duxman |
2012-04-27 09:58 |
يېقىندا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «2012 - يىلنىڭ ئەڭ ئالامەت شاھزادە ۋە شاھىنىسى» ناملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
ھەر يىلى قابىلىيەتلىك ئۇيغۇر غۇنچىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر مۇسابىقە ياش ئەۋلادلار قەلبىدە ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ قازاقىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچۈن چوڭ خوشاللىق بولۇپ كەلمەكتە. |
|