查看完整版本: [-- بىز --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> بىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tuman 2010-09-02 14:34
بىز تىجارەت بىلەن باي بولساق ئەرلىرىمىز  بىرىنجى بولوپ تام ئۆيلەرنى بۇزۇپ خىش بىلەن يىڭى ئۆي سالىمىز،
ئۆي ئىچىنى كاتتا بىزەيمىز ،ئىسىل ئۆي جازىلىرىنى ئاللىمىز ،ئۆينى ياساپ بولۇپ،ئىككىنقى قىتىمدا ماشىنا ئالىمىز، ماشىنىنىڭ ئىككى ئەينىكىنى ئىچىۋىتىپ سازنى بولىشىغا قويۇپ،
كورەڭلىك بىلەن چوڭ كوچىلاردا ماڭىمىز.ئارمانغا يەتكەندىن كىيىن قوش نىكالىنىشنى ئويلايمىز ھازىرقى زامان قىزلىرى (مەيلى ئالى مەكتەپ ئوقوغانلار) بولسۇن تەييارغا ھەييار بولوشقا ئامراق بۇنداقلارغا ساپ مۇھەببەت كىرەك ئەمەس بىزدە پۇل ، ئۆي ،ماشىنا بولسىلا بولدى .ئايالى بارمۇ بالىسى بارمۇ كارى يوق كەينىمىزدە يۇرىيدۇ .شۇنىڭ بىلەن جاپادا قۇرغان ئۇۋىلار بۇزىلىدۇ ،باللارنى يىتىملار كوچىسىغا كىرگىزمىز.

بىز ئاياللار باي بولغاندىن كىيىن بىرىنجى بولۇپ مودا بولغان ئالتۇن تاقايمىز .ئېسىل ماركىغا قاراپ كىيىم كىيىمىز .قاتار چايغا كۆز كۆز قىلىپ رىستۇرانلاردىن كەلمەيمىز،
ئويدە باللار تاماقسىز قالسىمۇ كارىمىز يوق،توي توكۇندىن قالمايمىز.

بىز كەمبەغەل بولساق، ئەرلىرىمىز تام يولەپ تاماكا چىكىپ جاھاننىڭ سوزىنى قىلىپ كەچ كىرگىزمىز ،باشقىلارغا كۇنلۇك ئىشلەشنى نومۇس دەپ بىلىمىز ،بايلارنى كورەلمەي كەينىدىن قۇسۇر ئىزلەيمىز، باشقىلاردەك بۇدولكا تىرىپ سېتىشنى ھەرگىز قىلمايمىز.ئۆيدە يەيدىغان يوق بولسىمۇ،ئىككى بىلىكىمىزنى خار قىلمايمىز.

ئاياللىرىمىز كەمبەغەل بولسىمۇ قاتار چايدىن قالمايمىز،ھويلىلار ئاق قالسا قالىدىكى ھەرگىز سەي تەرمەيمىز،توت تەڭگە پۇل تاپساق ئاشخانلاردا غىزالىنىمىز.غەيۋەتسىز ياشىمايمىز.


بىز بىز بىز.....يەنىلا مۇشۇنداق ماڭىۋەرسەك قانداقمۇ كېلەچەكتىن سۈز ئاچقىلى بولسۇن!!!
كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىز  ئۇچۇن ،تىخىمۇ تىرشايلى!!!!!
 مەنبە:تۇمان 

maslakdax 2010-09-02 15:11
بىزدىكى ئىللەتلەر ئاران شۇنچىلىكما؟

ھەمزە 2010-09-02 15:23
‹بىز›نى مۇنبەردە تۇلۇق شەرىھلەش تۇلىمۇ مۇشكىل ئىش. ‹بىز› بەكلا ئىقتىدارلىق..................

tanha520 2010-09-03 17:11
كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىز  ئۇچۇن ،تىخىمۇ تىرشايلى!!!!!    بەك  ياخېش  تېما ئېكەن

oglan 2010-09-04 00:40
ھەقىقەتتەن ياخشى تېمىكەن! چۇقۇم كۇچ چىقىرىش كېرەك!

pigan 2010-09-14 01:14
راس دەيسىز

fatih204 2010-09-16 11:59
بەزىلىرىمىز تىللاپ تۇرىمىز ،سۇكۇپ تۇرىمىز،يەنە قىلىدىغاننى قىلىپ تۇرىمىز،

abdul 2010-09-20 16:48
ئاران   شۇنچىلىكمىكەن

yarxari 2010-10-22 13:34
بەك  ياخشى يېزىپسىز   قەدىرلىك دوستۇم

illikbahar 2010-11-29 01:08
مۇشۇنداق     كوپرەك       بولېشې       كېرەك           مېنېڭچە

illikbahar 2010-11-29 01:09
مۇشۇنداق       تېمېلار      كوپ        بولسا

akbarmamatez 2010-12-03 16:24
مىللەت نى خار قىلغان  ئللەت  

abdimijit 2010-12-20 17:52
مەن بىزنىڭ  ئېچىدە ئەمەس خە

muhammat7 2010-12-20 18:28
ھەرقايسى ئاكا-ھەدىللىرىمنىڭ دىگىىنى ئورۇنلۇق!

karakax 2010-12-31 23:04
بەك  ياخشى يېزىپسىز      

تاش 2011-01-01 14:31
«بىز»دە خېلى جىق ئىللەت بار.ئۇنچە خاپا بولۇپ كەتمەيلى.  مۇشۇ مۇنبەردىمۇ نەچچىڭ بار؟شۇنداق «بىز»لەردىن.ئىللەتنى كۆرسىتىپ بەرگەننى تىللايدىغانلار   يامان بولۇشساڭ  ئەختەم ئۆمەرنى ،ئابدۇرېھىم دۆلەتنى،ئابدۇلئەھەت ئابدۇرېشىت بەرقىينى تىللاپ  بېقىشە  قېنى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!ئۆزىدىكى ئىللەتنى ئىتىراپ قىلالمايدىغان كىشىلەر بولغاچقا   بىز تېخىچە«بىز»بولۇپ كىتىۋاتىمىز  شۇ!!!!!!جىق گەپ قىلماي!!

paris 2011-01-27 20:15
ھەممىسى ئەمىلىيەت.

بىناۋا 2012-02-09 09:07
ھەربىر ئۇيغۇر بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىگە <<مەن كىم؟>> دەپ سوئال قويۇشى كېرەك.بۇنىڭ جاۋابى <<مەن--ئەمەت،مەمەت،ئاسىيە،ئالىيە....>> ئەمەس،ئەلۋەتتە.


查看完整版本: [-- بىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051925 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us