查看完整版本: [-- قۇرئان ئۇقۇشنى ئۇگىنەمسىز1(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قۇرئان ئۇقۇشنى ئۇگىنەمسىز1(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-09-22 14:53
                                                        [attachment=2853]

سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر(بۇخارى رىۋايىتى)

بۇگۇن تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز ئەرەپچە ھەرپلەرگە قۇيۇلىدىغان ھەركەتلەر .


ئەرەپ يېزىقىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش سۇزۇق تاۋۇشلار بۇلىدۇ. ئەمما بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭكىدەك ھەرپ بولماستىن زىر،زەبەر،پىشتۇر. بۇلارنىڭ شەكلى تۇۋەندىكىچە.

َ[attachment=2854]
زەبەر بولسا ھەرپلەرنىڭ ئۇستىگە قۇيلىدۇ. ھەرقانداق ھەرپنىڭ ئۇستىگە قۇيۇلسا ئۇقۇلغاندا ‹‹ئە›› بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەسلەن د بۇ ئەرەپچە ھەرىپتۇر. ھېچقانداق ھەركەت(زىر،زەبەر،پىش) قۇيۇلمىغاندا ‹‹دەل›› دەپ ئۇقۇلىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەرپنىڭ ئۇستىگە زەبەر قۇيۇلغاندا ‹‹دە›› دەپ ئۇقۇلىدۇ.

تۇۋەندە ئەرەپچە ھەرپلارنىڭ زەبەر قۇيۇلغان ئۇقۇلۇش قائىدىسىنى تۇزدۇق.

[attachment=2855]

بۇلارنى ياخشى پەرقلەندۇرۋېلىڭلار. بولسا يېزىپ ئۇقۇپ ئۇگەنسەڭلار ناھايتى تىز ھەرپ تۇنۇيالايسىلەر.
بۇلارنى ھېجىيلاپ ئۇقۇغاندا تۇۋەندىكىدەك ئۇقۇلىدۇ.
[attachment=2856][attachment=2857]


ئامال بار ھېجىيلاپ ئۇگەنگەندە ئۇگەنمەك ئاسان بۇلىدۇ.
بۇگۇن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. چۇشەنمىگەن يەرلەر بولسا خەت قالدۇرساڭلار ياكى چ چ ئارقىلىق سورساڭلار بۇلىدۇ.
ئاللاھ ھەممىڭلارغا ئاسانىشلىق ئاتا قىلسۇن.
[attachment=2858]

ئالدىنقى دەرسىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ./read.php?tid=2962

مەنبەــــــــــــ ھەمزە

zulayha 2010-09-22 15:36
مەن بۇ بەتنى ساقلىۋالىمەن.  اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ھەم رازى بولسۇن. رەھمەت.

sazlan 2010-09-23 00:48
ئەجەپ ياخشى بولدى ، ئاخرىغا تەشنامەن !!!!!!!!

wayest 2010-09-23 23:53
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم : قۇرئاننىڭ  ئەرەپچىسنى ئۈگەنسىڭىز بۇلىدۇ  . چۈنكى  ناماز  سۈرلىرنى توغۇرلىۋېلىشقا پايدىلىق . ئەمما  قۇر ئان بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەيدىغانلار ھەم ئۇنىڭ ساۋابىغا ئىرىشىپ توغۇرا يولدا بولغۇچىلار ئۈچۈن  ئۇنىڭ مەنىسنى بىلىپ ئۇقۇپ  ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىش  زۈرۈردۇر . چۈنكى قۇرئانكەرىم   ئۇ بىر  ئاللاھ تەرىپىدىن ھەقىيقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولغان ، پۈتكۈپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ۋەز نەسىيئەت بولغان ، شۇنداقلا تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان مۇقەددەس كىتاپتۇر .
شۇڭا ھەر  ئادەم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ  نىجاتلىقىغا ئىرىشمەكچى بۇلىدىكەن قۇرئاننى ئۆز  تىلىدىكىنى بىلىپ ئۇقۇپ  ئۇنىڭ ھەربىر  ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ  ئۇنى  بارلىق ساھەلىرگە قانۇن قىلىپ تۇتىۋالسۇن . چۈنكى قۇرئان كەرىم  ئىنسانلار  ئۈچۈن ھىدايەت بولغان ئىكەن ، شۇڭلارشقا يىدايەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن  چۇقۇم ئۇنىڭ مەنىسنى بىلىپ ئۇقۇش كىرەك ! ئۇنداق قىلمىغاندا (يەنى مەنىسنى  بىلمەيلا قۇرئاندىن بىر ھەرىپ ئۇقۇسا شۇنىڭغىمۇ ساۋاپ بىرىدۇ دەپ) ساۋاپ تەما قىلىپ بىلمەيلا ئۇقۇپ قويغان بىلەن ، ھىدايەتتىن پايدىلانغىلى بولمايدۇدە  ساۋاپتىگۈل   گۇناھقامۇھتىلا بۇلىمىز . ...... بۇ ھەقتە  ئاللاھ مۇنداق دىگەن:
يەنى [ تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ- چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، اﷲ نىڭ ئايەتلىرنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ]62-5-ئايەت.
دىمەك ئاللاھ  بىزگە قۇرئاننى  كۆتۈرۈشكە (يەنى ئۇنىڭ بىلەن  ئەمەل  قىلىشقا ) بەرگەن بولسىمۇ بىراق كۈپۈنچە ئىنسانلار ئۇنىڭ مەنىسنى بىلمەيلا  قارغۇلارچە ئۇقۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلالماستىنلا تېخى ئاللاھدىن ئۇيالمايلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپ تەما قىلىپ يۈرۈيدىغان بۇلىۋالدى . ئەمىلىيەتتە ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسنى بىلەلمىگەچكە ھىدايەتتىن پايدىلىنالماي كىتاپ يۈكلەنگەن ئىشەككە ئوخشاپ قالدى .

yasinjan520 2010-09-24 17:35
كۆپ رەخمەت سزگە

lala0999 2010-09-25 02:29
مەن بۇ بىلىملىرىڭىزنى ساقلىۋالدىم . رەھمەت سىزگە . يەنە يوللاپ تۇرارسىز .


查看完整版本: [-- قۇرئان ئۇقۇشنى ئۇگىنەمسىز1(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044816 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us