| ھەمزە | 
2010-08-08 20:03 | 
 
                                                        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگەر دەپ يوللاپ قويدۇم .  بىر ژۇرنالدا باكەن 2000.يىنىڭكىدە                                         
 
  ئوشۇق بوغۇمىنىڭ ئىششىشى بەلكىم قەنت كېسەللىكى ، رېماتىزم كېسەللىكى ، بۆرەك زەخمىلىنىش ياكى پەي زەخمىلىنىشتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن .  تېرىلەرگە كىچىك قاپارتما ، يىرىڭلىق قاپارتما چىقسا ياكى تېرىنىڭ مەلۇم ئورنى قىزىرىپ قىچىشسا ، بولۇپمۇ پۇت زامبۇرۇغ كېسەللىكى كۆرۈلسە ، بۇ قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ جىددىي سىگنالىدۇر .  پاقالچاقنىڭ ئىششىشى بۆرەك ياكى جىگەرنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن ، ئۇندىن باشقا يۈرەك زەئىپلىشىشمۇ پاقالچاقنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .  تىز ئاستى پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ ئىششىشى قالقانسىمان بەز فۇنكىسىيىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن .  تۇيۇقسىز ئاقساش يۈز بەرسە ۋە پاقالچاق مۇسكۇلى كۈچسىزلەنسە ، بۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان قېتىش كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك سىگنالى .  چات يېرىقىدا قولغا ئۇرۇنىدىغان قاتتىق مۇنەكچىلەر بولسا ( 2 ھەپتىدىن ئاشقان بولسا ) ، بۇ شۇ ئورۇندا ياللۇغلىنىش بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، بەزىدە ھەتتا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىق خەۋپى بولۇشى مۇمكىن .  جىنسى ئەزادىن يىرىڭ ياكى قان ئاقسا ، جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ بەلگىسى ، ئەگەر چىدىغۇسىز قىچىشسا كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى .  تۆۋەنكى قورساق داۋاملىق كۆپسە ۋە قاتتىق ئاغرىسا ، قارىغۇ ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ بېشارىتى .  قورساق قاتتىق كۆپسە ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋاملىق يەل يۈرۈشسە ، بۇ تۇخۇمدان راكى ياكى ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلىق خەتىرىنى ئىپادىلەيدۇ .  ئەمچەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە قاتتىقلىقى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن بولسا ياكى تېرىسىدە ئۆزگىرىش بولسا ( قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرسە ) ، بۇ ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولغانلىق بېشارىتىدۇر .  چاچنىڭ سارغىيىشى ۋە پارقىرىماسلىقى تۆمۈر ۋە ۋە ۋىتامىن Bنىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . چاچنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىشى بولسا ئىممۇنېتىت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ( مەسىلەن ، ئەيدىز كېسىلى )گە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى .  قولنىڭ داۋاملىق نەم تۇرۇشى قالقانسىمان بەز فۇنكىسىيىسى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن . قولنىڭ سىرقىرىشى ياكى قىچىشىشى ۋىتامىننىڭ كەملىكىدىن ياكى قەنت سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىندۇر .  مۈرە قىسمىنىڭ مايماق بولۇشى سۆڭەك يىگىلەش ( سۆڭەك ماددىسى شالاڭلاش ) كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .  جەينەك قىسمىدا كىچىك مۇنەكچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ، جەينەك بوغۇمى بىلىنەر - بىلىنمەس ئاغرىشى كۆپىنچە رېماتىز كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى .  قول تىرنىقىدا تېيىز ئويمان ، بىر قەدەر چوڭ ئويۇق ياكى ئەگرى - بۈگرى ئىزلار بولسا ، بۇ كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە كېسەللىكى ياكى تەڭگە تەمرەتكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .  ئەگەر قول - بىلەكلەر تۇيۇقسىز كۈچسىزلىنىپ سېزىمى يوقاپ كەتسە ياكى ھەرىكەتكە كەلمىسە ، يېنىك سەكتە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن .  بويۇننىڭ ئىششىشى تۇبېركۇليۇز قالقانسىمان بەز كېسەللىكى ۋە لىمفا راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .  يوتا بوغۇمى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىسا بوغۇم ياللۇغى ياكى يوتا بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، بەزىدە يەنە سۆڭەك يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ . 
 
 
 
 
 تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان  | 
 
 
 |