查看完整版本: [-- دىققەت !!!!!!!!!!!  چۇقۇم كۆرۇڭ!!!!!!!!!!!! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> دىققەت !!!!!!!!!!!  چۇقۇم كۆرۇڭ!!!!!!!!!!!! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مۇھەممەد(0998) 2012-04-23 12:52


12-ئاپرېل، خېفېي. قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ 90 مىنۇت ئىچىدە، چوشقا گۆشىنى كالا گۆشىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىنى كۆرۈپ بېقىڭ: بىرىنچى باسقۇچ: چوشقا گۆشىنى سۈپەتلىك كالا گۆشىگە ئايلاندۇرالايدىغان قىيام.
 چوشقا گۆشىنىڭ كالا گۆشىگە ئايلاندۇرۇلۇش




ئىككىنچى باسقۇچ: كۈچلۈك تەملەشتۈرگۈچ ماتېرىيال، چوشقا گۆشىنىڭ پۇرۇقنى يوقىتىدۇ. بۇ بىر كىچىك خالتادىكىسى 50 كىلوگىرام چوشقا گۆشىگە يېتىدۇ.


ئۈچىنچى باسقۇچ: كالا گۆشى قىيامىغا قوشۇلغان چوشقا گۆشى تەخسىدىكى تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەييارلىنىدۇ.


تۆتىنچى باسقۇچ: كالا گۆشى قىيامى سۈرگەلگەن چوشقا گۆشى بىلەن سۈركەلمىگەن چوشقا گۆشىنىڭ سېلىشتۇرمىسى.


بەشىنچى باسقۇچى: ئىككى سائەت دۈملەپ پىشرۇلغاندىن كېيىنكى راست چوشقا گۆشى بىلەن يالغان كالا گۆشىنىڭ سېلىشتۇرمىسى. كالا گۆشى قىيامى سۈركەلگەن چوشقا گۆشى راست كالا گۆشىگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ.


كالا گۆشى قىيامى ساتىدىغان خوجايىننىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسەن، مۇخبىر تاللا بازىرىدىن بىر پارچە چوشقا گۆشى سېتىۋالدى، ئۈستىگە بىر قەۋەت كالا گۆشى قىيامى سۈركەپ، ھەم ئۈستىگە خوجايىن بەرگەن تەملەشتۈرگۈچىنى سېپىپ دۈملىدى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن، چوشقا گۆشىنىڭ رەڭگى قېنىق كالا گۆشىگە ئۆزگۈرۈپ كۈچلۈك كالا گۆشىنىڭ پۇرۇقى تارقىلىشقا باشلىدى.  كېيىن مۇخبىر كالا گۆشى قىيامى سۈركەلگەن چوشقا گۆشىنى قازانغا سېلىپ قايناتتى، كالا گۆشى قىيامى سۈركەلمىگەن چوشقا گۆشىنىمۇ قازانغا سېلىپ قايناتتى.
بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن، مۇخبىر قاينىتىلغان قازاننىڭ ياپقۇچىنى ئېچىپ، كالا گۆشى قىيامى سۈركەلگەن چوشقا گۆشىنىڭ كالا گۆشىگە ئوپئوخشاش پىشقانلىقىنى، كالا گۆشى قىيامى سۈركەلمىگەن چوشقا گۆشى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلكىنى بايقىدى. يالغان كالا گۆشىنى ئېلىپ تېتىپ كۆرۈپ، تەمىنىڭمۇ راست كالا گۆشىدىن پەرقى يوقلىقىنى بايقىدى، كۈچلۈك كالا گۆشىنىڭ پۇرىقى تارقىلىپ تۇراتتى.
مۇخبىر ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، بازاردىكى كالا گۆشىنىڭ بىر جىڭى 20 يۈەن، چوشقا گۆشىنىڭ بىر جىڭى 11 يۈەن، ئىككىسىنىڭ باھا پەرقىدە بىر ھەسسە پەرق بار ئىكەن. ھەمدە پىشۇرۇلغان كالا گۆشىنىڭ بىر جىڭنىڭ باھاسى 30 يۈەن بولۇپ، كىراخمال ۋە ھەرخىل ماتېرىياللار ھەمدە ئۆي ئىجارىسى، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىق تەرەپلەرگە كېتىدىغان مەبلەغنىڭ ئېشىشى بىلەن، ئەگەر پەقەت كالا گۆشىنىلا قىلىدىغان بولسا ئۇ چاغدا باھا ئۇنىڭدىمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن، بىراق يول بويىدىكى بەزى كالا گۆشى دۇكانلىرىدا 6-7 يۈەندىن سېتىلىدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن.
نۇر خەۋەر تورى

ئۆركەش 2012-04-23 20:29
   ھايۋانلار !!!

firdawis1 2012-04-23 20:59
مۇسۇلماننىڭ  ئىمانى  ئاشۇنداق  ھارام  بىلەن  بۇلغۇنۇپ  كىتىدۇ .
ھەي  .  ھەي  ،  ھەي  ،  بەك  دىققەت  قىلايلى  قىرىنداشلار .

eltabir9 2012-04-23 21:19
چوشقىلار

祖木热提 2012-04-23 21:38
ھەر ئىنساننىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرسۇن خۇدايىم!!!مۇسۇلمان قېرىنداشلار بەك ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى.....

paris 2012-04-23 22:29
دىقەت!كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى شەكلىك نەرسىلەردۇر.....

samran 2012-04-24 00:13
ئاللاھ ھارامدىن  نىرى قىلغايسەن!!!

520ahsa 2012-04-24 03:24
بۇندىن كىيىن گۆش ئالساڭلار .ئۇيغۇردىن ئېلىڭلار جۇمۇ دوسلار !چاخ چاخ ھە ...

muzepper 2012-04-24 03:50
كاپىردىنمۇ يامان كاپىر، نىجىستىنمۇ يامان نىجىس.
قاتتىڭ دىققەت قىلىڭلار!. ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭلار!. ئەگەر ئىنسان ئىچىدىن بوزۇلسا ئۇنىڭ تۈگەشكىنى شۇ.

yusuf 2012-04-24 09:58
ئەينى ۋاقىتتا بۇتېمىنى مەرىپەت  مۇنبىرىدە بىر قېتىم كۆرگەن ئىدىم كىيىن بۇتېمىنى پەقەت تاپالمىدىم  خەۋەردارقلغىنىڭزدىن
ئاللاھ رازى بولسۇن

bende 2012-04-24 10:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
بۇ ئىپلاسلارنىڭ قىلمايدىغان قىلىقى يوق زادى،،، ئاللاھ بىزلەرنى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلىسۇن !!!! ئامىين !!!!

pakdiyar 2012-04-24 11:16
مۇنداق ساقتىلىقمۇ باركىنا  ئاللاھ ساقلىسۇن  

dulbarqin310 2012-04-24 16:11
ئاللاھ شۈبىھىدىن خالى قىلغايسەن.

نۇرئىسلام 2012-04-24 17:07
ئەبلەخلەر!!!!!
بۇ بىز مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ئىغىر ھاقارەت،بىز مۇسۇلمانلار قاچان ئۇلارنىڭ يىمەكلىك ئادىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.
قاچان ئۇلارنىڭ  يىمەكلىكىنى ئوزگەرتكەن.
تارىختىن بۇيان ئۇلار بىز بىلەن قارشىلىشىپ كىلىۋاتىدۇ.
مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولىشى كىرەك

udunbay 2012-04-24 17:08
دىققەت قىلايلى قېرىنداشلا.

مەھلىيا 2012-04-24 18:14
ئاللاھ ئۇلارنىڭ جازاسىنى بەرسۇن ، بىزمۇ ئامال بار ئۆزىمىزنى شەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشتىن ساقلايلى

getlerbag 2012-04-24 23:23
ئاللاھ بالاغا دۇچار قىلسۇن ئاللاھ سز كىتاپ سىز لار  

natsist 2012-04-24 23:41
بۇ ئادەملەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوقكەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قانداق ئويلاپ تاپىدىغاندۇ بۇ ئەبلەخلەر

ئىنسان. 2012-04-25 08:35
مۇسۇلمانلارنى مۇشۇنداق ھەزىرلەيدۇ ئەمەسمۇ ........

买买提明 2012-04-25 13:28
ئەڭ ئاۋال مال سېتۋالغاندا ئۇنىڭ ئىسمىغا ئەمەس،ياسىلىش ماتىرىيالى ،زاۋۇت ئادرىسى دېگەنلەرگە بەكرەك دىققەت قىلايلى،ئىمانىمىزنى بۇلغىۋالمايلى ،ئىسمى ئۇيغەرچە بولسىلا مۇسۇلمانچە  ئەمەس .بەك دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار.

ئىزلىرىم9999 2012-04-25 22:58

ھو ھايۋانلار .ئادەمنىڭ ئىمانىنى بۇلغاپ بولدى.


مەيمۇنە 2012-04-26 17:42
اللە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھەر تەرەپ ھۇجۇمىدىن ساقلىسۇن .ئاميىن...

yusuf 2012-04-26 18:21
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى 买买提明 نىڭ 2012-04-25 13:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەڭ ئاۋال مال سېتۋالغاندا ئۇنىڭ ئىسمىغا ئەمەس،ياسىلىش ماتىرىيالى ،زاۋۇت ئادرىسى دېگەنلەرگە بەكرەك دىققەت قىلايلى،ئىمانىمىزنى بۇلغىۋالمايلى ،ئىسمى ئۇيغەرچە بولسىلا مۇسۇلمانچە  ئەمەس .بەك دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار.

ياسىلىش ماتىرىياللىرىنىمۇ تۇلۇق چىقارمايدۇ تېخى سىز دېگەن يەرگە بۇرادەر

مېھرىبان 2012-04-26 21:43
    

xamxar5 2012-04-28 09:24
ئۇنداق نەرسىلەنى جىق يەپ كىتىپ بارىمىرغۇ ھازىر........!ئۇيغۇرلاغىمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولمىسا...........!

ئەزمەت~ 2012-04-28 16:35
ھاراملىق

ئىزھار1 2012-04-29 00:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دىمىسىمۇ   بۇلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلىرنى كىچىك بالىلار  دەھشەت  يەۋاتىدۇ  بۇنى بىزنىڭ  قېرىنداشلىرىمىز  ئەكىلىپ  سېتىۋاتىدۇ ، بالىلارغا ئىگە بولماي ئەخلەت شۈبھى يېمەكلىكلەرنى يىيىشتىن پەرزەنتلىرىنى توسمايۋاتىدۇ ، ئۇندىن باشقا بىزلەر  دىققەت  قىلماي  ئىستىمال  قىلىۋاتقان  نۇرغۇن خام  ماتىرياللار   بار قېرىنداشلار .
بۇ مەسلىنى  ھەل  قىلىشتا ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان  قېرىنداشلار زاۋۇتلارنى قۇرۇپ    بۇ  مەھسۇلاتلارنى  ئۈزى  قول  تىقىپ  شۈبھىدىن  خالى  ياساپ  خەلقىمىزنىڭ  ئىھتياجىنى  قامداش .  

ئايتولدى 2012-04-30 12:31
نېمە دېگەن ئىپلاسلىك بۇ ...  دىققەت قىلايلى... قېرىنداشلا... ئۆزىمىز قاتتىق دىققەت قىلساق خېلى ئشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ

ئەلى 2012-04-30 12:34
جىقراق تىللىۋېلىڭلار  يىڭى  ئەزالار  بىزدەك كونىرىغاندا تىللىيالمايسىلەر

نەمرۇللا 2012-05-03 19:48
  

نەزىفە0515 2012-05-04 16:27
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى نەپسىمىزنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىغاي،ئامىين.

كارۋان12 2012-05-10 20:46
ھەر ئىنساننىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرسۇن خۇدايىم!!!


查看完整版本: [-- دىققەت !!!!!!!!!!!  چۇقۇم كۆرۇڭ!!!!!!!!!!!! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.077405 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us