查看完整版本: [-- جاۋاب سورايمەن... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> جاۋاب سورايمەن... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئائە... 2012-05-02 13:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

       سۇئال :
1.ئاللاھنىڭ بارلىق ، بىرلىكىنى تىلى بىلەن تەسدىق قىلغان ( دىلى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە مەلۇم ) لىكىن باشقا ( ئاللاھ تەلەپ قىلغان ) ئىشلارنى قىلماي يۇرگەن، ھەم دىننى چۇشەنمەيدىغان ياكى خاتا چۈشىنىپ قالغان كىشىگە دىننى چۈشەندۈرۈشنى دەۋەت دەپ ئاتاشقا  بولامدۇ؟
 
قوشۇمچە قىلىپ سورىۋالاي :
2.خۇتىبىدە ئوقۇلىدىغان ( ئىننەل ھەمدەلىللەھ...... بىلەن باشلانغان  )  ھەمدە -سانا تىكىستىنى قېرىنداشلاردىن سورايمەن ...

 ئاللاھ رەمەت قىلغاي.......

qum 2012-05-02 16:53
بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرىغا  ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىگە خلاپ بىر ئىشنى قىلغان بولسا سىز شۇ ئىشنىڭ خاتالىقنى بىلسىڭىز ، توغرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇشىڭىز  سىزنىڭ مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىڭىز بۇلىدۇ.

2-سۇئالنىڭ :  شەك-شۇبىھىسىزكى بارلىق ماختاشلار ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

مۇسىلىم 2012-05-02 18:17
qumقېرىندىشىمىز مۇكەممەل جاۋاپ بېرىپتىغۇ.

ئوۋبۈركۈتى 2012-05-02 19:54
ئاللاھنىڭ  دىنىغا  چاقىرىشنىڭ ئۆزى، ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىشنىڭ ئۆزى دەئۋەتدۇر،ئاللاھ تائالا ئىيتىدۇكى:{زامان بىلەن قەسەمكى،ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكارلىقنىڭ ئىچىدە،لىكىن زىيانكارلىقنىڭ ئىچىدە ئەمەس، ئاللاھقا ئىمان ئىيتقان،ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،ھەققە تەۋسىيە قىلغان ۋە سەبىرگە تەۋسىيە قىلغان كىشىلەرلا زىيانكارلىقنقڭ ئىچىدە ئەمەس.}سۇرەئەسىرھەممە ئايىتى.    بۇنىڭدىكى ھەققە تەۋسىيە قىلغان ۋە سەبىرگە تەۋسىيە قىلغان كىشى زىيانكارلىق ئىچىدە ئەمەس دىدى،دەئۋەت قىلىشنى،مەيلى كاپىر بولسۇن ياكى ئەمدى ئىمان ئىيتقان كىشىلەر بولسۇن ياكى ئادەتتىكى مۇسۇلمان بولسۇن شۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئىيتىپ بەرسەك دەئۋەت بولىدۇ، بىراق ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە دەئۋەتنى كۈچەيتىش كىرەك،بىر ئادەمگە بىر ئىغىزلا گەپ قىلىپ، ئاڭلىمىسا كارىمىز بولماي تاشلىۋىتىش دەئۋەت بولمايدۇ، نۇھ ئەلەيسالام ئۆزىنىڭ قەۋمىنى 960يىل دەئۋەت قىلغان بىزچۇۋە باشقىلارچۇ 96 مىنۇت دەئۋەت قىپباقتىقمۇ؟شۇڭا بىر ئادەمگە دەئۋەت قىلغاندا بىرە مىنۇت گەپ قىپ قويۇپ تاشلىۋەتسەك دەئۋەت بولمايدۇ، ئۇنى ھەققە ساپ كىرگۈزگەندە ھەم خاتالىقىدىن تۈزەتگۈزگەندە ئاندىن بۇنى دەئۋەت دەيمىز. بىز توختىماي دەئۋەت قىلقۋەسەك چوقۇم ئاڭلايدۇ، ئاڭلىمىسا بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ بۇ يولدىكى ئەزىيەتكە سەبىر قىلىشىمىز كىرەك، بۇ سەبىرگە تەۋسىيە قىلغان دىگەن ئايەتنىڭ ھۆكمىدە بولالايمىز.

ئوۋبۈركۈتى 2012-05-02 20:19
2-سۇئالنىڭ جاۋابى:{بسم اللە الرحمن الرحيم
ئىننەلھەمدۇلىلىلاھ نەھمەدۇھۇ ۋەنەستەئىينەھۇ ۋەنەئۇزۇ بىللاھى مىن شۇرۇرى ئەنپۇسىنا ۋەمىن سەييىئاتى ئەئمالىنا، مەييەھدىھىللاھۇ پەلا مۇدىللەلەھ ۋەمەييەھدى پەلا مۇدىللەلەھ ۋەنەشھەدۇ ئەللائىلاھە ئىللەلاھۇ ۋە نەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھ.} دەپ قۇر ئاننىڭ ئايەتلىرىنى ۋە باشقا دۇئالارنى ئوقۇيدۇ ، بۇنىڭ ئەرەپچىسىنى كۆچۈرسەم چىقمايكەن، جۇمە كۈنىسى ئوبدان ئاڭلاپ بىرلەشتۈرۈپ ئوقىسىڭىز بولىدۇ.

520ahsa 2012-05-02 20:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ئوۋبۈركۈتى نىڭ 2012-05-02 20:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
2-سۇئالنىڭ جاۋابى:{بسم اللە الرحمن الرحيم
ئىننەلھەمدۇلىلىلاھ نەھمەدۇھۇ ۋەنەستەئىينەھۇ ۋەنەئۇزۇ بىللاھى مىن شۇرۇرى ئەنپۇسىنا ۋەمىن سەييىئاتى ئەئمالىنا، مەييەھدىھىللاھۇ پەلا مۇدىللەلەھ ۋەمەييەھدى پەلا مۇدىللەلەھ ۋەنەشھەدۇ ئەللائىلاھە ئىللەلاھۇ ۋە نەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھ.} دەپ قۇر ئاننىڭ ئايەتلىرىنى ۋە باشقا دۇئالارنى ئوقۇيدۇ ، بۇنىڭ ئەرەپچىسىنى كۆچۈرسەم چىقمايكەن، جۇمە كۈنىسى ئوبدان ئاڭلاپ بىرلەشتۈرۈپ ئوقىسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنداقتا ماڭمۇ بىر ياردەم قىلسىڭىز .مەن ئازراق بىلىم ئالاي .بىلمىگەن يەرلىرىمنى سوراي دىگەن ئىدىم .1711760828

yusuf 2012-05-02 21:31
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى 520ahsa نىڭ 2012-05-02 20:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئۇنداقتا ماڭمۇ بىر ياردەم قىلسىڭىز .مەن ئازراق بىلىم ئالاي .بىلمىگەن يەرلىرىمنى سوراي دىگەن ئىدىم .1711760828

http://musulmanbiz.net/

http://www.jilwe.com/

http://www.musulmanlar.com/
مۇشۇ تور بەتلەرنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقىشىنى ئۈمۇت قىلىمەن.

ئوۋبۈركۈتى 2012-05-03 00:23
مەندە دائىم ئوقىلىدىغان ھەرەم خۇتبىلىرى دىگەن كىتاب بار ئىدى، ھازىر تاپالمىدىم ، ئەتىمۇ ياكى باشقا كۈنى بولامدۇ ئىزدەپ تىپىپ يوللاپ بىرەي. شۇنڭداخۇتبىدا ئوقىلىدىغان دۇئالار بار ، بىراق كىتابنى تاپساممۇ چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلىپ يوللىغىلى بولارمۇ،قانداق قىسام بولا؟ ياكى كىتاپنى تىپىپ يوللاپ قويسام مۇنبەردىلام ئوقۇياسىلەر، ئىزدەپ تاپالىساملام ئاللاھ خالىسا يوللاپ قويمەن.

turmux.net 2012-05-03 01:00
ئىسلامغا دائىر تور بىكەتلىرىنى دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ، نۇرغۇن سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابىنى شۇ يەردىن تاپقايسىز

newruz 2012-05-03 15:06
ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش پەرز! ھەممە پەرزلەردىن ئۇستۇن!

ئائە... 2012-05-03 22:14
      اللە رەھمەت قىلسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!

arzuyum 2012-05-03 23:17
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى ئوۋبۈركۈتى نىڭ 2012-05-03 00:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەندە دائىم ئوقىلىدىغان ھەرەم خۇتبىلىرى دىگەن كىتاب بار ئىدى، ھازىر تاپالمىدىم ، ئەتىمۇ ياكى باشقا كۈنى بولامدۇ ئىزدەپ تىپىپ يوللاپ بىرەي. شۇنڭداخۇتبىدا ئوقىلىدىغان دۇئالار بار ، بىراق كىتابنى تاپساممۇ چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلىپ يوللىغىلى بولارمۇ،قانداق قىسام بولا؟ ياكى كىتاپنى تىپىپ يوللاپ قويسام مۇنبەردىلام ئوقۇياسىلەر، ئىزدەپ تاپالىساملام ئاللاھ خالىسا يوللاپ قويمەن.

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،  اللە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن قېرىندىشىم ، بولسا شۇ كىتابنى چۈشۈرگىلى بولدىغان قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز، مەنپەئەتلەنسەك .


查看完整版本: [-- جاۋاب سورايمەن... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.070039 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us