查看完整版本: [-- بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لايىھىلىگەن؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> جۇغراپىيە -> بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لايىھىلىگەن؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kangsay 2010-09-02 20:52
[attachment=2184]
چىڭگىزخان (مىلادىيەنىڭ 1206– يىلىدىن 1227– يىلىغىچە قاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئوكتاي خان (1228–1241)، گويۇك خان (1246–1248) مۇنىكى خان (1251–1259)نىڭ ۋاقتىدا (مىلادىيەنىڭ 1206–1259– يىلىغىچە) شەرقتە تىنچ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە دۇناي دەرياسىنىڭ دېڭىزىغا قويۇلىدىغان جايغىچە ۋە شىمالدا سىبىرىيە دالالىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا كىچىك ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئىمپېرىيىنى قۇرغان موڭغۇللار خېلىلا قالاق ئىدى. ئۇلار دەسلەپ شەرقىي ئاسىيانىڭ دالالىرىدا، ئورمانلىقلىرىدا، چۆللىرىدە ياشايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يايلاق ۋە ئورمانلىق رايونلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزىي ۋە تايانچ جايى قىلىشقان ئىدى. مۇنداق ئەھۋال مۇنىكى خان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان بولغىچە (1251– يىلىغىچە) داۋام قىلدى.

موڭغۇللار ناھايىتى قالاق بولۇشىغا قارىماي جەڭگىۋار، باتۇر خىسلەتكە ۋە بەكمۇ چىڭ ھەربىي ئىنتىزامغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئىگە ئىدى. دالىدا، چۆل – باياۋاندا، قاتتىق تەبىئىي شارائىتتا ھايات كەچۈرۈش، چارۋا – ماللارنى قىرغىنغا ئۇچرىتىدىغان، دائىم بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر (قارنىڭ قېلىن يېغىشى، قۇرغاقچىلىق يىللىرى، ئوت – چۆپ ئۈنمەسلىكى)، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى موڭغۇللارنى قىيىنچىلىققا چىدايدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئۆگەتكەن ئىدى. موڭغۇللاردا قەبىلىۋى مۇناسىۋەت ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە موڭغۇللار چىڭگىزخاندەك ساۋاتسىز بولسىمۇ، ناھايىتى ئەقىللىق، ھوشيار، بەكمۇ ھىيلىگەر، ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە، كارامەت قەھرىماننىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە ئىدى.

چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا بەل باغلىغاندىن تارتىپ، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەن ئىدى.

دەل شۇ چاغدا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ئىدى. چىڭگىزخان ئالتايلىق، بېشبالىقلىق، تۇرپانلىق، قاراشەھەرلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك ئۇيغۇرلاردىن يۈزلىگەن، مىڭلىغان قابىل كىشىلەرنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى – تاشقى، چوڭ، مۇھىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلغان ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك باش ۋەزىرى قىتان شاھزادىسى يىلوچۇساي كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىڭگىزخانغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئوقتا ياسايدىغان ئۇستا كېرەك بولغاندەك جاھاننى سوراشنى بىلىدىغان ئۇستا كېرەك» (چىيوشۇسىڭ «جۇڭگو تارىخى ھېكايىلىرى» خەنزۇچە 11– بەت).
ئۇيغۇرلاردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان كىشىلەر تەجرىبىلىك سىياسىئونلار، ھوشيار، ئۇستا دىپلوماتلار، ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ئەڭ نازۇك سىرلىرىنى بىلىدىغان ھەربىي ئىستراتېگىيىلەر، تاكتىكىلار، ھەربىي تېخنىكلار، چىداملىق، قەيسەر سەيياھلار، دېڭىزچىلار، قۇرۇلۇش ئىنزھېنېرلىرى، ئىلىم – پەنگە توشۇق ئالىملار، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان تىلماچلار، شائىرلار، تارىخچىلار، خەتتاتلار، رەسساملار، مۇزىكانتلاردىن ئىبارەت ئىدى.

چىڭگىزخان بىرىنچى قەدەمدە موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچ توپلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىمال (شەرقىي سىبېرىيە) ۋە غەرب (شەرقىي ئالتاي)دىكى تۈركىي قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغان ئىدى.

چىڭگىزخان مىلادى 1204– يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.

چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىدا يېزىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئىلخانىلار (مىلادىيەنىڭ 1258– يىلىدىن 1335– يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نىڭ ئالاقىلىرى ئۇيغۇر، پارسچە يېزىقتا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى (1231– 1370) بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1227–1502)دا بولسا رەسمىي دۆلەت تىلى، يېزىقى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ، تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئىدى. موڭغۇل خانلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق تىل، موڭغۇل بەگلىرى ئارىسىدىكى ئەدەبىي تىل، رەسمىي سىياسىي ئالاقىلەردە قوللىنىلىدىغان تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى.

ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بائورچوق ئارتېكىن مىلادىيەنىڭ 1210– يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بېشبالىقلىق (ھازىرقى جىمسار ئەتراپىدا) ئۇيغۇرلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىندى.

چىڭگىزخان مىلادى 1206– يىلى قاغان بولغاندىن باشلاپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى باشلىدى.

چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1215– يىلى جۇرجىت خانلىقى (1115– 1234)غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1219– يىلىدىن 1225– يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇ مەسلىھەتچى بولۇپ بارغان ئىدى.

چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار جەلپ قىلىندى.

چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى بولغان توراقايا، بۇلادقايا قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىش يېتەرلىك.

توراقايا بېشبالىقلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى. توراقايا چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ خارەزم شاھ دۆلىتىگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئىچىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىملاردىن ئىدى. بۇلادقايا بولسا چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى يولىخاننىڭ ئورۇنباسارى بولغان. بېشبالىقلىق بۇلادقايا، چىڭگىزخان مىلادىيەنىڭ 1215– يىل بېسىپ ئالغان جۇڭدو (جۇرجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى)غا ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچى ۋە نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن (مىلادىيەنىڭ 1215– يىلىدىن 1223– يىلىغىچە) جۇڭدودىكى باش ۋالىي موڭغۇل سەركەردىسى موغالى ئىدى. موغالى مىلادىيەنىڭ 1223– يىل ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭدوغا بۇلادقايا ئەۋەتىلگەن. بۇلادقايا جۇڭدودا تۇرغان مەزگىلىدە شىمالىي جۇڭگوغا موڭغۇللار نامىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇ چاغدا جەنۇبىي جۇڭگو جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (1227– 1279)نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى.

موڭغۇللار مىلادى 1279– يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، تولىيخاننىڭ ئوغلى قۇبلەيخان 87 يىل ھۆكۈم سۈرگەن يەن سۇلالىسى (1279–1368)نى قۇرغان، ئۇيغۇرلار مانا شۇ يەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىۋالغان.

قۇبلەيخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىگە (1279–1368) ئۇيغۇرلاردىن لەنششەن (مىلادىيەنىڭ 1231– يىل تۇغۇلۇپ، 1280 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ساڭگا (؟–1291)، ئەھمەت (مىلادىيەنىڭ 1282– يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ئەل يىغمىش (مىلادىيەنىڭ 1320– يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، مەڭگوتېكىن (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شىيبان (مىلادىيەنىڭ 1197– يىلى تۇغۇلۇپ، 1276– يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، مەڭسۇر (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىدىن (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن) قاتارلىق ئۇيغۇرلار خانبالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭدا) ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاددىيلىقى، كەمتەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، قابىللىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان لەنششەن، مەڭسۇر، مەڭگوتېكىن، شىيبان، ئەل يىغمىش، ئەختەرىدىن قاتارلىقلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش كېرەك.

لەنششەن مىلادىيەنىڭ 1231– يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بېشبالىقتا تۇغۇلغان. ئۇيغۇر قۇبلەيخاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان، مىلادىيەنىڭ 1259– يىلى مۇنكى قاغان ئالەمدىن ئۆتكەن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇمنى ساقلاشقا تەيىن قىلىنغان ئارىغ بوقا (قۇبلەيخاننىڭ ئۇكىسى) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا قۇرۇمدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانلىق ئورنىنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق جىددىيلەشكەندە، قۇبلەيخان مىلادىيەنىڭ 1260– يىلى لەنششەننىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن قاغان سايلاشتىكى ئەنئەنىسىگە خىلاپ ھالدا كەيفىندە ئۆزىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپ جاكارلايدۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ قۇبلەيخان بىلەن ئارىغ بوقا ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. قۇبلەيخان ئارىغ بوقانى تارمار قىلىپ، قارا قۇرۇمنى ئىگىلىۋالىدۇ، مىلادىيەنىڭ 1264– يىلى ئارىغ بوقا قۇبلەيخانغا تەسلىم بولىدۇ.

موڭغۇللار مىلادى 1279– يىلى پۈتۈن جۇڭگونى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قوبلايخان يەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ، بېيجىڭنى پايتەخت قىلىدۇ. لەنششەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قۇبلەيخانغا باش ۋەزىر بولىدۇ.
مەڭسۇر قۇبلەيخاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. قۇبلەيخان ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەندە، باش ۋەزىرلىكنى قوبۇل قىلمىغان. مەڭسۇر ناھايىتى ئەقىللىق، بەكمۇ بىلىملىك ئادەم ئىدى.

مەڭگوتېكىن بولسا قۇبلەيخاننىڭ ئۇستازى ئىدى، قۇبلەيخان ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشكەن.

شىيبان بولسا مەشھۇر، ئۇستا دىپلومات ئىدى. ئۇيغۇر قۇبلەيخاننى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، شىيبان ئوكتايخان بىلەن قۇبلەيخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادى 1276– يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئەھمەت قۇبلەيخانغا ۋەزىر بولغان. ئۇ ناھايىتى قابىل بولۇپ، باش ۋەزىرگە تەڭ ئابرۇيغا ئىگە ئىدى.

يەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قۇبلەيخان، تۆمۈرخان، ئىسەنخانلارنىڭ ۋاقتىدا (مىلادى 1270– يىلىدىن 1320– يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەل يىغمىش ئاتلىق ئۇيغۇر بىر نەچچە قېتىم ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىگە بارغان. ئەل يىغمىش مىلادى 1272– يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە ئەلچى بولۇپ بارغان. ئەل يىغمىش دېڭىز ئوكيان ئارقىلىق ھازىرقى سىرىلانكا، ماۋرىييە (ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ھىندىچىنى، ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇيغۇر قايتىشىدا چەت ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا – دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
قۇبلەيخاننىڭ ئەل يىغمىشنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا (ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە ھىندىستانغا)، ھىندونېزىيىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى شۇ دۆلەتلەر توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىدى. چۈنكى قۇبلەيخان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندونېزىيىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزاقتىن بېرى تەييارلانماقتا ئىدى.

دېگەندەك قۇبلەيخان مىلادى 1279– يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، شەرققە — ياپونىيىگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا، ھىندونېزىيىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى.

قۇبلەيخاننىڭ مىلادى 1280– يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان كېمىلەر بىلەن تەمىنلىگەن 165 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان قۇدرەتلىك چوڭ قوشۇنىنى (بۇنىڭ 120 مىڭى خەنزۇ ۋە كورىيىلىك جەڭچى) دېڭىز ئارقىلىق ياپونىيىگە ماڭدۇردى. لېكىن بۇ چوڭ تاجاۋۇزچى قوشۇندىن ناھايىتى نۇرغۇنى تىنچ ئوكياندا بورانغا ئۇچراپ غەرق بولغان، نەتىجىدە موڭغۇللارنىڭ ياپونىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغان.

قۇبلەيخان ياپونىيىگە قىلغان يۈرۈشىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1283– يىلى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىرىدىكى ۋيېتنام، مالاييا، بېرما، كامبودزھا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ئەل يىغمىش موڭغۇللارنىڭ ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان، ئۇ يەنە موڭغۇللارنىڭ 1293– يىلى ھىندونېزىيىگە قىلغان يۈرۈشىگىمۇ قاتناشقان. ئەل يىغمىش قۇبلەينىڭ ھىندونېزىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (موڭغۇللار ئوكيانىيىنىڭ ئىسسىق ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشالماي ئىچ ئۆتكۈ كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانىكەن) خانبالىققا قايتىپ كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئورۇنباسارى بولغان. مىلادى 1320– يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

قۇبلەيخاننىڭ ۋاقتىدا، ئەختەرىدىن ئاتلىق ئۇيغۇر ئىنژېنېر ئۆتكەنىكەن. ئەختەرىدىن ئوردا ۋە شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرىدىغان چادىر مەھكىمىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن.

ئەختەرىدىننىڭ شەرق تارىخىدىكى تۆھپىسى ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى لايىھىلەپ بىنا قىلىشىدا.

بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى — «يىلنامە دەۋرى» (مىلادىدىن 770– يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 475– يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)، «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى» (مىلادىدىن 475– يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 221– يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)دىكى يەن بەگلىكىگە پايتەخت بولغان، ئۇ چاغدا جىچىڭ دەپ ئاتىلاتتى. چېن شىخۇاڭ مىلادىدىن 221 يىل بۇرۇن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن جىچىڭ شەھىرى چېگرا مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان. جىچىڭ شەھىرى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن 207 – يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادى 220– يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، سۈي سۇلالىسى (581–618)، تاڭ سۇلالىسى (618–907) دەۋرلىرىدىمۇ مۇھىم ھەربىي شەھەر بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (960–1279) جىچىڭ شەھىرىنى مىلادى 960– يىللىرى قىتانلار بېسىۋالغان. جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن جۇرجىت خانلىقى (1115–1234)، يەن سۇلالىسى (1368–1279)، مىڭ سۇلالىسى (1368–1644)، چىڭ سۇلالىسى (1644–1911) قاتارلىق تۆت سۇلالە جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان.

شەرقىي قىتان خانلىقى (916–1125) مىلادى 1053– يىلى جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ بېيجىڭ 800 يىلدىن كۆپرەك تارىختا ئىگە.

تارىخى ئۇزۇن بولغان بېيجىڭ نامى تۈرلۈك تارىخىي شارائىتتا ھەر خىل ئارتىلىپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (168–907) يۇجۇ، قىتان خانلىقى دەۋرىدە (916–1125) پىدۇ، يەنجىڭ، جۇرجىت خانلىقى دەۋرىدە (1115–1234) جۇڭدو دەپ ئاتالغان. يەن سۇلالىسى دەۋرىدە (1279–1368) خانبالىق دەپ ئاتالغان. پەقەت چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا (1644–1911) بېيجىڭ دەپ ئاتالغان.

ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسىي يەن بەگلىكى (مىلادىدىن 7 ئەسىر بۇرۇن)نىڭ پايتەختى جىچىڭ شەھىرىمۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك شەرقىي قىتان خانلىقى، جۇرجىت خانلىقى دەۋرىدىكى يەنچىڭ، جۇڭدو شەھىرىنىڭ ئاساسىمۇ ئەمەس. بېيجىڭ پەقەت موڭغۇللار بىنا قىلغان خانبالىق شەھىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى ھالغا كەلگەن.

چىڭگىزخان مىلادى 1251– يىلى  2– قېتىم ناھايىتى چوڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، جۇرجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى جۇڭدونى بېسىۋالغاندا، شەھەرگە ئوت قويۇپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭدو شەھىرى بىر ئايدىن ئارتۇق كۆيۈپ، قورقۇنچلۇق بىر خارابىزارلىققا ئايلىنىپ كەتكەن.

مانا شۇ ۋەقەدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن (مىلادىيەنىڭ 1268–يىلى) قوبلايخان جۇڭدو شەھىرىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە، يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، پايتەخت قىلىش قارارىغا كەلگەن.

ئەختەرىدىن قۇبلەيخاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پايتەختنىڭ غايەت چوڭ، مۇرەككەپ لايىھىسىنى ئىشلەپ چىققان ۋە شۇ لايىھە بويىچە «خانبالىق» دەپ ئاتالغان پايتەختنى بىنا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان.
موڭغۇل قۇرغان يەن سۇلالىسى (1279–1368)نىڭ تۇنجى خانى قۇبلەيخاننىڭ زامانىسىدا خانبالىقنىڭ بىنا قىلىنىشى تارىختا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.

«ئەختەرىدىننىڭ لايىھىسى بويىچە، بىرىنچى قەدەمدە يەرنىڭ قىيپاش شەكلىگە ئاساسەن، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى ياسىلىپ سۇ ئاقىدىغان ساپال نوكەشلەر ئورنىتىلغان، ئىككىنچى قەدەمدە، خانلار تۇرىدىغان ئوردىلار تەبىئىي مەنزىرىسى چىرايلىق جايلارغا سېلىنغان. ئەختەرىدىننىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن، ھازىرقى جۇڭنەنخەي، ۋە بېيخەي كۆللىرى بىنا قىلىنىپ، خان ئوردىلىرى شۇ كۆللەرنىڭ ئىككى قىرغىقىغا سېلىنغان. ھازىرقى جىڭشەن باغچىسىنىڭ ئەتراپىغا خان ئائىلىسىنىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى بىنا قىلىنغان» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1– كىتاب، 122– بەت).

خانبالىقنىڭ «كوچىلىرى چوڭ كوچا، كىچىك كوچا ۋە خۇتۇڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ خىل كوچىدىن ئىبارەت بولغان ؛ چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 24 قەدەم، كىچىك كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 12 قەدەم ئىدى. شەھەرگە 364 چوڭ ۋە كىچىك كوچا، 2009 خۇتۇڭ ياسالدى ؛ بۇنداق كوچىلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى قاتناشنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىپ، تار قىلىپ ياسالغان. كوچىلارنىڭ كەڭلىكىنى ھازىرقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىر، كىچىك كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 7– كىتاب، 124– بەت).

خانبالىقتىكى ئوردىلار، كۆللەر، باغچىلار، كۆۋرۈكلەر، كوچىلار، شەھەر دەرۋازىلىرى، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ شەرت – شارائىتلىرى ۋە يەرلىك ئەھۋالىنىڭ بەزىبىرى جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ياسالغان» (لييۇۋېيجۈن: «غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1– كىتاب، 122– بەت).

ئەجدادلىرىمىز ھونلار دەۋرىدىن تارتىپ (بۇنىڭدىن 5000 يىللار بۇرۇن) ھازىرقى جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەختەرىدىننىڭ خانبالىقنى (بېيجىڭنى) بىنا قىلىشتا ياراتقان ئۇلۇغ، شانلىق تۆھپىسى تارىختا مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز مۆجىزە.


مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژورنىلى
1988– يىل 4– سان

xayik 2010-09-03 00:03
ھەجەپ ھاردۇقۇم چىقتى. رەھمەت ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلسۇن !.........

oglan 2010-09-03 00:20
ئۇقۇپ بۇلۇپ يەنە بارمۇدۇ دەپ سورۇغۇم كەلدى ........ ھارمىغايسىز شۇنداق ياخشى تېمىكەن بۇ!

xahla91 2010-09-03 01:46
يەنە بىر ياستۇق ،،،،،،،،،،

bahram 2010-09-03 05:25
مۇڭغۇل قۇرغان يەن سولالىسىمۇ ياكى يۈەن سولالىسىمۇ ؟

maslakdax 2010-09-03 10:44
بۇنىڭغا كۆپ سانلىق مىللەت ئىشىنەرمۇ؟

maslakdax 2010-09-03 10:46
شەخلا خان،ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى روھى ئۇزۇق قىلسىڭىزمۇ  بولىدۇ.گەپ ئۆزىڭىزدە.

almiliq 2010-09-03 15:29
بىز ئەلمىساقتىن باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ كەلگەن خەلق، تارىخ بەتلىرىگە نەزەر سالساق باشقىلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ، باشقىلار ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۇرۋاتقان خەلق، ئۆزىمىزگە تەۋە بولمىغان شەيئىلەردىن پەخىرلىك ھىس قىلىپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلىدىغان ئىنساپلىق خەلق. بىزنىڭ ئەزەلدىن ھىچكىمگە ئۇۋالچىلىق يەتكۈزگەن ئەمەس. شۇڭا بىز بەكمۇ بەختىلىك ياشاۋاتىمىز...............

tanha520 2010-09-03 16:55
مەن بېلمەيمەن

dilxikar 2010-09-03 17:45
   تارىخىي يازمىلاردا ئېنىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەت بۇ، بىز پەخىرلىنىشكە تامامەن ھەقلىق (بۇنى دەستەك قىلىپ ياستۇقنى قىرلاپ يېتىشقا ئەمەس، يەنە تىرىشىشقا)

ediqut 2010-09-03 19:56
مېىنىڭچە ھازىرقى خان ئوردىلىرى يۈەن سۇلالىسى ۋاقتىدا بىنا قىلىنمىغان ، ئۇ قۇرۇلۇشلارمۇ 800 يىلللىق تارىخقا ئىگە ئەمەس . ، بۇ قۇرۇلۇشلارنى مىڭ ۋە چىڭ  خانلىرى بىنا قىلغان بولۇشى مۈمكىن . ئەختەرىدىن پەقەت بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەسلەپكى شەھەر قۇرۇلىشىنى لايىھىلەپ بەرگەن . بېيجىڭ شەھىرى شۇندىن باشلاپ شۇ ئەختەرىدىن لايىھىسى بىلەن كىچىكلىكتىن زورايغان بولۇشى مۈمكىن .

ھۆر 2010-09-03 22:51
تاڭ سۇلالىسىغىمۇ ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرلىرى ياردەم قىلىپ ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتتى.   

albax 2010-09-04 15:58
مەندىن ئالمىغان ، ئۇزۇڭنىڭ نەرسىسىمۇ بارمۇ سىنىڭ ؟  

babachaq 2010-09-04 20:07
قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن بەزىدە بۇ راسىتمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.

dost119 2010-09-04 22:31
بەك ياخشى!     

ھۆر 2010-09-04 23:13
قالتىس!!!

rukuya 2010-09-09 12:46
ئەنئەنە  ھەققىدە بولغاندا پاراڭ،
تارىختىن سوزئېچىپ سايراپ كىتىمىز.
ئىجادى مىھنەتكە ۋارىسلىق قىلماي،
ماختىنىش بىلەنلا يايراپ كىتىمىز.

بۇ شېئىرنى قايسى شائىرمىز يازغاندۇ؟

adil 2010-09-20 20:20
ئەسلى تارىخچىكەنسىز

كامران 2010-09-30 16:25
لېكىن مۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بېيجىڭ خان سارىيىنى بىر ئالەمشۇمۇل قۇرۇلۇش دېسەك بولىدۇ.  ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ قۇرۇلۇش جۇڭخۇا مەدەنىيەت تارىخىدا، بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ................
بۇ يەردە دەپ ئولتۇرغان بىلەن، قالغىنىنى پۇرسەت بولسا بېيجىڭغا بېرىپ كۆرۈپ باققايسىلەر.

tengriqut 2010-10-06 17:28
ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچ تۆۋەنلەپ  كەتكەندە ئىلگىرى ئۆزى قىلغان ياخشى ئىشلارنىمۇ مەن قىلدىم دېيىشكە جۈرئەت قالمايدىغان ئوخشايدۇ............،   بۇ ماقالە گەرچە ئەمەلىيەت بولسىمۇ باشقىلار تۈگۈل ھەتتا ئۆزىمىزگىمۇ لاپ ئۇرۇۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن......................

serguzexte 2010-10-11 10:55
خانبالىق سارىيىنى لاھىيلىگەن ئەختەرىددىننى خۇيزۇلار  ئۆزىنىڭ مەشھۇر تارىخى شەخىسلىرى قاتارىدا سانايدىكەن.

kapsiz 2010-10-11 23:32
مۇڭغۇللار قۇرغىنى يۇەن سۇلالىسى، تىمىدا خاتا يىزىلىپ قالغەندەك تۇرىدۇ!!!!!!

yarxari 2010-10-22 13:26
مەن  لاھىلىگەن

爱bulamdu 2010-10-23 02:29
بىر قىتىم ئۇقۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىكەن

uyguriya 2010-10-28 18:02
ئاپىرىن  بىز نىمە دىگەن ئاق كۆڭۇل ۋە رايىش .بىزدە ئەزەلدىن بىرىش بوپتۇ  ساقلاش بولماپتۇ 

abdul 2010-11-07 17:24
ھەجەپ ھاردۇقۇم چىقتى. رەھمەت ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلسۇن

abdul 2010-11-07 17:26
ئاپىرىن  بىز نىمە دىگەن ئاق كۆڭۇل ۋە رايىش .بىزدە ئەزەلدىن بىرىش بوپتۇ  ساقلاش بولماپتۇ  

yolwas123 2010-11-07 23:01
خانبالىق سارىيىنى لاھىيلىگەن ئەختەرىددىننى خۇيزۇلار  ئۆزىنىڭ مەشھۇر تارىخى شەخىسلىرى قاتارىدا سانايدىكەن.



؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

uighur-biz 2010-11-18 17:15
  

uighur-biz 2010-11-18 17:15

@bayawan@ 2010-11-26 11:08
مەن تارىخې  كىتاپلارغا  قاراپ باقسام  بۇ يازما بىلەن كىتاپتىكىسى  ئوخشاش .         يىلنامە     ھەتتا  كېشى ئىسىملېرىمۇ ئوخشاش  ئىكەن  .  ھەم   يۈەن  سۇلالىسى  ئەمەس.    يەن  سۇلالىسى ئىكەن!!!       توپتوغرا..........!!!!

attila 2010-12-01 17:00
ئىشەنمسە  مەيلى ھەقىقەت ئېگىلدۇ سۇنمايدۇ.ئاڭلىمغانمۇ؟  غەلبە قىلغۇچى تارىخنى مەغلۇب بولغۇچىنىڭ دۇمبىسگە يازىدۇ .

boratekin 2010-12-17 11:33
رەخمەت، مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.( كۆز تەگمىسۇن)

mamatjan515 2011-01-01 20:51
بۇبەك ياىشى تىما بوپتۇ.       

biliwal 2011-01-23 18:06

داۋان 2011-04-07 01:34

salkin 2011-05-09 23:14
يۇەن سۇلالىسى دەيمىز ... قۇبلايخان تەرپىدىن مۇڭغۇل خانلىقى نامى ئۆزگەرتىلگەن ...

saykang 2011-07-20 17:41
  بېيجىڭ خان ئوردىسىنى لايىھىگەن مەن ئەمەس.

deyarem 2011-08-15 17:29
ھەجەپ ھاردۇقۇم چىقتىبۇنىڭغا كۆپ سانلىق مىللەت ئىشىنەرمۇ؟

مۇناجات 2011-11-11 23:19
ۋاھ ۋاھ ۋا ھ ... مېنىڭ باشلىرىم ئاغرىپ تۇراتتى  بۇنى ئوقۇپ تېخىمۇ  ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، باش ئاغرىقىم قويۇپ روھلىنىپ قالدىم ....   ئەجدادلىرىمىز بىزگە مۇشۇنداق شانلىق ناملارنى قالدۇرۇپ كەتتى ...  بىز بۇنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز كېرەك ...
ئىتتىپاق بولىشىمىز كېرەك ..  كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى ...  

ئۆتۈكەن 2011-12-04 21:32

رىشتە 2012-01-19 12:16
يەنە بىر ياستۇق ،،،،،،،،،،

تۇرسۇن80 2012-02-18 04:31
بۇگەپ توغراسىدا بىر بېيجىڭلىق خەنزۇ يولداش بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق .مەن دىدىم .同志这个首都北京成总设计是维族人。。نىمە دەيدۇ دىمەمسىلە 哎呀兄弟之间不要抢城市了。。。ۋاھ ماگەپنى يەنە سورىدېم .你脸皮太厚了啊。نىمە دېدى دىمەيسىلە 优点了。。

رىشتە 2012-03-23 11:52
بۇنىڭغا كۆپ سانلىق مىللەت ئىشىنەرمۇ؟


查看完整版本: [-- بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لايىھىلىگەن؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053920 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us