查看完整版本: [-- سىز يىتىم ئەمەس!!!(ئەنجۈرە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> سىز يىتىم ئەمەس!!!(ئەنجۈرە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anjura 2012-01-03 11:59
سىز يىتىم ئەمەس!!!

      ئەسىىلامۇئەلەيكۈم:
     ياخشىمۇسىلەر مۇنبەر ئەھىلى؟! بۈگۈن بۇ قەلىمىم يەنە ماڭا بويسۇنماي قەغەز يۈزىدە ئوينايمەن دەپ بەكلا جىم تۇرالماي مىنى قاقشىتىۋىتىپ بارىدۇ.شۇ سەۋەپ يەنە بۇ كاساپەت،كەپسىز قەلىمىمنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتىم.سىلەرنى زىرىكتۈرۋەتسىمۇ ئازراق سەۋىر قىلىپ بۇ كەپسىزىمنى ئىختىيارىغا قويۇۋىتىشىمگە روخسەت قىلغايسىلەر.بىلىمەن،خىلى بۇرۇندىنلا ماڭا ۋە بۇ ھەمراھىمغا رۇخسەت قىلىپ بىزنى ئەركىن قويۇۋىتىپ بارىسىلەر.بۇنىڭ ئۈچۈن مەن تولىمۇ خۇشال.بۇ كەپسىز شۇمتەكمۇ ئۆزىنى بىلەلمەي تىخىمۇ شوخلىشىپ قاچاندا قارىسا قەغەز ئاغىنەم بىلەن ئوينايمەنلا دەپ تۇرۋالىدۇ.سەل ئىختىدارى بولسا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كەپسىزلىك قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
    يىقىندىن بىرى مەن ‹يىتىم›سۆزىگە ئائىت ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىپ كىتىۋاتىمەنغۇ ھىچ ئۇقمىدىم.باشقىلار ئاغزىدىن ۋە تورلاردىنمۇ كۆپ ئاڭلاپ كىتىۋاتىمەن.قايسى كۈنى مەكتەپداشلار تورىنى چىڭداۋېتىپ ‹يىتىملەر دىگەن ئۆزبىكچە ناخشىنى ئاڭلاپ بۇ ‹يىتىم›ئۇقۇمى توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلەشكۈم كەلدى.ئۆزۈممۇ ھەيران ماڭا مانا مۇشۇنداق بىرەر تەرەپ تەسىر قىلپ ئويلىنىشقا تۈرتكە بولسا بۇ ئىش بىر قانچە كۈن كاللامغا كىرۋىلىپ شۇ تىما توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ كىتىمەن. بولسا بىرەرى بىلەن شۇ ئويلىرىم توغرىسىدا پىكىرلىشىۋەتسەم ۋە ياكى مانا مۇشۇنداق قەغەز يۈزىگە جىجىلىۋەتمىسەم ئاندىن ئارامىمغا چۈشىدىكەنمەن.قىنى ئەمسە بۈگۈن بۇ بىر قانچە كۈندىن بىرى ئويلىنىۋاتقان تىما ئۈستىدە مەن بىلەن ئورتاق پىكىردە بولىشىپ بەرسەڭلار....
    يىتىم دىگەن زادى قانداق بولىدۇ؟! قانداق ئەھۋالدا قالغانلار يىتىم تۈرىگە كىرگۈزىمىز؟! سىز يىتىممۇ؟!......<يىتىم>بۇ ئۇقۇم ئاڭلانسا قەدىردانلىرى بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلسى يوق ياكى بىرى ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن يوق ،ھامىيسىز قالغان ئىچ ئاغرىتىشقا،كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تەسەللىگە مۇھتاج بولغان كىشلەرنى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ دەپ قارىساق كىرەك.شەخسەن بۇرۇن بۇ تىما ئۈستىدە ئۇنچە تەپسىلى پىكىر يۈرگۈزمىگەندە شۇنداق ئويلاپ قالاتتىم لىكىن ھازىرقى ئويۇمدا بولسا ھەقىقىي يىتىم ئەنە شۇ قەدىردانلىرى بار تۇرۇپ روھىيىتى ۋە مەنىۋىيتىدىن،ئىتقاتىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ھەققىي تىرىك يىتىم ئىكەن.ئارىمىزدا ھەقىقەتەن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بىزنىڭ دەسلەپكى ئىڭىمىزدىكى يىتىم تۈرىگە كىرىدىغانلار ئاز ئەمەس.مەنمۇ ئەتراپىمدا بىرقانچە قىرىنداشلارنى ئۇچراتتىم ھەم يەنە شۇ قىرىنداشلىرىمغا مەسلىكىممۇ كەلدى.نىمە ئۈچۈن دەمسىلەر؟! سىلەرگە دىسەم مۇشۇ تۈردىكى بىر قىسىم قىرىنداشلىرىم مەن ۋە سىزنىڭكىدەك ئاتا-ئانىمىز ھايات،يىنىمىزدا تۇرۇپمۇ ئۇلاردىكى جاسارەتكە،غەيرەت چىدامچانلىق ۋە مەنىۋىيىتىگە ۋاقتى كەلسە سىز،مەن تەڭ كىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
    مەن بۇ يەردە ئارتۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرۇشنى توغرا كۆرمىدىم چۈنكى بۇ تەرەپلەرنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ قىرىنداشلارنىڭ كۆڭلىگە نىمە دىمەكچى بولغانلىرىم ئايان دەپ قارىدىم.پەقەت ئەنە شۇنداق ئۆزىنى يىتىم دەپ باشقىلار ئالدىدا بوينىنى قىسىۋاتقان،ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويىۋاتقان،ئىچكى دۇنيارىدىمۇ ئۆزىنى يىتىم قالدۇرۋاتقان،يوقىتىپ قويۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا بىرقانچە يۈرەك سۆزۈم بار:

قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىزگە تۇغۇلىشىڭىزدىنلا ئاللانىڭ رەھمىتى يېغىپ مانا مۇشۇنداق مۇسۇلمان توپى ئارىسىدا ياراتتى.
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى يەنە سىزگە ئاللانىڭ رەھمىتى يېغىپ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق تاشقى دۇنيادىكى يىتىملىك سىنىقىنى ئاتا قىلدى.(پەيخەمبەر ئەلەيھىسسالام قايسى كىشى بەك سىنىلىدۇ دىگەن سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: پەيخەمبەرلەر ئەڭ قاتتىق سىنىلىدۇ،ئاندىن تۆۋەندىكىلەر،ئۇلاردىن قالسا تۆۋەندىكىلەر،ئۇلاردىن قالسا تىخىمۇ تۆۋەندىكىلەر،ئادەم ئۆز دىنىغا قاراپ سىنىلىدۇ،ئەگەر دىندا مۇستەھكەم ئادەم بولسا قاتتىق سىناققا ئۇچرايدۇ،بوش ئادەم بولسا بوشراق سىنىلىدۇ.ئاللا ئادەمنى دىنىغا قاراپ سىنايدۇ.بەندە يەر زىمىن ئۈستىدە مېڭىپلا تۇرىدىكەن،ئۇنىڭ گۇناھى بولمىسىمۇ بالادىن خالىي بولالمايدۇ.تىرمىزى رىۋايىتى.)
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىز مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك،سىرداش،ھالىغا مۇڭ بولىدىغان،كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ھەم شۇنداق ئىچكى دۇنيارىدا تىرىك يىتىم قالغانلارغا ياخشى ئوزۇق بىرەلەيدىغان قىرىندىشىمىزسىز. 
 قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىزگىمۇ ئۆزىڭىزگە يارىشا ئاللادىن ئاتا قىلىنماقچى بولغان ھازىرقى ۋە كەلگۈسى گۈزەل ئىستىقبال،بەخىتلىك تۇرمۇش،ياخشى ئاقىۋەتلەر،رىسىقلار كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ. 
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىز مەندىن جۈملىدىن ئەڭ كۈچلۈكلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلىكىسىز.يەنە چۈنكى سىزدە بۇرۇنلا روھىي جەھەتتىنكى كۈچلۈكلۈك يىتىپ بولغان،ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا سىز شۇ تاشقى دۇنيادىكى يىتىم بولغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىڭىزدىلا ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرۈپ ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق بەردەم تۇرالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ئىدى.
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىز مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ سىزگە بۇ تەرىپىڭىزدىن ئىچ ئاغرىتىپ تۇرۇپ ئاتا قىلغان كۆيىنىش ۋە مۇھەببىتىگە مۇھتاج بولماستىن چىن قەلبىدىن ئاتا قىلغان ساپ ۋە سەمىمىي مۇھەبببىتىگە مۇھتاج بولغان ھەم ئىچ ئاغرىتىش ئاساسىدا كەلگەن مۇھەببەتنى قوبۇل قىلىشنى چىن كۆڭلىدىن خالىمايدىغان روھىيىتى تولىمۇ مول ۋە ئەڭ كۈچلۈك قەدىرلەشكە تىگىشلىك كىشىدۇرسىز.

مەنبە: ئەنجۈرە خاتىرىسىدىن


arzuyum 2012-01-03 16:58
ۋەئەلەيكۇم  -  ئەسسالام  ،  ئەزىز  ھەمشىرەم   اللاھ  ئىلىمىڭىزنى  زىيادە  قىلغاي  ،  امىين !

ahlak 2012-01-03 23:22
رەھمەت تىمىڭىزغا ئەنجۇر  قىرىندىشىم..   يېتىمنىڭ ئىگىسى ئاللاھ

unqa 2012-01-03 23:37
ناھايتى  ياخشى تېما يېزىپسىز ، رەھمەت .


查看完整版本: [-- سىز يىتىم ئەمەس!!!(ئەنجۈرە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.050159 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us