查看完整版本: [-- تار ئىشتانلىق قىزلارغا(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> تار ئىشتانلىق قىزلارغا(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-08-13 19:51



    ئاپتورى: تۇرغۇنجان مۇھەممەت(يۈرەكلىك)

نىۇزەيكۇنى كىيگەن قىز  يىرتىۋاپتۇ تىزىنى،
پىنھاندىكى ئەۋرەتنىڭ كۆرسۈتىپتۇ ئىزىنى.

ساغرىسىمۇ سۈزۈلگەن،ئاقارتىپتۇ يوتىنى،
قوزغاپ شۇئان ئەركەكنىڭ،شەھۋەت ھەۋەس ئوتىنى.

بەكمۇ تۆۋەن باغلاپتۇ ئىشتىنىنىڭ بېغىنى،
تاماس قاپتۇ كىيىشكە يىرتىۋېتىپ ئېغىنى.

دىگەنلىرىم لاپ ئەمەس،كۈزەتسىڭىز بىلىسىز،
شۇ قىزلارنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپلا كۈلىسىز.

ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ يۈرسە بولماسمۇ ؟
ئۆز مىللىتى_ ئەسلىنى بىلىپ يۈرسە بولماسمۇ؟

ئەنئەنىنى ساقلىسا،بولماس ھەرگىز قالاقلىق،
ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن قىز شەھرىمىزدە ساناقلىق.

نەدە قالدى پەردىشەپ،بىلمەس توۋا دىيىشنى،
كىم ئۈگەتتى ئۇلارغا،بۇنداق ئىشتان كىيىشنى؟

سەت ئەمەسمۇ كوچىدا ماڭسا شۇنداق چىقىرىپ،
ئەل-جامائەت كۆرسە ھەم ياقا تۇتار ئىشقىلىپ.

بۇنداق يۈرۈش قىزلارغا تۇيۇلماسمۇ سەتچىلىك؟
ئويلاپباقساق ئەسلى بۇ _ ئوغۇللارغا نەسچىلىك!

ھېچ بىلمىدىم ئۇلارنىڭ يوقمۇ دۇرۇس ئاپىسى؟
ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ،تۈزەيدىغان ئاكىسى؟

يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا مەستانە،مەس بوپكەتتى،
ئەركەكلىكنىڭ سېھرىنى بىھايالىق يەپكەتتى.

بۇ تېمىدا سۆزلىسەم ياقامدىكىن بىلمەيمەن،
تار ئىشتانلىق قىزلارغا شەرمى - ھايا تىلەيمەن

 مەنبە : گۈلدىيار مۇنبىرى

بۇنىمۇ ئۇقېۋېتىپمۇ يەنە كەڭسايداشلارغا گېلىم سىقىلدى. بىللە كۈرەيلى. ئەمما دەەشت كەلتۇرۇپتۇ بۇ  شىردا ...


dilbar 2010-08-13 22:20
شۇنى دەيمەن ...ئەمما شۇنىسى شېئىردا  دىيىلگەن < تار پۇشقاقلىق ،كۆت بەل > ئىشتاننى ئايرىم،ناھايىتى ئاز ساندىكى قىزلار كىيىدۇ...ئامال يوق ئۇلارغا...

oglan 2010-08-13 23:23
ھازىر زامان شۇنداق بوپ قالدى دىيىشلىرىچۇ قىزلارنىڭ ، كۆينەكنىڭ ئورنىغا ئىشتان ،ئىشتانىڭ ئورنىغا دەنكۇ ئىشتان ،دەنكۇ ئىشتانىڭ ئورنىغا كۇساركۇ كىيىپ چىقىدۇ ئاز كۇندىن كىيىن خەلقىمىز دوراپ چۇ..... بولدىلا  بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلساق گەپ تۇگمەيدۇ!

ھەمزە 2010-08-14 12:14
ئابدۇكەرىم ئابلېز دەۋاتىتتى <ھازىر قىزلارنىڭ كەيمىگەن ئېغى ئۇچۇق ئىشتانلا  قالدى> دەپ

arkan1221 2010-08-14 12:18
كالا    قىزلار         دەققەت             قىلىڭلار .......

orhun 2010-08-14 16:11
مېنىڭچە،ئۆزىمىزنىڭ مىلليچە تۈس ئالغان كېيىم-كىچەكلىرىمزنى دەۋىرگە ماسلاشقان ئاساستا تەرەققى قىلدۇرۇپ،ئەشۇ نىيۇزەيكۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتسەك،ئەلۋەتتە كېيىش ئۇسۇلى ئۇيغۇرچە.

qinakida 2010-08-14 16:46
ئاللاھ كۆڭلىگە ئىمان -ئىنساپ بەرمىسە بېرى بىكاردە ........

uzturuk 2010-08-15 14:43
ياخشى تېما ئىكەن

tvnlirikisi 2010-08-15 15:15
يامانلىق چېكىگگ يەتكەندە ياخشىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ!  ئوڭشۇلۇپمۇ  قالار


查看完整版本: [-- تار ئىشتانلىق قىزلارغا(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051308 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us