查看完整版本: [-- قىزىنى 12 يىل جىنسىي قۇل قىلغان رەزىل دادا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تېپىشماق -> قىزىنى 12 يىل جىنسىي قۇل قىلغان رەزىل دادا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kangsay 2010-06-12 22:32
خەلقئارا لىنيىسى مەخسۇس خەۋرى: ئاۋسترىيەلىك «ياۋۇز دادا» ئېئوسىف.فرىتس (پېرىرا)نىڭ قىزىنى 24 يىل قاماپ جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالىدىغان قۇلىغا ئايلاندۇرۋالغان ھەم قىزىدىن 7 بالىلىق بولغان خەۋەر پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇردى. گىرمانىيە «يورۇق ئەينەك» ژورنىلىنىڭ 10-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەدە تۇرۇشلۇق 54 ياشلىق بۇ دادا،1998-يىلى ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن بۇيان،  قەدىمىي ئورمانلىققا ئۆزىنىڭ قىزىنى 12 ياشتىن باشلاپ پاخال ئۆيگە سولاپ قويۇپ 12 يىل جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىزىدىن 7 بالىلىق بولغان. كىشىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈردىغىنى ئۇ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، قىزىنىڭ 7 ياشلىق كىچىك قىزى (يەنى بۇ ياۋۇز دادىنىڭ نەۋرىسى) گىمۇ باسقۇنچىلىق قىلغان. @Wa,  
ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ 7 بالىنىڭ 4 ى قىز، 3 ى ئوغۇل بولۇپ، شەھەردىن 80 كىلومېتىرلىق يىراقلىقتىكى بۇ پاخال ئۆيدە ئۇلار كەيگۈدەك كىيىممۇ يوق ئىكەن. بالىلارنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى ناھايىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقىمۇ ئامالسىز ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا پېرىرا قىزىغا تەھتىت سېلىپ، ئەگەر باشقىلارغا بۇ ئىشنى ئاشكارلاپ قويسا، ياكى قېچىپ كەتمەكچى بولسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۋىتىدىغىنىنى ئېيتقان ئىكەن.   9EWw  
نۆۋەتتە بۇ «قەبىھ دادا» ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ، ئۆز جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. بالىلار بولسا يىغىۋېلىش ئورنىدا مەخسۇس خادىملار تەرىپىدىن قوغدالماقتا.

tvnlirikisi 2010-06-12 23:32
اللە. بەندىللىرىڭنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەيسەن...

mardan0999 2010-06-13 09:22
توۋۋا..............

akkvngl 2010-06-13 11:53
كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن ، ئازمايلى ۋە ئۆزىمىزنى خارقىلمايلى .

aykut 2010-06-13 13:02
ياراتقان ئىگىمىز  ھەممىمىزگە ئىنساپ ۋە ئىمان ئاتا قىلغاي.......دىللىرىمىزنى دىنىمىزدا مۇستەھكەم قىلغاي..


查看完整版本: [-- قىزىنى 12 يىل جىنسىي قۇل قىلغان رەزىل دادا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.041613 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us