查看完整版本: [-- ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<  1   2  >>  Pages: ( 2 total )

iltebir 2010-11-24 23:36
بىزنىڭ مەكتىۋىمىز    2004-يىل بىرلەشۈرۈلگەنىڭياقى بىر قىتىممۇ ئۇيغۇرچە پائاليەت قىلىپ باقمىدى. يىڭى بىرلەشكەندە كوممۇنىزىم ناخشىسنى ئۇيغۇرچە ئىيتاتتى كىيىن سنىپلار ئارا مۇسابىقە دەپ بۇ ناخشىنى خەنزۇچە ئىيتىدىغان بوپكەتتى.ئشقىلىپ ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنىنى خەنزۇچە تامامەن ئىلىپ بولدى.بىزنىڭ مەكتىۋىمىزدە 2000دەك ئوقۇغۇچى بار .ئۈرۈمچى شەھىردىكى چوڭ مەكتەپلەرنىڭ بىرى.بىزنىڭ  مىللەت ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى 80  پىرسەنتتىن كۆپ.بىزنىڭ باشلىىقنىڭ گىپى بىر تىيىن ھەي بولدى سۆزلىمەي........

uran0999 2010-11-25 16:48
نىمە دەي ئەمدى   ماركىزىزىمچىلار كۆرسە بەك ياخشى بولاتتى

uran0999 2010-11-29 11:40
بۇنداق  ياخشى  ماقالىنى  ئۆمرۇمدە  كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن ئىچ ئىچىمدىن قايىل بولوپ  ھەتتا كۆپەيتىپ  ئۇرۇپ چىقاردىم رەھمەت  تېما ئىگىسى

erktikin 2010-11-30 17:50
    بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى ئىللەتلەرنى ئېچىپ بەرگەن ماقالە ئىكەن .
  ھەممىمىز « ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دەرس » نى ئۈگەنگەن . مېنىڭچە  بىر خىل تىلنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ  ھېكايە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە سالالىغانكى ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دەرستە مىللەت چېگرىسىدىن ھالقىغان نادامەتنى __ فرانسوز تىلى دۇنيادا ئەڭ گۈزەل تىل دەپ __  جاكارلىدى . بۇ بىر جۈملە سۆزنى مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ : _ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تىل ئەڭ گۈزەلدۇر . ئەپسۇسلىنارلىقى ، بۇ خىل گۈزەللىكنى كۆپىنچە ھاللاردا تىل يوقۇلۇش گىردابىغا بارغان چاغدىلا ھېس قىلىۋاتىمىز . بىز زادى بىر قېتىم بولسىمۇ ھېلىقى تېخى ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رولىنى ئالمىساق بولمامدۇ ؟  ئىشەنچىم كامىلكى ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت بولمىش ئۇيغۇرلار ، پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ ئەمىلىشىشى ۋە ئۇنىڭ مۈكەممەل ھەمدە توغرا ئىجرا قىلىشى ئاستىدا ، ئۆز مىللىتى تىلىنىڭ پاجىئەلىك يوسۇندا يوقۇلۇپ كېتىش ئەھۋالىغا قالمايدۇ . لېكىن ، ئەڭ موھىمى ئۇيغۇرلار ئۆزىمىز تىل مەدەنىيىتىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك .

uran0999 2010-12-07 10:35
مۇشۇنداق  ئالتۇندەك  تېمىلارنى ئەۋەتىپ ئاشۇلارنى ئاتالمىش   مائارىپىغا  قامچا ئۇرۇش كېرەك

ensar 2010-12-15 01:56
شۇنداق قىلىپ نەچچە يۈزيىل ھۈكۈمدرا بولغا ن بۈيۈك مىللەت يېرىم ئەسىر ئىچىدىلا تىللىرىنى يوقاتتىلەر !!!!

omarof 2010-12-21 12:05
مەن <<تۇرپان ژ  ۇرنىلى>> دىن ئوقىغان

zarat43 2010-12-21 13:55
ھەي مانا مەن ئوقۇتقۇچى. ئەشۇ چەتئەللىكنىڭ دىگىنى ھەقىقەتەن توغرا . بىزدىمۇ ھەر قىتىم يىغىن بولسا شىتات ئارتۇق. ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار دەپ كۆرەڭلەيدۇ ئەشۇ باشلىقلار .لىكىن يىل ئاخىردىكى سىناپ تەكشۇرۇش يىقىنلاشقاندا بولسا پىلىكتەك يۇمشاپ .ئۇچرىغانلىكى يەردە خوشامەت قىلىدۇ بىزگە. (پەقەت بىر-نەچچە كۈنلا) . ئۆتكەن يىلقى سىناپ تەكشۇرۇشتە ھەممىز گىپىمىزنى بىر قىلىۋىلىپ قويۇدىغان نومۇرنى ناچار قويۇپ مەكتەپنىڭ سىلىشتۇرما دەرىجىسىنى ئرقىدىن سانىغاندا 2-چىقىرىپ قويۇۋىدۇق سەل بوشىدى بۇلار. شۇڭا بۇ يىل يۇقۇردىن سىناپ تەكشۇردىغانلار كىلىشتىن بىر نەچچە كۇن بۇرۇن كەچتە ھەممىزنى يىغىپ بىزگە يالۋۇرۇپ كەتتىغۇ ھىلىقى تەلەتى سەت سىكىلتار خوتۇن

kadrdan 2011-01-08 19:50
بۇ تىما ئىنتايىن ياخشى يېزلىپتۇ  ،ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەن      .مىللى تېرتوريە قانۇنى ، كۇچىدىن قالغان ئوخشايدۇ ،

pel 2011-01-20 19:43

pel 2011-01-20 19:45
BEZI MU BAK EGRI KUN DA  HAZER  KUN DA KEZILNAH XA EYTEP BAK ZEK TUK               

biliwal 2011-01-23 18:05
شۇنداق بىر  زامانلاردە  بۇ!

ataman411 2011-07-11 10:42
قىرىندىشىم سىز كىمدىلەر ئاجايىپ خەت يازىدىلەر ،ئۇيغۇر ئەمەسمىدىلەر ،

iltebir 2011-07-11 23:45
ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشى توغرىسىدا بىر ئاز توختىلاي،مەن بولسام تەڭرىتاغ رايۇنىدىكى باشلانغۇچنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى .مەكتەپلىرىمىزدە قوشتىل ئوقۇتۇش چىڭ تۇتىلىدۇ، لىكىن شەكىلۋازلىق ئىغىر. بىز يۇقىرىدىن سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھانى ئالىدۇ دىسە ، ئىمتىھاننى راسىت ھەقىقى ئالالمىدۇق. يۇقىرىدىن ،بالىلارنىڭ سەۋيىسى يۇقىرىكەن دەپ ،قۇشتىل ئوقۇتۇش تەلىپىنى بالداقمۇ بالداق يۇقىرلاتتى. ئاخىرى ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپتۇق. ئەمىليەتتە بىچارە بالىلارغا ئۇۋال بولغاچقا يا ئۇيغۇرچە يا خەنسۇچە پىششىق ئىگەللىيەلمىدى.مائارىپىزدىكى ئاجىزلىق بارغانسىرى گەۋدىلەندى.ياش 40ياشقا بارمايلا، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە بىكارچىغا ئايلاندى. نىمە ئۈچۈن دىگەندە ئۇلار قوشتىل ئوقۇتۇش ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.ئاددىيسى مۇشۇ قىتىمقى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇيىچە، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش( ماتىماتىكا ،خەنسۇچە )ئىمتىھاندا مەكتىۋىمىزدىكى 209 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن، ماتىماتكىدا 35، خەنسۇچىدا 90نەپەر ئوقۇغۇچىلا لاياقەتىلىك بولدى .يۇقارقىلار دىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بۇلىدىكى،بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ مائارىمىز ئۈچۈن ھەقىقى سۆزلەيدىغان كىشىلەر بەكلا ئازكەن.بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى ساقلانغان مەسىللەر بىزنىڭ ھەل قىلىشىمزنى كۆتۈپ تۇرۇپتۇ. بىز يەنە داۋاملىق سۈكۈت ئىچىدە تۇرامدۇق؟

iltebir 2011-07-12 12:02
بىز مىللەتكە يۈز كىلەلىگىدەك ئىش قىلساق دىلىمىز يۇرۇق بۇلىدۇ. ئانا تىلدا بولسىمۇ بىر نەرسە بىلدۈرەيلى .ھازىر قوش تىلىنى خەنزۇچە تىل بىلەن ئوقۇتۇش ئىلىپ بېرىش دەپ خاتا چۈشىنىۋالغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن .بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا.بالىلارنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار تېخى بالىمىزنى ئۇيغۇرچىغا بەرسەك كەلگۈسىدە مەدىكارلىققىمۇ يارىمايدۇ دەيدىغان قاراش شەكىللىنىپتۇ.بۇ قىسمەنلىك بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئوقۇتۇشىمىزدىن نارازى.مەن ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ماتىماتىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللىنمەن. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ھەرھالدا چىڭ تۇتىلىدۇ.بىزمۇ كۈچەيمىز.  يۇقىردىن قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ تەلەپلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈلۈپلا تۇرىدۇ. لىكىن سۈپەت يوق. سۈپەت تەكشۈرۈش دەيدۇ. ساختىلىق ،شەكىلۋازلىق كۆپ . نىمە ئۈچۈن ؟مەكتەپلەرنى رەتكە تېزىدۇ ،شۇڭلاشقا .بۇ يەردە ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە ھەر ھالدا ئازراق بولسىمۇ ماسلىشىدۇ.بىز شۇنىڭغا خۇش.  مەركىزىمىز بولغان ئۈرۈمچى شەھىردە  بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق ،ئىسلاھات ، ئادىل سۆزلەيدىغان تەتقىقاتچىلار كەمچىل بۇلۇشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەملىي  ئىشلەيدىغان ،سۆزلەيدىغان كىشىلەر زادى چىقماسمۇ؟ مەركەزدە ئىشلار بۇنداق تۇرسا تۆۋەندە قانداق بۇلاتتى.....

جەڭچى 2011-07-13 14:12
بەلكىم زىمىننىڭ ئوچقىدا تاۋلىنۋاتقاندىمىز ،،،،،،،خۇادا  ھىكمەت بىلەن ئىشقىلغۇچى  

سەبىرە 2011-08-03 16:52
ھەقىقەتەن توغرا يېزىپتۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدڭنمۇ ئېغىر،ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارات بۇ ئۇلۇغ كەسىپنى ،غوجاملار ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان،ھاردۇق چىقمايدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرىۋەتتى.ھەي بىچارە بالىلار  قېلىپلاشقان قۇللارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

قىرتاغ 2011-11-19 19:44
  ئۇيغۇر مائارىپى  دىگەن نىمە؟  چۈشىنىشنى ئۈمىت قىلىمەن.

!adiyat 2011-11-19 20:55
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 65قەۋەتتىكى جەڭچى نىڭ 2011-07-13 14:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بەلكىم زىمىننىڭ ئوچقىدا تاۋلىنۋاتقاندىمىز ،،،،،،،خۇادا  ھىكمەت بىلەن ئىشقىلغۇچى  

تولوقلاپ  قوياي  ..
مائارىپىمىز زامان -ماكان شارائىتىغا   ماس  ھالدا پەقەت  ھۈنەر -كەسىپ جەھەتتىن  ئادەم تەربىلەشكە
قاراپ يۈزلەندى. شۇڭا ئاتا-ئانىلارمۇ مائارىپ ۋە ئوقوتقوچىدىن ئارتۇقچە ئۈمۈد كۈتمەي بالا تەربىلەشتە
ھەركەتچان ۋە جانلىق بولۇشنى ئۈگۈنىشى كىرەك.
جوڭگودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار -بالا 18 ياشقىچە ئۇنىڭ ئانا -تىل ، ئەدەب ئەخلاق، ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۈگۈنىشىگەئەھمىيەت بىرىشى كىرەك، ئاندىن ئالى مەكتەپلەرگە قارىغاندا كەسپى مەكتەپلەر بىر قەدەر ياخشى تاللاش ئوبىكتى ...ئالاھىدە ئىقتىدارى بايقالغان باللار  بولسا ئىچكىردىكى نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەردە ياكى چەتئەلدە ئوقوتسا  بولىدۇ.
شەخسى  پىكىر...

tughluk 2011-11-29 19:12
مەن ئوقۇغان چاغلار دا ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارغا ھەقىقەتەن كۆيۇنەتتى. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەقىقەت بارئىدى. بىز شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجرىنىڭ مەسئۇلى.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062517 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us