查看完整版本: [-- مەۋلۇد ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> مەۋلۇد ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-10-20 13:19
                                               ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ، پەيغەمبەرلەر ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن ھېچ بىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈشى توغرا ئەمەس. بەلكى بۇ يەھۇدىي-ناسارالار ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى دىنسىزلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن بولۇپ، دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسىيىتىنى خۇنۇكلاشتۇرۇلىشى نىشانلانغاندۇر.


تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، مەلۇم بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش بولۇپ، خۇددى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەنگە ئوخشاش، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى، گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش، ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئەمەلدۇر.
 بۇ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش دەپ ئاتالمايدۇ. شۇنىڭدەك توي مۇراسىملىرىدا، دىنى تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بېرىشمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش دەپ ئاتالمايدۇ، لېكىن بەزى مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا، ناخشا-ئۇسۇل ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلاش ئولتۇرمايدىغان، توي-تۆكۈن ۋە سۈننەت مەرىكىسى قاتارلىق مۇراسىملارنى تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ( مەۋلۇت) دەپ ئاتاش كەڭ تارقالغان بولۇپ، ۋەز-نەسىھەتچىلەر ۋە قارىلار تەكلىپ قىلىنىپ، قۇرئان ئوقۇپ ۋەز نەسىھەت قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولسىمۇ، بۇ كۈننى تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش دەپ ئاتاشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۇ سىز سورىغان ئىشلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس.
توي ۋە باشقا مۇراسىملاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىنى، گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ۋەز نەسىھەت قىلىش، بىدئەت بولغان تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كىرمەيدۇ. مەلۇم بىر كۈننى پەزىلەتكە خاس قىلىۋالماستىن باشقا ئادەتتىكى كۈنلەردە (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى، بارات ئېيىنىڭ تۈنەك كېچىسىنى، ئىسرا-مېراج كۈنلىرىدىن باشقا) كىشىلەرنى مەسچىتكە توپلاپ زىياپەت بېرىپ، ۋەز نەسىھەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، بىدئەت بولغان مەۋلۇت (تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش) پائالىيىتى ھېسابلانمايدۇ، ھەمدە كىشىلەرگىمۇ بىدئەت بولغان مەۋلۇت(تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش) پائالىيىتىنى يوللۇق ئىكەن دەيدىغان چۈشەنچە بەرمەيدۇ.
ئاللاھ ھەممەيلەننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا، ياخشى ئەمەل قىلىشقا ۋە سۈننەتنى قوغداپ، بىدئەتكە قارشى تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

sameme.ahmak 2010-10-20 14:57
رەخمەت پەقەت ئبادەتكە ئايلاندۇرۋالمىسىلا ......................................................بولىدىكەن
تەپسىلى چۇشەندۇرۇپسىز  ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن
لىكىن بىر ئىش ھەمزە بۇرادەر ئۇتكەندە سىز يۇللىغان نىكادىكى نان يىيىش ئىشىنى كەسكىنلا بىدئەت دەپ ئىتىش توغرىمۇ مۇشۇ تىمىڭىز تا ھازىرغىچە مىنى ئىككىلەندۇرۇپ تۇرىدۇ

ھەمزە 2010-10-20 15:03
تۇزغا چىلانغان ناننى نىمە سەۋەپتىن دەل نىكاھ ئۇقۇغاندىلا يىيشىدىكەن؟ ئۇلار نىمىنى مەقسەت قىلىدىكەن؟

مەن تۈن لىرىكىسىنىڭ سۇئالىدا تۇلۇق جاۋاب بىرىپ بولغان. شۇ يەردىن كۈرۈپ بېقىڭ، كۈرۈپ بولغاندىن كىيىن نىمە دىسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ ئىشى

yalhuz 2010-10-20 15:55
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم قېرىندىشم ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ..
دىمىسىمۇ ئۈزىمىزنىڭ ئۈلۈمى يېقىنلاشسا ئاشۇنىڭغا خوشال بۇپ تۇغۇلغان كۇن ئوتكۇزۇپ  توۋا

uyguriya 2010-10-20 18:28
.بىزنىڭ يۇرتلاردا پەيغەمبەرمىز مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھىكىى ۋەسالامنىڭ    مەن كىچىكۋاقىتلاردا
مەۋلۇت ئىيىدا ئىتقاتلىق ئائىلىللەر قۇرئان ئۇتكۇزۇپ پەيغەمبىرمىزنىڭ سۇننەتلىرنى ۋەز نەسىھەت قىلاتتى ھازىرچۇ .............................؟  


查看完整版本: [-- مەۋلۇد ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054321 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us