查看完整版本: [-- بىر زامان كىلىدۇ، (ھەدىسلەر) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> بىر زامان كىلىدۇ، (ھەدىسلەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەلمۇسلىم 2012-05-02 13:22

 بىر زامان كىلىدۇ،

ئالدى بىلەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىشىمغا ئىلھام ۋە پۇرسەت ئاتا قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھقا چەكسىز مەدھىيە ئوقۇيمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزلەرگە مانا مۇشۇ زاماندا كىلىدىغان بەزى بىرئىشلاردىن ئاللاھنىڭ ۋەھى قىلىشى بىلەن خەبەردار قىلىپ ئاگاھلاندۇرغان پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ئەبزىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابەئىكراملىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىنكى زامانلاردا كىلىدىغان بىرقانچە ئىشلاردىن بەرگەن خەبەرلىرىنى، سىلەر بىلەن ئورتاق بىر مۇلاھىزە قىلىش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يازدىم، ئەرەپ تىلى سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى، ۋە ئۇيغۇرئەدەبىياتىنى پىششىق بىلمىگەنلىكىم سەۋەپلىك، نۇرغۇن خاتالىقلاردىن خالى بولماسلىقى مۇمكىن، تۈزىتىش بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛
1). ئۈممىتىمگە بىر زامانلاركىلىدۇ، بۇ زاماندا دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سەبىر قىلغۇچى چوغنى چاڭگاللاپ تۇرغىچىغا ئوخشايدۇ. «تىرمىزى توپلىغان»
2). بىر زامانلار كىلىدۇ، بۇزاماندا يالغانچىلار راسچىل ھېساپلىنىپ، راسچىللار يالغانچى قىلىنىدۇ، ئىشەنچىلىك كىشىلەر خىيانەتچى قىلىنىپ، خىيانەتچىلەر ئىشەنچىلىك ھىساپلىنىدۇ، ئىنسان بىلمەيدىغان نەرسىسىگە گۇۋاھلىق بىرىدۇ، قەسەم تەلەپ قىلىنمىسىمۇ قەسەم قىلىدۇ.
3). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، بىر كىشى زاكاتنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇيۇ ئۇنى قۇبۇل قىلىدىغان بىرەر كىشىنى تاپالمايدۇ،ۋە ئەرلەرنىڭ ئازلىقى ئاياللارنىڭ كۆپلىكىدىن بىر ئەرگە قىرىق ئايالنىڭ ئەگىشىپ شۇئەر بىلەن لەززەتلىنىۋاتقانلىقى كۆرىلىدۇ، «بۇخارى ۋە مۇسلىم»
4). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، ئىنسان تاپقان مال -دۇنياسىنى ھالالدىن كەلدىمۇ ياكى ھارامدىنمۇ پەرۋا قىلمايدۇ، رەزىين زىيادە قىلىپ،شۇ ۋاقىتتا دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ دىدى. «بۇخارى توپلىغان»
5). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، جازانەنى يىمىگەن ئىنسان قالمايدۇ، ئەگەر بىر كىشى يىمىگەن بولسىمۇ، ئۇكىشىگە جازانىنىڭ بۇخىنىقىدىن بولسىمۇ يىتىپ قالىدۇ.«ئەبۇ داۋۇد»
6). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، ئۇ زاماندا مۇئمىن ئۆزىنىڭ قويىدىنمۇ خار ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ.

7). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، بۇ زاماندا مۇسۇلماننىڭ مېلىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قوي بولۇپ، دىنىنى ساقلاش ئۈچۈن شۇ قويلارغا ئەگىشىپ تاغ باغرىلىرىغا دىنىنى پىتنىدىن ئېلىپ قاچىدۇ،«مالىكتوپلىغان»
8). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، ئۆلتۈرگۈچى نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۆلگۈچى نىمە ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، دىيىلدى نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«قالايمىقانچىلىق» ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى دەۋزەختە دىدى.«مۇسلىم توپلىغان»
9). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، ئالىملىرى ئاز، قارىلىرى كۆپ، بۇ زاماندا قۇرئاننىڭ ھەرىپلىرى ساقلىنىپقېلىپ ئۇنىڭ ھالال ھاراملىرى زايا قىلىنىدۇ. «مالىك توپلىغان»
10). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، ئىنسانغا ئالتۇن كۈمۈشتىن باشقا بىر نەرسە مەنپەئەت قىلمايدۇ. «ئەھمەدتوپلىغان»
11). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، مەسچىدلەردە ئولتۇرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى دۇنيادىن باشقا نەرسە ئەمەس،ئاللاھنىڭ ئۇلانىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ھاجىتى يوق، ئۇلار بىلەن ھەرگىزمۇ ھەمسۆھبەت بولماڭلا. «ھاكىم توپلىغان»
12). كىشىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، ئەر قەبرىستانلىققا بېرىپ ئى كاشكى مەن مۇشۇ قەبرە ئىگىسىنىڭ ئورنىدابولسامچۇ دەيدۇ، بۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشى ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى دوست تۇتۇش بولماستىن دۇنيادىكى قاتتىق قىيىنچىلىق سەۋەبىدىندۇر. «ھاكىم توپلىغان»
13). سىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ،بۇ زاماندا ئىنسانغا ئۈچ نەرسىدىنمۇ ئېزىزراق بىر نەرسە بولمايدۇ، ھالالدىن كەلگەن بىر دىرھەم پۇل، مۇلايىم ئىشەنچىلىك دوست، ياكى ئەمەل قىلىنىدىغان بىر سۈننەت، «جامىئۇسسەغىير»
14). يېقىندا سىلەرگە بىر زامان كىلىدۇ، ئىنسان مېلىنىڭ زاكىتىنى ئېلىپ ماڭىدۇ، ئەمما زاكات ئالغۇچى تۈنۈگۈن بولغان بولسا ئالاتتىم ئەمما بۈگۈن بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق دەيدۇ.(بۇخارى توپلىغان)
15). پات يېقىندا ئەجەمدىن بىر پادىشاھ كىلىدۇ، دەمەشىقدىن باشقا پۈتۈن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ. «ئەبۇ داۋۇد توپلىغان»
16). يېقىندابىر بۈلۈك كىشىلەر كىلىدۇ، بۇلار سىلەر بىلەن قۇرئاننىڭ شۈبھىلىرى (يەنى مۇتەشابىھئايەتلەر) ھەققىدە جىدەللىشىدۇ، ئۇلارنى ھەدىسلەر بىلەن تۇتۇڭلا، ھەقىقەتەنمۇ ھەدىسلەرنى بەكراق بىلگۈچىلەر، قۇرئاننىمۇ بەكرەك بىلگۈچىدۇر. (دارىمى توپلىغان)
16).يېقىندا نۇرغۇن پىتنە پاساتلار بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئولتۇرۇش ئۆرە تۇرۇشتىن ياخشى،ئۆرە تۇرۇش ماڭغاندىن ياخشى، مېڭىش يۈگۈرۈشتىن ياخشى، كىمكى بۇ پىتنىگە قۇشۇلۇشنى مەقسەت قىلسىلا قوشۇلالايدۇ، كىمكى قاچىدىغان ياكى پاناھلىنىدىغان جاينى تاپسا پاناھلانسۇن. (بۇخارى توپلىغان)
مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە؛ ئاگاھ بولۇڭلار، ئەگەر شۇ ۋاقىت كەلگەندە تۆگىسى بارلا تۆگىسىگە قوشالسۇن، قۇيى بارلار قۇيىغا قۇشالسۇن، زىمىنى بارلار شۇ زىمىنىغا قوشالسۇن، (يەنى شۇ نەرسىلەرنى لازىم تۇتۇپ پىتنىگە يېقىنلاشمىسۇن) بىر كىشى ئەگەر تۆگە قوي،زىمىنىمۇ بولمىسىچۇ؟ دىۋىدى، ئۇنداقتا بوينىغا قېلىچنىڭ ئۇچىنى تىرەپ شۇپىتنىدىن نىجاتلىققا ئىرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولسىلا قۇتۇلسۇن، ئى ئاللاھ ئەلچىلىك ۋەزىپەمنى يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ ئەلچىلىك ۋەزىپەمنى يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ ئەلچىلىك ۋەزىپەمنى يەتكۈزدۈممۇ؟ دىۋىدى بىر كىشى يەنە سورىدى، ئەگەر مەن ئىككى سەپنىڭ بىرىگە مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلسام قارشى تەرەپ مىنى ئۆلتۈرسە قانداق بولىدۇدىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛ سىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ گۇناھى بىلەن بارىدۇ، ۋە دەۋزەخ ئەھلىدىن بولىدۇ دىدى.
مانابۇ سۆزلەرنى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بۇندىن 1430نەچچە يىللار ئىلگىرىلا دىگەن ئىدى، قېرىنداشلار مانا ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە بۇ ئىشلاردىن قانچىسى كىلىپ بولغاندۇ، ھەممىمىز بىردەك پىكىر يۈرگۈزۈپ باقساق.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەر خىل پىتنە پاسات ئازغۇنلۇقلاردىن ساقلىغاي.
ئامىين!

ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئۆزۇم.

باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى-ئىملاغا دىققەت قىلىڭ.

خالىد007 2012-05-02 17:31
ئاللاھ رھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،     ھەقىقەتەن شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ .   

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن !  ئامىن

yusuf 2012-05-02 17:43
ھەقىقەتەنمۇ بىز لەرنى ئويلىنشقا ۋە ئىز دىنشكە چاقىرىدىغان تېما بوپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

qiqak119 2012-05-02 21:00
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  .


  باشقۇرغۇچىلار تىمىدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزەپ قويمايلا تەستىقلاپتۇغۇ ؟

alnur730 2012-05-02 23:48
ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن  قېرىندىشىم، تېخىمۇ  تىرىشىڭ.

ئۈمۈتۋار 2012-05-03 00:26
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن...

turmux.net 2012-05-03 01:04
15). پات يېقىندا ئەجەمدىن بىر پادىشاھ كىلىدۇ، دەمەشىقدىن باشقا پۈتۈن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ. «ئەبۇ داۋۇد توپلىغان»

taklemakan 2012-05-03 01:36
ئاللا رەھمەت قىلسۇن.

paris 2012-05-03 10:02
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما تەرجىمە قىلىپسىز ،ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!

agah 2012-05-03 11:26
بىر تەكلىب بىرەي .بۇ ماقالىدا ئېغىر مەسئولىيەتسىزلىك خائىشى بار .مەقسىتى توغرا ،ياخشى لېكىن ئوقۇرمەننى كۆزگە ئىلىماسلىق خائىشى ۋە مۇسۇلماندىكى ئىجتىھات كەمچىللىك ھادىسىسى بار .
1.ئېغىر ئىملا خاتالىقىغا يول قويۇپ بىر ئوبدان ماقالىنى ئوقۇشسىز قىلىۋاتكەن .
2.ھەدىسلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئوچۇق يازمىغان .بولسا ھەدىسلەرنى ئامال بار شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى بىلىدىغان ھەدىس كىتابلاردىن مەنبە قىلسا ..
3.ماقالىنى باشقىدىن يېزىپ قايتا يوللانسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن .ماقالا تېمىسى ياخشى قويۇلۇپتۇ .مۇشۇ پىكىر بويىچە قايتا يېزىپ باقسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن .

pakdiyar 2012-05-03 11:30
تەڭدىن تولىسى بوپپوپتۇ  بۇئىشلارنىڭ   نەستەغفىرۇللاھ

ئەلمۇسلىم 2012-05-03 21:25
ئىملا خاتالىقى دىسىڭىز مەن تۈزىتىشكە تىرىشىمە چۈنكى مەن ئارانلا باشلانغۇچتا 3 يىل ئوقىغان، ئىككىنچىدىن: ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى ئىنىق ئەمەس دەۋاتىسىز قېرىندىشىم، خېلى ئىنىققۇ، كۆپىنچە ھەدىسلەر مۇسلىم، ۋە بۇخارىدىن ئېلىندى، باشقا كىتاپلاردىن ئېلىنغانلىرىنىمۇ ئالىملارنىڭ سەھىھ دىگەن باھاسىغا قاراپ ئالدىم، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى بىلىدىغان كىتاپلار دىسىڭىز سىز قايسى كىتاپلارنى دىمەكچى.
قايتا تەھرىرلەشكە كەلسەك باشقۇرغۇچىلار بىر نىمە دىسۇن.

قارگۇلى 2012-05-05 19:45
بۇ زامانلاركەپبوپتۇ....................قايامەتيرقىنلاشتى!!لىكىن بىزيەنە شۇ  ئۆز غېمىمىزبىلەن ئالدىراش...خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك!11   

ئەلمۇسلىم 2012-05-06 23:39
چۇقۇم تىرىشىمە، ياخشى ئىنكاسلار ئارقىلىق تىخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈشىڭىزگە مۇھتاجمەن.

end 2012-05-07 00:28
    اللە رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ھەقىقەتەن ياخشى تىمىدىن بىرنى تەرجىمە قىپسىز ... بۇ بىزلەگە بىر سىگىنال بوپقالغۇسى ئىنشااللە.
بۇندىن كىيىن داۋاملىق مۇشۇندا ياخشى تىمىلارنى تەرجىمە قىپ تۇرغايسىز.
 اللە ئىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن.امىن!!! 


查看完整版本: [-- بىر زامان كىلىدۇ، (ھەدىسلەر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046305 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us