查看完整版本: [-- ئەرلەردىكى ئىستىبرا مەسىلىسى(مۇھىم) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئەرلەردىكى ئىستىبرا مەسىلىسى(مۇھىم) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

osmanli 2012-04-29 08:24
ئەرلەردىكى ئىستىبرا (سۈيدۈكتىن تازلىنىش) مەسىلىسى

  ئىستىبرا- دىنىمىزدا مەينەتتىن تازىلىنىش، ئىدراردىن (سۈيدۈكتىن) كېيىن كەلگەن سىزىنتىدىن ساقلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. ھەدىسلەردە ئىدراردىن ساقلىنىش كىرەكلىكى، ۋە ئىدرار (سۈيدۈك) كىرىنىڭ قەبىر ئازابىغا سەۋەپ  بولىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەللەم  ئىككى قەبرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، «قاراڭلار، بۇلار ئازاپ چېكىۋاتىدۇ. ئازاپ چېكىشىنىڭ سەۋەبى چوڭ بىر ئىش ئەمەس ئىدى. بۇ كىشى سۈيدۈكتىن ساقلانمايتتى، ئۇ كىشى پىنتە تېرىيتتى.» دېدى. ئاندىن خورما شېخىدىن بىرنى ئېلىپ، ئىككىگە قايرىدى، بىرسىنى بىر قەبرگە ، يەنە بىرىنى يەنە بىر قەبرگە سانچىدى، ئاندىن«بۇ شاخلار قۇرۇپ كەتكۈچە ئۇلارنىڭ ئازابى يىنىكلەيدۇ» دېدى» ‹بۇخارى، تىرمىزى، مۇسلىم›

   بۇ سەۋەپتىن ئىدراردىن پاكلىنىش دىنىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم قارىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئىدرار يولى ئۇزۇن بولۇپ، كىچىك تاھارەتتىن كىيىن سۈيدۈك تامامەن چىقىپ بولۇشى قىيىن. شۇڭا كۆپۈنچە ئەرلەردە ئىستىنجادىن كىيىن ئاز بىر قىسىم تامچە (ئىدرار سىزىنتىسى) ئېقىپ چىقىپ قېلىشى، ھەتتا ھاجەتخانىدن چىقىپ دەرھاللا تاھارەت ئالسا، تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئىدرار سىزىنتىسى ئېقىپ چىقىپ تاھارەتنى بۇزۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭراق. كۆپىنچە كىشىلەر «ئىستىبرا دېگەن كېسەل كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى» دەپ قاراپ، بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئىدرار سىزىپ قېلىپ تاھارەت بۇزۇلسا ياكى ئىچ كىيىم ئىدرار سەۋەپلىك كۆپ كىر بولسا نامازمۇ دۇرۇس بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىستىبرا مەسىلىسىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىلىشى كىرەك.

بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش چارىلىرىدىن:
☆تاھارەتسۇندۇرغاندا، يۈتىلىش، پۇتلارنى ھەرىكەتلەندۇرۇش ياكى سىلكىش.                           
☆تاناسۇل ئورگىنىنى ئۈچ قېتىم كۈچلۈك تارتىش.   
☆چوڭتاھارەت ئورنىدىن باشلاپ بېسىپ سىقىش(سول قولى بىلەن).
☆چوڭ-كىچىك ھاجەتتىن كېيىن، ئاۋۋال چوڭ ھەجەتنىڭ ئىستىنجاسىنى تاماملاپ، ئاندىن بىر ئاز ئىستىبرائۈچۈن تىرىشش، ئاندىن يۇيۇش.                                                                    
☆ھاجەتخانىدىن چىققاندىن كىيىنمۇ دەرھال تاھارەت ئېلىشقا باشلىماستىن، ئىھتىياتەن بىر ئاز مېڭىش ياكى بىرئاز ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقلىق، شەكسىز ھالغا كېلىش(ئارتۇقچە ۋەسۋەسە بولغانلار بىر ئاز ۋاقىت باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش)، ئاندىن تاھارەت ئېلىش. ئەگەر يەنە سىزىنتى چىقىپ كەتسە تەكرار ئىستىنجا قىلىش لازىم. شۇڭا ھاجەتخانىدىن چىقىپلا، دەرھال تاھارەتنى ئېلىپ خاتىرجەم ناماز ئوقۇغۇچىلاردىققەت قىلىشى، تاھارەتتىن كىيىن ياكى نامازدا تاھارەتنىڭ بۇزلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كىرەك.  (تاھارەت ئىستىنجا ۋە ئىستىبرانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.)
☆بەزىلەردە ھاجەتخانىدىن چىققاندىن كىيىنمۇ كۆپرەك مىقداردا ئىدرار ئېقىش بىر خىل كېسەللىكتەك ئەھۋالغا كىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىسسق سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىش پايدىلىق. ھەمدە بۇخىل ئېغىرراق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياخشىراق ئۇسۇل: ئاز مىقداردىكى پاكىزپاختىنى كۆرۈنمىگىدەك دەرىجىدە ئىدرار ئورنىغا قستۇرۇشتۇر، بۇ ئارقىلق پاختىنىڭ ئىدرارنى سۈمۈرۋېلىپ، چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. (دىققەت: تاھارەتتىن كىيىن ياكى تاھارەتلىك ۋاقىتتا ئۇ پاختىنى ئېلىۋىتىش تاھارەتنى بۇزىدۇ.)


سۇئاللارغا ئىسلامىيەت تورىدىن، ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسىدىن ئېلىندى.

ئىنسان. 2012-04-29 09:59
ئىستىنجا قىلدىغان يەدىن نىمىشقا ئۇزاققا چىقىدىغاندۇ دىسەم ئەسلى مۇنداق قىلدىغانلارمۇ باركەندە
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن

osmanli 2012-04-29 14:37
بۇ ئەھۋال ياشنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ھەر ئادەمدە ھەرخىل بولىدۇ.  كۆپىنچە كىشىلەر دىققەت قىلىپ باقمىغاچقا ئۆزىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنى سەزگىلى بولمايدۇ. شۇڭا نامازنىڭ مەقبۇلىيىتى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىش لازىم.

ئۆزئۇيغۇر 2012-04-29 17:25
بەزى چوڭلارنىڭ ھاجەتتىن كېيىن، بىر سىقىم توپا بىلەن ئەۋرىتىنى تۇتۇپ، ئاستا مېڭىپ، پۇتلىرىنى ئالماپ خېلى ھەركەتتىن كېيىن تاھارەت ئالغىنىنى دائىم كۆرەتتىم. ئەسلى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئىكەندە.

udunbay 2012-04-29 22:41
ئاللا رەخمەت قىلسۇن

oguzhan 2012-04-30 00:11
سۇيدۇكى بىرقېتىمدا تولۇق چىقمايدىغان بىر قىسىم ياشتا چوڭ مەزى بېزى كىسىلى بارلار (بۇ سۈيدۇك كىسىلى بارلارغا قارتىلغان) سۇيدۇكنىڭ قالدۇقلىرىنى تولۇق چىقىرىش ئۈچۈن تەرەت خانىنىڭ ئىچىدە پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىگىز پەس كۆتۇرۇپ قەدەم ئىېلىپ سىقىپ چوزۇپ ھەركەت قىلىپ چالى قالغان سۇيدۇكنى چىقىرىۋاتسا بولىدۇ. ئەمما بىر چاڭگەال توپىنى قولىغا  ئىېلىۋىلىپ كۇچىلاردا ئەر ئايال قىزلىرىمىزدىن ھايا قىلماي قولىنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىپ كۇچىلاردا ئۆرىتىنى سىلاپ مېڭىش ئەخلاقسىزلىك ئىسلام بۇنداق ئەخلاقسىزلىقتىن مۇنەھزەھ


查看完整版本: [-- ئەرلەردىكى ئىستىبرا مەسىلىسى(مۇھىم) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047034 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us