查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىدۇ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

okya 2010-09-24 10:55
توردا بولۇۋاتقان تىل توغرىسىدىكى ھەرخىل تالاش-تارتىش ،پىكىرلەرنى كۆرۈپ تىل توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم ،بىز ھازېر  غەمخورلۇق،تەرەققىيات،كۆڭۈل ئېچىش،مەجبۇرىيەت ،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىردە كۆپ خىل تىل ئۆگۈنۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتامىز،كۆپ خىل تىلنى ئۆگۈنۈشتىكى سەۋەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. خەنزۇتىلى: خەنزۇتىلىنى دۆلەت تىلى بولغانلىقى ،مەركەزنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ،غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش ،خىزمەت،تۇرمۇش،سودا ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
2. ئىنگىلىس تىلى : ئىنگىلىس تىلىنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش،چەتئەلدە ئوقۇش ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش، ئۆزىمىزنىڭ خەلقىئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،ساقلاپ قېلىش ،ھەرخىل كومپىيۇتېر تىللىرىدىن ياخشى پايدىنلىنىش ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
3. ئەرەپ تىلى : ئەرەپ تىلىنى كۈندىن -كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان ئىمانىمىز،ناچارلىشىۋاتقان ئەخلاقىمىز سەۋەپلىك ئازلاۋاتقان رېسقىمىزنى قوغداش، ئىمانىمىز ۋە روھىمىزنى كامىللاشتۇرۇشقا دىنغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ياخشى ئۆگۈنىشىمىز كىرەك
4. روس تىلى: روس تىلىنى بىز بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىش ،قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە دۇنيادىكى چوڭ تىللارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز .
5.ياپون تىلى : ياپون تىلنى بولسا ئۇلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرى بىز بىلەن قانداقتۇر مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ،قەدىمى تارىختا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ بولۇشى ،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ياپونىيە خەرىتىسنى تۇنجى بولۇپ سىزغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىزگە قىزقىدىغانلىقى ،بىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، بىزنى تەتقىق قىلدىغانلىقى ئۈچۈن ، ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇش ،تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش ،ئۇلارنىڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
6. تۈرۈك تىلى : تۈرۈك تىلىنى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن تىل ،تارىخ مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ يېقىن قېرىنداش مىللەت بولغانلىقى، سودا ئالاقىسى،مەدەنىيەت ۋە تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش ،تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش، كورىتلار ۋادىسىغا ئوخشاش نادىر تۇرۈكچە فىلىملەردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۆگۈنىۋاتىمىز.
7. ئۆزبىك تىلى : ئۆزبىك تىلىنى  تارىخى -مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا دائىر بەزى كىتاپ ماتىرىياللارنىڭ ئۆزبىك تىلدا بولغانلىقى ،تاشقى سودا مۇناسىۋىتى، تەرەققى قىلغان ناخشا-كىنو سەنئىتىدىن ھوزۇرلىنىش ، ئوز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈگۈنۈۋاتىمىز .
8. ULY:ULYنى بولسا ئۇچۇر ئالاقە ئىنتايىن تېز بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز يانفون قىسقا ئۇچۇرى، MSN, QQ Email دېگەندەك زامانىۋى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئايرىلالمايمىز. ئەمما يۇقىرىقى ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تېخىچە ئەرەپ يېزىقلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى تولۇق قوللاش سەۋىيىسىگە يەتمىدى.ULY  نىڭ ئىملاسىنى توغرا ئىشلىتىش يەنە تور بېكەت ناملىرى، توردا شەخسىي ئىسىم-نام تىزىملىتىش، ماركا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇقۇم قالايمىقانلىشىپ كېتىش، ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا  ULY دەك بىر يانداش يېزىققا ھەقىقەتەن مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزدەك، زۆرۈر ئەھۋالدا ULYنى توغرا بولغان ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئۈگۈنۈۋاتىمىز .
9. ئانا تىل : ئۇيغۇر تىلنى بولسا مەدەنىيىتمىزنى يوقۇتۇپ ،تارىخنى ئۇنتۇپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئۆگۈنۈشىمىز كىرەك.
10. كورىيە تىلى: كورىيە تىلىنى بولسا ئاتالمىش تۇرمۇشقا يېقىن ،تەسىرلىك مۇھەببەت فىلىمىلىرى بولغان (يەنە بىر كۆرسەم ، مۇھەببەت شەرىتلىرى )گە ئوخشاش كىنولارنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ كورىيە يىگىتلىرىگە كۆيۈپ قالغان قىزلىرىمىز،كورىيە گۈزەللىرىگە ئاشىق بولغان يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە كورىيەگە چىقىش ئۈچۈن كورىيە تىلنى ئۈگۈنىۋاتقانلار يوق ئەمەس.
11.ھىندى تىلى: ھىندى تىلنى بولسا ھىندىستان كىنولىرىدىكى شارۇلخان ، روشەن خارتىك لارنىڭ جەلىپكار قىياپەتلىرى ، ئامىنتا بەچچاپ ،ئاسىل مىرا لارنىڭ باتۇر،مەردانە ئوبرازلىرىدىن ھەيرانۇ-ھەس قېلىپ  مەخسۇس شارۇلخانغا خەت يېزىش ئۈچۈن ئۈگەنگەنلەرمۇ بار ئەلۋەتتە.
12. چاغاتاي تىلى "ئۇرخۇن يېزىقى ياكى" قەدىمقى ئۇيغۇر ،پارىس تىللىرىنى بولسا مەڭگۈ تاشلار ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت تارىخى بايلىقلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش،تەتقىق قىلىش،ئۈچۈن ئۆگۈنىشىمىز كىرەك .
13. يەنە تەرەققىياتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن  كومپىيۇتېر ،توربەت تىللىرنى ئۈگۈنۈۋاتمىز.
مۇشۇنداق تىرىشىپلا ئۈگەنسەك يېقىن ئارىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، لىكىن باشقا ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ تىل ئۆگۈنۈش ئۈچۈن بارىلىق نەرسىلىرىمىز (مەدەنىيەت ،ئۆرۈپ-ئادەت، بايلىق،بىلىم ،زىھنىمىز)دىن ئايرىلىپ پۈتۈن مىللەت بويىچە تەرجىمانلىق قىلىپ جان باقىدىغان تەرجىمان مىللەت بولۇپ قالماسلىقمىز كىرەك  ،
دىققەت: كۆپ تىل ئۆگۈنۈش خاتا ئەمەس لىكىن دىققەت قىلىش كىرەككى بىر تىلىنى ياخشى ئۆگۈنۈشىمىز ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتنىمۇ بىلشىمىز ،شۇ مىللەتنى ياخشى چۈشۈنىشمىز كىرەك بۇجەرياندا ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتمىزگە مۇخالىپ ناچارئىللەتلىرنى بىلىپ -بىلمەي يۇقتۇرىۋېلىپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  مەنبە:ئۇيغۇرباي

ئەلى 2010-09-24 11:43
يىغىنچاقلاپ  ئېيتقاندا  ئۆزىمىز  ئۈچۈن  ئۆگىنىمىز~~~~~

ahmat 2010-09-24 12:22
ئۈگەنمىسەك بولمايدۇ

xahadat 2010-09-24 13:18
ئوگەنمىسەك بولمايدا...

handanlik 2010-09-24 13:41
ئۇيغۇرتىلنى ئىنگىلس تىلغاتەرجىمەقىلدىغان دىتال بارمۇ قايسىڭلاردا

turkax 2010-09-24 14:11
مەن تىل ئوگىنىش توغرا كەلسە ئىنگىلىز تىلىنى تاللايتىم ...

upukjan 2010-09-24 14:18
مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئۇقۇساق شۇ نەرسە ئايانكى ،ئۇلار ئۆزئاتىلىغا پۇختا بۇلۇپلا قالماستىن ،دۇنيادا شۆھرەت قازانغان مىللەتلەرنىڭ  تىلىنى ئۈگەنگەن .ناۋايى ،مەھمۇت قەشقىرى....قاتارلىق ئىلىم ساھىبىلىرىمىز شۇنداق كۆپ تىلنى ئۈگۈنۈپ ،شۇنداق نام شۆھرەتلەرگە ئىرىشكەن .دۇنيانىڭ سەرخىللىرى بۇلالىغان.

subatnur 2010-09-24 14:21
يەنەلا  ئەڭ ئاۋال ئاناتىل مۇھىم ھە

sazlan 2010-09-24 14:31
ئالامەت پەيزى تېمىدىن بىرسى مەيدانغا كەپتۇ ، ئاللاھ ئانا تىللىرىمىزغا جان ، چەتئەل تىل ئۆگىنىشىمىزگە بەركەت بەرگەي!!!

zero903 2010-09-24 15:50
ئۆزبەكچە ئۆگېنىش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق خالاس،  باشقا ھەرقانداق تىلنى ئۆگېنشنى خالايمە

huxdil 2010-09-24 23:56
ئەڭ كۆپ يېزىق ئىشلەتكەن ، ئەڭ كۆپ تىل ئىشلەتكەن ديىلىپ جىنىس رىكوردتىنى بۇزغىدەكمىزدە .

hakanxp 2010-09-25 00:41
تىل ئۆگەنگىچە باشقا تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئۆگەنسەك بولمامدا.

umidwar 2010-09-25 11:17
باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلمىسەك ،ھۆددەس ئانىي تاپىتتۇ ئەينا

520ahsa 2010-09-25 14:35
تىل ئۈگۈنۈش ياخشى ئىش.

uyokuguqi 2010-09-25 18:41
نېمىدىگەن جېق ۋاي بولدىلا  

almiliq 2010-09-25 19:10
تىل ئۈگىنىش پەقەت تەرەققىيات ئۈچۈن بولىدىغان ئىش بولسا، بۇ دۇنيادا تىل ئۈگىنىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

ھەمزە 2010-09-27 14:18
ئەڭ ئاسان ئەڭ بەركەتلىك،ئەڭ پاساھەتلىك تىل ئەرەپ تىلى. بۇ تىلنى ئۇگەنسىڭىز ئىسلام دىننى تۇلۇق چۇشۇنۇش مەخسىتىگە يىتەلەيسىز.ئەلۋەتتە ئانا تىلىنىمۇ قوغداش  كىرەك.

fatih204 2010-09-27 14:24
تىلنى ئوگنىپ نەگە ئىشلىتىش مۇھىم مەسلە ،

fatih204 2010-09-27 14:30
بەزى كىشىلىرىمىز بار،خەنزۇچىدىن بىلىدىغىنى پەقەت 40سوز ياكى100سوز   ، لىكىن شۇنچىلىك سوزلىكى بىلەن ،ئىچكىرمۇ ئىچكىر يۇرۇپ سودا قىلىپ ھىلىقى ئازغىنا 100تال سوزلىكلىرىنى يۇزمىڭلاپ پۇلغا ئايلاندۇرالايدۇ،   بىزچۇ بىلىدىغىنىمىز سەككىز ئونمىڭ سوز ، ھەتتا ئىنگىلىزچىنى ھەم بىلىمىز خىلى ، لىكىن شۇ ئازغىنە مائاشقا قاراپ ،ئوگەنگەننى يەپ   ئوتمەكتىمىز،  شۇڭا تىل ئوگەنمەكچى بۇلىۋاتقانلارغا تەۋىسىيە بىر بولسىمۇ ئوگەنگەننى ئىشلىتىشنى بىلىۋىلىڭلار،

amat 2010-09-28 12:51
تىل ئۈگىنىش ياخشى

arken 2010-09-29 13:48
تۇغرا

كامران 2010-09-30 12:54
يولداش لېنىن «ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بىرىدۇ» دېگەن.  ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋزېدۇڭ «ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىك ئەيىپ» دېگەن ئىدى. شۇڭا ھەممەيلەن ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ئائىلە تەربىيىسىدىن باشلاپلا چىڭ تۇتايلى، دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىپ قوش تىللىق بولۇش بىلەن بىللە كۆپ تىللىق بولايلى. كۆپ تىللىق، قوش تىللىق بولۇش ئەجدادلاردىن بىزگە قالغان ئۇدۇم.  شۇنداق بولغان ئىكەن دۆلەتنىڭ قوش تىللىق، كۆپ تىللىق بولۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشايلى!!!!

abdul 2010-09-30 21:48
تىل ئوگىنىشتە  مەن ئنگىلىس  تىلىنى تالايمەن  قاغىنىنى

ھۆر 2010-10-04 22:22
ئۇيغۇرتىلى،ياپونتىلىدا كامالاتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشاي!!!

yattasu 2010-10-09 23:20
بوپتۇ..........................................؟       

ali.polat 2010-10-10 00:16
ئۆز ئانا تىلىمىزنى ياخشى ئۈگەنسەك ۋە ئۆگەتسەك شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە!

amanxa 2010-10-12 00:03
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

salam 2010-10-22 00:23
تىرىشايلى

hanjarbag 2010-10-24 17:00
بەك بەلەن ئىش بولغىدەك،بوپتۇ شۇندا بولسۇن ئانا تىلنىمۇ ساقلاپ.......................................

alpacino 2010-10-25 19:02
تىل ئۆگەنگىچە باشقا تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئۆگەنسەك بولمامدا.
------------------------------------------------------------------------------------

تىل  ئۈگەنگەننىڭ بىرە  يامان  يېرى  بامۇ  قانداق  ؟؟؟؟؟؟؟  

كونىلار  (ئىش ئۇققانغا 1 تەڭگە ،تىل ئۇققانغا 10 تەڭگە  ) دەپتىكەن  بۇ  سۆز  خاتا  ئوخشايدۇ  ھە      .....

uran0999 2010-10-26 19:08
توغرا  دەيسىلەر

uran0999 2010-10-27 18:32
خەنزۇچىمۇ  يېتىپ ئاشا جامائەت

ibrahim 2010-11-10 19:34
TOG  RA AMAS BU NI HAR BIR UYGHUR O GU NAM DA YA ,HAR KIM HALIGINI NIMU?

oguzhan 2010-11-21 23:14
خەنزۇ تىلىنى دوۋلەت تىلى بوغانلىغى ئۇچۇن ئۇگۇنىمىز  دىگىنىڭىزغۇ   بولاپتۇ  لىكىن  ئازسانلىق مىللەت لەرنىڭ  مەدىنىيەت ساپاسىنى كۇتۇرۇش ئۇچۇن دىگىنىڭىز زە.... خەنزۇ تىلنى بىلمىگەن ئادەمدە ساپا يوق مىكەن   ئانداغدا  تەرەققى قىلغان چەت ئەللىك لەرمۇ بىلمەيدىغۇ

attila 2010-12-01 13:39
بىز چۇقۇم ئۆزمىزگە ئەڭ ئەسقاتىدىغىننى ئۆگنىشمىز كېرەك

一天 2010-12-21 17:01
ئۆزىمىز  ئۈچۈن  ئۆگىنىمىز

hilalay 2010-12-21 20:58
يەنېلا ئانا تېلېمېزنې ئۇگەنمېسەك بولمايدۇ.   ئەڭ مۇھېم

hilalay 2010-12-21 21:02

rayhan 2010-12-21 21:17
ئويغۇر ئورۇپ  ئادەت ۋە مەدىنيىتىگە دائىر ماتىريال بولسا يوللاپ بەرسەڭلار قېرىنداشلار

dulbarqin310 2010-12-31 16:43
كىمنىڭ زاماننىڭ كەينىدە بارغۇسى يوق دەيسىلەر، شۇنداقمۇ ؟

dulbarqin310 2010-12-31 16:47
كىمنىڭ زاماننىڭ كەينىدە قالغۇسى بار دەيسىلەر، شۇنداقمۇ ؟

human 2011-01-06 14:23
ئېنگىلىز تىلىنىغۇ سۆزلىيەلەيمەن،ئەرەب تىلىنىمۇ سۆزلىيەلىسەمكەن دەيمەن،شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىنكى  نىشانىم ئەرەب تىلى ئۈگىنىش.

kukturik 2011-01-08 02:25
دوسلارگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ئۇزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ياخشى ئۆگىنەيلى      

ahmad 2011-01-08 10:37
ئۈگۈنۈپ جايىدا ئىشلىتەلىسەكقۇ ياخشى بولاتتى،لىكىن ھازىرقى زامانىمىزدا كۆپىنچە ئۇيغۇرلار بىر جۈملە سۆزگە نەچچە خىل تىلنى ئارلاشتۇرۇپ ئۆز تىلىمىزنى شالغۇتلاشتۇرىۋاتىمىز.

a.kim 2011-01-20 16:39
گەپ تامام...........باشقا مىللەت تىلىنى ئۆگۈنۈش ياخشى ئىش، ئەمما ئۆز تىلىنى ئۇنتۇش نومۇس!!!!
مېنىڭ ئەڭ  ئېچىنىدىغىنىم .....ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىمىزنى بۇزۇپ ئىشلىتىپ،باشقا تىللار بىلەن بىلەن  ئارىلاشتۇرۇپ،ئەبجەش ئىشلىتىپ ،ھەتتا بەزى ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئۇنتۇپلا كەتتۇق ....
   مۇشۇنداق ئويلاپ باقساق ئاز كۈندىن كىيىن بىز يەنە نېمىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز؟! تىلىمىزدىن 32 ھەرىپنى تاپالماي قالمايلى يەنە  قېرىنداشلىرىم!!!!!

hiyanatqi 2011-01-27 00:17
ئەپلەپ ئوزىمىزنىڭ تىلىنى ياخشى ئۇگىنىپ ئاندىن باشكقىسىنى ئۇگەنگىنىمىز ئەڭ ياخشى  ئەپلەپ ئۇرۇمچىنىڭ يەر ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىيالمايمىز چوڭ سۆزلىگەن بىلەن.

dolataogli 2011-05-26 12:40
ياخشى تېمما.

تاش 2011-05-26 13:49
ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ،باللىرىمىزغا ئۆگۈتۈپ بولۇپ ئاندىن باشقا تىللارنى ئۆگەنسەكمۇ بولىتى؟؟؟؟؟؟؟لېكىن،جەمئىيىتىمىزدە تىل ئۆگۈنۈش مودا بولۇپ قالدى.

serik_jaqa 2011-05-26 16:21
قازاقچە

serik_jaqa 2011-05-27 22:53
http://suhbat.kzsahara.com/viewthread.php?tid=20400&extra=page%3D1


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065849 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us