查看完整版本: [-- ئابدۇكىرىم ئابلىز شۇنداق ئادەم...بوران114 --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تىما بېزەكلىرى -> ئابدۇكىرىم ئابلىز شۇنداق ئادەم...بوران114 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

boran114 2010-06-10 17:45
ئەسلى سۆزلىمەي دىگەنتىم،،بەلكى مىنى غاجاقچى،ئىت،چىدىماس،دەپ بىرمۇنچە توقام توقۇشىڭلار مۇمكىن،
مۇنبەرنى ئاچساملا (ئابدۇكىرىم ئابلىز قانداق ئادەم؟)دىگەن تىيمىنى ئوقۇماي قويمايمەن،ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ
 قانداق ئادەم ئىكەنلىكنى بىر ئاللا،ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئۆزى،ۋە خوتۇنى بىلمىسە بىز بىلمەيمىز،بىراق توردىشمىز
 (مەتتۇرسۇ ئىلى نۇرى)يازغان بۇ تىما مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى،خوش نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ،ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ
 ئىتۇتلىرىغا تازا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساق ئاندىن مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ،پەقىر ئۇنىڭ بەزى قىلقلىرىنى ياقتۇرمايمەن،
ئەگەر سىز بىراۋغا يۈز كىلەلمەي خاتاسىنىمۇ توغىرا دەپ كۆككە كۆتىرۋەرسىڭىز ئۇ چاغدا بىراۋ تامامەن تۈيۈق يولغا
مىڭىۋىرىدۇ.2008-يىلى پەقىر رىتىم،دىيارىم،سەلكىن،شەبنەم ،مىسرانىمدا ئابدۇكىرىم ئابلىز توغىرلىق توختالغان،
ئۇنىڭ ئوپراز يارتىش ئۇسۇلى بەزىدە بولماي قالىدۇ،مەسەلەن قىرىنداشلار دىگەن ئىتۇتىدا دادىسىنى باقماي مىراس
دەۋاسى قىلغانلارنڭ ئوپرازى يەنە شۇ بىز يىزىلىق تومپايلار،ئەجىبا گالىستۇك تاقاپ،چاچنى مايلاپ يۈرگەنلەرنىڭ
ئارىسىدا ئۇنداقلار يوقما،ئىبىرەت بولسۇن بىزدەك يىزىلقلارنىلا ئوپراز ۋەكىلى قىلسا ھەرقايسىلىرى توغىرا چۈشەنمەي
مۇشۇ لاي سۇ ئىچكەن سەھرالق ئەقلسزلەر دەپ چۈشىنەرلا ھە قىچان،ئۆز جۇپتىنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ھالقىپ سىڭلىم،
 قىين ئانا دەپ يۈرسە بىز كۈلۈپ بەرسەك بولدىغان ئىش ئوخشايدۇ،بىز ئۇنى قىلالدۇقمۇ،بۇنى قىلالدۇقمۇ،دىگەندەك
يۈزەكى سۇئاللار بىلەن،مۇنبەر ئەھلىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىيما ئىكەن دىگەن ئويغا كەلتۈرمەك ئاسان،بىر نەرسىنىڭ
 ئازراق بولسىمۇ تەنقدچىسى بولمىسا ئۇ نەرسە ئاخىرى جالىشىدۇ،تەمسىز بولىدۇ،كىيىن ئىچىپ-سسىپ تۈگەيدۇ،
ئاخىرىدا بولسا بالدۇرراق بىرەرسى يول كۆرسەتكەن بولسا دەپ پۇشايمان قىلىدۇ،ئاڭلىغان-كۆرگەن كىشنىڭ بولۇپمۇ
ئۇنىڭ ئتۇتلىرىنى پۇلغا سىتىۋالغان تاماششابىننىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ،بۇ يەردە تەكتلىمەكچى بولغىنىم توغىرا
 بولسا توغىرا دىگۈلۈك،خاتا بولسا خاتا دىگۈلۈك،بولۇپمۇ بىرنى-بىر دەپ داڭ چىقارغان سىزدەك خوتەن دىيارىدكى
قىرىندىشمىزغا نىسبەتەن،،،،،،،،،بىز ئۇ توغىرىلىق مۇلاھىزە قىلغىنىمىز بىلەن ئۇنىڭ بىز نىڭ يازمىلىرمىزغا قاراشقا ۋاقتى
 چىقماسلىقى مۇمكىن،مەن بىر قارا دىھقان،ساۋادىم يوق،شۇڭا تومتاق سۆزلەيمەن،يالقۇن روزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋىرستتدا
(بىكخام مۇھىممۇ؟ئىشەكمۇ)دىگەن نۇتىقىدا يالقۇن روزى كىسىپلا ئىشەك مۇھىم دىگەن،چۈنكى ئىشەكنى بىز سەھرالق
دىھقانلار بەك ئىشلىتمىز،ئىتىز-ئىرىق ئىشىدا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ،بىكخام بىزنىڭ بىر مو قونىقىمىزنى ياكى بىرمۇ بۇغدىيمىزنى
ئورۇپ بەرمىگەن،شۇڭلاشقا يەڭگلتەكلىك بىلەن،قۇرۇق سەپسەتە سىتىپ يۈرمەي ئىشنىڭ ماھىتىنى بىلىپ سۆزلىسەك،
سۇئال دىگەننى قويماق ئاسان،يۈزەكى بىر نەچچە سۇئال بىلەن بىر تىمىنىڭ ماھىتىنى بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى بىكىتش ئەخمىقانىلق،ئويلاپ سۆزلەيلى،،يەنە جىق گىپم بارتى، بولدىلا،،
بوران114(يەكەن)

albax 2010-06-11 09:24
تەنقىتلەش-تىللاش،چۆكۇرۇش ئەمەس، ماختاشمۇ ھەقىقى مەنىدىكى قوللاش بۇلۇشى ناتايىن!  نىمىلا قىلسىاق بۇلىدۇ،لېكىن ئادىمىيلىكنىڭ مۇقەددەس پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىز كىرەك!  مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىدە كۆزىتىشىمىز ، ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشىمىز،ئاندىن سەمىمىلىك بىلەن قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىمىز كىرەك!

zulayha 2010-06-11 10:16
مەن ئابدىكېرەم ئابلىزنىڭ خاراكتىرىنى چۈشەنمىسەممۇ شۇنى تەكىتلەشنى توغرار تاپتىم. ئۇنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرىدىكى تېتىقسىزلىق ھەرگىز ئۇ ئۆزىدىكى مەنتىقە بولماستىن بەلكى جەمئىيەتتىكى نوقسانلاردىن كەلگەن ئىلھام. ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدىكى كۆپىنچە مەزمۇن ئۇ سىرتتا ئۇچراتقان ھەقىقى ۋەقەلىك، ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىتتىن كەلگەن. بەلكى ئۇ  كۆرگەنلىرنى يازىدۇ. شىمالدا تۇرۇدىغان ۋاقتى ئاز بولغاچقا شەھەرلەردىكى ناچار مۇھىتنى تەسۋىرلەشكە مۈمكىن بولمايدۇ. يالغاننى ھەم توقۇشقا ئۇنىڭ يۈرۈكى يول قويمايدۇ. سىز دىگەن دىھقاننى ئوبراز قىلغىنى ھەرگىز دىھقاننى چۈشۈرگىنى ئەمەس. ئۇنىڭ يۈرۈگى مىللەت ۋە يۇرت ئېڭىدا بىزگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە يىغلاپ تۇرۇپ سوقۇدۇ. بىز  ئېغىزىمىزدىلا دەپ يۈرگىنىمىز بىلەن ، ئۇ  ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ياراتقان ئوبرازنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مىجەز - خاراكتىرى بولماستىن بەلكى ئۇ ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىللەتلەرنى مىللىتىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئوينايدۇ. سىز دىگەندەك ئايالى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىتوتلارغا چىقىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بىزگە بەرگەن كۈلكىلىرىنى ھەم ئىبرەتلىرىنى تولۇق ھىس قىلغىنىمىزدا  ئۇلارغا بەخىت تىلىسەك بولۇدۇ. ئۇلار زۆرۈرىيەت يۈزىدىن مەجبۇر. باشقا ئارتىسلار بىلەن ئوينىغىنىدىن ئۇلارنىڭ بىللە ئوينىغىنى تۈزۈك مېنىڭچە. ئۇنىڭ ئېرى بۇنىڭ خوتۇنى بىلەن چىقىپ شۇ ئوبرازلارنى ئوينىسا .......مېنىڭچە يەنىلا مۇۋاپىق ئەمەس. يېزا...ئىنساننىڭ يۈرۈكى. ھىچكىمنىڭ ئۇ يەرلەردىكى ھەقىقى ئىنساندەك ياشاۋاتقانلارنى مازاق قىلىشقا ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت يېزىلاردكىلەرنىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل مىللەتنى ئويغۇتۇش خالاس. تار مەنىدىن چۈشەنمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈت قىلىپ ....زۇلەيخا.

musapr 2010-06-11 13:29
  بورانكا   سىزنى كۆرۈپ  خۇش بولدۇم !  
  
            ئېيتقانلىرىڭىز  ئۆرۇنلۇقتۇر ..

boxuk 2010-06-11 19:54
بوران ئەپەندىم باركەنسىز؟.....دىدارغەنىمەت.......شۇنداق ئابدۇكىرىم ئابلىزغا ھىچقايسىڭلار باشقىچە قاراشتا بولماڭلار.....قولۇڭلاردىن كەلسە سىلەرمۇ ئاشۇنداق ئۆزخەلقىڭلارنى كۈلدۈرۈپ باقمامسىلە....چىدىماسلىق قىلماڭلار.......بوراننىڭ ئىيىتقانلىرى توغرا.....


查看完整版本: [-- ئابدۇكىرىم ئابلىز شۇنداق ئادەم...بوران114 --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.037559 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us