگگنتىڭ بۇ گەپلىرىڭ ھازىرغىچە ئېسىمدە، شۇڭلاشقىمكىن كىچىك چاغلىرىمدا بىرەر نەرسىنى تالشىپ يىغلىسام <<كۇلسەڭ بېرىمەن ....>> دەيتىڭ  يىغلىسام بەك ئاچچىكىڭ كىلەتتىيۇ  يەنە باغرىڭغا باساتتىڭ،  ئەمدى بىلسەم ئۇ ئۆز ئوغلۇڭغا بولغا ئاتلارچە مىھىرىبانلىقىڭكەن دادا.....
دادا،كۇلۇپ ياشاش پىسخىكاڭ ماڭا ئۇدۇم بولدىمۇ قانداق مەنمۇ كۇلۇپ ياشاۋاتمەن توغرىسنى ئېتقاندا كۇلۇپ ياشاشقا تېرشىۋاتىمەن،
راستىنى ئېتسام دادا، بۇ زامان،بۇ پەلەك ئىنسان تەبئىتىگە باقمايدىكەن،ئىنسان ئۆزى ياراتقان تۇرمۇشمۇ قاتتق ئىكەنخېلى-خېلى مەن -مەن دىگەن ئەركەكلەرمۇ ھەر ئادەم ئاران-ئاران دىگەندە ئۆزنىڭ غىمىدە،ھەممە ئادەم ئۆزنىڭ قورسىقى ئۇچۇن <<جان >>تالشىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە كۇلۇپ ياشاش ھەقىقەتەن بەك تەسكەن ..
 ھەي تۇرمۇش ،ھەي تۇرمۇش...ساڭا ئالدىنۋاتقانلار، سەن ئۇچۇن پالاقشىۋاتقانلار ئازمۇ؟سەن بەزىلەرنىڭ بوينىدا بەخىت بولۇپ،ئالتۇن بولۇپ زەنجىر بولۇپ پارقىرساڭ،بەزىلەرنىڭ بوينىدا قىسمەت بولۇپ،سېرتماق بولۇپ تېخىمۇ چىڭ تارتىلدىكەنسەن،سىنىڭ يولۇڭمۇ خىلمۇ-خىل ئىكەن،ئۇچۇڭمۇ چەكسىز ئىكەن....
       بەك توغرا ھېكمەت قىپسەن دادا:
   تۇرمۇش يولى شۇنداقكى،ئىنساننىڭ قايمۇققان كۆزلىرنى تېخىمۇ گاڭگىرتىدىغان،خىياللاردەك ئۇزۇن ،يۇلتۇزلاردەك گادىرماچ،تەكلىماكان قۇملىقىدەك گىرەلەشكەن ھەم خىسلەتلىك ھەم جەزبىلىك ۋە ھەم قورقۇنۇچلۇق....
بۇ يولدا ھەممىمىز ماڭدىكەنمىز،
    سەن ماڭدىكەنسەن ،ئۇمۇد،ئىشەنچ بىرلە كۇلۇپ قويۇپ،ھەققانىيەت،ساداقەت مەشئىلنى ئېگىز كۆتۇرۇپ ،قەلبىڭگە ۋىجدان-غورۇرنى تېڭىپ، دىلىڭغا ئەجداتلار روھى، ئەۋلادلار كىلەچىكنى قېتىپ؛
   مەن ماڭدىكەنمەن ،خۇشامەت تەخسىسىنى كۆتۇرۇپ،ئالدىڭدا چاپىنىڭنى كۆتۇرۇپ،كەينىڭدە سىلكىۋېتىپ، يالغان تەبەسسۇمدا ھىجيىپ، تەما چىشلىرىمنى
بىلەپ ،دىلىمدا ھەسەت، پەيىت كۇتۇپ؛
     ئۇ ماڭدىكەن ، سەن، مەن ماڭغان ئىزلارنى قويماي كىچىپ،قولىدا شۇم خىيال كالتىگى، پۇتىدا رەزىللىك غالتىكى، چىرايى كۇلكىگە ،ۋۇجۇدى ۋەھىمىگە پېتىپ؛
     توغرا، تۇرمۇش يولى ئەنە ئاشۇنداق ئىكەن...................!
  قايناق بازارلارغا بېرىپ ھەرخىل كەسىپتىكى ھەرخىل كىشلەر بىلەن كۆرشىمەن،پاراڭلىشمەن، تۇرمۇش ئۇچۇن تىنىمسىز سوقۋاتقان يۇرەكلەرنى تىڭشايمەن شۇنداق مەنزىرلەرنى كۆرىمەن........
ئۇزۇن يىللق قىسمەتلىك،تارتۇق ۋە قۇرۇق چۇشكەن چىكلەر ،يازدا تومۇزدا
 قىشتا سوغۇقتا سۇلۇپ مۇكچەيگەن بەللەر، ئوڭ دولسىدا ئائىلە ،سول دولسىدا
تۇرمۇشنى كۆتۇرۇپ،ئاقارغان چاچلار،يىتىملىك دەردىدە بىر بۇردا نان ئۇچۇن
ئىگەلگەن باشلار،ئەتىكى ھايات ئۇچۇن سوزۇلغان قوللار، زارلانغان دىللار،
شۇمشىيىپ پۇرلەشكەن چىرايلار، ياش قۇرمىغان مىھىرلىك كۆزلەر.................
ھەر قەدەمدە ئۇچرايدۇ،ئۇلارغا پەقەت قولۇمدىن كىلشىچە ياردەم بىلەن<<ھەي، قىسمەت........>>دىگەن ئازاپلىق قەلىب ھىجرانىمنى سوۋغا قىلمەن،دادا.
 يەنە شۇنداق كۆرۇنۇشلەر بار ،رىتىمسىز مۇزىكا ئالۋاستىلار غارىدەك پارقىرغان
چىراقلار ئاسىتدا لىڭشىغان باشلار،چىرماشقان سايىلەر،قەۋەتلەپ قەۋەتلەپ تۆكۇلگەن تائاملار، يىشىك-يىشىكلەپ قۇرۇقدالغان بوتۇلكىلار ،ئاچچىق ئىستا مەشخۇش بولغان بولغان سىمالار ،ئەڭ يېقىنلىرى ئۇچۇن ياستىلغان قاپقانلار، مىھىرسىز-مۇھەببەتسز
 تېلىققان كۇلكىلەر،ھىجراندا ،ئارماندا قالغان سۆيگۇلەر،يالغان ۋەدىلەر،
ئىگسىنى تاپالمايۋاتقان پۇللار،  يەنەئاتالمىش يىڭى تەرەققىيات ئەندىزلىرى،
زامانىۋى-ئەخلاق پەزىلەت مەھسۇلاتلىرى،....
 مانا بۇ ئوخشاش زامان ئوخشاش ماكاندىكى ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش يوللىرى
 ئەجىبا بۇلار ئۆزلىرى تاللىۋالغانمۇ ياكى ھاياتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى شۇمۇ؟ 
ئارلاپ-ئارلاپ بىر-بىرگە ئۆتشۇپ تۇرغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھەرخىل
تۇرمۇش يوللىرى يەنىلا ئۆزلىرنىڭ يوللىردا....
بىزمۇ ئۆز يللىرىمىزدا كىتۋاتمىز دادا،
راسىت دادا ئىشلىرىڭ قانداقراق كىتۋاتقاندۇ؟  يەنە قەلىبىدىن،يۇركىدىن
مىھىر-مۇھەببەت،ئىنساپ،-ئىمان، ئادىمىيلىك غورۇر-ۋىجدانى سۇسلىشىپ
كەتكەن كىشلەرگە ئالللدىنىپ قويۇلۇش ئوبىكتىۋى بولۋاتقانسەنمۇ؟ ياكى ئاتالمىش
 <<جان>> دوسىتلىرىڭنىڭ قوينىدىكى پالتا پىچاقلارنى كۆرمەسكە سېلىپ كۇلكە چاقچاقلارغا پايپىتەك بولۋاتقانسەنمۇ؟ ۋە ياكى <<ئاغىنە>>دارچىلىقنى ئۆزمەنپەتىڭگە ئالماشتۇرۋاتقانسەنمۇ؟  ھەي!...................
  بۇنداق دىسەم ئېغىر <<ئۇھ..>>تىن كىيىن بېشىڭ تۇۋەنگە ساڭگىلايدىغۇ
 دەيمەن ،چۇنكى يۇقارقى سۆزلىرىم ئاساسسىز ئەمەس؛
ئالدىنقى قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايىتتىم بىر-ئىككى كۇندىن كىيىنغۇ دەيمەن،
قارسام ئازراق خاپا بولۇپ قاپتىكەنسەن،سورسام خۇددى كىچىك بالغا ئىجدىھات
 بىلەن ھېكايە سۆزلىگەندەك قىلىپ :
  <<توۋا دەيمەن بالام، بۇرۇنلاردا  نەچچە قېتىم مەدرىسلەردە ئىلىم-تەھسىل
قىلىپ بىلىملىك يۇرت بېشى ئۆلىمالارنى قارىم،مەككە -مەدىنلەرگە بېرىپ ئۇلۇغ
جايلار تاۋاپ قىلىغان،پاك نىيەتلىك، ھىممەتلىك، ساخاۋەتچى كىشلىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ھاجىم دىيشەتتۇق،ھازىر بولسا نىمە كەسىپ بىلەن باي بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان
 باي غوجاملارنى ھاجىم،قارىم دەيدىغان بولدۇق  مۇنۇ ھاجىم دوستۇمنى قارا! يېقىن دوستۇمتى تېخى.....>>
  گەپلىرىڭدىن خېلىڭدىن تېرىككەنلىكىڭ بىلنىپ تۇراتتى،گېپىڭنى داۋاملاشتۇدۇڭ،
ئۇ ماڭا نىسبەتەن يىقىن دوسىت بولغان بىلەن مەن ئۇنڭغا نىسبەتەن يىقىن ئەمەس ئوخشايمەن 50مىڭ يۇئەننى قويۇپ قېچىپتۇ ،ئىز دىرەكسىز بۇرۇنمۇ ئاللاكىملەر
بىلەن دە -تالاش قىلىپ يۇرەتتى، ئەسسىلىدە ئۇلارمۇ ماڭغا ئوخشاش ئوبدانلا
ئولجىلار ئىكەن ئەمەسمۇ<<كۆتۇمدە ئىشتان يوق ئېتىم ماجانبۇۋى>>دىگەندەك 
قارى ئۇستىگە ھاجىمنى  قوشۇپ قارى ھاجىم بولۋالغىنى تىخى...مەن ئويلاپ قالدىم
بالام، ئازلا كۇندىن كىيىن شەھرىمزىدىكى ئوغرى-قاراقچىلارمۇ مۇنۇ قارى ھاجى دوستۇمدەك ،ئۆزنى نىقاپلاپ،<<پالانچى سەقچى، پۇستانى رازۋىتىچىك ،پوكۇنى ھەربي...>>دەپ ھۆرمەت ناملىرى بىلەن ئىش باشلامدۇ نىمە ؟....>>
 مىيقىڭدا كۇلۇپ قويدۇڭ تېخى، تۇرمۇشنىڭ مانا مۇشۇنداق قىسمەتلىرنىڭ ئاخىرنىمۇ
 كۇلۇپ ياشاش پىسخكاڭ بويچە كۇلۇپ ئاخىرلاشتۇردۇڭ....
  قارى ھاجملىق سالاھىتىگە توشمايدىغان بىر قىسىم <<قارى ھاجىم>>لىرىمىز
ئۆز يولىدا ماڭالمايۋاتسەن،ئۇ ئوغرى قاراقچىلار ئەلۋەتە ھەر تەرەپكە   ئۇچشىدۇ-دە .
  ئىنساننىڭ ئىچىكى دۇنياسى تېخى ئېچىلمىغان سىر  بىلگىلى بولمايدۇ،ئىنسان
قولدىكى ئۆزى ئھتىياجلىق نەرسە ئنسان ئھتىياجى بويىچە ئالمىشىپ تۇرىدۇ  ،ئاشۇ نەرسىگە سىڭگەن سىڭگەن ئەجىرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
<<پاك نەرسىگە پاكلىق بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ>> بۇ ھېكمىتىڭ يەنىلە دىلىمدا،
توغرا پاك نەرسىگە پاكلىق بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدۇ
ئەمما دادا، ئۆزۇڭگە ئوخشاش پاكلىق بىلەن ئېرىشكەن پاك نەرسەڭ، ئەجىبا مېھنەتسىز،ئەجىرسىزلا باشقا پاسكىنا قوللارغا ئۆتۇپ كەتسە
، پەقەتلا بىر كۇلۇش، بىر قېتىملىق <<ئۇھ....>>تىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ ياكى پاك
نەرسىنىڭ قىممىتى شۇنچىلىكمىدۇ؟ۋە ياكى پاك ئىنسان قولدىكى رىسقى
ئاشۇنچىلىك قىسقا بولغانلىقتىنمۇ؟
مۇختەر بۇغرا ئاكىنىڭ مۇنۇ شېئىرىغا قۇلاق سال دادا:
پاك ئىزقالار پاك قان پاك جاندىن،
تەڭ يىيىلگەن بىر قان بىرجاندىن،
پاك ئىزقالار پاك قان پاك جاندىن،
تايمىساقلا ،نىيەت- ئارماندىن،
ئەمدى بىلسەم پاك نەرسە پاكلىق بىلەن قولغا ئالغان پاك ئىنساننىڭ
 قولىدىلا پاك بولدىكەن،
شۇ نەرسىنىڭ قانداق ئىنسان قولىغا ئۆتىشى،ئۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىكەن.ئىنساننىڭ قىممىتى ئۇ ياراتقان تۆھپىلىرى بىلەن قىممىتى
 يارتىلدىكەن، باللىق چاغلىرىمدىكى بىر ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدىن كەتمەيدۇ ،
چۇنكى شۇ ئىش مىنىڭ بۇگۇنىمنى ئەڭ مۇھىمى قىممىتىمنى ياراتقان ئىدى
 6ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى.....
يىنىك ئويۇنچۇق خشلارنى تىزىپ ئوينايتىم جىلە بولۇپ قالسامتاشلايتىم،
 بىر كۇنى ئاپام تىزىشنى ئۆگەتتى  مەن بەڭباشلىق قىلىپ ياخشى ئۆگەنمىدىم،
سەن يەنە بىر قېتىم تىزىپ كۆرسەتتىڭ، مەن ئۇنى بۇزۇپ قايتا مايماق سۇيمۇق
 قىلىپ ئاران دىگەندە يېرىم قىلىپلا
قىلمايمەن دەپ ساڭا كۆرسەتتىم سەن: <<يېرىمدىلا توختاپ قالغىنىڭ نىمسى
ئاخرغىچە قىل ئاستى ئۇلىنى ياخشى  قىل،  قارا مايماق ،ئىنچىكە قىلىپ قويۇپسەن،
 ئاستىغا چوڭ رەتلىك كاۋچۇك خشلارنى قويۇپ ياسا ، ھەر ئىشنى ئۆز مېھنىتى
 بىلەن ئېپى-جېپىنى بىلىپ قېلغۇلۇق بولمىسا.... >>  سەن بىر پۇۋلەپ ئۆرىۋەتتىڭ
 مەن ئاچچىقىمندا يەنە تىزىشقا كىرىشتىم،ئاچچىق تەسىردىممۇ ياكى ئۆزۇمنىڭ
 بەڭباشلىق قىلغىنىمنى سېزىپ قالدىمۇ ، بۇ كۆرسەتمىلىرىڭ بويىچە ئەستايىدىل ياخشى ساڭا كۆرسەتتىم،  سەن:
-<<خېلى ،جاپا چىكىپسەندە ، قارا، پىشانەڭدىكى تەرنى....>>پىشانەمدىن
مارجاندەك خۇشاللىق تەرى قۇيۇلدى .
ئەنە شۇ چاغدىلا ماڭا ھەقىقى ئەجىر-مېھنەتتىڭ تەمىنى تىتقان ئىدىڭ،مانا ھازىرغىچە
 شۇ ئېسىمدە،ھەر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرسام شۇ كىلىدۇ، كۇلۇپ كىتمەن تېخىمۇ
 ئۇمۇد ئىشەنچكە تولمەن دادا
راسىت، كىشلىك ھايات تۇز تەكشى ئەمەسكەن ياشماق ھەقىقەتەن مۇشكۇل سەن مۇۋەپىقيەت قازنىشىڭ ئۇچۇن ھامان مەۋجۇدلۇقۇڭنى ئىپادىلشىڭ  تالاي بوران -چاپقۇنلۇق كۇنلەرنى، تالاي ئەگرى -توقايلىقلارنى،تۇرمۇشتكى زادى ئەستىن چىققۇسىز ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۇرشىڭ كىرەككەن ،شۇندىلا،سەن ھەقىقەتەن تاۋلىنىپ چىقدىكەنسەن، دىمەك ئۆزۇڭنى ياراتقان ئادەم.....
  غەزەپلىك قوللۇرۇمنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇپ شۇنداق دەيمەنكى:  مەن كۇلۇپ ياشايمەن............
مىنىڭ ئەھۋالىمنى سورساڭ؟ مەن ياخشى  تۇرۋاتمەن يىنىمدا نۇرغۇن دوسىتلىرىم بار شۇنداقلا  بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ،قەدىرلەپ خۇشال-خۇرام ئۆتۇۋاتمىز 
 ماڭا كىشلىك مۇناسىۋەت توغرىسدىكى:
                            قەدىرلىگىن،قەدرىڭنى بىلگەن قەدىرلىكلەرنى،
                           قەدىرلىمگەن،قەدرىڭنى بىلمىگەن قەدىرسىزلەرنى،
 دىگەن ھېكمىتىڭ ھازىرغىچە قۇلاق تۇۋىمدە جاراڭلايدۇ،دادا ھازىرمۇ مىنى قەدىرلىگەنلەرنى ھەسسە ئاشرۇپ قەدىرلەپ كىلىۋاتمەن
قەددىرلىكلەر مەڭگۇ قەدىرلەنسۇن!!! ھايات ئۇزۇن ،تۇرمۇش ئەگرى توقاي،
جەمئىيەت خىلمۇ-خىل،كىشلەرمۇ ئوخشاش، دۇنيا سەن،مەن ۋە  ئۇنىڭ
 باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تەڭ كۇلكىمىز بىلەن گۇزەل،كىشلىك مۇناسىۋەت
 ھەرقاچان باراۋەرلىك ئاساسىدا تىكلىنىدۇ ،گۇللىنىدۇ،
،باشقىلار سىنىڭ قەلىب ئەينكىڭدە ئۆزنىڭ ھەقىقى سىماسىنى كۆرەلەيدۇ، سەن
باشقىلارنى ياراتمىغدەك سەن ئاسماندىكى ئايمۇ ئەمەس،   سەن باشقىلارنىڭ
 قەلبىدىكى قەلىب ئەينىكى ئارقىلىقلا ئۆزۇڭنىڭ ھەقىقى سىمايڭنى كۆرەلەيسەن،
باشقىلار  سىنى باشقىلار ياراتمىغدەك سەن يەردىكى لايمۇ ئەمەسسەن....
بىز  ھەممىمىز بىر دۇنيادىكى بىر مەقسەتكى بىر يولدىكلەرىمىز، بىزھەممىمىز
قەدىرلىنىشكە تىگىشلىك مەسلە دەل سىنىڭ قەلبىڭدە قەلىب ئەينىكىنىڭ باشقىلار
 سىماسىنى خاتا ئەكىس ئەتتۇرۇپ قويغىنىدا ۋە ھەم شۇنداقلا سىنىڭمۇ باشقىلارنىڭ
قەلبىدە خاتا ئەكىس ئەتكىنىدە ئىكەن.....
  مەن دۇنيادا ئۆزۇم يالغۇز ياشمايمەن،كىشلەر بىلەن ئالاقە باغلايمەن ھەم
ئاشۇ كىشلەر بىلەن بىلەنلا ئۆز ئىنسانى قەدىر-قىممىتىمنى يارتىمەن، تاپالايمەن....
مەنۋىيتىمدىكى ھېكمەتلىرىڭنىڭ زىل-زىللىك ئەسلىملىرى تا ھازىرغىچە ئېسىمدە،
يەنەبىر  ھېكمەتكە تولغان ئەسلىمەم 5-4يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن،ئىككىمىز بازار ئايلىنېتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالدۇق، سەن بولساڭ يولنىڭ ئۇ چېتىدىكى مايلامچى بالغا قاراۋېتىپسەن،مەنمۇ قارىدىم،
-بالام،ئاۋۇ بالنىڭ قولغا قارا،كۇلكىسگە قارا، ئاندىن ئالدىدىكى خېرىدارغا قارا........؟
كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئۇلارغا تىكىلدى دەرۋەقە بالا ئاياقنى مايلاپ بولۇپ، قاپقارا قوللىردا ئاياغ چوتكىسنى پىرقىراتقىنچە يىندىكى دوسىتلىرغا كۇلۇشمەك قىلىپ كۇلشىۋاتىدۇ، ئالدىدىكى خېرىدار بولسا ،سېمىز گەۋدىسنى چۇڭقۇرالماستىن ئالتۇن ئۇزۇك سېلىنغان قوللىردىكى پۇللىرغا قاراپ ھېجايغىنچە ئارسىدىن بىر قەغەز پۇلنى سۇغرۇپ
 بالىغا قاراپ تەڭلاۋاتىدۇ، لىكىن بالا قاراپمۇ قويماي،دوسىتلىرى بىلەن
 شۇنچىلىك سەبى،ئىچى -ئىچدىن كۇلشىۋاتىدۇ ،شاتلىنۋاتىدۇ، مەن
ئۇ بالىلارنىڭ كۇلكىسدىن ھەققىقى چىن خۇشاللىقنى كۆردۇم،مايلامچى بالا قاپقارا قوللىرى بىلەن ئۆز كەسپىدايول تاپالىغانلىقىغا كۇلسە ،ئالدىدىكى خېرىدار بولسا بىر تۇتام پۇلنى قاراپ كۇلۋاتىدۇ ،
 ئەنە شۇ چاغدىلا چۇشۇنىكسىز ئەمما ھېكمەتلىك:
                 <<روھى باي،گاداي باي،
                  باي گاداي،روھى گاداي>>
نى قالدۇردۇڭ  بۇ ھېكمىتىڭنى ئانچە چۇشنەلمىگەن ئىدىم، ھازىر ھەققىقى مەنسىنى چۇشەنگەندە ئاندىن ھەيران قالدىم، ئەمدى بىلسەم ئاتلارچە پاراسىتىڭ بىلەن
بەرگەن پاساھەتلىك ھېكمىتىڭ ئىكەن. راسىت ئىنساننىڭ مەنۋى بايلىقى كۆپ ئۇستۇنكەن، بۇگۇنكى كۇندە تېخىمۇ شۇنداقكەن......
بەزىلىرىمىزپۇل-مال، دۇنيارىمىز بىلەن چىرايىمىزدىلا، گەپ سۆزلىرىمىزدىنلا
پەخىرلەنسەك ،خۇشال بولساق،يەنە بەزلىرىمىز قۇرۇق قول بولساقمۇ روھىتمىزدە تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ ،سولماس ئىرادە، ھەقىقى خۇشاللىققا ئىگە ئىكەنىمىز،بەزلىرىمىز
توققۇزىمىز تەل بولسىمۇ كۆڭلىمز ئائىلە،كىشلىك مۇناسىۋەت،
ۋە مىھېرى-مۇھەببەتتىن سۇ ئىچەلمەي،
شۇلارغا تەشنا زار بولۇپ ئۆتسەك  ،يەنە بەزلىرىمىز ئائىلە،كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە
مۇھەببەتكەقېنىپ ئەمما بىرنى تاپساق بىرگە يوق غورگۇل ھاياتتا ياشايدىكەنىمىز.........
        ھايات تولمۇ سىرلىق يېشىل باغلار ،سارغايغان ئورمانلار ھەمىمىسى تۇگمەس تېپىشماقلارغا ۋە سوئاللارغا  تولغان  بولىدۇ ھەر بىر ئادەم ئالدىمزغا تۇگمەس
سوئال ۋە تېپىشماقلارنى تاشلاپ ئۆتىمىز ،شۇ تېپىشماقلار سوئاللارنىڭ جاۋابى
 بىزنىڭ كىيىنكى ھايات يولىمىز ئەلۋەتتە ،شۇڭا تېپىشماقلار بىزنى
 تىت-تىت قىلىپ سوئاللار بىزنى  قىينايدۇ ،
بىز ھامانەم  بۇيۇك ئارمانلاردا كۆيۇپ ياشايمىز  شۇنداق ئەتە
نىمە بولىدۇ؟  كەلگۇسىمىزچۇ؟  كىملەر قەدرىگە يەتىمىدۇق؟ ،كىملەر قەدرىمىزگە
 يەتىمىدى ؟  كىملەر بىزگە بىر ئۆمۇرلۇك ئىككى ئالەملىك دوسىت بولۇپ قالىدۇ؟
  كىملەر بىزگە ئەبەدىيلىك رەقىپ......................
    ئازاپقا تولغان ئۆتىمشىمىزدە ياش كۆزىلىرىمىزنى چىڭ يۇمدۇرۇپ ،مۇرلىرىمىزنى تىترەتكەنلەر، ئەقىدە گۇللخانلىرىمىزنى چەيلەپ ئۆتۇپ كەتكەنلەر بىر كۇنلىرى
بىزدىن چوغ سوراپ كىلشىنى ۋە بىز چىن دىلدىن سۆيگەن دىلكىشىمىزنىڭ 
ئاي-كۇنلەر ئۆتۇپ  قەبرە تېشىنى كۆتۇرۇپ كىلشىنى بىلمەيمىز   دەرۋەقە شۇ
چاغدا يەنىلا ئۇلارغا كۇلۇپ باقالامدۇق...................
ھايات قەلبى ئويغاق غالىبلار ئۇچۇن ئېلىپ ئېيىتقاندا پايانسىز،چىمەنزارلىق
 ئەممە كۆزى كۆرىمەس مەغلۇبىيەتچىلەر ئۇچۇن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇ بىر
 چېكى يوق جاڭگال....... 
    قىسقىسى دادا بىز كۆرگەن چىرايلىق ياپيېشىل بۇ ئورمان بەلكىم نۇرغىنلىغان ۋەھىمىلەرگە تولغان بولشى مۇمكىنكەن، مۇشۇنداق  ئەگرى-توقاي ۋەھىملىك
 بولغاچقىلا ئىنسان بۇگۇننى يارتىپتۇ....
  رەھمەت دادا ،ئەمدىلا يىتىلگەن 21 ياشلىق ئۆمۇر چىچەكلىرىمگە بەرگەن
 ئوزۇقۇڭغا رەھمەت، ماڭا ھاياتنى تۇرمۇشنى ،ئىنسانى ئادىمىيلكنى
تونۇتقىنىڭغا.....  رەھمەت................

   ئاھ، دادا......>>
 ماشىنىنىڭ قاتتىق  سىگنالى خىيالمىنى بۆلۋەتتى،غەۋ-غۇۋغا بىلەن ئورالغان
ئاپتوبىمىز  بىكەن ئچىگە قايرىلىپ توختىدى.
كۆزلىرىمدىكى ئۇنچە ياشلارنى سۇرتىشكە ئۇلگۇرىمىگەن ھالدا دېرىزىدىن
سىرتقا قاردىم
دادامنىڭ نۇرلۇق چىرايى ،مىھرلىك كۆزلىرى ماڭا قاراپ تۇراتتى، ۋاھ  يەنە ھېلقى ھېكمەتلىك تەبەسسۇم، مۇھەببەتلىك كۇلكە.......
   ئىشىك ئېچىلدى،
ئىختىيارسىز ۋارقىرۋەتتىم.
                         <<  دادا.............................>> 
ئاپتورى: ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانى


layli 2010-06-21 00:29
بۇگۇن ئاتىلار بايىرىمىدا  شۇنداق ئەھىمىيەتلىك تىما يوللاپىسىز.مەزمۇنى ماڭا  بەكلام تەسىر  قلدى.بەك ئۇزۇنكەن خىلى تەسىتە يازغانسىز،رەخمەت سىزگە.

boway 2010-06-22 14:57
رەھمەت بالام
   بۇ يازىمڭىز مىنى خىجىل قىلىپ قويدى  مۇشۇ كەمگىچە  4ئوغلۇمنىڭ بىرەرسىگە بۇنچىلىك <<ھېكمەت >>  قالدۇرمىغانمىكەنمەن
    ھەقىقەتەن  رەھمەت      باللىرىمنىڭ ئالدىدا    ھەي  نىمە  دىسەم  بولا..................
      سىزنى باققان ،ھېكمەت بەرگەن  ئاشۇ  داداڭىزغا  رەھمەت  خەيىر ئۆمرىڭنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ  باللىرىمغا <<ھېكمەت >>بىرەي
                             رەھمەت.............................................

karwan 2010-06-24 18:46
مۇنبەر مۇشۇنداق تىمىلارغا تۇلمۇ مۇھتاج  رەھمھەت سىزگە

ئۇيغۇرۇم 2010-06-27 17:42
رەھمەت

aykut 2010-06-27 19:40
قەلىمىڭىز  خېلى ئۆتكۈر جۇما سىزنىڭ ..دادىڭىزنىڭ  قەلبى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ساددا ،ئاق كۆڭۈل دادىلارنىڭ
ئوبرازىنى يارىتىپ بېرىپسىز...ھارمىغايسىز....

sardar 2010-06-28 18:24
بارىكاللا  ئۇكام
      ئەجرىڭىزگە رەھمەت   ئوقۇپ بولغىچە كۆزۇمدىن ياش  چىقىپ  كەتتى  
   ھېكىمەت ھېكىمەتنى بىلگۇچىلەر ئۇچۇن ھېكمەت
   مۇنبەردىكىلەر مۇشۇنداق ئەسەرنى كۆرمەي  نەدىكى ئاھ  كۆيدۇم پىشتىم دىگەندەك ئەسەرلەرنى  ئاھ  پاھ  دەپ  كۆردىكەنسىلەر
     ئادەم  بولۇشنىڭ مۇنداق ھېكمەتلىرنىمۇ كۆرۇپ  قويۇڭلار  ...
                   ئەكىلىڭ ئۇكام قولڭىزنى ئۇيغۇرۇم    ئاكا-ئۇكا  بولۇپ  ئۆتەيلى  ئېسىل ئنسان ئىكەنسىز....
                                                            
      
                

007 2010-06-30 18:39
توردا مۇنداقمۇ  ياخشى ئەسەرلەر باركەن
             نادىر ئەسەركەن
       مىنى خېلى بەكلا ئويلاندۇرۇپ قويدىڭىز   كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم
                  رەھمەت سىزگە

muhtar 2010-07-04 16:07
ھايات تولمۇ سىرلىق يېشىل باغلار ،سارغايغان ئورمانلار ھەمىمىسى تۇگمەس تېپىشماقلارغا ۋە سوئاللارغا  تولغان  بولىدۇ ھەر بىر ئادەم ئالدىمزغا تۇگمەس
سوئال ۋە تېپىشماقلارنى تاشلاپ ئۆتىمىز ،شۇ تېپىشماقلار سوئاللارنىڭ جاۋابى
بىزنىڭ كىيىنكى ھايات يولىمىز ئەلۋەتتە ،شۇڭا تېپىشماقلار بىزنى
تىت-تىت قىلىپ سوئاللار بىزنى  قىينايدۇ ،
بىز ھامانەم  بۇيۇك ئارمانلاردا كۆيۇپ ياشايمىز  شۇنداق ئەتە
نىمە بولىدۇ؟  كەلگۇسىمىزچۇ؟  كىملەر قەدرىگە يەتىمىدۇق؟ ،كىملەر قەدرىمىزگە
يەتىمىدى ؟  كىملەر بىزگە بىر ئۆمۇرلۇك ئىككى ئالەملىك دوسىت بولۇپ قالىدۇ؟
  كىملەر بىزگە ئەبەدىيلىك رەقىپ......................
    ئازاپقا تولغان ئۆتىمشىمىزدە ياش كۆزىلىرىمىزنى چىڭ يۇمدۇرۇپ ،مۇرلىرىمىزنى تىترەتكەنلەر، ئەقىدە گۇللخانلىرىمىزنى چەيلەپ ئۆتۇپ كەتكەنلەر بىر كۇنلىرى
بىزدىن چوغ سوراپ كىلشىنى ۋە بىز چىن دىلدىن سۆيگەن دىلكىشىمىزنىڭ
ئاي-كۇنلەر ئۆتۇپ  قەبرە تېشىنى كۆتۇرۇپ كىلشىنى بىلمەيمىز   دەرۋەقە شۇ
چاغدا يەنىلا ئۇلارغا كۇلۇپ باقالامدۇق...................
ھايات قەلبى ئويغاق غالىبلار ئۇچۇن ئېلىپ ئېيىتقاندا پايانسىز،چىمەنزارلىق
ئەممە كۆزى كۆرىمەس مەغلۇبىيەتچىلەر ئۇچۇن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇ بىر
چېكى يوق جاڭگال.......  
    قىسقىسى دادا بىز كۆرگەن چىرايلىق ياپيېشىل بۇ ئورمان بەلكىم نۇرغىنلىغان ۋەھىمىلەرگە تولغان بولشى مۇمكىنكەن، مۇشۇنداق  ئەگرى-توقاي ۋەھىملىك
بولغاچقىلا ئىنسان بۇگۇننى يارتىپتۇ....


بۇ  يەرلىرى تەسۋىرلىگۇسىز  ئېسىل  چىقىپتۇ  
   پۇتۇن ئەسەر قورۇلمىسى ۋە مەزمۇنى ئىنتايىن جەلىبكار چىقىپتۇ.....
     چۇچۇك ئاددى تىللارغا  ئۆتكۇر مەزمۇنلار مۇجەسسەملىنىپتۇ .
    
                           يازغۇچى بولۇش  سۇپتىم بىلەن سىزگە ھەقىقەتەن ھە ،     ھەقىقەتەن سىزگە قول قويدۇم

yalguz 2010-07-06 16:14
  ۋاھ     رەھمەت  
    بۇ  ئەسەر  ماڭا  خىلىلا  تەسىر  قىلدى  ھايات يولۇمدا  ئۆزگىرىش بولدى  دىسەممۇ بولىدۇ  راسىت ئەسەر ئادەمنى خېلىلا  ئويلاندۇرۇپ قويدى
                                        ھاياتنى مۇشۇنچىلىك چۇشۇنگەن  ئاپتورغا رەھمەت    بۇ ئەسەرنىھەممە ئاتا ئالدىدكى ياشلارغا تەۋسىيە قىلمەن

yaprak 2010-07-07 18:17
    بەك ئېسىل ئەسەركەن     دادامغا ئوقۇپ بەرگەنتىم كۆزلىردىن راسىتلا ياش چىقىپ كەتتى
سىزگە بارىكاللا ئېيىتتى     رەھمەت ئاكا           32ياشلىق ئۆمۇر چىچەكلىرىمگە بەرگەن  ئوزۇقىڭىزغا....  
    

nafisa 2010-07-11 17:04
ئازاپقا تولغان ئۆتىمشىمىزدە ياش كۆزىلىرىمىزنى چىڭ يۇمدۇرۇپ ،مۇرلىرىمىزنى تىترەتكەنلەر، ئەقىدە گۇللخانلىرىمىزنى چەيلەپ ئۆتۇپ كەتكەنلەر بىر كۇنلىرى بىزدىن چوغ سوراپ كىلشىنى ۋە بىز چىن دىلدىن سۆيگەن دىلكىشىمىزنىڭ
ئاي-كۇنلەر ئۆتۇپ  قەبرە تېشىنى كۆتۇرۇپ كىلشىنى بىلمەيمىز   دەرۋەقە شۇ
چاغدا يەنىلا ئۇلارغا كۇلۇپ باقالامدۇق...................

omak 2010-07-11 18:57
ئېسىل ئەسەركەن
   مۇنداق تىملار نادىرلىنشى، كۆككە كۆتۇرلىشى كېرەك ئ رەھمەت ئاكا  دادامۇ يازغۇچى ئەسرىڭىز دادامغا بەك ياردى
      ئاددى ئەمما مەزمۇنى بەكلا چۇڭقۇركەن بىز ياشلارنى ئاسانلا ئويلاندۇرۇپ خېلى بىريەرگە ئاپرىپ قويدى
             ھېكمىتىڭىزگە  رەھمەت........

uyguhurogli 2010-07-13 04:16
بۇ  يازمىڭىزنى ئوقۇپ كۇرۇشمىىگىلى 3ئاي بولغان دادامنى ئەسلەپ كوزلىرىمگە ياش كەلدى ، مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار نى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت .

uxxuk 2010-07-18 00:53
ئېسل ئەسەركەن  راسىتلا مەنمۇ   ھەممە ئاتىلار ئۆز پەرزەنىتلىرگە پۇل ،مال-دۇنيانى ئەمەس ،ۋىجدان -غورورنى ،
غەزەپ -نەپرەتنى ،ئەجىر ھېكمەتنى، ئىنساپنى، كۇن ئۆتكۇزۇشنىلا ئەمەس،
قانداق ياشاشنى، ئادىميلىكنى،سەمىمىيلكنى، مىھىر-مۇھەببەتنى ،ئۆمۇرلۇك ھۆرمەتنى قالدۇرشىنى ئۇمۇد  قىلمەن ...
ئاپتورغا بارىكاللا

kaynam 2010-07-24 17:18
  ئەدەبىياتىمىزدا مۇشۇنداق ئەسەرلەر كەم   ئۇكام    
   دادىڭىزنىڭ ھېكمىتىگە سىزنىڭ مۇشۇنچىلىك چۇشنەلىگىنڭىزگە، قەلەم قۇۋتىڭىزگە رەھمەت  
    گۇللا بولسا گۇل ئەمەس ،گۇلدەك پۇراقى بولمىسا،
    سۆزلا بولسا سۆز ئەمەس مانا مۇشۇ ئەسەردەك مەزمۇن تۇراقى بولمىسا،

pusat 2010-07-25 20:11
رەخمەت

xahruh 2010-07-25 20:17
بۇ ئەسەرنى ئۆزى يازمىغاندۇ ؟؟؟ بۇ بىرەر ژۇرنالغا ئەۋەتسە قۇبۇل بولغۇدەك
ئەسەركەن ،بىرەر ژۇرنالدىن كۆچۈرۈلگەنمىكىن ...................

ئۇيغۇرۇم 2010-07-25 22:02
كەچۇرسىز دوستۇم
   كەڭسايغا مۇنبرىغا كۆچۇرۇلگەن ئەسەر يېزىشقا يۇزۇم چىدىمايدۇ.....  
ئەسرىمدىكى مەزمۇنلاردىن ئوقۇرمەنلىرىمنى ئازراق ئويلاندۇرالىسام  بۇ مىنىڭ پەخرىم دوستۇم...
    رەھمەت ئەسرىمنى ئوقۇغىنڭىزغا،       رەھمەت ياخشى باھا بەرگىنڭىزگە  .......

xahruh 2010-07-25 22:26
ئىشلىتىش
引用第18楼ئۇيغۇرۇم于2010-07-25 22:02发表的 :
كەچۇرسىز دوستۇم
   كەڭسايغا مۇنبرىغا كۆچۇرۇلگەن ئەسەر يېزىشقا يۇزۇم چىدىمايدۇ.....  
ئەسرىمدىكى مەزمۇنلاردىن ئوقۇرمەنلىرىمنى ئازراق ئويلاندۇرالىسام  بۇ مىنىڭ پەخرىم دوستۇم...
    رەھمەت ئەسرىمنى ئوقۇغىنڭىزغا،       رەھمەت ياخشى باھا بەرگىنڭىزگە  .......

ئىجادى ئەسەرنى يازسىغۇ ياخشى ،لىكىن ئەمدى كەڭسايدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى
%100ئەزالارنىڭ ئىجادىيتى ئەمەستە ،شۇڭا بۇنىمۇ بىرەر ژۇرنالدىن ھەممىمىزبىلەن
تەڭ ھۇزۇرلىنىش ئسىتىكىدە يوللىغانمىكىن دەپتىمەن ،بۇنى ھەقىقىتەن ياخشى
يېزىپسىز ،داۋاملىق كىرىپ تۇرغايسىز يېڭى كەلداخۇن .........

dilrus 2010-07-26 10:10
ئاۋازلىق   ئەسەر  قىلىپ  ئوقۇلغان  بولسا  ئىدى  - ھە  ھۆسنىگە   ھوسۈن  قوشۇپ  كىشىنى   ئەسەر  قاينىمىغا   چوڭقۇر   چۆكۈزەركەن  .......................   كەڭ  سايدىكى  بىردىن  بىر   خاس   تېتىملىق  ئەسەر    

sardar 2010-07-28 22:25
لىكىن مۇنبەردىكلەر بۇ ئەسەرگە  ئانچە كۆڭۇل بۆلمەيۋاتامدۇ قانداق  ؟   ئۇلارغا مۇھەببەت تىمسى بولغان بولسا  
        ئۆلۇپ بىرەتتى دىسە              ھېكىمەت ھېكىمەتنى بىلگۇچىلەر ئۇچۇن ھېكمەت
  نادانلار چالار داپنى كۇلەر كۇلكىنى ،
   بىر كۇنى كىچىكمۇشۇك بوغار تۇلكىنى،

  

arturuk 2010-08-12 21:28
    قىسقىسى دادا بىز كۆرگەن چىرايلىق ياپيېشىل بۇ ئورمان بەلكىم نۇرغىنلىغان ۋەھىمىلەرگە تولغان بولشى مۇمكىنكەن، مۇشۇنداق  ئەگرى-توقاي ۋەھىملىك
بولغاچقىلا ئىنسان بۇگۇننى يارتىپتۇ....

مەتبۇئاتلاغا  ئىلان قىلىڭ ئۇكا.....
                بۇ نداق   ئېسىل ئەسەرلەر خارلىنىپ قالمىسۇن.......


查看完整版本: [-- دادام ئېيتقان ھېكمەتلەر... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.077618 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us