查看完整版本: [-- دەۋر قىزلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> دەۋر قىزلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpik0993 2012-05-01 18:46
     كەيگەنلىرى شۇنداق تار ئىشتان،
قوڭلىرىنى ياپمايدۇ چاپان.
   كىندېكلېرى ھاۋا يەپ تۇرار،
     كۆرگۈنۈم بۇ ئىنسانمۇ-ھايۋان؟
 
      ئەدەپ-ئەخلاق نەلەرگە كەتتى،
    يۈتۈپ كەتتى ئىشتان بېغىمۇ.
 بۇ ئىزاغا قانداق چىدايدۇ؟
 ئادەم تۇرماق تەڭرى تېغىمۇ.
 
   كۆزلىرىمگە قالدىم ئىشەنمەي،
ئالدىمدىكى ئويغۇر قىزىمۇ،
كۆزلىرىمنى ئۇۋلاپ قارىسام،
خاتا ئەمەس ئويغۇر قىزىغۇ.
 
    مىراس ئەمەس ئۇلارغا ياشلىق،
   تۆت كۈنلۈكتۇر ياشلق چېغىمۇ،
يېتىپ قالسا قېرىلىق ئەگەر،
ۋەيران بولار گۈزەل بېغىمۇ.
 
 
  بۇغدايلارنىڭ بولغاچ سامىنى،
  قىزلارنىڭمۇ ياخشى-يامىنى.
  كىم ئەگەشسە شايتانغا ئەگەر،
  ئەلدىن ئاۋال كۈيەر خامىنى.
 
يۈزلېرىگە سۈرۈپ زاماسكا،
ئېغىزىغا تاقايدۇ ماسكا.
قوغلاشقېنى ئۆزىيچە مودا،
      ئېسىۋالغىنى ئەبجەق بىر سومكا.
 
قوللىرىدا يانفونى بار،
تاقىغىنى ئېسىل كۆزەينەك،
تەنتەكلىكتە قاينىغان بىلەن،
ئۆز بويىغا تاشىدۇ چەينەك.
 
 
 مەنبە؛ئۆز ئىجادىيىتىم

arzuyum 2012-05-01 19:47
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، اللەتىن ئازغۇنلارغا ھىدايەت تىلەيلى !

نارات 2012-05-01 20:38
ياخشى يېزئپسىز قېرىندىشىم سەل سىلىقلاشتۇرۇپ قوڭى دىگەن سۈزنىڭ ئورنىغا ساغرىسى دەپ ئۈز گەرىتسەك بولامۇ ؟

تارانچى5 2012-05-01 21:23
ھازىرقى ئۇيغۇر قىزلىرىنڭ بىر قىسمى ھەقىقەتەن بۇزۇلدى جۇمۇ،ئاللاھ  ئىنساپ بەرسۇن

qiqak119 2012-05-01 22:40
ئۇلۇغ ئاللاھتىن قىزلىرىمىزغا  ئىمان ،شەرمىي ھايا تىلەيمەن ، ئامىن .

ئەلى 2012-05-01 23:18
قىز بالا ئاجىز ئىنسان.كىملىكىنى بىلەلمىگەنلەر تېخىمۇ شۇنداق.بىرلا ئېغىز گەپ شۇنداق قىزلارنىڭ كەينىدە ھەقىقىي ئەركەك سانالغان ئاكا ھەم دادا يوق. تامام .

tikin 2012-05-02 05:11
كۆڭلۇمدكنىڭ ھەممنى  دەپسىز....ھەر بىر پىكرى ئويغاق ئۇيغۇرئەركەكلىرمىزنىڭ  ئۇيغۇر قىزى ئۇنداق بۇنداق دىيشتىن بۇرۇن مەن نىمە قىپ بەدىم ئۇيغۇر قىزلرغا دەپ يۇركمزنى تۇتۇپ بېقىش مەجبۇريتمز بار .ئاللاھ ھەر بىر قېرنداشللىرمىزنى ئات_ ئانا ئاچا سڭىلرمىزنى توغرا يولغا باشلغاي!!!!! ئەرلەر ئاياللغا ھامى ئەمەسمۇ!!!؟؟؟؟؟

سەرۋىناز 2012-05-02 07:28
ئۆتكۇر پىكىرلىك سۆزلەر ئىكەن ، ياخشى چىقىپتۇ... يارىتىشنى مەن ياراتتىم ،يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن... دىگەن سۆزنى بەزىلەر بىلمىسە كىرەك...مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرىغا نىمە بولىۋاتىدىكىن تاڭ....

مۇسىلىم 2012-05-02 20:13
    
دانالىرىمىز دۇردانلىرىدىن: ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس دېگىنىدەك،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تەربىچىسى بولغان قىزلىرىمىزنىڭ تۇرقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ،
مۇبارەك كىتابىمىزدا:(ھەربىر ئادەم ئۆز ئەھلىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشايدۇ.ۋەپادىسى توغرىلۇق سورىلىدۇ)ئېيتىلغىنىدەك ،ھەربىرقېرىنداش ئەشۇ مەيدىسى ،كېندىكى ،يوتىسى ......ئوچۇق قىزلار توغرىلۇق سورىلىمىز،ھىساپ بېرىمىز.
شۇڭىلاشقا ئەزىز قېرىنداشلىرىم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ئەتىراپىمىزغا قاراپ باقايلى ،سىرىتتىكىلەرگە نەسىھەت قىلىشقا قادىر بولالمىساق ئۆز ئەھلىمىزدىن باشلاپ تۈززىتىشكە تىرىشىپ باقايلى.

paris 2012-05-02 20:45
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ  رەھمەت !

بۇغداي 2012-05-03 12:00
مەن يازغان بوساممۇ مۇشتا يازىتىىم،شئر ئۈتكۈر چىىقىپتۇ

mt711 2012-05-03 12:22
دەر ھەقىقەت .راسلااااااااااااااااااااااااااا  

dulbarqin310 2012-05-03 13:16
دەرھەقىقەت راسلانى دېگەنلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ.

ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن. ھەركىمنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ توغرا يولغا باشلىغاي.

نەمرۇللا 2012-05-03 19:17
ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھ مەتۇللاخى ۋەبەر كاتۇخۇ  .   تىما ئىگىسىگە رەھمەت ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .  

نەسىھەت 2012-05-03 23:23
ئەمەلىيەتكەن.........................


查看完整版本: [-- دەۋر قىزلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047930 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us