查看完整版本: [-- قانۇندىن مەسلىھەت سورايمەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> قانۇندىن مەسلىھەت سورايمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاغبۇلبۇلى0998 2012-02-16 23:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار مەن سىلەردىن مۇنداق بىر ئىش توغۇرىسىدا سىلەرنىڭ كۆز قارىشىڭلانى ئاڭلاپ باقماقچى ئەگەر مۇمكىن بولسا ياخشى بولغان تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئايىماسلىقىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن .
2010-يىلى 10- ئايدا مېنىڭ بىر دوستۇم   يەنەبىر   شوپۇر    دوستىنىڭ تەكلىۋى بويىچە ئويناپ كېلىش ئۈچۈن بىز تۇرۇشلۇق جايدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر جايغا ماشىنىلىق بارغان ئۇ  يەردە باشقا دوسلىرىنىڭ تەكلىۋى بويىچە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن  نەتىجىدە قايتىش يولىدا ماشىنىنى پىراۋىسى يوق بولغان ھېلىقى مېنىڭ دوستۇم ھەيدەپ كىتىۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئىككى كىشى مىنگەن  موتىسىكىلىتقا سوقۇلۇپ (ئۇلامۇ ھاراق ئىچكەن مەس ھالەتتە) بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن قاتناش ج خ ئەترىتدىكىلەرگە دىلو مەلۇم قىلغان .
ۋەقەدىن كىيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىشىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەشكە كېلىشكەن ،ھەمدە بۇ پۇلنى ماشىنىنڭ ئەسلى شوپۇرى بىلەن ھېلىقى دوستۇم ئىككىسى تەڭ نىسبەتتە تۆلەشكە كېلىشكەن ،ئۇنىڭدىن باشقا يارىلانغۇچى تەرەپنىڭ بارلىق داۋالىنىش چىقىمىنى ماشىنىنىڭ ئگىسى تولۇق ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ ئۆز-ئارا كېلىشىم تۈزگەن ،ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنام پۈتۈنلەي كاردىن چىقتى بۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنىنى ھەيدىگۈچى تۆلەم تۆلەش كېرەك دەپ سوتقا ئەرىز سۇنۇپ ئون مىڭ يۈەن پۇل تۆلەتكەن ،شۇ ئارىدا قاتناش ج خ ئىدارىسىدىكىلەر بۇ ۋەقەگە قارىتا مەسۇلىيەتنامە دەپ بىر پارچە ئىسپات چىقىرىپ ماشىنىنىڭ ئەسلى ئىگىسىگە 35% مەسئۇلىيەتنى ھېلىقى شور پىشانە ئاغىنەمگە 65%مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسۇن دەپ قارار چىقارغان .
ئۆلگۈچىگە بېرىلىدىغان تولەم پۇلى ئاللا بۇرۇن تۆلەپ بولۇنغان ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر دانە موتىسىكىلىت تۆلەپ بېرىلگەن .
يارىلانغۇچى تەرەپنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە  ماشىنا ئىگىسى جەمىىي 8900  يۈەن  پۇل تۆلىگەن .
يارىلانغۇچى سوتقا ئەرىز سۇنۇپ ئۆزىنىڭ جەمىي 25000 يۈەنلىك داۋالانغانلىقىنى بۇ پۇلنىڭ قالغان قىسمىنى بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كىمىسى بولسا بىرى تۆلەپ بېرىشى توغرىسىدا ئەرىز قىلغان ،ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە يارىلانغۇچىنىڭ چىقىمىنى تۆلەشكە ماقۇل بولغان ماشىنا ئىگىسى مەن بۇ پۇلنى تۆلىمەيمەن بۇ پۇلنى ماشىنا ھەيدىگۈچى تۆلەش كېرەك دەپ تۇرىۋالغان .شۇنىڭ بىلەن بۇ دوستۇم ھېلىقى يازغان كېلىشىمگە ئاساسەن سوتقا ئەرىز سۇنغان ، سوت مەھكىمىسى قاتناش ج خ ئەترىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنامىسى  چىقىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ ئۆز - ئارا كېلىشىم تۈزىۋالغان بۇ مەسئۇلىيەتنامە چىققاندىن كىيىن كېلىشىم ئۆزلىكىدىن كۈچىدىن قالىدۇ ،بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە ئەمەس يارىلانغۇچىنىڭ قالغان 16520 يۈەن پۇلنى ماشىنا ھەيدىگۈچى تۆلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان .
بۇ دوستۇم سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ئككىنچى قېتىم يەنە سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان لىكىن سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە ،ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كېلىشىم يارىلانغۇچىنىڭ خەۋىرى يوق ئەھۋال ئاستىدا تۈزۈلگەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنىڭ ئىسپات كۈچى بولمايدۇ دەپ قاراپ يۇقارقى ھۆكۈمنى چىقارغان.
1.ئەزىز تورداشلار ئەگەر ئاراڭلادا قانۇندىن تولۇق خەۋىرى بارلار بولسا مۇشۇ ئىشقا نىسبەتەن ياردىمىڭلانى ئايىمىغايسىلە .
2.راستىنلا قاتناش ج خ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيەتنامىسى چىققاندىن كىيىن بۇ كېلىشىم ئۆزلىكىدىن كۈچىدىن قالامدۇ .
3.ئىككى تەرەپ كېلىشىم تۈزگەندە يارىلانغۇچى تەرەپنىڭ چوقۇم بۇ كېلىشىمدىن خەۋىرى بولىشى كېرەك دەپ قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە بارمۇ .
ئالتۇندەك ۋاقتىڭلانى چىقىرىپ مۇشۇ ئىش ئۈستىدە ئاز -تولا مەسلىھەت بېرىشىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن رەھمەت سىلەرگە !

13899196193 2012-02-17 17:13
ئوبداب  بولۇپتۇ

تاغبۇلبۇلى0998 2012-02-17 20:23
بۇ تېما باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن تاقالدى!

sad~da 2012-02-17 21:20
ھاراق بارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئانسىدۇر ..............

uyghur-biz 2012-02-17 21:58
بۇنى ئادۇكات توردىن سۇرسىڭز شۇلار ياردەم قىلالايدۇ

ئەلى 2012-02-17 23:11
قانۇن پەقەت ئىسپاتنى ئاساس قىلىدۇ،دوستىڭىزنىڭ ماشىنا ئىگىسى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ئەلۋەتتە بىكار بولىدۇ،چۈنكى بۇ خۇددى سىزنى بىرى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن دەپ قىلىغاندەكلا بىر ئىش.ھېچكىم ئۇنى ئېتراپ قىلمايدۇ.ماشىنا ئىگىسى ماشىنا ھەيدىمىگەن،ماشىنا ھەيدىگەن كىشى سىزنىڭ دوستىڭىز ئۇنىڭ ئۈستىگە پىراۋىسى يوق،شۇڭا پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئالىدۇ ئۈستىگە ماشىنا ئىگىسى نېمىشقا مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ماشىنىنى ئاغىنىڭىزنىڭ ھەيدىشىگە بەرگىنىگىما؟ئەگەر دوستىڭىزنىڭ پىراۋىسى بولغان تەقدىردىمۇ  بەرىبىر تۆلەمدىن قۇتۇلالمايدۇ،چۈنكى نېمىلا دىگەن بىلەن دوستىڭىز ھايات قېلىپ قارشى تەرەپ ئۆلدى دە.قانۇن ئادەمگەرچىلىك ۋە ھېسسىياتنى ئېتراپ قىلمايدۇ ھەم ھەممە ئادەمنى باراۋەرمۇ قىلالمايدۇ.بىراق قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر .مانا بۇ دۆلىتىمىز قانۇنىڭ ئالاھىدىلىكى.

noshirwan 2012-02-17 23:45
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىنداش.
دېلونىڭ پاكىتلىرىنى بايان قىلىشتا ئېنىق بولمىغان تەرەپلەر بارىكەن.
يەنى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاتناش ساقچى ئەترىتى قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ، ھادىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ (بۇ دېلودا ماشىنا تەرەپ ۋە موتسېكىلىت تەرەپ) ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىدۇ. پىرسەنت ئايرىمايدۇ يەنى تولۇق مەسئۇلىيەت، تەڭداش مەسئۇلىيەت، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيىتى يوق دېگەندەك بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭغا قايىل بولمىسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى قاتناش ساقچى تارمىقىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ دېلودا ماشىنا تەرەپ ۋە موتسېكىلىت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى قانداق بېكىتىلگەن. بۇنى ئېنىق يازماپسىز.
مەسئۇلىيەت بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىكى تەرەپ خالىسا، قاتناش ساقچى ئەترىتى زىيان تۆلىمى ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلسا، مۇرەسسەنامە چىقىرىلىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. بۇ دېلودا ئۆلگۈچى تەرەپنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپتۇ، كېلىشىمگە كىملەر ئىمزا قويغان؟ ماشىنا ئىگىسىمۇ ياكى ئاغىنىڭىزمۇ؟
زەخمىلەنگۈچى بىلەن كېلىشىم ھاسىل  قىلىنمىغان ئەھۋالدا، زەخمىلەنگۈچى قاتناش ھادىسى ئېتىراپنامىسىدىكى مەسئۇلىيەت دەرىجىسى بويىچە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ دەۋا قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
قاتناش ج خ ئىدارىسىدىكىلەر بۇ ۋەقەگە قارىتا مەسۇلىيەتنامە دەپ بىر پارچە ئىسپات چىقىرىپ ماشىنىنىڭ ئەسلى ئىگىسىگە 35% مەسئۇلىيەتنى ھېلىقى شور پىشانە ئاغىنەمگە 65%مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسۇن دەپ قارار چىقارغان ، دەپ يېزىپسىز. يۇقۇرىدا دەپ ئۆتتۇق، قاتناش ساقچى ئەترىتى ھادىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىدۇ، ماشىنا تەرەپكە چېتىشلىق ئىككى سوبىكىت يەنى ماشىنا ھەيدىگۈچى ۋە ماشىنا ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ بېكىتىش ھوقۇقى بارلىقى توغرىلىق قانۇندا بەلگىلىمە يوق، يەنى بۇ مەسئۇلىيەتنى قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ پىرسەنت بويىچە ئايىرىشىنىڭ قانۇن ئاساسى يوق.
قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ھەيدىگۈچى بىلەن ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىر ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا، ھەيدىگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەگەر ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ سەھۋەنلىكى بولسا، تېگىشلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ماشىنا ئىگىسى پىراۋىسى يوق ئادەمگە ماشىنا ھەيدەشكە بەرگەن بولسا، بۇ ئۇنىڭدا سەھۋەنلىك بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
زەخمىلەنگۈچى ماشىنا تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلغان بولسا، ماشىنا ھەيدىگۈچى ۋە ماشىنا ئىگىسى سەھۋەنلىك دەرىجىسىگە قاراپ تۆلەم تۆلەيدۇ، بۇ ئىككىسى ئۆزئارا كېلىشىۋالغان بولسا، بۇنداق كېلىشىم ئارقىلىق زەخمىلەنگەنگۈچىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى چەكلىيەلمەيدۇ. ئەگەر ماشىنا ھەيدىگۈچى بىلەن ماشىنا ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم توختام خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ،  قانۇن بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنمىغان، كۈچتىن قالدۇرۇلمىغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، شۇ ئىككىسىگە قارىتا چەكلەش كۈچى بولىدۇ. 3- تەرەپكە يەنى بۇ دېلودا زەخمىلەنگۈچىگە كېلىشىمدە پۈتۈشكەندىن كۆپ تۆلەم تۆلەپ كەتكەن تەرەپ كېلىشىمگە ئاساسەن يەنە بىر تەرەپتىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر   ئەگەر ماشىنا ھەيدىگۈچى بىلەن ماشىنا ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم قانۇن بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنسا، كۈچتىن قالدۇرۇلسا ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە بېكىتىلىدۇ.

مۇمكىن بولسا، ھۆكۈمنامىنىڭ ئاساسىي پاكىت قىسمىنى تورغا ئەينەن يوللاپ بېقىڭ. تورداشلار ئاندىن پاكىت ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلالايدۇ.

مۇرسالات 2012-02-18 13:19
ئوبداب  بولۇپتۇ

paris 2012-02-18 14:15
ھەي ھاراقتىن كەلگەن ئاقىۋەت.......

yangen 2012-02-18 23:48
ئەڭ مۇھىمى دوستىڭىزغا تۆۋبە قىلىش پۇرسىتى قاپتۇ!ئەگەر ئۆلگۈچىمۇ ھاراق ئىچكەن بولسا....................!!!

yangen 2012-02-18 23:50
نىمىگە تاققا تۇققا سۆزلەپ يۇرىدكىن دەپ قالماڭ!بۇ مۇنبەردىكىلەر دىنغا بەكرەك كۆڭۈل بولىدۇ!توغرا چۈشىنىڭ!


查看完整版本: [-- قانۇندىن مەسلىھەت سورايمەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063757 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us