查看完整版本: [-- دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-08-28 14:18
[attachment=1975]

 ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىز ئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزەل ئايالنىڭ رەسىمى يوق. ئەمما سىز ئانىڭىزنى ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ بىلسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ:

      ئانىڭىز بىر ئۆمۈر سىزگە نېمە قىلىپ بەردى؟ بىلەمسىز؟ بىر ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە سۈت بېرىپ پەپىلەپ باقتى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر ئاخشىمى يىغلاپ بەردىڭىز.

      ئۈچ ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە كۆيۈنۈپ بىر قاچا تاماق ئېتىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئېتىپ بەرگەن تاماقنى يەرگە تۆكۈۋەتتىڭىز.

      تۆت ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە رەڭلىك قەلەم ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەرخىل رەسىملەر سىزىپ قويدىڭىز.

      بەش ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چىرايلىق كېيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە كۈندە پاتقاق يەرلەردە ئوينىدىڭىز.

      يەتتە ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە توپ ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە توپ بىلەن قوشنىڭىزنىڭ دەرىزىسىنى چېقىۋەتتىڭىز. 
      توققۇز ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سىزگە رويال ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە بىر ئىككى قېتىم چېلىپ قويۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرمىدىڭىز.
     11 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە سىزنى كىنو كۆرۈشكە ئاپاردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئاپىڭىزنى باشقا رەتتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدىڭىز.
     13ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنى چېچىڭىزنى قىسقارتىشىڭىزنى جىكىلىدى، ئەمما سىز ئانىڭىزنى ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان چاچ پاسونلىرى بىلمەيسەن دىدىڭىز.
     14ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ بىر ئايلىق يازلىق لاگىر پۇلىنى تۆلىۋەتتى، ئەمما سىز بۇ بىر ئاي ئېچىدە بىر قېتىممۇ ئانىڭىزغا تېلفون قىلىپ قويمىدىڭىز.
     15ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ سىزنى بىر قوچاقلاپ قوياي دىۋىدى، ئەمما سىز ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپلا ھوجرىڭىزغا كېرىپ كەتتىڭىز.
     17ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز بىر مۇھىم تېلفوننى ساقلاۋاتقان ئىدى، ئەمما سىز تېلفوننى قۇچاقلىغان ھالەتتە دوستىڭىز بىلەن بىر كېچە پاراڭلىشىپ چىقتىڭىز.
     18 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۆز يېشى قىلدى، ئەمما سىز سىرتتا دوستلىرىڭىز بىلەن بىر كېچە ئولتۇرۇش ئويناپ كەلدىڭىز.
     19 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ ئالي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەش بىلەن بىرگە سىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى، ئەمما سىز ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خېجىل بولۇشتىن قورقۇپ ئانىڭىزنى يىراقتىنلا يولغا سېلىپ قويدىڭىز.

     20ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزدىن:" كۈندە نەگە بېرىۋاتىسەن؟" دەپ سورىسا، " سەندەك بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.
     23 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ يېڭى ئۆيىڭىزگە بىر يۈرۈش ئائىلە جاھازلىرى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىزنىڭ دوستلىرىڭىزغا بۇ نەرسىلەرنى ياراتمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.
     30 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە بالىنى قانداق بېقىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى، ئەمما سىز "ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.
     40 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز توغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە سىزنى تەكلىپ قىلدى، ئەمما سىز ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.
     50 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز تولا ئاغرىقچان بولۇپ قالدى، ئەمما سىز بالىلىرىڭىزنىڭ غېمىدە ئالدىراش.
     ئاخىرى ئانىڭىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، سىز توساتتىن ئانىڭىز ئۈچۈن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلاپ، قاتتىق ئازاپ چەكتىڭىز.
ئەگەر سىزنىڭ ئانىڭىز ھايات بولسا بۇندىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ بەك كۆيۈنۇڭ، قەدىرلەڭ.
مۇبادا ئانىڭىز سىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئانا مېھىرى دۇنيادا ھەممدىن ئۇلۇغ. ئانىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال!

                                    مەنبە: ئىلغار تورى



qiqan 2010-08-28 14:53
بەكمۇ توغرا دەپسىز   دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال  ھەرقانداق ئادەمنىڭ  ئۆز  ئانىسى    ئەمما  ھازىرقى  بالىلارنىڭ  ھەمىسىنىڭ  بۇنداق  كۆز  قاراشتا  بولمىقى  ھەقىقەتەن   تەس ....

xahadat 2010-08-28 15:08
بەك تەسىرلىك ئىكەن،راستىنلا ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئېسىل تىما ئىكەن ،رەھمەت دۇستۇم داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز! 

arkan1221 2010-08-28 15:13
--بالام  تاماق پىشتى  يەۋالغىن  .....
-- بولدى ۋاخ قالدىم  ئەتىگەندىرەك  ئەتسەڭ بولمامدۇ ؟
--شۇنىڭ بىلەن  ئانام قالدى     مەن چىقىپ كەتتىم .

xukri 2010-08-28 15:51
ئىككى ياش ۋاقتىم يوقكەنغۇ؟؟              

ياخشى تېمىكەن    

xahida 2010-08-28 16:08
مەنمۇ بىر ئانا ............ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم .رەخمەت......مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار بولسا يوللاپ تۇراسىلەر !!!!!         

dilbar 2010-08-28 18:45
ئانا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.....

uyguhurogli 2010-08-28 18:55
ئىشقىلىپ ئانا دىگەن دۇنيادىكى ئەڭ يۇۋاش  ئىنسان ئىكەن ، ئۇلار تاكى قېرىپ ئۆلگىچە بالام بالام دەپلا ياشايدىكەن ، ئاخىرىدا ئىنسابىمىز كەلسە ئۇلارغا خىزمەت قىلىدىكىنمىز ، ئىنسابىمىز كەلمىسە ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ ئەجرىلىرىنى  كۆزىمىزگە ئىلىپمۇ قويماي ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزىدىكەنمىز ،  خۇدا ھەممە پەرزەنتكە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن !!!!

dilxikar 2010-08-28 20:08
   ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ، ئانىلارنى بىر ئۆمۈر مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ، لېكىن ھەقىقىي «ئانا» نامىغا لايىقلىرىنى. بالا تۇغۇشنى بىلىپ، مۇۋاپىق تەربىيىلەشنى، قاتارغا قوشۇشنى بىلمىگەنلەر «ئانا» ئەمس بالا تۇغالايدىغان چىشى ئادەمدۇر خالاس. شۇڭا ئۇلۇق نامغا لايىق بولمىغان نارىسېدە بالىلىرىنى تاشلىۋېتىپ كوچىغا چىقىپ كەتكەن، قىزلىرىنى پاھىشە بولۇشقا زورلىغان، ئەۋەتلىرىگە ئاق تاماكىلارنى تىقىپ ئەكىلىپ، نەۋقىران قىز- يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى، جىسمانىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىنى قۇرۇتىۋاتقان، بالىلارنى ئالداپ سېتىۋاتقان، پاھىشىخانا ئېچىۋاتقان، يولدىشىنى، بالىسىنى، ئانا-دادىسىنى قاقشىتىۋاتقان، خورلاۋاتقانلار ھەتتا قاتىللىق قىلىۋاتقان مۇناپىق خوتۇنلارنىمۇ ۇنتۇپ قالمايلى! «ئانىلار ئۇلۇغ» دېگەن مەدھىيىدە ئۇلارنىڭ قىلچىمۇ نەسىۋېسى يوق!!!!!

rabiya 2010-08-29 09:30
ئانا ،   مىھرىبان ئىنسان  .......................

pigan 2010-08-29 16:56
ئانارازى خۇدا رازى

oylinish 2010-09-12 12:56
ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىز ئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزەل ئايالنىڭ رەسىمى يوق.
*******************************
مەن ئالدانماپتىمەن،  مەن ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرگەندە <<دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئاي>> دىگەن خەتلا كۆرۈنگەنتى. كەينىدىكى   <<ال(ھ)>> كۆرۈنمىگەچكە بۇ يەرگە ئاي كۆرۈش ئۈچۈن كىرگەن ئىدىم. ھەقىقەتەنمۇ بىر << ئاي >> نى كۆردۈم. ئانىلار ھەقىقەتەن مەنىۋىي جەھەتتىن ئايدىنمۇ گۈزەل!

  ئانا ئۇلۇغ ئانا بىباھا،
ئانا گۆھەر ئانا تۇتىيا.
يازسا كۈيلەپ يەتمەيدۇ ئاڭا،
ئوكيان سۈيى بولسىمۇ سىياھ!

كىملەر 2012-02-08 23:40
مەن ئاللا خالىسا چۇ قۇم تىرىشىمەن...

ئىلمىرە 2012-02-09 22:39
بۇ تىمىنى كۇرۇپ ئانامىنى بەكىمۇسىغىندىم  ئاللا بارلىق ئانىلارنى سالامەت قىلىغايسىز


查看完整版本: [-- دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.067651 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us