查看完整版本: [-- كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپيۇتېردىن سۇئال - جاۋابلار -> كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

umid 2010-06-06 14:26
1. ۋېكۇليۇچاتىلنى كۆپ ئېچىشتىن ساقلىنىڭ . ئېلىكتىرون زاپچاسلىردىن توك ئۆتكەندە تېمپېراتۇرسى يوقۇرلاپ ، توك مەنبەسىدىن ئۈزۈلگەندە تېمپېراتۇرسى تۆۋەنلىگەچكە ، ئىسسىق - سوغوقنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تورۇشى كومپىيۇتېر زاپچاسلىرنىڭ تىزلا كونىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىشلىتىش ۋاقتىنى قىسقارتىۋېتىدۇ .<

2 . كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىغا يېقىنلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ . يۇقرى ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇ ، شامالدۇرۇغۇچ قاتارلىقلار كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ . كومپىيۇتېر ئېكرانى ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىردە سۆرەت ئۆزگەرتىدۇ . ئەگەر ئۇزاق مۇددەت بۇنداق تەسىرگە ئۇچىرسا ، ئېكراندا سۈرەت مەڭگۈلۈك ئېگىلدىغان بولۇپ قالىدۇ .

3 . قاتتىق دىسكىنى كۆپ كېتىم فورماتلاشتىن ساقلىنىڭ . دىسكا فورماتلىغاندا دىسكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىگە تەسىر يېتىدۇ ، شۇڭا DNM,NDD قاتارلىق دىسكا ئاسۇرغۇچلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ، دىسكىنى تەكشۇرۈش ۋە ئاسىراش ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

4 .ئىسسىقلىق مەنبەسىگە يېقىنلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك . كومپىيۇتېرنى مەش ، پار قاتارلىق ئىسسىقلىق مەنبەسىگە يېقىن قويماسلىغى ، كومپيۇتېرنىڭ يۇقرى تېمپۇراتۇرىدا تېزلا كونىراپ ياكى بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

5 . قوزغاتقۇچنىڭ چىرىقى يېنىق ۋاقىتتا دىسكىنى مەجبۇرى چىقىرىشتىن ساقلىنىڭ . قوزغاتقۇچ ئىسلەۋاتقان ۋاقىتتا ، ماگىنىتلىق دىسكىنى چىقىرىشقا ياكى كىرگۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ ، قوزغاتقۇچنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ۋە ماگىنىت تاختىسنىڭ بۇلغۇنىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، بۇزۇلۇپ كەتكەن ، زەھەرلەنگەن دىسكىنى قوزغاتقۇچ ئىچىگە قايتا - قايتا سېلىپ ئوقۇش ، يېزىشقا بولمايدۇ .

6 . كومپىيۇتېردىن توك ئۈتىۋاتقان ۋاقىتتا باشقا ئۈسكۈنلەرنىڭ توك مەنبەسىنى ئېچىش ۋە ئۇلاشتىن ساقلىنىك . كومپىيۇتېرغا باشقا ئۈسكۈنلەرنى ، مەسىلەن : پىرىنتىر ،كۆرسەتكۈچ ، ماۇس ، قاتتىق دىسكا قاتارلىقلارنى ئۈزۈپ ئۇلىغاندا كومپىيۇتېرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك .

7 . مەشغۇلات ئۆيىگە زەرەتلىنىشتىن ساقلىنالمايدىغان شۇلياۋ سېلىنما ۋە گىلەملەرنى سېلىشتىن ساقلىنى كېرەك . بۇنداق نەرسىلەر ئاسان زەرەتلىنىپ كومپىيۇتېر ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا زور زىيان يەتكۈزدۇ .سۇڭا بۇ نوختىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ .

8 . كومپىيۇتېر ئىشلىتىشتىن توختىغاندا ياپقۇچ بىلەن يېپىپ ، چاڭ - تۇزاڭدىن ساقلىنىش كېرەك


查看完整版本: [-- كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.043237 second(s),query:2 Gzip enabled

You can contact us