查看完整版本: [-- روزۈنۈ تەرك ېۈتۈشنۈڭ گۇناھۈ(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازۈرە مۇنبۈرۈ -> پەندۈ نەسھەت -> روزۈنۈ تەرك ېۈتۈشنۈڭ گۇناھۈ(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-08-14 19:05
  رامىزان روزىسىنى تۇتماسلىقنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىردۇر، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ روزا تۇتمىغانلىقنىڭ گۇناھىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ، رامىزان روزىسىدىن بىرەر كۈننى ئۆزۈرسىز تەرك قىلغان ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » رامىزان ئېيىدا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئەگەر ئۆمۈر بويى روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ « (بۇخارى رىۋايىتى).

  رامىزان روزىسى ئادەتتە كىشىلەرگە مالاللىق بېرىدىغان ياكى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ، يىلدا بىر ئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزلەرگە بىرئايدىن كۆپ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى بۇيرۇلغانلارنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلىنغانلاردىن قەتئى يېنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ماددىى ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇلغان بۇ بىر ئايلىق روزىنىمۇ تولۇق تۇتماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكۆرلۇق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزۈرسىز بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.



查看完整版本: [-- روزۈنۈ تەرك ېۈتۈشنۈڭ گۇناھۈ(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.041378 second(s),query:2 Gzip enabled

You can contact us