查看完整版本: [-- قۇرئان ئوقۇش بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى يېڭى بايقاش. --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قۇرئان ئوقۇش بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى يېڭى بايقاش. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yusuf 2012-05-02 17:23
       قۇرئان ئوقۇش بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى يېڭى بايقاش
                                                جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامغا ۋەئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋەسەرخىل ساھابىلىرىغا بولسۇن.

رەسىم:[attachment=16458]


گوللاندىيلىك پىسخولوگ ۋاندىر خوۋىن ئۆزىنىڭ قۇرئاننى ئوقۇش ۋە ”ئاللا” دىگەن سۆزنى تەكرارلاشنىڭ ئۈنۈمى ئۈستىدە بىمارلار ۋە نۇرمال ئادەملەر ئۇستىدە ئىلىپ بارىغان كۈزىتىش ئارقىلىق يىڭى بىر بايقاشنى ئىلان قىلغان .
بۇ گوللاندىيىلىك پىسخولوگ ئوزىنىڭ بۇ يىڭى بايقىشىنى تەتقىقات ۋە نۇرغۇن بىمارلار ئۈستىدە 3يىلدىن كۆپرەك قوللىنىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققان. بۇ بىمارلارنىڭ بەزىلىرى مۇسۇلمان ئەمەس،يەنە بەزىلىرى ئەرەپ تىلىنى سۆزلىيەلمايدىغان بولۇپ ،ئۇلار نى ”ئاللا ” دىگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلشىنى ئۈگەتكەن. شۈبىھىسىزكى نەتىجە ناھايىتى مۇۋپىقيەتلىك بولغان ،بولۇپمۇ،چۈشكۈنلىشش ۋە جىددىيلىشش كىسلگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆرنەرلىك بايقاش بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان Al Watanكۈندىلىك گىزىتتە:بۇ پىسخولوگ نىڭ بايقىشغا ئاساسەن،ئەرەپچە ئوقۇيالايدىغان ھەر دائىم قۇرئان ئوقۇيدىغان كىشلەرنىڭ ھەر خىل نېرۋا كىسىلىدىن خالىي بولدىغانلىقىنى دوكلات قىلغان.
بۇ پىسخولوگ ”ئاللا ” دىگەن سۆزنىڭ قانداق نىرۋا كىسەل داۋالايدىغانلىقىنى تەتقىقاتىدا مۇنداق چۈشەندۈرگەن: ”ئاللا ” دىگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلغان چاغدا “ئا” ھەرپ نەپەسلىنىش سىستىمىزىن تارقىلىپ نەپەسنى كونتىرول قىلىدىكەن.ھەمدە
يۇمشاق دىماق تاۋۇشى ”L”نى ئەرەپلەر بىلەن بىردەك تەلەپپۇز قىلغاندا ،يەنى تىل ماھىرلىق بىلەن ئۈستىنىكى تاڭلايغا تىگىپ قىسقا ۋاقىتلىق توختاشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىكەن،ھەمدە بۇ خىل توختىلىش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقاندا نەپەسنى ئارام ئالدۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئاخىرىقى ھەرپ “H”نى تەلەپپۇز قىلغاندا ئۆپكە بىلەن يۈرەك ئارىسىدا تۇتىشىش پولۇپ،نەتىجىدە يۈرەك رىتىمىنى كونتىرول قىلىدىكەن.
ھەممىدىن كىشنى ھاياجانغا سالدىغىنى ،بۇنى بايقىغان ،مۇسۇلمان ئەمەسكەن،بىراق ئۇ ئىسلام ئىلمىگە ۋە ئۇلۇغ قۇرئانغا بەكلا قىزىقىدكەن
ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ”ئاللا” دەيدۇلەركى :بىز ئالەمدە ۋە بەندىلەرنىڭ ئۆزىدە ئۆز بىشارىتىمىزنى كۆرسىتىمىز، تاكى ”.ئاللا ھۇ ئەكبەر””ئاللا ئۇلۇغ” نامايەن بولغىچە

مەنبە:http://www.tewpik.com/asar/article.asp?id=88

سەرۋىناز 2012-05-02 23:24
بارلىق ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا بولسۇن!

turmux.net 2012-05-03 00:58
ئىسلام ئىنسانغا ھەقىقىي توغرا بولغان يولنى كۆرسىتىدۇ.

paris 2012-05-03 09:47
ئاللاھ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

مېھمان 2012-05-03 09:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ياخشى تېما ئىكەن . مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر . ساغلاملىق قۇرئان ئوقۇشنىڭ بىر ھېكمىتى ، ئەمما مەقسىدى ئەمەس . قۇرئاننى ساغلاملىق ئۈچۈن ئەمەس ، ئاخىرت ساۋابى ئۈچۈن ئوقۇيلى . ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ .

ئەسلىم0998 2012-05-03 13:44
ئاللا ھەممەيلەننى سالامەت قىلسۇن

newruz 2012-05-03 15:10
قۇرئاننى يادا ئوقۇش، چۈشۈنۈپ ئوقۇش، ئەمەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلارنى ئاللاھ! ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك يوللىرىغا باشلايدۇ.

nazuk... 2012-05-03 18:28
ئاللانىڭ ھىكمىتى بۇيۇكتۇر.

نەمرۇللا 2012-05-03 18:34
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن     تىما ئىگىسىگە رەخمەت     ئاللاھ رازى بولسۇن

قارگۇلى 2012-05-03 18:36
بۇ تېمىنى  كەڭسايدا قايتا كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن!  بۇمۇ قۇرئاننىڭ ھەقتائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلىدۇر!!


查看完整版本: [-- قۇرئان ئوقۇش بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى يېڭى بايقاش. --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.098860 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us