查看完整版本: [-- ئايغا چىقاي دىگەنتىم .... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> ئايغا چىقاي دىگەنتىم .... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2010-11-04 17:23
بىر چىلەك سۇ بولغان بولسا ،قىش كىرگەندە تالاغا قويوپ قويغان بولسام توڭلاتتى ،ئۇنىڭغا سىلەر قارىغاچ قويساڭلار ، چىۋىن ياكى كۇمۇتا دىگەندەك ھاشارەتلەر قونىۋالمىغان بولسا ، كەڭ ساي ئەپەندىم قوروپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى .
شۇ توڭلىغان بىر چىلەك سۇنى ساق-سالامەت يازغىچە ساقىليالىغان بولسام بازارغا ئاچىقىپ دوغاپ ياساپ ساتاتتىم .
ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى بانكىغا قويوپ ساقلاپ قوياتتىم ،ئۇنىڭغىچە كۈزمۇ كىرەتتى دە ،سوغ چۈشۈپ كىتەتتى .ئۇنداق بولغاندىكىن مەن ئايغا قانداق چىقالايمەن ،سوغ تۇرسا ..
ئۆيدە بىر تۇياق چۈجە بار ئىدى ،ھىلىقى دوغاپ سىتىپ تاپقان پۇلنى بانكىدىن ئىلىپ يەنە بىر نەچچە تۇياق چۈجە ئىلىپ ،ئۆيدىكى چۈجىگە قاتاتتىم ،قىشمۇ كىرەتتى . قىش كىرگەندە چۈجىلەرنى تالادا قويساق بولمايدىغۇ ،ئۇنداق بولغاندىكىن مۇشۇ كەڭساينىڭ مۇنبىرىگە ئەكەپ قويسام مۇنبەرداشلار قاراپ قۇيسا ،ئەمىليەتتە چۈجە دىگەن كەڭ دالىلاردا ياشىسا چوڭ بولدىغۇ ،بۇ يەرگە ئەكىرىپ قويغاندىكىن تىز يوغىنالماي قالدىدە ...لىكىن ئامال يوق .
شۇنداق قىىلپ سىلەر ئۇنى دەپ  بۇنى دەپ چۈجىلىرىم قىشتىن ئۆتۆپ قالاتتى ،. يەنە ياز كىلەتتى  ئۇلار يوغارمىسا ساتقىلى بولمايدىغۇ ..ئۇنداق بولغاندىكىن مەن يازىچە ئۇنى باقاتتىم .سىلەر بىلىسلەر قىشتا تۇرۇپ قالغان چۈجە ئاسان يوغارمايدۇ . بىر ئاماللار بىلەن ھىلىقى چۈجىلەر 8-ئايلاردا ئاران ئاندىن ساتقۇدەك بولاتتى . مەن ئالدى-ئارقا مىڭىپ يۇرۇپ چۈجىلەرنى سىېتىپ بولاتتىم ،بۇ چاغدا يەنە كۈز كىرىپ كىتەتتى . سوغ چۈشتى دىگەن گەپقۇ ، ئۇنداق بولغاندىكىن مەن ئايغا قانداق چقالايمەن ،سوغ تۇرسا ..شۇنىڭ بىلەن ساتقان پۇلنى يەنە بانكىغا سالىمەن .
شۇنىڭ بىلەن نىمە ئىش قىلارمەن دەپ تۇرسام ،كەڭ ساي ئەپەندىم شىرىكلىشىپ پوپورتاڭ ساتايلى  ،بىزنڭ مۇنبەردە ئادەم جىق بىر تالدىن چاينىسىمۇ خېلى كىرىم قىلالايمىز دىدى .  بۇ پىكىر ماڭا شۇنداق ياقتى ،شۇنىڭ بىلەن ئىشنى باشلىۋەتتوق .ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق بولاتتى ،لىكىن بىرسىڭلار بۇنىڭغغا قورساق تويامدۇ ، بىز تونوش بولغاندىكىن بازار باھاسىدىن ئەرزانىراق بەرسە بولمامدۇ ، ئۇنىڭدا باشقا تەركىپتىكى مايلار بار چاينىسا يامان بولىدۇ ، ئۇ دىگەن خوتون كىشىنىڭ ئىشى ، ئۇيغۇرلار پۇل تاپسا قورساقنىڭلا غېمىنى قىلىدۇ .............دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئوقەتنى ئوقەت قىلمىدىڭلار ، شۇ مالىماتاڭچىلىقتا قىش ئۆتۆپ يازمۇ كىرىپ كەتتى . قىززىقچىلىقتا ئازمۇ ئەمەس 50 توننا پوپورتاڭ ئىلىۋاپتۇقكەنمىز ،9- ئايغىچە ئۇنىڭ يالۋۇرۇپ  بۇنىڭغغا يالۋۇرۇپ دىگۈدەك قىلىپ ئاران سېتىپ قولدىن چىقاردوق .. يەنە كۈز كىرىپ كەتتى ،ئۇنداق بولغاندىكىن مەن ئايغا قانداق چىقالايمەن ،سوغ تۇرسا ..
دۇنيا خەۋەرلىرىدە ئۇ دۆلەتنىڭ ئادەملىرى ئايغا چىقىپتۇ ، بۇ دۆلەتنىڭ ئادەملىرى ئايغا چىقىپ ساياھەت قىپتۇ دىگەندەك دەبدەبىلىك خەۋەرلەر قىززىپ كەتتى .شۇلارغا قاراپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى . توۋۋا  چەتئەللىكلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەمغۇ ،ئۇلار چىقسا بىز نىمىشكە چىقالمايمىز ، بىز ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن چىقالمامدۇق ياكى ئالدىمىزغا كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۋاتىمىزمۇ دەپ ئىچىم ئاچچىق بولوشقا باشلىدى ..
شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ يەردە تۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈپ ياتقۇچە قەدىمىمنى ئېلىپ ئايغا چىقىدىغان يەرگە باراي دەپ لاقا-لۇقلىرىمنى ئېلىپ يولغا چىقتىم . ئۆيدىن شۇنداقلا مىڭىشىمغا دادام نەگە بارىسەن دەپ سورىدى . مەن ئايغا چىقىمەن ،شۇڭا ئايغا چىقىدىغان يەرگە ماڭدىم دىسەم ، دادام ماڭە جۈر  ئايغا چىقىمەن دىگۈچە ئاۋۇ ئېغىلدىكى كالاڭنى باقە ئاداش ،دەپ ۋارقىراپلا كەتتى .كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى ،توۋۋا باللىلىق چاغلىرىمىدا  ،چوڭ بولغاندا نىمە قىلسەن دەپ سورىغاندا مەن ياخشى ئوقوپ ئايغا ،مارىسقا چىقىمەن دىسەم ،مىنى  بېشىدىن ئېگىز كۆتۆرۆپ  ئوي ..قاراڭلا مىنىڭ بالام ئايغا چىقىدۇ دەپ توۋلاپ كىتەتتى ،ئەمدى ئازۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇراي دەپ قەدەم ئالسام  بۇنداق دىگىنى نىمىسى .. كىچىكىمدە نې-نې ئارزۇلارغا يىتىمەن دەپ قۇرۇق شوئار توۋلاپ ،ئەمدى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسام ، زادى مەن ئالدامچىمۇ ياكى چوڭلار ئالدامچىمۇ ؟ ... كالىنى بىزلا بېقىپ ئۆتۆپ كىتەمدۇق ؟ كەچكىچە شۇلارنىڭ پوقىنى تازلاپلا يۇرۇش  ،بىزنىڭ كىچىكىمىزدە توۋلىغان ئارزۇلىرىمىزنىڭ نىشانىمۇ ؟ ...
يىغلىۋەتكۈدەك بولوپ ئۆيگە يىنىپ كىردىم   يەنە ئۆيدىكى بىر خىل رىتىم ،كالا بېقىش ، پوقىنى تازلاش ، ھەلەپ ئېتىش .دىگەندەك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يەنە بىر يازمۇ ئۆتۆپ كەتتى . شۇ ئارلىقتا غازدىن ئىككىنى بېقىپ قويغانكەنمەن ،كۈزگىچە خېلە يوغىناپ قاپتۇ ، ئۇنى بازارغا ئاچىقىپ ساتتىىم ، بۇ ۋاقىتمۇ كۈز ۋاقتىغا توغرا كەلدى ،سوغمۇ چۈشۈشكە باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ئايغا چىققىلى بولامدۇ ؟ سوغ تۇرسا ، شۇنىڭ بىلەن غازنىڭ پۇلىنى يەنە بانىكغا سىلىۋەتتىم ، شۇغىنىسى پۇلۇممۇ كۆپىيىپ قالدى .
مىنىڭ ئايغا چىقماقچى بولغىنىمنى دادامدىن بۆلەك ھىچكىم ئۇقمايىتتى . كىچىك چىغىمدا ئېيقانلىرىم كىمىنىڭ ئېسىدە بولسۇن دەيسىز .يەنە شۇ بىر تەرىقىدە ياشاۋەردىم ،يازدا كالا باقىمەن ،قىشتا گازىر ساتىمەن .
بىر كۈنى مۇنداق قىززىق ئىش بولدى ؛ بازارنىڭ ئاۋات يېرىنىڭ بۇلىڭىدا گازىر سېتىپ ئولتۇرسام بازار باشقۇرۇشنىڭ كىلىپ قالدى ،دەررۇ قېچىپ كىتەلمەي قالدىم ،مىنى تۇتىۋالدى .    مەن نىمە بولدى ؟ دىسەم  .؛  بۇ يەردە گازىر ساتمايسەن ،دەيدۇ . مەن ئەمسە نەدە ساتىمەن ؟دىسەم  . ئىشقىلىپ يولنى قالايمىقان قىلما ، ياكى ساتقۇڭ زادى بولسا دۇككان ئېىچپ سات  بولمىسا كەت ،دەيدۇ..  مەن ،   مۇشۇ بىر خالتا گازىرغا دۇككان ئاچامدىم     ؟ دىسەم  . نىمە قىلساڭ قىل دەپ ساتقۇزمىدى .
مەن ئويلاپ قالدىم ..، دۇككان ئاچاي دىسەم ئۇنىڭغا يەتكۈدەك مەندە نىمە مەبلەغ بولسۇن ، دۇككان ئاچقۇدەك پۇل بولسا مەن بۇ يەردە تىتىرەپ گازىر ساتامدىم ؟  ساتماي دىسەم  بىز دىھقان خەقتە نىمە كىرىم بولسۇن ، بار يوقى ئىككى پارچە يەر بىلەن ئىككى قوتور كالىمىز بار ، شۇنىڭغىلا تايىنىپ تۇرساق ئاچ قالىدىغان گەپ ، مەھەللىدە ساتاي دىسەم تۆت تال ئادەمگە گازىر سىتىپ بىرنى ئىككى قىلغىلى بولامدۇ ... شۇنىڭغا شەھەرگە كىرگەنتىم .. ئۆزۈمنىمۇ توغرا چۈشەنمىسەم بولمايدۇ .. كادىر بولالمىغاندىنكىيىن  قىسىپ كالامنى باقمامدىم .. ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ،بازار باشقۇرۇش بولغاندىكىن ھەممىنى رەتكە سالمىسا قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىدىغان گەپ ، يۇمشاق گەپ قىلسا بىز ماڭمايمىز .. ئەمسە بىزگە دۇككان ئېچىپ بەرمەمسە دپ ئۇششۇقلۇق قىلغىلى بولمايدۇ ،ئۇلارمۇ خوتون-بالا باقىمەن دەپ ئازغىنە پۇلغا مۇشۇ جاپانى تارتىپ شاپاشلاپ يۈرىيدۇ .
شۇنداق قىلىپ مىنىڭ ئايغا چىقىدىغان ئارزۇلۇرۇم نىشاندىن يىراقلىغىلى تۇردى . ئۆي ..بالا ...كالا....تالا ..غىمى بىلەن قېرىپ قالغىلى تۇردۇم . ...تۇرۇپ ئۆزەمدىن ئۆزەمگە كۈلۈپ كىتىمەن ...توۋۋا  گازىرچىمۇ  ئايغا چىقامدۇ .ۋۇي.ئۆزەڭنىڭ مەھەللىسىدە بىر خالتا گازىرنىمۇ ئوڭشاپ ساتالمايسە ..تىتىرەپ ...ئۇ ئايغا ..............
شۇنىڭ بىلەن ۋاي بولدىلا دىدىم ، ئايغا چىققانلار رەسىمىنى تارتىپ بىزگە ئەكىلىپ بەرسىلا كۆرسەك بولدىغۇ دىگەن ئوي بىلەن ئېغىلدىكى كالىغا ھەلەپ بېرىشكە باشلىدىم .. ئۈزۈممۇ قىززىقكەنمەن ئۇ ئايغا چىقساممۇ قورساق باقىدىغان گەپتۇ .. يەر تەرمىسەم ..كالا باقمىسام  ئايدا تۇرغىلى بولمايدۇ ...ئايدا ئادەم ئاز  دەيدۇ ..ئۇنداقتا مەن گازىرنى  كىمگە ساتىمەن ؟؟  ....
شۇنىڭ بىلن ھىلىقى يىققان پۇلغا خوتون ئېلىش قارارىغا كەلدىم ....بىز ئۈچۈن خوتون ئېلىش .. ئۆي ئېلىش  قەلبىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىر بولوپ قالغاندىكىن ..
دەپ بېقىڭلار دوسلار مەن زادى قاچان ئايغا چىقىمەن ؟  چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن ؟  ... 
مەنبەسى <<مەن >> 


guzel-u 2010-11-04 18:29
مىنىڭچە سىز ئوغلىڭىزنى ياخشى تەربىيلەپ ،دادىڭىزغا ئوخشاش ئىلھامىغا سۇ سەپمەي ،ئىلھام بەرسىڭىز ،بەلكىم ئوغلىڭىز سىزنى بىرگە ئىلىپ چىققاندا ئاندىن ئايغا چىقالىشىڭىز مۇمكىن !  بىز ئۇيغۇرلادىنمۇ ھامان بىركۇنى سىزگە ئوخشاش ئىرادىلىك بىر قانچە ئادەم ئايغا چىقماي قالمايدۇ!

ashadullam 2010-11-04 18:31
پات پات مۇشۇنداق ئەسەرلەر بىلەن مۇنبەرنى ئاۋاتلا شتۇرۇپ تۇرغايسىز .قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن~~ناھايىتىمۇ ياخشى چىقىپتۇ~

hikimat 2010-11-04 18:37
مۇتەپپەككۇر شاېرلېرمېز  ؛   تېرېش -تېرماش ۇگەنگېن ھارماي،    نادانلق ۇ، ھەممېنې  بېلدېم دېگەن  . دەپ وتكۇر مېسرالېرېنې  قالدۇرۇپ  كېتېپتېكان .تېرېشسېڭېز، ېزدانسېڭېز،  توىتېماي ۇگەنسېڭېز  ..............................

omer 2010-11-04 19:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     مەخسەتنى مانداق ئىپادىلىسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟ بۇنىڭدا كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدۇ-دە! مەن سىزنى مەمتىمىن ھوشۇرمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن قېرىندىشم؛ شۇمۇ يە!... ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، اللە ئىلمىڭىزنى ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلغاي!...

bilig 2010-11-04 20:31
داۋاملىق يازارسىز

huxdil 2010-11-04 20:57
مىنىڭ ئارزۇيۇم ئايروپىلان ھەيدەش ئىدى . مەن ئارزۇيۇمغا يەتكەن چاغدا   ئالەم كېمىسىنى ھەيدەشنى ئۆگىنىپ سىزنى ئاچىقىپ قوياي، لىكىن ھازىر سوغ چۇشۇپكەتتى، كىلەر يىلى قانداق بۇلاركىن تاڭ  ، شۇ چاغدا بىرگەپ بۇلار .ئاڭلشىمچە  كەچ ۋاختىسىدا ئاجايىپ سۇغۇق بۇلۇپ كىتەرمىش ،شۇڭا يازنىڭ ئۇزۇن كۇنىدىن بىركۈنى چىقىپ چۈشسەكمىكى دەپ ئويلاۋاتىمەن .
ئاڭغىچە سىزمۇ قىشتا بىكار يۇرمەي زىماتاڭ سېتىپ پۇل تاپقاچ تۇرۇڭ ،مەنمۇ پۇل تاپاي ... پۇل  بولسا جاڭگالدا شورپا دەيدىكەن ،بىز غەيرەت قىلىپ پۇل بۇلسا  ئايدا شورپا دىگەنگە ئۆزگەرتەيلى ...

amanxa 2010-11-04 21:46
رەھ،ەت سزگە ،مۇشۇنداق نادىر يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي تىمىلارنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر . ئايىماي يوللاپ تۇرۇڭ؟

music8 2010-11-04 23:10
ئىشلىتىش
引用第4楼omer于2010-11-04 19:20发表的 :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     مەخسەتنى مانداق ئىپادىلىسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟ بۇنىڭدا كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدۇ-دە! مەن سىزنى مەمتىمىن ھوشۇرمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن قېرىندىشم؛ شۇمۇ يە!... ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، اللە ئىلمىڭىزنى ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلغاي!...



  توغرا مەنمۇ شۇنداق دىمەكچى ئىدىم،
  راستىنلا قەلىمىڭىز خېلىلا كۈچلۈككەن.
يېقىندىن بېرى كەڭسايدا، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم دىگۈدەك كۆزۈمدىن بىرەر تامچە ياش ئەگىيدىغان بولۇپ قالدى،
كۆپ رەھمەت سىزگە،مۇشۇنداق( كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان)ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

saifulla 2010-11-04 23:56
رەھمەت.
ئۇقۇغۇچى: ماڭا قەشقەرنىڭ بىلىتىدىن بىرنى بېرىڭ،
بىكەت خىزمەتچىسى:بىلەت تۈگدى.
ئۇقۇغۇچى:ئۇرۇن نۇمۇرى يوق بىلەت بوسىمۇ مەيلى.
بىكەت خزمەتچىسى:بۇيىل بىرمۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ پويىزدا تۇرۇپ پاڭماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

saifulla 2010-11-04 23:58
ئىشلىتىش
引用第9楼saifulla于2010-11-04 23:56发表的 :
رەھمەت.
ئۇقۇغۇچى: ماڭا قەشقەرنىڭ بىلىتىدىن بىرنى بېرىڭ،
بىكەت خىزمەتچىسى:بىلەت تۈگدى.
ئۇقۇغۇچى:ئۇرۇن نۇمۇرى يوق بىلەت بوسىمۇ مەيلى.
بىكەت خزمەتچىسى:بۇيىل بىرمۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ پويىزدا تۇرۇپ پاڭماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇقۇغۇچىلارغا ئورۇن نۇمۇرى يوق بىلەت سىتىل مايدۇ.

كۆكتۈرك 2010-11-05 00:15
نىمە دەي ئەمدى، باشقىلار ئايغا چىقتى بىز قاچان چىقىمىز ؟؟؟
پۇرسەت تىرىشقانلارغا مەنسۇپ ، ئەممازە كۈن چىقىش تەرەپتە بىزگە بۇنداق پۇرسەتلەر كەلمەيدىكەن....بولمىسا تىرىشقانلار كۆپ ،
قىنى ئاشۇلار ، نىمە دەپ ئۇلار چىقالمايدۇ.....؟   ئەمما ئۇيغۇرلاردىنمۇ بار ئايغا چىققانلار لىكىن ئۇلار كۈن چىقىشتىن ئەمەس .

avam0507 2010-11-06 00:37
ئاجايىپ  ئېسىل   تېمىكەن  دوستۇم.
تەپەككۇرىڭىز  نېمىدىگەن  قاناتلانغان  ھە!
بۇ  ئەسىرىڭىزدىن  مەن  بىرخىل  ئىشەنچ  ،  ئۈمىدنى  تاپقاندەك  بولدۇم  .
  داۋاملىق  يوللاپ  تۇرغايسىز  2-  بۆلۇمىنى  .  رەخمەت  سىزگە.

baxmaltak 2010-11-06 14:41
رھىمەت!!!!!!!!!!!

tuman 2010-11-06 21:40
 

jalaliddin 2010-11-06 21:53
ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى يېزىپسىز ...ھارمىغايسىز ،تالمىغايسىز  داۋاملىق يېزىڭ

karawan 2010-11-06 22:01
ناھايتى ياخشى  ئەمما زە باللا  ئايغا چىققاندا  دوپپىمىزنى  

fatih204 2010-11-06 23:44
ياخشى ئەسەر  
ئاخىرقى سۇئالىڭىزغا جاۋاپنى تاپقان ئىدىم ، دەپ بىرەي دىسەم  بەرىبىر پايدىسى يوق . سوغ چۇشۇوپ كەتتى ئەمەسمۇ ، كىلەر يىلى بىر گەپ بولغاي

kokbura 2010-11-06 23:46
بىزنىڭ قان قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن قۇللۇق ئىدىيسى بارغانچە پاكلانغىلى تۇرۇپتۇ ، ئۆتكۇر قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن قېرىندىشىم

umutwar 2010-11-07 14:12
  

esma0999 2010-11-07 19:53
ئايغا چىقماي خوتۇن ئىلىڭ،

rayhan 2010-11-08 12:05
ئەسما قىزچاق كالتە ئويلاپ  بىزنىڭ يىگىتلەرنى ئايغا چىقىشقا يارىمايدۇ دەپ قالدىمۇ ؟

ئايغا چىقىشنى ئويلاۋاتقان قىزلارمۇ كوپقۇ؟ئولار سىزگە  تويلۇق سالمايدۇ ...شۇلار بىلەن توي قىلسىڭىز خۇتۇن ئېلىش ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ ھەم ئايغا چىقىشقىمۇ ياردەمچى تاپالايسىز ؟..ئىشىڭىز ئاسان بولدۇ ....    بىرسىنى دەپ بىرسىدىن ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ دە؟ئەگەر خۇتۇن ئالمايلا ئايغا چىقىمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز سەپەرنىڭ يېرىمدا اللە ئامانەتنى ئالسا ئارزۇيىڭىزمۇ سىز بىلەن كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟.....كەلتە ئويلىماڭ قىشتا ئۇيەرنىڭ تېمپۇراتۇرسى چىددىغۇسىز سۇغاق .يازدە كاۋاپ قىلىپ پارغا ئايلاندۇرغۇدەك ئىسىق .ئەڭ ياخشىسى بۇگۇن كېچىنى ،ياكى كوز بىلەن باھارنى ئويلاپ بېقىڭ !!!ئۇ ۋاقىتقىچە ئوغلىڭىز دۇنياغا كوز ئېچىپمۇ قالار ...

dito_dito 2010-11-11 07:20
سوغوقنىڭ چۇشكىنى ياز كىلىشنىڭ بىشارىتى .

بەزەنلەرنىڭ توي قىلغۇسى كىلىۋاتامدۇ نىمە ؟!

sameme.ahmak 2010-11-19 19:43
ھىسامكام كېچىسى چىقىمىز دىگەنغۇ تورداشلار ئۇنتۇپ قالدىڭلارما

alpacino 2010-11-24 00:36
يېڭىچە  ئۇسلۇپ .....  ھەقىقەتەن  ياخشى  يېزىلىپتۇ  قايلىمەن  

alpacino 2010-11-24 00:39
ئايغا چىقماي خوتۇن ئىلىڭ،
--------------------------------------------------------------------------------------

تاتلىق  گەپتىن  بىرسى  باتتى  دىمەي  جۇما  بولدى  ...   غۇلجىلقكەنسىز  تېتاڭ  تومورىڭىزغا  تەگمەي  

nazukkiz 2010-11-24 18:33
ھەقىقەتەن تەسەۋۇرغا بايكەنسىز. ئادەم دىگەن سىزدەك تەسەۋۇرغا باي بولسا .
مەنمۇ باشقا مۇنبەرگە ئۆزەمنىڭ تەسەۋۇرنى يۇمۇرستىك ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ يازغان ئىدىم. كوپ قىسىم تورداشلار بەك كۇلكىلىك چىقپتۇ دەپ ماختىغان ،لىكىن بىر ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى بۇنى ئۇقۇپ پەقەت كۇلەلمدىم ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ، ئەسەرنىڭ سۈپىتگە دىققەت قىلىڭ دىگەنتى مەن سىز تەسەۋۇرنىڭ نىملكنى بىلمەمسىز دىسەم تىرىكىپ كەتكەن ،بەك  كۇلگۇم كەلگەنتى . ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى تۇرۇپ تەسەۋۇرنىڭ .نىملىكنى رومانتىزىم، رىيالىزىم دىگەنلەردىن خەۋەر بولمسا قانداقمۇ ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ قالغاندۇ دەپ ئويلغانتىم.

gayrat828 2010-11-24 19:22
ئۇنداق بولسا بىز سىزنىڭ  تەسۋىرى يازمىلىرىڭىزنى قارشى ئالىمىز.. ئىككىمىز ماسلىشىپ يىزىشىپ باقايلى ،..قېنى مەرھەمەت ..سىزگە كەڭساي مۇنبېرى ھەر ۋاقىت ئوچوق..

nazukkiz 2010-11-25 19:21
ئىشلىتىش
引用第27楼gayrat828于2010-11-24 19:22发表的 :
ئۇنداق بولسا بىز سىزنىڭ  تەسۋىرى يازمىلىرىڭىزنى قارشى ئالىمىز.. ئىككىمىز ماسلىشىپ يىزىشىپ باقايلى ،..قېنى مەرھەمەت ..سىزگە كەڭساي مۇنبېرى ھەر ۋاقىت ئوچوق..

بۇلىدۇ . لىكىن مەن سىزدەك ياخشى يازالماسلىقىم مۇمكىن  كوپرەك كورسەتمە بىرەسىز.
ھازىر سەل ئالدىراش بۇپ قالدىم ئەتە چۇقۇم يوللايمەن.

8koqa 2011-01-22 21:52
نىمىسنى دەي ئاكىجان...ئىچىگە يۇشۇرنغان ئاچچىق سۆزلەرنى ئىچىڭىزدە ساقلاپلا ئۆتكەندەك...
شۇنداق چوڭلار ، ئالىم بولىمىز ، مالىم بولىمىز ، شۇنداق چوڭ ئىش قىلىمىز دېسەك بالىلىقىمىزدا بېشىغا ئېىلىپ كۆتۈرىشدۇ ، ئاخىرىدا سىز دېگەندەك چوڭ بولۇپ ئەمگەك يېشىغا
يەتكەندىچۇ بىز سەھرالىق بولغاندىكىن شۇ كالا ئېغىلى بىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىز بولۇپ قالىدۇ.... ھەي.........

8koqa 2011-01-22 22:05
بىز ئۇيغۇرلاردىچۇ يەنە ، مەن كۈيەرمەن بالامغا ، بالام كۈيەر بالىسىغا دەپ، بىر ئىش قىلىمەن
دېسەك ۋاي بالام سېنىڭ نىمەڭ كەم ، بولدى يېنىمىزدا تۇرغىن ، ھازىر جەمىيەت مۇرەككەپ سىرتقا چقما دەپ توسۇيدۇ ، يىراق يەردە ئوقۇيلى دېسەكچۇ ، ۋاي بالام ئوقىۋاتقالانىمۇ كۆرىۋاتىسەنغۇ دەيدۇ ...مانا چەتئەلگە چىقىمەن دېگۈلى 2 يىل بولدى شۇ چولار توسۇپلا...
قارا بالام ئېۋۇ سەمىتاخۇننىڭ بالىسى 10 توپاق بېقىپ 20مىڭ كوي پايدا ئاپتۇ دەپ ....
ھەي بىزدىكى نادانلىق ، ئايغا ئەمەس ، بېشىمىزغا كۈن چۈشسە سايغا چۈشەلمەيمىز ۋاقتى كەلسە....

salam 2011-02-25 23:47
غەيرەت ئەپەندىم ئاخىرى ئايغا چىقىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟يوقاپلا كىتىپ بارىدۇغۇ

موتۇ 2011-03-01 20:23
مەزمۇنى بەك  

adash 2011-04-16 01:35
     ئايغا                                چىقىڭ ،                 بىزمۇ               چىقىلى                                                        

سەۋر 2011-11-24 17:18
مىنىڭچە كۇنگە چىقىڭ ،كۇنگە چىقىپ تىجارەت قلسىڭىز خىلى پۇل تاپىسىز،قىش كىرپ مۇزلاپلام تۇرغان ئادەم ،ئازراق كۇن نۇرى سىتىۋالاي دىگەن


查看完整版本: [-- ئايغا چىقاي دىگەنتىم .... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.083661 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us