查看完整版本: [-- خالىد بىلەن پوپنىڭ سۆھبىتى (پارىس) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> خالىد بىلەن پوپنىڭ سۆھبىتى (پارىس) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

paris 2012-05-01 21:10
         ئەسسالامۇ ئالايكۈم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
                                
                                             بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم
                   (ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

                  رەسۇلۇللاھ رۇمدىكى بەزى غازاتتىن قايتىۋىتىپ مەلۇم  بىر يەرگە چۈشكۇن قىلىدۇ،شۇ ۋاختىدا ساھابىلەردىن خالىد ئىبنى ۋەلىد ھاجىتى ئۈچۈن قوشۇندىن ئايرىلىدۇ ،ئۇ قايتىپ كەلگەندە قوشۇن كېتىپ قالغان بولۇپ ،ئۇ قوشۇننى ئىزدەپ مىڭىپ يولدىن ئىزىپ بىر ئىگىز تاغنىڭ ئىچىگە كېرىپ كېتىدۇ ،ئۇ خېلى ماڭغاندىن كېيىن بۇ ئورۇندا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قوشۇن شۇلار ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ ،ئۇ ئۇلارغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشقا تائىپىدىكى (يەنى خىرىستانلار )ئىكەنلىگىنى كۆرىدۇ ،ئۇ ئۇلاردىن :سىلەر نىمە قىلىدىغان ئادەملەر دەپ سورايدۇ  ،ئۇلاردىن بىرسى:بىز يەتمىش مىڭدەك ئادەم بولۇپ ھەر يىلى مۇشۇنداق مەزگىلدە پوپ بىزگە بىر قېتىم ۋەز سۆزلەپ بېرىدۇ ،بۈگۈنمۇ بىز ۋەز ئاڭلىغىنى كەلدۇق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن تاغ ئۆڭكۈرىدىن قارا كىيىم كىيىۋالغان بىر ياش يىگىت چىقىپ مۇنبەردە ئولتۇرۇپ:مەن بۈگۈن ۋەز سۆزلىمەيمەن دىدى،قەۋۇملەر:نىمە ئۈچۈن دەپ ۋارقىراشتى،پوپ: چۈنكى ئاراڭلاردا مۇھەممەت (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ بىر ئۈممىتى(يەنى ساھابىسى) بارئىكەن دىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر  ئۇ قانداق ئادەمدۇ دەپ چۇقۇرۇشۇپ كەتتى ،پوپ ئۇنىڭغا ئورنىڭدىن تۇرغىن بىز سېنى تونىۋالايلى دىدى،خالىد ئىبنى ۋەلىد ئورنىدىن تۇردى،قەۋىملەر ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولىۋىدى پوپ ئۇنداق قىلماڭلار 70مىڭ ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە ھۇجۇم قىلىشى مەرتلىككە ياتمايدۇ  ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار دىدى،پوپ ئۇنىڭدىن سۇئال سوراشنى باشلىدى.
             پوپ:  ئۇنىڭدى سەن مۇھەممەت (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ساھابىلىرىنىڭ (بىلىمدە )            
                      چوڭاراقىمۇ ياكى كىچىگىمۇ؟
              خالىد ئىبنى ۋەلىد:   مەن چوڭىمۇ ئەمەۋس ،كىچىكىمۇ ئەمەس ئوتتۇرھالىمەن .
           پوپ:  ئىلىم ئوقىغانمۇ ؟
            خالىد  :ئۆزەمگە لايىق ئوقىغان سۇئال سورىساڭ بىلگەنگە جاۋاپ بېرىمەن،بىلمىسەم ماڭا ئەيىپ
                        ئەمەس.
            پوپ:  ئاڭلىشىمچە پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەت (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)جەننەتتە تۇبا دىگەن بىر  دەرەخ بار دەپتۇ ،ئۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى ۋە شاخلىرى بىر تۇتاش كەتكەن بولۇپ جەننەتتىكى ھەممە قەسىرلەرگە تۇتۇشۇپ تۇرىدىكەن ،دۇنيادا بۇنىڭ مىسالى بارمۇ (بولمىسا مەن ئىشەنمەيمەن).
            خالىد:  شۇنداق دۇنيادا ئۇنىڭ مىسالى باربولۇپ ،ئاللاھ قۇياشنى ياراتتى قۇياش نۇرى زىمىننىڭ ئىگىز-پەس يەرلىرى بولسۇن مەيلى ئۆي-سارايلار بولسۇن ھەممە يېرىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ.
              پوپ:ياخشى جاۋاپ بەردىڭ ،سەن ئۆتكۈر ئالىممۇ ئابابەكرىمۇ؟
              خالىد:ئەگەر ئابابەكرىنى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى)كۆرگەن بولساڭ ،ئەلۋەتتە بىلىم خەزىنىسىنى كۆرگەن بولار ئىدىڭ.
            پوپ:  ئاڭلىشىمچە پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەت (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)جەننەتتە (بىر ئېقىندىن)چىقىدىغان تۆت ئۆستەڭ بار دەپتۇ ،بىرسىدە شاراپ ،بىرسىدە سۈت،بىرسىدە ھەسەل يەنە بىرسىدە سۇ  ئېقىپ چىقىدىكەن ،ئۇلار بىر بىرسىگە ئارلىشىپ كەتمەيدىكەن ، مەن ئىشەنمەيمەن  دۇنيادا بۇنىڭ مىسالى بارمۇ ؟
         خالىد:  شۇنداق ئاللاھ بىر غېرىچ يەردە تۆت ئۆستەڭنى ياراتتى ،ئۇ بولسىمۇ ئىنساننىڭ باش قىسمى بولۇپ :1- كۆزنىڭ سۇيى تۇزلۇق ،2- قۇلاقنىڭ سۇيى ئاچچىق،3- بۇرننىڭ سۇيى سېسىق ،4-ئىغىزنىڭ سۇيى شېرىندۇر ،بۇلار بىر بىرسىگە ئارلىشىپ كەتمەيدۇ.
            پوپ:ناھايتى ياخشى جاۋاپ بەردىڭ ،سەن ئۆتكۈرمۇ ئۆمەر(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ)؟
           خالىد: ئىلگىركىگە ئوخشاش ئۇنى كۆرگەن بولساڭ ئەلۋەتتە بىلىم خەزىنىسىنى كۆرگەن بولار ئىدىڭ.
           پوپ:ئاڭلىشىمچە پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەت (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)جەننەتتە بىر تاختى راۋان بولۇپ ،ئۇ ھاۋاغا تۇتۇشۇپ تۇرىدىكەن ،ئۇنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭغا ئولتۇرماقچى بولغاندا ئۇ ئاستا تۆۋەنلەپ بېرىدىكەن دەپتۇ ،مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن ،دۇنيادا بۇنىڭ مىسالى بارمۇ؟
           خالىد : شۇنداق ئۇ بولسا تۆگە بولۇپ چوكلاندۇرسا يىتىپ بېرىدۇ ،مىنىپ بولغاندىن كېيىن قوپىدۇ.
           پوپ: ناھايتى ياخشى جاۋاپ بەردىڭ ،سەن ئۆتكۈرمۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ؟
           خالىد :ئەۋەلقىدەك جاۋاپ بەردى.
           پوپ:  ئاڭلىشىمچە پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەت (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)جەننەت ئەھلى يەيدۇ ،ئىچىدۇ لىكىن ئۇلاردىن چوڭ-كىچىك تاھارەت كەلمەيدۇ دەپتۇ ،بۇنىڭغىمۇ ئىشەنمەيمەن دۇنيادا بۇنىڭ مىسالى بارمۇ ؟
         خالىد:شۇنداق ئۇ قوساقتىكى بالا بولۇپ نىمىنى يىگىسى كەلسە ئاللاھ ئانىغا شۇ ئىشتىھانى سالىدۇ ،تاكى تۇققۇز ئايغىچىلىك يەيدۇ،ئىچىدۇ تاھارەت قىلمايدۇ.
           پوپ:ناھايتى ياخشى جاۋاپ بەردىڭ ،سەن ئۆتكۈرمۇ ئەلىمۇ ؟
          خالىد: ئەۋەلقىدەك جاۋاپ بەردى.
          پوپ يەنە سۇئال سورىماقچى بولىۋىدى خالىد :ئىنساپ قىلغىن مەن سېنىڭ نۇرغۇن سۇئالىڭغا جاۋاپ بەردىم ،سەنمۇ مېنىڭ بىر سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگىن دىدى.
            پوپ ئىلاجىسىزلىقتىن (يەنى قەۋمى ئالدىدا مەسخىرىگە قېلىشتىن قورقۇپ )ھەقىقەتنى دىيىشكە مەجبۇ بولدى .
              خالىد : جەننەتنىڭ ئاچقۇچى نىمە؟
               پوپ: لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ .
              شۇنىڭ بىلەن بوپمۇ ۋە بارلىق قەۋىملىرى ئىيمان ئىيىتتى.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغاي(ئامىن)
مەنبە ؛ مىشكاتىل ئەنۋار دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ تېمىنى تەيارلىغۇچى: پارىس

bilig 2012-05-01 21:57
بۇ ھەجەپ ئاسان ئىمان ئېيتقان پوپكەن  ھازىرقى پوپلارنىڭمۇ مۇشۇ پوپدەك بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن

نارات 2012-05-01 21:58
ياخشى تېما يوللاپسىز رھەمەت

qiqak119 2012-05-01 22:47
ئاللاھ ئىمانىمىزدا مۇستەھكەم قىلغايسەن ، ئامىن .

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .

yusuf 2012-05-01 23:00
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشى تېما ئىكەن.

مەيمۇنە 2012-05-02 00:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بەك ياخشى تېما يوللاپسىز، راست، بۇدۇنيادا جەننەتنى ھېس قىلالمىغان ئادەم -روھى چۇشكۇن ئادەمدۇر.

قارگۇلى 2012-05-02 11:32
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!

uygar 2012-05-02 14:02
      خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ چوڭ دۆلەتنى يىقىتقان مەشھۇر قوماندان ساھابە ئىدى .

paris 2012-05-02 14:11
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى bilig نىڭ 2012-05-01 21:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بۇ ھەجەپ ئاسان ئىمان ئېيتقان پوپكەن  ھازىرقى پوپلارنىڭمۇ مۇشۇ پوپدەك بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن

بۇرادەر يوقاپ كەتتىڭلارغۇ بارمۇ سىلە.....؟؟؟؟؟؟

paris 2012-05-03 09:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى uygar نىڭ 2012-05-02 14:02 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
      خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ چوڭ دۆلەتنى يىقىتقان مەشھۇر قوماندان ساھابە ئىدى .

توغرا دەيسىز قېرىندىشىم !ئۇ ئىسلامغا كىرمەستە مۇشرىكلەرنىڭ قوماندانى بولغانكەنتۇق ،ئۇ قوماندانلىق قىلغان ۋاختىدا مۇسۇلمانلار نۇرغۇن قېتىم يىڭىلگەن ئىكەن ،كىيىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىن مۇسۇلمانلار نۇرغۇن غەلبىگە مۇيەسسەر بولغان ئىكەن..

لۇتفى 2012-05-03 12:09
   خاتالاشتىڭىز . مۇسۇلمانلار پەقەت ئوھود جېڭىدىلا  شۇنداق بولغان . يەنى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىشى بىلەن (ئەلۋەتتە مۇشرىك چېغىدا) قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. كېيىن ئۇ (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ قېلىچى دەپ ئاتالغان . بىر ئۆمۈر غازاتتا ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرىدا كۆرپە ئۈستىدە جان بەرگەن . ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلۇغدۇر . ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز  ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ .

paris 2012-05-03 13:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى لۇتفى نىڭ 2012-05-03 12:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  9-قەۋەت (paris) نىڭ يازمىسىغا :
   خاتالاشتىڭىز . مۇسۇلمانلار پەقەت ئوھود جېڭىدىلا  شۇنداق بولغان . يەنى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىشى بىلەن (ئەلۋەتتە مۇشرىك چېغىدا) قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. كېيىن ئۇ (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ قېلىچى دەپ ئاتالغان . بىر ئۆمۈر غازاتتا ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرىدا كۆرپە ئۈستىدە جان بەرگەن . ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلۇغدۇر . ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز  ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ .

بەلكىم مەن خاتالاشقان بولۇشۇممۇ مۇمكىن ،مەن دىگەنلىرىمنى بىر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم،لىكىن ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن كۆرمىدىم ...ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ ھىكمىتى باردۇر.

نەمرۇللا 2012-05-03 18:44
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

祖木热提 2012-05-03 21:00
     ياخشى تېمىكەن!!!


查看完整版本: [-- خالىد بىلەن پوپنىڭ سۆھبىتى (پارىس) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053697 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us