查看完整版本: [-- بىر گىرام ئالتۇندا ............. --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> بىر گىرام ئالتۇندا ............. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

erpan.0998 2012-04-27 11:51


ئالتۇننىڭ تاۋار ۋە پۇلدىن ئىبارەت ئىككى خىل خۇسۇسىيتى بار .
يەر شارىدىكى ئالتۇن 160مىڭ توننا .يەر ئاستىدىكى ئالتۇن 62 مىڭ توننا .
سانائەتتە %10 ئىشلىتىلىدۇ .ئالتۇن 1064 سىلسىيەدە ئىرىپ سۇيۇقلىنىدۇ . ئالتۇننىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى بەك ياخشى .ئالتۇن بەكلا ئەۋرىشىم . سۇزۇلىشچانلىققا ئىگە.ئامېرىكا ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، زىبۇ–زىننەتكە ئىشلىتىلگەن ئالتۇن مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھىندىستان 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى پۈتۈن دۇنيادىكى زىبۇ–زىننەتكە ئىشلىتىلگەن ئالتۇننىڭ %20 ى ھىندىستاندا.
يەر شارىدىكى ئالتۇن ئەڭ كۆپ جاي دېڭىز–ئوكيان بولۇپ، دېڭىز-ئوكياندا تەخمىنەن 10 مىليارد توننا ئالتۇن بارلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئەمما، تا بۈگۈنگە قەدەر دېڭىز–ئوكيانلاردىن ئالتۇن ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تېپىلغىنى يوق.
ئۇزۇندىن بۇيان، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا، بىر خىل ئالتۇندىن ياسالغان سۇيۇقلۇقنى ئۇكۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى ياللۇغنى قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئالتۇن پۇل بولۇپلا قالماي يەنە بىر خىل دورا ئىكەن.
بىر گىرام ئالتۇننى ئىنچىكە سىم قىلغاندا 420 مىتىر ئۇزۇنلۇققا يىتىدۇ .10 كىۋادىرات يەرنى ياپقىلى بولىدۇ .

<< ئالتۇن ۋە كۈمۈش >> دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى .

ئالتۇنغا ۋە ئىقتىساتقا دائىر ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەردىن بەھرىمان بولاي دىسىڭىز << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا كىرىپ تۇرۇڭ !!!!
بىر مىسقال ئىقتىسات تورى
www.1miskal.com

ئىنسان. 2012-04-27 23:07
ماڭا بىر گىرام ئالتۇننى 420 مىتىر قىلىپ بەرسىڭىز ئالات بولدى


查看完整版本: [-- بىر گىرام ئالتۇندا ............. --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051474 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us