查看完整版本: [-- قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش توغرىمۇ(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش توغرىمۇ(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-08-27 14:27
                                       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 
قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇش بولسا رەسۇلۇللە،ساھابىلەر،تابىئىنلار زامانىسىدا بولمىغان ئىش. بۇ پەقەتلا شىنجاڭ دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار  تەرپىدىن پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت ئىش. رەسۇلۇللە ۋەھىي قۇبۇل قىلىۋاتقان 23يىل جەريانىدا ئىنساننىڭ ئالدىغا كىلىدىغان ھەممە ئىشقا يول يۇرۇق بىرىپ ئۆتكەن. ھەتتا خالاغا كىرگەندە قانداق كىرىش،نىمە دىيىش،چىققاندا قانداق چىقىش،نىمە دىيىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ كۆرسەتمە بىرىپ ئۆتكەن.
ئەمما قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇڭلار دەپ ھېچقانداق يەردە دىمىگەن. ھەم ئۇزىمۇ قىلمىغان.شۇنداق بولغانىكەن رەسۇلۇللە قىلمىغان ۋە بۇيرىمىغان ئىشنى قىلىش ئىسلام دىندا يىڭىلىق پەيدا قىلىش بۇلۇپ بۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ. رەسۇلۇللە بۇ توغۇرلۇق.قانداق بىر كىشى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش قايتۇرىلىدۇ دەپ ئىسلام دىنغا يىڭىلىق پەيدا قىلىشنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئىسلام دىنى رەسۇلۇللەنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە تۇلۇق تاماملىنىپ بولغان. بۇ ھەقتە اللە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دىگەن{بۇگۇن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم.سىلەرگە نىئىمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بۇلۇشقا تاللىدىم.} سۇرە مائىد3.ئايەتنىڭ بىر قىسمى
مانا بۇ ئايەت ئىسلام دىننىڭ تۇلۇق بۇلۇپ بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

يەنە اللە قۇرئانى كەرىمدەقۇرئانى كەرىم توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن {ئۇپەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش،كاپىرلارغا ئازاپنىڭ تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى(بىلدۇرۇش ئۇچۇن نازىل بولغان) ۋەز نەسھەتتۇر. رۇشەن قۇرئاندۇر}سۇرە ياسىن 70.ئايەت
شۇنداق بولغانىكەن قۇرئاننى قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش خاتادۇر.

ئۇنداقتا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇغان ئادەملەر نىمە دەلىل بىلەن  ئۇقۇيدۇ؟
ئۇلار بىر كىشىنىڭ بىلمەي قەبرىستانلىقتا چىدىرىنى قۇرۇپ شۇ يەردە يېتىپ قالغانلىقى بىر كىشىنىڭ قەبرىستانلىقتا سۈرە تابارەكنى ئۇقۇغانلىقى ئاندىن بۇنى كۆرگەن كىشى رەسۇلۇللە قا خەۋەر قىلغانلىقى.رەسۇلۇللەنىڭ ئۇ كىشىگە سۈرە تابارەك ئۇقۇلغان قەبرە ئازابلانمايدۇ (ئۇ ھەدىس تۇلۇق ئىسىمدە قالماپتۇ. ئىشقىپ مۇشۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن) دىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاجىز ھەدىسنى دەلىل قىلىپ قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشقان.
بۇ توغۇرلۇق كەلگەن سەھىھ ھەدىسكە قاراپ باقايلى
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ[شەك شۇبھىسىزكى قۇرئاندا 30ئايەتلىك بىر سۈرە بار.ئۇ سۈزىنى ئۇقۇغان ئادەمگە ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت بولغانغا قەدەر پەرۋەردىگارىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ سۈرە سۈرە مۇلىكتۇر.(يەنى تەبەراكەللىزىي) ئىمام ئەھمەد،تىرمىزى،ئەبۇداۋۇد،نەسەئىي ئىبنى ماججەلەررىۋايەت قىلغان. بۇنىڭدا پەقەت ئۇقۇغان ئادەمگىلا شاپائەت قىلىدۇ دىيىلگەن. ئۇلۇكلەرگە ئەمەس.چۇنكى ئۈلۈكلەر قۇرئان ئۇقۇيالمايدۇ.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا رىيازۇسسالىھىيندا  دىيىلگەن ئىمام شاپىينىڭ قەبرىستاندا قۇرئان بىر تامام بولسا ياخشى دىگەن سۇزىنى دەلىل قىلىسىدۇ.
ئۈلۈكلىرىڭلارغا سۈرە ياسىننى ئۇقۇڭلار دىگەن زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىشىدۇ.
يەنە رەسۇلۇللەنىڭ قۇرئان تامام قىلىنغان يەرگە اللەنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ دىگەن سۈزىگە ئاساسلىنىپ قۇرئان ئۇقۇيدۇ.
ئەمما بۇلار دەلىل بۇلالمايدۇ.  بىز تۇۋەندە رەسۇلۇللە قەبرىستاندا نىمە پائالىيەت قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ ئۇ مۇنداق دىگەن بىز بەقى غەرقەد قەبرىستانلىقىدا بىر جىنازە ئۇستىدە بولغانىدۇق. رەسۇلۇللە كىلىپ ئولتۇردى. بىزمۇ ئۇنىڭ چورىسىگە كىلىپ ئولتۇردۇق. رەسۇلۇللەنىڭ قۇلىدا بىر تاياق تۇراتتى.رەسۇلۇللە تاياقنىڭ ئۇچچىنى ئالماشتۇرۇپ تۇتتىدە ئۇنىڭ بىلەن يەرنى نۇقۇپ تۇرۇپ سىلەردىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەننەتتە ۋە دۇزاختا بارار ئورنى بۇرۇن پۇتۇلگەن بۇلىدۇ دىدى كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئى رەسۇلۇللە بىز (ئەمەل قىلماي)پۇتۇلگەن تەقدىرمىزنى كۈتۈپ تۇرساق بولمامدۇ دىگەن كىشىلەرگە ئەمەل قىلىڭلار ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەيەرگە بېرشى پۇتۇلگەن بولسا ئۇنىڭغا شۇ ئەمەل مۇيەسسەر قىلىنىپ بىرلىدۇ يەنى سائادەتمەن بولسا سائادەتمەنلەرنىڭ ئەمىلىنى شەقى بولسا شەقى بەندىلەرنىڭ ئەمىلىنى مۇيەسسەر قىلىپ بىرىدۇ دىدى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللەنىڭ قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلغانلىقى مۇشۇ ھەدىستە سابىت بولغان. قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلىنسا كىشىلەرگە بەك تەسىر قىلىدۇ چۇنكى ئۇ يەردە پەقەت ئاخىرەتنىلا ئويلىيالايدۇ.

ئەبۇ ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ كى مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندا رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا بىر ئاز توختايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى قېرىندىشىڭلار ئۇچۇن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ (سۇئال سۇراق )ئۇستىدە مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار چۇنكى ئۇ ھازىر سۇئال سۇراق قىلنىۋاتىدۇ دەيتتى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇڭلار دىمەستىن قېرىندىشىڭلارغا مەغپرەت تەلەپ قىڭلار قەبرىدە سۇئال سۇراقتا مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار دىگەن. مانا بۇ رەسۇلۇللەنىڭ قەبرىستانلىقتا قىلغان ئىشىدۇر.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ بىزگە ناجاشىنىڭ ئۇلۇپ كەتكەنلىك خەۋەرى يەتتى(نەجاشى ھەبەشىستاندا  مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلەنچۇكى بولغان مۇسۇلمان پادىشاھ ئىدى-ت) رەسۇلۇللە بىزلەرگە قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
 بۇ يەردىمۇ قۇرئان ئۇقۇلار دىمەستىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن. ئەگەر قۇرئان ئۇقۇش ياخشى بۇلىدىغان بولسا رەسۇلۇللە نەجاشىغا ئەلۋەتتە قۇرئان ئۇقۇڭلار دەيتتى. چۇنكى نەجاشى ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە كۈڭۇل بۆلگەن. ھەم ئۈزىنىڭ زىمىنىدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغدىغان. رەسۇلۇللە ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى ئۇچۇن غائىب نامىزى ئۇقۇغان.

ئابدۇللا ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنىدۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆت تەكبىر ئېيتتى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 رەسۇلۇللەنىڭ ھاياتىدا قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇغانلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇڭا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشنى بىدئەت دەيمىز. بىز رەسۇلۇللەنىڭ ئۇممىتى شۇنداق بولغانىكەن قەبرىستانلىقتا رەسۇلۇللە نىمە قىلغان بولسا شۇنى قىلىشىمىز كىرەك.
بىز قۇرئان دىگەن اللەنىڭ كىتابى تۇرسا بۇ ئۇقۇسىمۇ بىدئەت بۇلامدۇ دەيدىغان ئادەملەرنى كۈرىمىز. بۇنداق ئادەملەرگە دەيمىزكى قۇرئان اللەنىڭ كىتابى. بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما قۇرئان قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش ئۇچۇن چۇشۇرۇلمىگەن. ئۇ ئىنسانلارغا قانۇن قىلىپ چۇشۇرۇلگەن.شۇڭا قۇرئاننى ئۇقۇڭ. ئۇقۇپلا قالماي ئەمەل قىلىڭ. سىز قۇرئاننى قانچە كۆپ ئۇقۇپ كىتىڭ،كىشىلەرگە  قۇرئاندىن تەبلىق قىلىپ كىتىڭ ئەمەل قىلمىسڭز ھەممىسى بىكار.
ساھابىلەر قۇرئاندىن بىر قانچە ئايەت ئۇگىنەتتى ۋە شۇنىڭغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ بۇلالمىغىچىلىك باشقا ئايەت ئۇگەنمەيتتى.

مۇسۇلمانلار توغرا يولدا ماڭىمىز دەيدىكەن. جەزمەن رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى بۇيىچە ماڭساق ئازمايمىز.

يەنە بىرسى مىيىتقا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇسا بۇلامدۇ بولمامدۇ ؟

مۇسۇلمان مەسچىت ياكى ئۆز ئۈيىدە ئوتۇرۇپ قۇرئان ئۇقۇسا تىلاۋەتتىن پارىغ بولغاندا اللەقا ئۇقۇلغان قۇرئاننى ۋاستە قىلىپ مىيىتقا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىسە بۇلىدۇ.
ئەمما قارىلارنىڭ قۇرئان ئۇقۇغىلى مىيىتنىڭ ئۇيىگە يىغىلىشى،ئۇقۇغىنىنىڭ ساۋابىنى مىيتقا ھەديە قىلىشى ۋە مىيىت ئىگىسىنىڭ قارىيلارغا ئەجىر بىرىشى يامان كۇرىلىدىغان تەرك ئىتىش زۇرۇر ئىش بۇلۇپ بۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار قېچىشقا ۋە يىراقلىشىشقا چاقىرىش ۋاجىب بولغان بىدئەتتۇر. چۇنكى ئۇ ئىشلارنى بۇ ئۇممەتنىڭ بۇرۇنقى ياخشى كىشىلىرى قىلمىغان ھەم دىمىگەن. پۇتۇن ئۇممەتنىڭ دىنى بىر.  (مىنھاجىل مۇسلىم  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 386.بەت)

مانا يۇقارقىلار ئەھلى سۇننە ۋەلجامائەنىڭ تۇتقان يوللىرىدۇر.

بىز ئۇلۇپ يىتىم ئىشلىرىدا يۇقارقىدەك قىلساق اللە خالىسا ئازمايمىز.

خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا بۇ ئىسلامدىكى خاتالىق ئەمەس شەخسەن ئۇزۇمدىكى خاتالىق كۆرسىتىپ قويغايسىلەر. توغرا بولغان بولسا بۇ رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان پەزلى مەرھىمىتى............

اللە ھەممىمزىنى رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى بۇيىچە ماڭىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلۋەتسۇن

apansi 2010-08-27 16:35
تولمو ياخشى يىزىپسىز بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئىزدىنىپ باقساق بولغودەك،،،

mijithan 2010-08-27 17:02
مانا بارىكاللا
مەن بىر تۇرۇك لىكىن مەن ئاڭلىغان.ۋەبىر كۇرگەن ئشلار .ئىسىمدە ئۇزۇنغىچە قالدۇ مەن بۇرۇن بۇلمايدۇ .دەپ ئاڭلىغان
بىر كۇنى بىر دۇستىمىز بىلەن مۇشۇ تڭمىدا مۇنازىرلىشىپ قالغان ئۇ ئاز پاز ساۋاتلىك دەكقىلدۇ .مەن مۇشكاتتا كۇر گەن دەپ چىڭتۇرۋالدى
ئامالسىز كوپچىلىك كە سۇندۇق ھەم رازىبۇلدۇق ؟
ئاللا سىز  گە كوپ ئەجىر بەرسۇن  

ھەمزە 2010-08-29 11:46
ما ئايالغا رەسمىي جىن چاپلىشىپتۇ مانا..................... قارىغاندا بۇ قېرىندىشىمىز ساقايمايدىغان ئوخشايدۇ.

بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسىنى يالغانغا چىقىرىپتۇغۇ بۇخوتۇن ........... پۇتۇن دۇنيا ئالىملىرى بۇخارى ۋەمۇسلىمنى قۇرئاندىن قالسا ئىشەنچىلىكلىكتە بىرىنچى ئۇرۇندا قۇيىدىغان تۇرسا....................

يېنىڭىزدا بولغان بولسام سىزنىڭ ئاشۇ خەت يازىدىغان قۇلىڭىزنى بىرنىمە قىلۋېتىپ بېشىمغا كەلگەننى كۇرەتتىم. ...



ھەي ئوغۇنۇش.... سىزنى قېىرندىشىم دىگىلىمۇ نۇمۇس قىۋاتىمەن. مەنمۇ ئەمدى سىزنى ئۇزۇتۇشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم. قېنى كەڭساينىڭ ئىشكى ئاۋۇ تەرەپتە .......... ئاۋايلاپ مېڭىڭ. اللەدىن سىزگە يەنىلا ھىدايەت تىلەيمەن.
كىيىنچە ھىدايەت تاپقاندا ھەدىسلارنى يالغانغا چىقارمىغۇدەك بولغاندا يەنە كەڭ سايغا كىرسىڭىز قۇلىمىز كۆكسىمىزدە...............


ئەمسە ئۇزاتمىدىم....................     

rayhan 2010-08-29 11:54
چىقىرۋەتمگەندىن كېيىن شۇنداق بولدۇ ......كىچىككىنە بىر سۇئالغامۇ كوڭۇلل قۇيۇپ جاۋاپ بەرمەي مەيەردە گەپ يورغۇلۇتۇپ يۇرۇيدۇ بۇ خۇتۇن

ھەمزە 2010-08-30 13:39
بۇندىن كىيىن سىزگە گەپ يوق تاكى سىز ھەدىسلەرنى يالغانغا چىقارمىغۇدەك بولغىچە..................

arkan1221 2010-08-30 14:14
ھەمزە ئاكىمىز  ئەرلەرنىڭ  مەجبۇريىتى  دىىگەن تىمىنى قاچان  چىقىرىدىغاندۇ ؟.........

rayhan 2010-08-30 14:24
چىقارمايدۇ ئەمدى...ئىسلامى تىمىلار ئەسلىگە كەلگۇچە.......ئەرلەرنىڭ  ئىسلامدىكى مەجبۇرىيەتلىرى  راۋرۇس سالمىقى بار ئىش

ھەمزە 2010-08-30 14:29
ئىشلىتىش
引用第11楼arkan1221于2010-08-30 14:14发表的 :
ھەمزە ئاكىمىز  ئەرلەرنىڭ  مەجبۇريىتى  دىىگەن تىمىنى قاچان  چىقىرىدىغاندۇ ؟.........


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئىسلامىي تىمىلار چەكلەندى. تۈنۈگۈن شۇنچە ئەجىر قىلىپ پىتىر سەدقىسى توغۇرلۇق بىر تىما يوللىسام تەستىقلانمىدى. ياكى مەن ساقلىۋالماپتىكەنمە.

شۇڭا تىما يوللاشقا ئامالسىز قالدىم.
اللە خالىسا ئاۋۋال سىزگە خەۋەر قىلىمەن ئۇ تىمىنى يازسام...

rayhan 2010-08-30 14:49
پىتر تۇغرۇلۇق مۇشەگە بولسىمۇ بىر نەرسە يازسىڭىز بوپتىكەن .مەنغۇ بۇ ئايدا خەيىر -ئېھسان قىلغان ،لىكىن ئاتاپ قىلمىغان.....ئاياللار تۇلقلاپ تۇتقان روزىغا پىتىر بىرەمدۇ؟

fatih204 2010-08-30 17:15
دىگەنلىرىڭىز توغرا   ھەمزە  
       ھاياتىمىز بويى بىر ئەمەل قىلمايمىزيۇ     ئولگەندە قوپماي ئوقۇيمىز      ،ئاللا قورئاننى بىزگە چىرايلىق ئاۋازدا ئوقوپ قۇيۇش ئۇچۇنلا،ياكى تاملىرىمىزغا نەقىشلەپ  قويۇش ئۇچۇنلا ،ياكى ئويدە ئگىز يەرگە ئلىپ قويۇش ئۇچۇنلا  ئەۋەتكىنى يوق(ئەلۋەتتە يوقارقىلارنى ئىنكار قىلمايمەن شۇنداق ھورمەت قىلىش كىرەك)،بەلكى ئەڭ مۇخىمى ھاياتقا تەدبىق قىلىش ئۇچۇن ئەۋەتكەن ،
  ئولوق ئاي ئولۇق كۇنلەردە ياخشى نەرسىلەرنى يوللاپ تۇرۇپسىز ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن بۇرادەر

rayhan 2010-08-31 00:55
توۋە  ..تېخىچە جاۋاپ يوقما

yuraki 2010-08-31 01:59
ئىشلىتىش
引用第3楼uygunux于2010-08-29 03:39发表的 :
                                            ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
ھەي ھەمزە!  قەنى بىر بىرلەپ پىكىرلىشەيلى . تىمىڭىزدا  يېزىلغان مانا  بۇ ھەدىس سەھى ھەدىس ئەمەسكەن ، (يەنى قۇرئانغا مۇخالىپكەن ) شۇڭا بۇ ھەدىسنى  پەيغەمبىرىمىزمۇ دىمەيدۇ . سىز  نىمىگە  ئاساسەن شۇنداق دەيسىز دىگەندە ئاللاھ  ئىنسانلارنىڭ كاپىر  مۇسۇلمانلىقىنى پۈتۈۋەتكەن  بىلەن . ئەمما ئۇنىڭ جەننىتى ۋە دۇزۇخۇلىقىنى پۈتۈۋەتكەن ئەمەس . ھەي سىز بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەگەردە  ئاللاھ  ئىنسانغا  بۇلارنى ئالدىن پۈتۈۋەتسە ، شۇنىڭغا قاراپ قىلىدىغان ئىشنىمۇ پۈتۈۋەتسە ئاللاھ  ئۇنداقتا گۇناھكار ئىنسانلاردىن يىساپ ئېلىشقا توغۇرا كەلگەندە ئۇلاردىن قانداق يىساپ ئالىدۇ ؟ گۇناھكارلار يىساپ بىردىغان چاغدا  ، ئى  ئاللاھ !  بىزگە شۇنداق قىلىشنى ئۆزلىرى پۈتۈۋەتمىگەنمىدىلە ؟  ئىشلار شۇنداق بولغان ئىكەن بىز سىېلىنىڭ پۈتۈۋەتكەنلىرنى قىلماسلىققا ھەددىمىزمۇ دىمەسمۇ ؟  ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بولمىغان  ئىشلاردىن ئاللاھ يىساپ ئالمايدۇ چۈنكى ئاللاھ زالىم ئەمەس . دىمەك ئاللاھ زالىملارنى دوس تۇتمايدىغان تۇرسا ؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنا نىمە دەپ زالىملىق قىلغۇدەك ؟
دىمەك ئاللاھ  ئىنسانلارنى  ئۇنىڭغا توغۇرا يولنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ ، دىمەك ئۇنىڭغا ۋەز نەسىيئەت ئالسۇن ئۈچۈن قۇرئانغا ئوخشاش ھەقىيقەتلەرنى نازىل قىلماي تۇرۇپ ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ۋە ياكى كاپىرلىقىنى پۈتۈۋەتكىنى بىلەن .ئەمما جەننىتى ۋە ياكى دۇزۇخىلىقىنى ھەرگىز ئالدىن پۈتۈۋەتمەيدۇ .
شۇڭا بۇ توغۇردا كەلگەن ما ھەدىز  يەنى ( رەسۇلۇللەنىڭ قۇلىدا بىر تاياق تۇراتتى.رەسۇلۇللە تاياقنىڭ ئۇچچىنى ئالماشتۇرۇپ تۇتتىدە ئۇنىڭ بىلەن يەرنى نۇقۇپ تۇرۇپ سىلەردىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەننەتتە ۋە دۇزاختا بارار ئورنى بۇرۇن پۇتۇلگەن بۇلىدۇ دىدى كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئى رەسۇلۇللە بىز (ئەمەل قىلماي)پۇتۇلگەن تەقدىرمىزنى كۈتۈپ تۇرساق بولمامدۇ دىگەن كىشىلەرگە ئەمەل قىلىڭلار ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەيەرگە بېرشى پۇتۇلگەن بولسا ئۇنىڭغا شۇ ئەمەل مۇيەسسەر قىلىنىپ بىرلىدۇ يەنى سائادەتمەن بولسا سائادەتمەنلەرنىڭ ئەمىلىنى شەقى بولسا شەقى بەندىلەرنىڭ ئەمىلىنى مۇيەسسەر قىلىپ بىرىدۇ دىدى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ) دىمەك بۇ ھەدىس   سەھى ھەدىس ئەمەسكەن . ئەگەردە ئۇنى سەھى ھەدىس دەپ قارىسىڭىز  قۇرئان بىلەن سىھى ھەدىس ئوتتۇرسىدا  زىتلىق بولمىغاندىكىن ، بۇ ھەدىسنىڭ سەھىيلىكىنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن دەلىللەپ بىرىڭ . چۈنكى  ئىسلام دىنى  يا قۇرئان كەرىمدىن  ياكى بولمىدى بىرەر رىياللىقتىن دەلىل ئىسپاتقا ئاساسلىنىدىغان دىندۇر .

سەھىلبۇخارى جەۋھەرلىرى نامىلىق كىتاپتىن ئېلىنغان ھەدىسنى ئىنكار قىلسىاڭ،سىزنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ.تەقدىرگە ئىمان كەلتۇرمىگەن ئادەمنى نىمە دىيىش كىرەك.سىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ قايمۇقۇشقا سەۋەپچى بۇلۇشى مۇمكىن.مىنىڭچە سۇنى ئويغۇنۇش ئەمەس بۇلغۇنۇش دىسە بولغۇدەك.

fatih204 2010-08-31 11:11
يۇرەكى   خو  !!!

oglan25 2010-08-31 12:51
بىدئەد بولسا ئازغۇنلۇق ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دوزىخى!!!

oglan25 2010-08-31 12:55
كىمكى سۇننەتكە ئەمەل قىلمايدىكەن ئۇكاپىرلار قاتارىدا بولىدۇ!

rayhan 2010-08-31 15:17
ئىشلىتىش
引用第21楼uygunux于2010-08-31 14:25发表的 :
سىزنىڭچە  سۈننەتكە ئەمەل قىلمىغىنى  كافىرلار قاتارىدا بولسا ، قۇرئانغا ئەمەل قىلمىغىنى نىم بۇلىدۇ ؟  

قۇرئاننى كەرىم ھەم ھەدىسلەرنىڭ تۇپلىنىش ،رەتلنىش جەريانىنى بىلمىگەندىن كېين شۇنداق دەيدۇ بۇ ئايال....بۇ ئايال قۇرئانى كەرىمنى ئاسماندىن كىتاپ پېتىم چۇشتى ،دەپ قارىسا كېرەك.   ئويغۇنىشنىڭ ماڭا ئىنكاس يازماسلىقىنى سورايمەن...بۇ ئايال مۇنازىرە ئۇچۇن خەلىقىارا ئىسلام تەشكىلاتىغا بارسۇن .بۇ يەردە مۇنازىرە قىلمىسۇن.كەڭ ساينىڭ بۇنداق مۇنازىرگە سالاھىيىتى توشمايدۇ.... 

rayhan 2010-08-31 15:41
قۇرئاننى كەرىم ھەم ھەدىسلەرنىڭ تۇپلىنىش ،رەتلنىش جەريانىنى بىلمىگەندىن كېين شۇنداق دەيدۇ بۇ ئايال....بۇ ئايال قۇرئانى كەرىمنى ئاسماندىن كىتاپ پېتىم چۇشتى ،دەپ قارىسا كېرەك.   ئويغۇنىشنىڭ ماڭا ئىنكاس يازماسلىقىنى سورايمەن...بۇ ئايال مۇنازىرە ئۇچۇن خەلىقىارا ئىسلام تەشكىلاتىغا بارسۇن .بۇ يەردە مۇنازىرە قىلمىسۇن.كەڭ ساينىڭ بۇنداق مۇنازىرگە سالاھىيىتى توشمايدۇ

ھەمزە 2010-08-31 15:54
بولدى ئويغۇنۇشقا گەپ قىلماڭلار قېرىنداشلار. مەنچىلىك مۇنازىرلىشەسىلە...............

rayhan 2010-08-31 18:22
ھەمزە قېرىندىشىم مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمىدىڭىز تېخى؟بەك بىلگۇم بار ئىدى؟

ھەمزە 2010-08-31 18:54
ئىشلىتىش
引用第25楼rayhan于2010-08-31 18:22发表的 :
ھەمزە قېرىندىشىم مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمىدىڭىز تېخى؟بەك بىلگۇم بار ئىدى؟



قايسى سۇئانى دەيسىز قېرىندىشىم.

rayhan 2010-09-01 04:14
ئىشلىتىش
引用第14楼rayhan于2010-08-30 14:49发表的 :
پىتر تۇغرۇلۇق مۇشەگە بولسىمۇ بىر نەرسە يازسىڭىز بوپتىكەن .مەنغۇ بۇ ئايدا خەيىر -ئېھسان قىلغان ،لىكىن ئاتاپ قىلمىغان.....ئاياللار تۇلقلاپ تۇتقان روزىغا پىتىر بىرەمدۇ؟

مۇشۇ سۇئال ئىدى.....

dilara 2011-07-16 23:34
ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا ئىشەنگۈم كەلمىدى.
تۈركىيەدە قەبرە بېشىغا «مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر فاتىھە ئوقۇڭ» دەپ يېزىپ قويىدۇ. قەۋرىستانلىق ئالدىدىن ئۆتۈپ قالساق، داۋاملىق فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ ساۋابىنى مەرھۇمغا ئاتاپ ماڭىمىز.
ھەمزە قەبرىستاندا قۇرئان ئوقۇشقا قارشى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  

دولانلىق 2011-07-17 09:59
ياخشى بوپتۇ!


查看完整版本: [-- قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش توغرىمۇ(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060071 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us