查看完整版本: [-- شەيخۇل ئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي تور ئەسەرلىرى -> شەيخۇل ئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kar 2012-04-24 23:53
 
شەيخۇل ئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرى
 
 
 
 
 
 
15. شەيخۇل ئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرى
 
(ھ1272 -1346)
(م1855 -1927)
 
 
شەيخ ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر قەشقەر شەھرىگە 13 كىلومىترى يىراقلىققا جايلاشقان بەشكىرەم(بەش باغ دىگەن مەنىدە) يىزىسىدا قول ئىلكىدە نۇرغۇنلىغان تىرىلغۇيەر ۋە مىۋىلىك باغلىرى بار بىر باي ئائىلىنىڭ ئىگىسى ئىدى.
بۇ ئائىلە ئۆزىنىڭ مىھماندوسلىقى، سيخىلىقى، يىتىم –يىسىر، ،غىرىب-مىسكىنلەرنىڭ بىشىنى سىلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بىلەن  شۇ يۇرۇتتا ناھايىتى مەشھۇر ئىدى.
شەيىخ ئوبۇلقاسىم ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلاپ، دەسلەپتە يىزىسىدىكى مەسچىتتە ئوقۇغان، كىيىن ئۆز زامانىسىدىكى بەزى ئىلىم ئەھلىلىرىدە ئوقۇپ، ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى قەشقەر شەھرىگە كۆچۈپ بىرىپ ، شۇ يەردە تاماملاپ، قەشقەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىك ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
شەيخ ئوبۇلقاسىم ھىجىرىيەنىڭ 1272-يىلى بەشكىرەم يىزىسىدا دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قول ئىلكىدە بار باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ھىجىريە 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەيخ ئوبۇلقاسىم ئىلمى قۇۋەت ۋە تەقۋادارلىقتا قەشقەردىكى ئۆلىما-ئۇستازلارنىڭ ئالدى بولۇپ قالغان.
ئۇنىڭ قەشقەردىكى ھويلىسى دائىم ئىلمى مۇتالىئە، زىكرى-سۆھبەتلەر بىلەن ئاۋاتلىشىپ تۇراتتى.
ئۇ ھىجرىيە1305-يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن دەسلەپتە مۇدەررىسلىككە، ئاندىن قەشقەردىكى چوڭ بىر مەسچىتكە ئىمام-خەتىبلىككە تەيىنلەنگەن.
ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى ھىجىريە 1310-يىلى قازىلىققا تەيىنلىنىپ، 20 يىل قازىلىق ۋەزىپىسىنى جىدەل-ماجراسىز ئۆتىگەن.
1317-يىلى مەھكىمە شەرئىنىڭ نائىب رەئىسلىكىگە، 1320-يىلى قەشقەردىكى سەككىز تارماق مەھكىمە قاراشلىق باش مەھكىمىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
بۇ باش مەھكىمىدە بىر مەھكىمە شەرئى ۋە 47 يىزا-بازارنىڭ شەرئى قازىلىرى بار ئىدى. بۇ قازىلار ھەپتىدە بىركۈن يەرلىك مەھكىمىدە ئەرىز-شىكايەت ئاڭلاپ ھەل قىلاتتى. بۇ ھال كۆپىنچە پەيشەنبە كۈنى كەچتىن ئەتىسى جۈمە نامىزىغىچە داۋام قىلاتتى.
شەيىخ ئوبۇلقاسىم شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇتالىئە قىلىشقا ھىرىسمەن كىشى بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ پەتىۋالىرىنى يادىلايتى. ھەردائىم تالىبلارنى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىناتى.
ئىلىم ئەھلىلىرنى، بولۇپمۇ باشقا يۇرتتىن ئىلىم ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن تالىبلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ياتاق، تاماقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قولىدىن كىلىشچە يارىدەم قىلاتتى. ئۇلارنى پات –پات مىھمان قىلىپ تۇراتتى.
شەيخ ئوبۇلقاسىم ھەدىس، تەپسىر، ئۇسۇل، مىراس، فىھقى، ماتىماتىكا، ئەرەب تىبابىتىنى ئۈگەنگەندىن سىرىت ، ھىجىرىيە 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراندىن قەشقەرگە كىلىپ ئولتىراقلىشىپ، قەشقەردىكى ھەرقايسى مەدرىسلەردە مۇدەررىسلىك قىلغان شەيخ زاھىد ئەردىلانىدىن ھۆسنىخەت يىزىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ھۆسنىخەتلەرنى يازغان.
ھىجىرىيە 1336-يىلى شەيخ ئوبۇلقاسىم قەشقەرگە شەيخۇل ئىسلام بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە 1346-يىلى ۋاپات بولغۇچە شۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن.
ۋاپات بولغاندىن كىيىن قەشقەرگە دەپنە قىلىنغان.
ئۇنىڭ بىرقانچە ھۆرمەتكە سازاۋەر پەرزەنتىلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇلار شۇ دەۋىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىما- ئەدىبلەر ھىسابلىناتتى.
ئۇلاردىن شەيخ ئابدۇقادىر مەخدۇم ھىجىرىيە 1402-يىلى ۋاپات بولغان.
يەنە زىيائۇدىن مەخدۇم  كىيىنكى دەۋىرلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىلىپ ئۇرۇنلىشىپ، تائىف شەھرىدە ياشىغان. بۇ كىشىنىڭ يىشى 80 دىن ئاشقان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلمى ئىشلىرى ، دادىسىدىن ئۈگەنگەن تىبابات كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىتىك، روھلۇق ياشىغان. ئۇ تىخى دادىسىدىن خەتتاتلىقنىمۇ ئۈگەنگەن. بۇكىشى ھىجىريە 1409-يىلى مۇھەررەم ئىيدا  تائىفتا ۋاپات بولۇپ، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسنىڭ يىنىغا دەپنە قىلىنغان.
ئۈچۈنجى ئوغلى شەيخ بۇرھانىدىن مەخدۇم، بۇ كىشى ياشلىقىدىن تارتىپ تەقۋادار، ئىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ ياشىغان. بىز بۇ كىشىنىڭ قاچان ۋاپات بولغىننى بىلمەيمىز، لىكىن ۋاپات بولغاندىن كىيىن قەشقەرگە دەپنە قىلىنغان.
 
ئاللاھ بۇلارغا رەھمەت قىلغاي! ئامىن.
 
 (مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئەرەبچە "ئەلئىئلام" دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھەمزەم)
                        كەڭساي مۇنبىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ


13899196193 2012-04-25 08:35
رەھمەت بىلىۋالدۇق!     

paris 2012-04-25 16:21
ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!


查看完整版本: [-- شەيخۇل ئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051234 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us