查看完整版本: [-- تاماكىدىن ھاراق ۋە چوشقىغا كىچككىنە سۆز --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> تاماكىدىن ھاراق ۋە چوشقىغا كىچككىنە سۆز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gardan 2010-08-27 17:31
[attachment=1949]
گەپنى سىلىق باشلاي دىسەممۇ،ھىچ ئۇنىڭغا كۆڭلۈم ئۇنىمايۋاتىدۇ.ھەي چوشقا ئاكا ھاراق بالاڭزا،سەنلەر گەپ قىلمىسام ئۆزەڭنىلا ماختاپ مەندەك بىر ئىسىل ئۇكاڭزىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىشتىڭما؟ چوشقا ئاكا سەن ماڭقاڭنى ئىقىتىپ ھاراق بالاڭزىنى تازا سۆكۈپ تىللىغىلى تۇرۇپسەن،دەپ-دەپىلىك سۆزلەر بىلەن ئۆزەڭنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ كىتىپسەن. ھاراق بالاڭزىمۇ  بوش كەلمەپتۇ، ئۇمۇ شۆلگىيىنى ئىقىتىپ سەندىن مەن قالامتىم دەپ ،ھەسەلدىن تاتلىق ،زەھەردىن ئاچچىق گەپلەرنى باشلىغىلى تۇرۇپتۇ.شۇغىنىسى ئىككىلىڭ شەخسىيەتچى،مەنمەنچى،ھاكاۋۇر،ئاتكاچا نىمىلەركەنسەن.ھىچ قايسىڭ مىنى تىلغا ئىلىپ قويۇشماپسەن،ھەممىمىز بىر يولدىكى قىرىنداشلار تۇرساق ،بولۇپمۇ ھاراق ئاغىنە سەن مەن بىلەن دائىم بىللە تۇرۇپ ئۇنتۇپ قالغىنىڭ قىززىق،بەزىبىر سورانلادا بىللە بولالمىغانغا ئاچچىقىڭ كىلىپ تىلغا ئالمىدىڭمۇ يە؟ مەن گەرچە ھەممىدىن كىچىك بولساممۇ  سەنلەردىن  ئىشىپ كەتسەم كىتىمەنكى،ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايمەن.چۈنكى ماختاشقا توغرا كەلسە مىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىم سەنلەرنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، قايسىڭ ئىنسانلارنىڭ يانچۇقىدا كىچە-كۇندۇز 24 سائەت ھەمرا بولالايسەن؟لىكىن مەنچۇ ،مەن دائىم ھەمرا.ئەڭ مەينەت ھاجەتخانىلادىمۇ،ئەڭ پاكىز رىستۇران-مېھمانسارايلاردىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىغىزىدا بار.چوڭ-كىچىك،قىز-ئوغۇل،باي-گاداي ئىشقىلىپ ئىغىزى ساقلا بولسا چىكىدۇ.قورساققا تاماق يىمىسىمۇ چىكىدۇ،پۇلى بولمىسا خەقتىن تىلەپ چىكىدۇ،تىخى بىر-بىرىدىن تالىشىپ چىكىدۇ.مىنڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقىم شۇكى ئادەملەردىن بىرسى مىنى شۇنداقلا  ئىغىزىغا ئىلىپ تۈتۈن چىقارسا شۇ ئەتراپتىكى نەچچە ئون ئادەملەرنى زەھەرلىيەلەيمەن.ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىىدىن تىخى تۇغۇلمىغان نارسىدە بوۋاقتىن تارتىپ.يەنە ئەڭ ئەجەللىك بىر ئارتۇقچىلىقىم بار،ئۇ بولسىمۇ ئاق تاماكا.ئۇنىڭغا ئىنسانلار ئاق ئىبلىس دەپ چىريلىق نامدىن بىرنى قويۇپ قويدى.ئنسانلار ئۇنىڭغا ئالاھىدە خۇمار بولىدۇ،شۇ سەۋەپتىن مەن بىر ئىناق ئائىلىنى ،ئىتىپاق بىر جەمئىيەتنى قىلىۋىتەلەيمەن،ھازىرقى مۇشۇ تەرەققىيات بويىنچە بولسا ،ھەتتاكى بىر مىللەتنىمۇ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋىتەلىشىم مۇمكىن،بۇنىڭغا ئىنسانلار گۇۋاھ بولالايدۇ.شۇنداقمۇ يە...؟!
بۇنداق سۆزلەپ كەلسەم ئارتۇقچىلىقلىرىم تۈگىمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.
ئىككىڭنىڭ يەنە دەيدىغانلىرى بولسا ئاڭلاشقا  تەييارمەن.ئەگەر مۇش-پەشۋا ئىتىشساقمۇ  كەڭساي كەڭرىچىلىك.
مەنمۇ شەيتاننىڭ بىر قۇرالى بولغان سەۋەپلىك بەزى خاتالىقلاردىن ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلىنالمايمەن.ئەپۇ قىلىشقايلا. كەڭساي ئەزالىرى خېلى كەڭ قورساق كىلىدىغۇ دەيمەن.

dilxikar 2010-08-27 17:40
   چاتاقنىڭ چوڭى چىقتىمۇ نېمە؟ ئەمدى بۇ جېدەلگە ياۋا توڭگۇز، پىل، كەركىداندەك بىز يېمەيدىغان يوغان ھايۋانلار، مۇسەللەس، بوزا، قىمىز دېگەن ئىچىملىكلەر، نەشە، ناسىۋال دېگەندەك چېكىملىكلەر كېلىپ ئارىلاشسا كەڭسايدىن توپا -توزاڭ چىكەتمىگىتتى!!!

dilxikar 2010-08-27 17:41
   بىز يېمەيدىغان ئىشەك بىچارىنىڭ ئىسمى چۈشۈپ قاپتۇ.تولۇقلاپ قويدۇم.

arkan1221 2010-08-27 17:55
ھەمىنى    قىلغان     چوشقا    ....

xumtak 2010-08-27 18:14
    خا خا

agah 2010-08-27 18:24
خۇددى ئارمان تالقىنى چىققاندىن كېيىن تالقانچىلار كۆپىپ كەتكەندەك ..مۇنداقلا بىر تېما يوللاپ قويسام شۇ تېمىغا كۈچنى مەركەزلەشتۇرۇپ كۈچلۈك ئىبرەت ھاسىل قىلماي ئەكسىچە بۇ تېمىنى مازلاشتۇرۇپ چاخچاخلاشتۇرۇپ مەنسىنى يوقىتىپسىلەر ..مەن باشقۇرۇغۇچىدىن مېنىڭ تېمامنى ئۆچىرۋېتىشى ئۆتىنىمەن ..

gardan 2010-08-27 18:49
ئاگاھ ئەپەندىم مۇنداقلا بىر  تېمىنى يىزىپ قويسام مازلاشتۇرۇپ.چاخچاقلشتۇرۇرپ دەپلا ئەسلىدە شۇنداقلا يىزىپ قويغانمىدىلە؟ئۇنداق بولسا  ئالدى بىلەن سىلىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.لىكىن مەن بۇنى تىمىنى مۇنداقلا يىزىپ قويمۇدۇم،پەقەت ئازراق كىنايە ئارلاشتۇرۇپ قويدۇم.شۇ سەۋەپتىن كەتكۈزۈپ قويغان بولسام يەنە بىر قىتىم كەچۈرۈم سورايمەن.

arkan1221 2010-08-27 21:42
ئىشلىتىش
引用第5楼agah于2010-08-27 18:24发表的  :
خۇددى ئارمان تالقىنى چىققاندىن كېيىن تالقانچىلار كۆپىپ كەتكەندەك ..مۇنداقلا بىر تېما يوللاپ قويسام شۇ تېمىغا كۈچنى مەركەزلەشتۇرۇپ كۈچلۈك ئىبرەت ھاسىل قىلماي ئەكسىچە بۇ تېمىنى مازلاشتۇرۇپ چاخچاخلاشتۇرۇپ مەنسىنى يوقىتىپسىلەر ..مەن باشقۇرۇغۇچىدىن مېنىڭ تېمامنى ئۆچىرۋېتىشى ئۆتىنىمەن ..

سىزنىڭ  كىنايە بولسا  باشقىلارنىڭ چۇ؟

gardan 2010-08-28 11:24
ھەممەيلەن ئازراق بولسىمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىكەن دەپ يازغان نەرسىغۇ ئۇ.ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى كۆرۈپلا چۇشىنەلەيدۇ. ئۇنى ئالاھىدە چۇشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن.ئەمدى بو توغرۇلۇق باشقا گەپ قىلىشمايلى.<چۆگۈن تاشسا بوينىغا تاشىدۇ.>

salam 2010-08-28 11:40
تالاشماڭلار بالىلار :
ھەممىڭلارنىڭ يوللىغان تىمىسىنى كۆرۈپ چىقتىم ....ناھايىتى ياخشى يىزىپسىلەر .بىز ئادەملەر
بەك تەسىرلەنسوق ....

ilim-izdap 2010-08-28 17:35
ۋاي ۋۇي تالاشماڭلار بى بىرسىڭلار ياخشى نەرسە بولساڭلار كاشكى

gardan 2010-08-28 18:10
شۇنداق بولغاچقا چىقىۋاتقان  گەپلەر بۇ. شەيتاننىڭ يەمچۇكلىرىنىڭ ياخشىسى نەدە بار؟

sirik 2010-08-28 18:18
قىززىپ كىتىپتىغۇ بۇ يەر......

ilim-izdap 2010-08-28 19:49
چاخچاق قىپ قۇيدۇم ھەمىڭلارنىڭ ياخشى چىقىپتۇ

rabiya 2010-08-29 08:50
ھەممىسنىڭ  ئارقا كورنىشىگە  قارسا  بىر  تەربىيۋى ئەھمىيتى بار  غۇ  ،   نىمانچىۋا  قىلىپ كىتىش بۇ  ،   بىز   شۇ   نەرسىلاردىن ئۆزىمىزنى   تارتىشىمىز  كىرەك.   ئۆزىمىزنى تەكشۇرۇپ باقايلى قىرىنداشلار .....   ئاللاھ  ھەممىزگە  ئىنساپ ئاتا قىلىسلۇن ....

kmt 2010-09-03 13:20
ئاللاھ قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!

alxirxahzada 2010-11-21 23:43

ئويچان 2010-12-05 23:23
ھەقىقەتەن تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك ئىكەن.

esil818 2010-12-30 13:45
   چاتاقنىڭ چوڭى چىقتىمۇ نېمە؟ ئەمدى بۇ جېدەلگە ياۋا توڭگۇز، پىل، كەركىداندەك بىز يېمەيدىغان يوغان ھايۋانلار، مۇسەللەس، بوزا، قىمىز دېگەن ئىچىملىكلەر، نەشە، ناسىۋال دېگەندەك چېكىملىكلەر كېلىپ ئارىلاشسا كەڭسايدىن توپا -توزاڭ چىكەتمىگىتتى!!!

تالاشماڭلار بالىلار :
ھەممىڭلارنىڭ يوللىغان تىمىسىنى كۆرۈپ چىقتىم ....ناھايىتى ياخشى يىزىپسىلەر .بىز ئادەملەر
بەك تەسىرلەنسوق ....

خاخاخاخاخا............................  ھەممەڭلار قىززىقچى باللاكەنسىلەر . مەن تازا كۈلىۋالدىم .

بۇلارنىڭ سۈزلىرى بىزنى مۇشۇنىڭدىن ئىبرەت ئالسۇن دىگەنلىك . ھەممىسى  بىزئۈچۈن  < ئسلام دىنىمىز  > ئۈچۈن .

ئاگاھ ، گەردان ھەر ئىككىڭلانىڭ يولىغان تېمىسى ياخشى ئىكەن . بۇنىڭدىن باشقايەنە قېممارمۇبار  ..

<  ئاللا  > ئىگەم مىنى ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرنداشلىرىمنى بۇ نىجسلاردىن يىراق قىلسىكەن ئىلاھىم .

ahmt 2011-02-19 16:27
بۇ تېمىنى تاماكا چېكىدىغان قېرى - ياش بەڭگىلەر ئوبداناراق كۆرۈپ، ياخشاراق ئىبرەت ئىلىپ تېزراق شۇ نىجىسلاردىن قۇتۇلىۋالسا بولغۇدەك.

گۈلبا 2011-02-23 14:19
ماڭا قايلاڭلا بالىلار، كەڭسايدا جىدەل چىقمىسۇن جۇما.

گۈلبا 2011-02-23 14:20
    
salkin11 2011-03-12 21:54
يۇمۇرىستىك تىللار ئارقىلىق چوڭقۇر مەنەلارنى ئىپادە قىپ بىرىپسىز ...

ياۋۇز 2011-04-05 00:05
 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى salkin11 نىڭ 2011-03-12 21:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يۇمۇرىستىك تىللار ئارقىلىق چوڭقۇر مەنەلارنى ئىپادە قىپ بىرىپسىز ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   باشلىق

ياۋۇز 2011-04-06 23:30

abdu@0997 2011-08-24 19:37
          
muslima32 2011-08-25 02:28
خىلى ئەھمىيەتلىك تىمىكەنغۇ؟

جەڭگاھ 2011-09-14 01:32
  
جەڭگاھ 2011-09-14 13:05
تاللاش
بۇرۇن بىر شەھەردە ئەر،ئايال،بالا ھەم ئايالنىڭ ئىنىسى تۆت كىشى بىر ئۆيدە ياشايدىكەن.بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى ئۆيگە باستۇۇپ كىرىپ بىر ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ گۇمادارلىرى دەپ،ئۈچ ئە كىشىنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلاپتۇ.ئۇلارنى قايتا-قايتا سۇراق قىلسىمۇ ئىخرار قىلماپتۇ.سۇراقچى قازىنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ،ياردەمچىللىرىگە خاپا بولۇپ ،__ دەپ بېقىشە ئەمدە قانداق قىلىمىز؟__ دەپ ئاچچىقلاپتۇ.ياردەمچىلەردىن بىرسى،___ قازىئاخۇنۇم،بۇلارنىڭ ئۆيىدە ئاۋۇ كاززاپنىڭ ئايالى،ماۋۇ مۆڭنىڭ ئاچىسى،ئۇشغۇمنىڭ ئانىس بار .شۇ خۇتۇننى ئەپ كىلىپ سۇراق قىلايلى.__ دەپتۇ.قازى ياساۋۇللارنى شۇ ئايالنى تۇتۇپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ.ياساۋۇللار ئايالنى ئېپ كەپتۇ.قازى ئايالنى سۇراق قىلىپ، ئىقرا قىلدۇرالماپتۇ.__  ئاخىرى قازىئايالغا ،___  ئېيتە!  ئېيتمىساڭ ئىرىڭنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن ،__ دەپ جاللاتقا بۇيرۇق قىپتۇ.ئايال " ئىم" دىمەپتۇ. ياردەمچىلەر ،__ بالاڭنى ئۆلتۈرىمەن،__ دەيلى بالىسىغا چىدىماي ئىقرار قىلىدۇ،__ دەپتۇ.قازى بالىنى ئېپ كىلىپ،__ دەمسەن ؟ دىمەمسەن! دىمىسەڭ بالاڭنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن! __ دەپ،جاللاتقا بۇيرۇق قىپتۇ.ئايال بالىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،يەنە گپ قىلماي تۇرىۋاپتۇ. ياردەمچىلەر بۇ ئايالنىڭ ئىنىسىگە ئامراق ئىكەنلىكىنى ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈشكە چىدىمايدىغانلىقىنى دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قازى ئايالنىڭ ئىنىسىنى كەلتۈرۈپ،__ جاللات كاللىسىنى ئال!__ دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. شۇ ھامان ئايال ئېتىلىپ كىلىپ ،__ ئۇكامنى ئۆلتۈرمەڭلار،ئۆلتۈرمەڭلار! __ دەپ ئىنىسىگە ئېسىلىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن قازى ھەيران بولۇپ ،__ ھەي خۇتۇن،ئېيتە! ئىرىڭنى ،بالاڭنى ئۆلتۈرۈشكە پەرۋا قىلماي، ئۇكاڭنى ئۆلتۈرۈشكە چىدىمايسەن؟__ دەپ سوراپتۇ.ئايال بىر پەس تۇرۇپ كىتىپ جاۋاپ بىرىپتۇ.__ ئىرىم،مىنىڭ جان كۈيەر قەدىناسىم بولسىمۇ،ئۇ ئۆلسە يەنە ئەرگە تەگسەم بولىدۇ،بالام باغرىمنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارەم بولسىمۇ،ئەرگە تىگىپ يەنە توغسام بۇلىدۇ،لىكىن ئىنىمغا كەلسەك ئانام،دادام بولمىغاندىكىن ئەمدى يەنە ئىنىم بولمايدۇ،شۇڭا ئۇكامغا چىدىمايمەن،مەن ئىقرار قىلاي ،__ دەپ جاۋاپ بىرىشكە باشلاپتۇ. قازى قانداق ھۆكۈم چىقىرىشنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قاپتۇ.

جەڭگاھ 2011-09-14 13:09

dulbarqin310 2011-09-14 17:25
قۇلۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن.

ئالىمجان520 2011-09-29 17:25
ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپ سىز ئۇلۇغ ئاللادىن ئاشۇ مەينەت نەرسىلەرنى ئاغزىمىزگا ئېلىپ قېلىشتىن پاناھلىق تىلەيمەن

查看完整版本: [-- تاماكىدىن ھاراق ۋە چوشقىغا كىچككىنە سۆز --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.177634 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us