查看完整版本: [-- قۇرئان كەرىمدىكى چۈمۈلە قىسسىسىگە نەزەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قۇرئان كەرىمدىكى چۈمۈلە قىسسىسىگە نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

13899196193 2012-04-25 05:12
                          قۇرئان كەرىمدىكى چۈمۈلە قىسسىسىگە نەزەر

                                    د، ھەسسان شەمسى پاشا

                         (ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسلىمبەگ)


قۇرئان كەرىم نەمىل سۈرىسى 18-ئايەتتىكى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بىلەن چۈمۈلىلەر ھەققىدە كەلگەن قىسسە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدۇ...[ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيىتتى:«ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلرىڭلاغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنجىۋەتمىسۇن»]

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە قوشۇنلىرى يۈرۈش قىلىپ ماڭغىندا قەۋمىگە كەلگەن خەتەرنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان چۈمۈلە بار ئاۋازى بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ توۋلىدى:«خەتەر كېلىۋاتىدۇ، ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنجىۋەتمىسۇن!»...

خەتەر كېلىشىتن ئىلگىرى ھېس قىلالىغان، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇيالىغان، مىللىتىنىڭ غېمىنى ئۆز غېمى دەپ چۈشىنەلىگەن، شۇڭا قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ «خەتەر كېلىۋاتىدۇ، ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىڭلار» دىيەلىگەن بۇ چۈمۈلە نىمە دىگەن مەردانە ھە؟!

بۇ چۈمۈلە قېچىپ كەتمىدى، خەتەرنى سەزگىنىدە ئۆزىنىىلا قۇتقۇزمىدى...«بۇ زور قوشۇننىڭ ئالدىدا يالغۇز جېنىمدا نىمە قىلالايىتتىم؟» دىمىدى بەلكى، ئۆزىنى قەۋمىنىڭ ئالدىدا بۇرچ ئېگىسى، قوغدىغۇچىسى دەپ بىلىپ چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا بىرەر يامانلىقنىڭ يېتىشىنى راۋا كۆرمىدى. شۇنداق، ئۇ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىنىڭ خەتەردىن قوتۇلۇشى ئۈچۈن پىدا قىلدى...

نۆۋەتتە ئۈممىتىمىزگە كېلىۋاتقان تەھىدىتلەر سۇلايمان ئەلەيھىسسالام چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتلەردىن زور ھەم كۆپ. ئىچىمىزدە ئەشۇ چۈمۈلىدەك ھېس-تۇيغۇدا بولۇپ، ئۈممىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈچەيدىغان ، ھاياتىنى تەقدىم قىلىدىغانلار بارمىدۇ؟ ئىچىمىزدىكى كىم ھەممە تەرەپتىن كىرزىسقا پېتىپ قالغان بۇ مىللەتنىڭ غېمىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۇرۇپ بېخىرامان ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرەلەيدۇ؟ بۇ كىرزىسلار پەقەت بىرلا بولماستىن بەلكى قاتمۇقات ھەممە تەرەپتىن بىزنى قورشاپ كەلمەكتە...

بۇ قىسەنىڭ بىر تەرىپى، يەنە بىر تەرىپى: «چۈمۈلە» دىگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە ئېنىقسىز ھالەتتە كەلگەن. دىمەك ئۇ ھېچبىرى تونۇمايدىغان ناتونۇش چۈمۈلە. ئۇ مۇشۇ كەڭ كەتكەن ۋادىدىكى بىر چۈمۈلە خالاس. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن سانىمىدى... ئەمما بىز بولساق دائىم «پالانى چوڭام نىمە ئىش قىلىپ بەردى؟ توختام ۋە كېلىشىملەر بىزگە نىمە ئېلىپ كەلدى؟» دەپ مەسئۇلىيەت، گۇناھ ۋە خاتالىقلارنى باشقىلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ قويۇپ ئۆزىمىزنى ئۈممەتكە يېتىۋاتقان ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىمىز...

بىر چۈمۈلە بىر خەلىقنى قۇتقۇزدى... ئۇ ھېچنىمىگە تەڭ ئەمەس ناتونۇش بىر چۈمۈلە ئىدى... ئۇ ئۈممەت غېمىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ خاتىرجەملىك يورۇقلۇقىغا چىقارغان چۈمۈلە ئىدى... مانا مۇشۇ غەم، ھېس تۇيغۇ ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن تويۇنغان ئىدى. ئۇ ئىلاھى رەھمەتنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان، خەلقىدىن بالا-قازانى كۆتۈرىۋەتكەن ئاددى چۈمۈلە ئىدى.

قىسسەدىكى يەنە بىر نۇقتىغا يۆتكەلسەك: ئۇ چۈمۈلە بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ نىيىتى تەھلىل قىلىپ گەپ ساتقىنىدەك سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ نىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇردىمۇ؟ «سۇلايمان سىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ، سىلەر ئاجىز قوشۇن، ئۇ سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ.» دىدىمۇ؟ ئۇ ۋە قەۋمى بىر-بىرىدىن سوراپ ئولتۇردىمۇ؟ ياق. ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە قوشۇنىنى نىمە دەپ ئاقلىدى؟ ئۇ «مەن ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۇكۇم تالقان قىلىپ ئۆلتۈرۈپ سىلەرگە ھۆكۈمران بولىدىغان نىيەتلىرى بارلىقىنى بىلمەيمەن. لىكىن «ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنجىۋەتمىسۇن!» ديىش بىلەن كۇپايىلەندى.

چۈمۈلىلەر ئۇنىڭدىن«سەن بۇ گېپىڭ بىلەن سۇلتان بولماقچىمۇ؟ مەرتىۋە ئالماقچىمۇ ياكى شۆھرەتمۇ؟» دەپ سوراپ ئولتۇرماستىن ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ تۇرالغۇلىرىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلار بۇ كىچىك چۈمۈلىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامان قالدى.

تىرىشچان ۋە چىدامچان بولۇش چۈمۈلىنىڭ يەنە بىر خۇسۇسىيتىدۇر. ئۇ ئۆي سالىدۇ، ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. يەنە بىر قېتىم سېلىشقا تۇتۇنىدۇ، يەنە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئۈچىنجى ۋە تۆتىنجى قېتىملاردىمۇ قاتا-قايتا ئۇرۇنۇپ ئۆيىنى مۇستەھكەم بىنا قىلىۋالمىغۇچە توختىمايدۇ.

تارىخچىلارنىڭ بايان قىلىشچە مەشھۇر قوماندان تۆمۈرلەڭ جەڭ مەيدانلىرىدىن بىرىدە مەغلۇپ بولۇپ قوشۇنى پارچىلىنىپ ئەسكەرلىرى چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ قاتتىق غەم تارتىپ ئەلەم چېكىپتۇ... ئۇ، ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىگە بېرىپ قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغىنىدا سىلىق تاشقا يامىشىپ چىقالمايۋاتقان، چۈشۈپ كەتسە يەنە چىقىشقا ئۇرۇنىۋاتقان چۈمۈلىنى كۆرۈپ قاپتۇ. چۈمۈلە ھەر قېتىم تاش ئۈستىگە چىقىشقا ئۇرۇنغاندا سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈمۈلىنى كۆزىتىشكە باشلاپتۇ... چۈمۈلىنىڭ 17-قېتىم يامىشىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ«يا ئاللاھ، ئەجەبلىنەرلىك!...» دەپ ۋارقىراپ تاشلاپتۇ. «چۈمۈلە جېنىدا يىگىرمە قېتىمغا يېقىن چىقىشقا ئۇرۇندى. مەن ۋە قوشۇنۇم تۇنجى قېتىمدىلا مەغلۇپ بولدۇق. بىز نىمانداق ئاجىز، نىمانداق ئۆزىمىزنى تۆۋەن چاغلايمىز» دىگىنىچە ئۆڭكۈردىن چىقىپ مەغلۇپ بولغان قوشۇننى يىغىپ جەڭگە كىرىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكىرى قالغۇچە يانماي ئۇرۇش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. چۈمۈلىنىڭ سىماسى كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ ئۇنىڭغا كۈچ بېغىشلاپتۇ...

ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى يىغىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭچى قالسىمۇ جەڭدىن قايىتماسلىققا ئەھدىلىشىپ جەڭگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار بۇ نىيەت-ئىرادە بىلەن جەڭگە كىرىپ نۇسرەت قازىنىپتۇ.

بىئولوگىيە ئالىملىرى چۈمۈلىنىڭ مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەستايىدىل ۋە ئىرادىلىك مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ھۆرمەتلىك كىتاپخان، سىز كۈنلەردىن بىرىدە يولدا ئۇخلاۋاتقان چۈمۈلىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى يولدا جىم تۇرۇپ ئوزۇق ئىزدەۋاتقىنىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۇنىڭ توختىماستىن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەربىر ھەرىكىتىدە تىرىشچانلىق بىلەن مىدىرلاۋاتقانلىقىنىلا كۆرەلەيسىز.

بىز ئىلىم ئۈگىنىش، خىزمەتلىرىمىز ۋە ۋەزىپىلىرىمىزدە شۇنداقلا ھاياتتىكى ھەممە ئىشلىرىمىزدا مانا مۇشۇ خىل تىرىشچانلىققا مۇھتاجمىز...

ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆملۈك چۈمۈلىنىڭ يەنە بىر سۈپىتىدۇر. سىلەر بىر توپ چۈمۈلىنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا بىرسىنىڭ يالغۇز مېڭىۋاتقانلىقىنى ياكى باشقا لىنىيەگە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ يىگىرمە ياكى ئوتتۇز چۈمۈلىنىڭ بىر نىشاندا بىرلىكتە ماڭغىنىنىلا كۆرەلەيسىلەر...

سۇندۇرۇلماس بىرلەشسە گەر بىر باغلام يا ئوق،

ئايرىلسا بىرى توپ ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۈن يوق.

بۇ ۋەقە پايدىلىدىغانغا دەرىس بولالامدىكەن؟! ئىبرەت ئالغۇچىلار بارمۇ؟

http://www.hiramagazine.com/archives/pdf


قارگۇلى 2012-04-25 11:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!! بۇ بەكمۇ ياخشى تەھلىل بوپتۇ!! مېنىڭمۇ چۇمۇلە توغرىسىدا بىر ھىكايە ئېيىتقىم كېلىۋاتىدۇ:
بىر ئېتىزلىققا ئوت كېتىپتۇ، ئۇت ئۇلغۇيۇپ ئاخىرى شۇ ئېتىزلىقتىكى بىر چۇمۇلە ئۇۋىسىغا تۇتۇشۇپتۇ.. چۇمۇلە پادىشاھى چۇمۇلىلەرنى بىر توپ بولۇپ ئۇيۇشۇشقا بۇيرۇپتۇ!! كىچىكلەر ،ئاجىزلار ئوتتۇرىدا، كوچلۇكلەر سىىرتىدا  شۇنداق زىچ توپلۇشۇپتىكى،، خۇددى بىر يوغان توپتەكلا بولۇپ كېتىپتۇ... ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن ئوتقا قاراپ دومۇلاپتۇ.. پاراس-پۇرۇش قىلىپ سىرىتقى قەۋەتلەردە تۇرغان نەچچە مىڭلىغان چۇمۇلىلەر كۆيۇپ تۇگىگەن بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بۇرغۇن چۇمۇلىلەر ئامان -ئېسەن ئوت ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ!!!!
مانا بۇ بىرلىك ،ئۆزىنى بېغىشلاش روھى!!!!!!!
بىزدە چۇمۇلىنىڭ ئەقلى چوڭ بولغاچقا بېشى يوغان.. بىر ئىش قىلسا بەكمۇستەھكەم،شۇڭا بېلى ئىنچىكە دەيدىغان گەپلەرمۇ بارغۇ!!!  

alim20 2012-04-25 11:56
بىر ئورمانلىقتا نۇرغۇن چۈمۈلىلەر ياشايدىكەن .بىر كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىپ تاشقىن كېلىپ سۇ ئەتراپىنى قورشاپ،ئازغىنا قۇرۇقلۇق قېلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قاپتۇ. چۈمۈلىلەر پادىشاھى پۈتۈن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق قىلىپ،ھەممىڭلار  يىغىلىپ پوڭزەك شەكلىگە كېلىڭلار دەپتۇ . ئاخىرى سۇ ئۇ  قۇرۇقلۇقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. چۈمۈلىلەر سۇدا  پوڭزەكلىشىپ  ئېقىپ ،ئېقىپ ئاخىرى بىر  قۇرۇقلۇق ياقىسىغا بېرىپ توختاپتۇ ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن چۈمۈلىلەر  سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ  ،قالغانلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۆز ھاياتىنى داۋام ئېتىپ ياشاۋېرىپتۇ. قالغىنىنى ئۆزىڭىز  تەپەككۇر قىلىۋېلىڭ.

simigo 2012-04-25 12:49
ئەمەلىيەتتە بىزدە ھازىر شۇنداق چۈمۈلىلەر ئېنتايىن كۆپ ، شۇنداق ئېيتالايمەنكى بۈگۈنكى دۇنيادا بۇنداق چۈمۈلىلەر ئۇيغۇر قەۋىمىدە ئەڭ كۆپ ....

newruz 2012-04-25 13:30
تەۋھىد دېگەن شۇ....

pakdiyar 2012-04-25 18:02
بەك ياخشى قىسسە ئىكەن بۇ  


查看完整版本: [-- قۇرئان كەرىمدىكى چۈمۈلە قىسسىسىگە نەزەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044777 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us