查看完整版本: [-- 2011-يىلى يەكشەنبە بازاردا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت -> 2011-يىلى يەكشەنبە بازاردا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sirik 2012-04-21 15:17
    ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى شەھەرلىشىشنى ناھايىتى بۇرۇنلا باشلىغان. بۇنداق مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلىشىش ۋە تاۋارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بازارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدىنىيىتى گەرچە ھازىرقىي مەدەنىيەت نۇقتىنەزەر بىلەن قارىغاندا ،سەل قالاق ھالەتتە كۆرۈنگىنى بىلەن ھەقىقىي بازار قائىدىسى ۋە سودا -سېتىق تۈزىمىنى ئىز-چىل ھەقىقىي تۈردە ئۈزۈلدۈرمەي ساقلاپ كەلمەكتە...

ئۇيغۇر بار يەردە چوقۇم مەسچىت بولىدۇ.....ئۇيغۇر بار يەردە چوقۇم بازار بولىدۇ....ئۇيغۇر بار يەردە......مەدەنىيەت كاتتا بولىدۇ..

بۇ خاس ئالاھىدىلىكنى دىيارىمىزدىكى باشقا مۇسۇلمان  مىللەت ھازىرچە ئۇيغۇرلاردەك قاملاشتۇرۇپ كېتەلمىدى ھەم كىتەمەيدۇ!!!



[attachment=16289]


تاھىربەگ 2012-04-21 16:04
دۆلەتباغدىكى ئۇلاغ بازىرىكەنغۇ...   ھەر يەكشەنبە دادام بىلەن كىرىپ، قوي كالا ئېلىپ ماشىنىغا بېسىپ قويۇپ، تونۇر كاۋاپتىن ئىككى زىختىن يەپ، ساراڭ دوغدىن بىر چىنىدىن ئىچىۋىتىپ چىقىپ كىتەتتۇق.  

  

تاھىربەگ 2012-04-21 16:23
تازا يامغۇر يېغىپ كەتكەن پاتقاق چاغدا تارتىپتىكەن بۇنى.
  قەشقەر دۆلەتباغدىكى بۇ يىزا ئىگىلىك، چارۋا مال بازىرى دۆلەتباغ يىزىسىغا جايلاشقان. كۆلىمى خېلى چوڭ ئىشقىلىپ.  يەم خەشەك بازىرى بىلەن ئۇلاغ بازىرى تام قوشنا. ھەممىدىن قىززىيدىغىنى ئۇلاغ بازىرى. ئۇلاغ بازىرىدا قوي، كالا، ئات، ئېشەك، ئۆچكە، قوتاز قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى سېتىلىدۇ.  بۇلارمۇ ئىچىدىن نەچچىگە بۆلىنىدۇ.  ئورۇق قوي بازىرى، قاسساپ قوي بازىرى، ئەكەك قوي بازىرى، ساغلىق بازىرى دىگەندەك. ھەممىسىنىڭ ئورنى ئايرىم.  
  بازارغا ھەر يەكشەنبە قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىللىرىدىن، ئاتۇشتىن، يەكەن، مارالبېشى قاتارلىقيىراق ناھىيلىرىدىنمۇ ماللار كەپ تۇرىدۇ. يەكشەنبە كۈنى ئوت بولۇپ كىتىدۇ ئوت. بەلىمـــــــــا؟... ساتلىمـــــــا؟... ئاسىــــــلا بەردىم...  دىگەن گەپلەر قەدەمدە بىر ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.  ئالدى ساتتىلارنىڭ گەپلىرى، تاۋۇزچىلارنىڭ، دوغچىلارنىڭ، كاۋاپچى، سامسىپەر، شورپىچىلارنىڭ ماللىرىنى داڭلاپ توۋلاشلىرى... بۇ بازارنى ئاجايىپ بىر تۈسكە كىرگۈزۋىتىدۇ.  قەدىمكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ تىپىك كارتىنىسى بۇ بازاردا تېپىلىدۇ.  قەشقەرگە كەلسىڭىز بۇ بازارغا كەلمەي كەتمەڭ. چەت ئەللىكلەرمۇ يېغىپ كىتىدۇ يەكشەنبە كۈنى.  
  ھەر يوغان بۇقا كالىلار، مۈڭگۈزلىرى يۆگىشىپ كەتكەن قوچقارلار، يۈگرۈك چىلان تورۇق ئاتلار ھەۋىسىڭىزنى كەلتۈرۋىتىدۇ. ئېشەكلەرنىڭ ھاڭراشلىرى قۇلاق مىڭىڭىزنى يەيدۇ     

   بىر يىلنىسى بۇ بازارغا ئاجايىپ يوغون بىر بۇقا كالا كىرىپتىكەن. تېخى چىش يىمىگەن بۇقا ئىكەن.  بويى مەندىن ئىگىز تۇرىدۇ. (مەن 1.73 كېلىمەن). ئۆزىمۇ ناھايىتى سېمىز.  ئاۋىستىرالىيە بۇقىسىنىڭ ئۇرۇغىدىن ئىكەن، مەنمۇ شۇ چاغقىچە ئۇنداق يوغان كالىنى كۆرۈپ باقمىغان. ئىگىسى 5 توننا كۈنجۈر يىگۈزۈپ بولدۇم دەيدۇ. دادامنىڭ بۇ بۇقىغا كۆزى چۈشۈپ، سودىلاشتى. ئادەملەر يىغىلىپ كەتتى. ئۇياققا تارتىشىپ، بۇ ياققا تارتىشىپ بۇ بۇقا 12500 سومغا پۈتۈشىلدى. شۇ كۈنى بازاردىكى بۇ موزايدىن باشقا ئەڭ چوڭ كالىنى (قاسساپلار سويىدىغان) 8000 سومغا سېتىپتىكەن. ئاچچىقىپ سويدۇق.  نەخ 550 كىلوگىرام گۆش چىققان ئىدى.  تېرىسى دىگەن بەكلا چوڭ ھەم قېلىن، چوڭ بىر ئۆيگە گىلەم قىلىپ سېلىپ قويسا بولغۇدەكلا چۈپتىكەن. ھازىرغىچە ئۇنداق چوڭ كالا كۆرۈپ باقمىدىم.  

nida0998 2012-04-21 18:26
بىزنىڭلام بازار مۇشۇنداق پاتقاق.....

gherip 2012-04-21 19:20
بىزنىڭ يەكشەنبە بازار كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ كەتتىغۇ

dulbarqin310 2012-04-21 19:56
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2012-04-21 16:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
دۆلەتباغدىكى ئۇلاغ بازىرىكەنغۇ...   ھەر يەكشەنبە دادام بىلەن كىرىپ، قوي كالا ئېلىپ ماشىنىغا بېسىپ قويۇپ، تونۇر كاۋاپتىن ئىككى زىختىن يەپ، ساراڭ دوغدىن بىر چىنىدىن ئىچىۋىتىپ چىقىپ كىتەتتۇق.  

  

ساراڭ دوغ دېگەن نېمە ئۇ؟

natsist 2012-04-21 20:03
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2012-04-21 19:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ساراڭ دوغ دېگەن نېمە ئۇ؟

دوغاپنىڭ بىر تۈرى

تاھىربەگ 2012-04-21 20:18
بىزنىڭ قەشقەردە دوغاپنى ساراڭ دوغ، ئوڭ دوغ دەپ ئىككىگە ئايرىيمىز. سىلنىڭ پىچاندا ئۇنداق دىمەمدا ؟  

samanyoli 2012-04-21 20:31
ئىسىل ،،،،،،،،،ئىسىل،،،،،،،،،،،،،،،،ئەجەپ ئىللىق كۆرۈنۈپ كەتتىيا بۇ  بازار،،،،،،،،،،،بىزنىڭ بازار بەك كىچىك،ئەمما پاتقاق بولمايدۇ،،،،،،،،،ساپلا شېغىللىق،،،،،   

amanxa 2012-04-21 23:58
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

قۇتلان 2012-04-22 10:48
تايىر جان ئۇكام! قارغاندا قاسساپلىقتىنمۇ بىڭسىڭىز باركەندە.......

تاھىربەگ 2012-04-22 12:59
قاسساپلىقنى ئۆتتۈرۋىتىمىزغۇ  

ۋەتەنسېز 2012-04-22 13:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2012-04-21 19:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ساراڭ دوغ دېگەن نېمە ئۇ؟

دوغ 3 خىلغا ئايرىلىدۇ
1- سى قىيام دوغ
2-قېتىق دوغ
3-ساراڭ دوغ ( قېتىق،قىيام ئارلاشتۇرۇلغان دوغ)

almiliq 2012-04-22 18:49
ئۇيغۇر بار يەردە چوقۇم مەسچىت بولىدۇ.....ئۇيغۇر بار يەردە چوقۇم بازار بولىدۇ....ئۇيغۇر بار يەردە......مەدەنىيەت كاتتا بولىدۇ..
بۇ خاس ئالاھىدىلىكنى دىيارىمىزدىكى باشقا مۇسۇلمان  مىللەت ھازىرچە ئۇيغۇرلاردەك قاملاشتۇرۇپ كېتەلمىدى ھەم كىتەمەيدۇ!!!

شۇڭا تۈرك قەۋمىلىرى بىزنى ئۇيغارلار، مەدەنىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىز دەپ باشقىچىلا سۆيۈنىدۇ.

مۇسىلىم 2012-04-22 19:25
ئۇيغۇرلارنىڭ بازىرى ئالامەت قىززىيدۇ جۇمۇ.

ئىنسان. 2012-04-22 23:52
بىزنىڭ يۇتتا بازا شەنبە كۈنلىكى قىزىيدي ئاۋۇ ئۇزۇن قۇلاقلارغا قاراپ بىزنىڭ بازارمىكىن دىگەن ئىدىم


muzepper 2012-04-23 04:26
تېمىنىڭ يېزىلىشى، ئىشلىتىلگەن سۆزلەر مېنى ھاياجانغا سالى. ئاۋۇ كۇچانىڭ جۈمە بازىرىنىمۇ سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ قويىدىغانلار يوقمۇ؟ ئۇ بازارنى كۆرمىگەنلەر بەلكىم ھەيران قېلىشى مۇمكىن.

abduwali123 2012-04-23 16:11
دىھقان بازىرى بەك قىزىيدىغان بازاردە  ، ھەقىقى مىللىيلىك بۇ يەردىن  تېپىلدۇ مانا

samran 2012-04-24 00:18
ئاناڭ بازار- داداڭ بازار، دەيدىغان  گەپ بار، بىر ھەپتىدىكى 7 كۈننىڭ ھەممىسىدە بازار بار، بازار قوغلاپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەرمۇ جىق،

taklemakan 2012-04-24 00:18
ھەي يەكشەنبە بازار ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ.خوتەندىكى ئەڭ چوڭىمىكىن.

fatih204 2012-04-24 17:51
يەكشەنبە بازارنىڭ مىھرى باشقىچە ،،  قەۋەت قەۋەت دۇكان سودا ساراي پۇتۇپ كەتسىمۇ ، بىزگە شۇ قىستا قىستاڭ ، توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان دىھقان بازىرى بەرگەن ھۇزۇرنى بېرەلمەيدۇ ،، خوتەننىڭ چۇققا بازىرىمۇ بەك چوڭ ،،

مەيمۇنە 2012-04-26 22:02
مەنمۇ يەكشەنبە بازارنى ھەجەپ سېغىندىما؟

end 2012-04-26 22:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2012-04-21 19:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ساراڭ دوغ دېگەن نېمە ئۇ؟

 ما پىچانلىق دۇلبەرچىن ئايلا ساراڭ دوغنى بىلمەمدىكىنا...
قەشقەگە كەسىڭىز ساراڭ دوغبىلەن مىھمان قىلاي ھى ھى ھى .  بۇرۇنلادا بىركويغا بىرقاچاسارڭ دوغ ئەپ قوياپ ئوتتاسا تىللىشىدىغان قوپسا مۇشلىشىدىغان كىنودىن بىرەنى تۇگۇتىۋىتىپ كىتەتتۇق ھا ھا ھا . يەنە بىردەم ئوتىراشماملا تۇگدى دىگەن ختى چىقىۋاسۇن دىگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان.
 ھازىر دوغچىلىنىڭ ھەممىسى پۇزۇردۇككاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى خاتىرجەم بولۇڭ كىنو كۆرىمىز دەپ ئاۋارە قىلمايمەن...

end 2012-04-26 23:55
ئاتوختىغان ئاپتۇز نەچچىنجى يولنىڭكىدۇ؟؟؟؟بۇدۆلەت باغ ئەمەستەك قىلىدۇجۇما .2011 يىلدىن تاتىپ دۆلەتباغقا بىنا چۇشكىنى تۇغان.
  تازا يامغۇ ياغقان ۋاقىتكىن قوي بازىرىنى دەسلاپتا ئانالىق باغنىڭ كەينىگە يۆتكىگەن ئۇۋەدىمۇ ئۇززاق تۇراممىدى ئۇيەلە لوبەنلەنىڭ قولىدىكى يەكىن يانا باشقا يەگە يۆتكىگەن .ھازىر جىق ئەدەم لە يىڭىشەنىڭ ئۇلاغبازىرىغا چىقىدىغان بوپتۇ.
ھازىر دۆلەت باغقا قاتۇ بىناسىلىۋەتتىدە...
مەيلى نەبولسۇن ئىشنى قىلىپ توغرا دەيدۇ ئۇيغۇرلا بايەدە بازابا...
ئەككەسلە قوللىرىنى بوپتا مۇشۇ مالدىن سىلىبى پايدىلىنىپ قاسلا رازىبوللىما...
_ۋايرازى....  سىلىمۇ رازىبولسىلا. ئۇلەغبازىرىدا كۆپ ئاڭلايدىغان سۆزلە. ھىى ھى ھى
نىمە دىگەن يىقىملىق دوستانە سوداھە.  كۆڭلىدەقىلچە ئەگرىلىك يوق ،...
ئاتا بوۋىللىرىمىز دىن تاتىپ مۇشۇندا ساپ  تەبى سودا بىلەن رۋاجلىنىپ كەلگەن مىللەت تە بىز.  

ئىزھار1 2012-04-28 21:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ راستىنلا  سەمىمى ، ئاق كۈڭۈل دوستانە مۇسۇلمانلار بىلەن تولغان ئاۋات بازار .

tawut 2012-06-12 12:26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...نىمە دېگەن ئىللىق چىرايلار .... كۆزۈمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈندى.
تاھىربېگىممۇ ئاغزىمغا سېرىق سۇ كەلتۈرىۋەتتى...  ھەي ئۇيغۇرۇم. ساددا ئاقكۆڭۈللىكى چېھرىدە پارلاپ تۇرىدىغان بىتەلەي ئۇيغۇرۇم...

dulbarqin310 2012-07-25 18:52
بىلۋالغاندەك قىلدىم ساراڭ دوغنى.


查看完整版本: [-- 2011-يىلى يەكشەنبە بازاردا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065406 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us