查看完整版本: [-- كۈچلۈك دىلو تەھلىلى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھېكمەتلەر -> كۈچلۈك دىلو تەھلىلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

samanyoli 2012-01-03 11:33
[attachment=14122]
بىر بۇلاڭچىلار گۇرۇھى بانكا بۇلاش جەريانىدا بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزنى ئېيتقان: «ھەممىڭ جايىڭدا جىم تۇرۇش! پۇل دۆلەتنىڭ، جان ئۆزەڭنىڭ!» – بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ھەممىسى بىر ئېغىز غىڭ قىلماي جايىدا جىم ياتقان. بۇ دەل ئىدىيەنى بۇراش دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى بۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى مۇقىم بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلگەن.


ئاندىن بۇلاڭچىلار يوپكا كىيىپ جوزىنىڭ ئۈستىدە ياتقان كاسسىر قىزچاققا مۇنداق دېگەن: «قىزچاق، ماسلىشىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەمما يېتىش شەكلىڭىزنىڭ مەدەنىي بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ، بىز سىزنى ئەمەس، بانكىنى بۇلىغىلى كەلگەن!» – بۇ كەسپى دىيانەت دەپ ئاتىلىدۇ، قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك!

بانكىنى ئوڭۇشلۇق بۇلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئارىدىكى بىر يېڭى كەلدى(ماگىستىر بۇلاڭچى) مۇنداق دېگەن: «ئاكا، بىز دەرھال بۇلىغان پۇللارنى ساناپ باقايلى». ئاۋۇ پېشقەدەم بۇلاڭچى(باشلانغۇچ ئۇنۋانى بار) ياندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كاللاڭدىن كەتتىڭما؟ بۇنچىلىك جىق پۇلنى بىز قاچان ساناپ بولىمىز؟ بۈگۈن كەچتە خەۋەر كۆرسەڭلا ھەممىنى بىلىسەن.» – بۇ خىزمەت تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئاي بۇ يىللاردا خىزمەت تەجرىبىسى ئۇنۋاندىنمۇ مۇھىم!

بۇلاڭچىلار كەتكەندىن كېيىن بانكا باشلىقى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتىپتۇ، بۆلۈم باشلىقى ئەمدى مېڭىشىغا بانكا باشلىقى جىددى: «توختا! بىز ئالدىنقى قېتىم شەخسى ئىشلىتىۋالغان ھېلىقى بەش مىليوننىمۇ يۈتكەن پۇل سانىغا قوشۇپ مەلۇم قىل!» دەپتۇ. بۇ خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك!

بۆلۈم باشلىقى جاۋابەن: «بۇ بۇلاڭچىلار ئايدا بىر كېلىپ بۇلىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن» دەپتۇ. خىزمەت دېگەن مەنىسىز بولىدۇ، خۇشاللىق ھەممىدىن مۇھىم! ئىككىنچى كۈنى خەۋەردە بانكىدىن بۇلاڭچىلارنىڭ 100 مىليون بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىپتۇ، ئەمما بۇلاڭچىلار ساناپ يۈرۈپ ئاران 20 مىليون چىقىرىپتۇ. بۇلاڭچىلارنىڭ كاتتىۋىشى ئاچچىقىغىدا: «ئاناڭنى! ئاكاڭ قارىغاي جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئاران 20 مىليون بۇلاپ كەپتىمەن، بانكا باشلىقى ئازراق كاللا ئىشلىتىپلا 80 مىليون تېپىپتۇ، قارىغاندا بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە يەنىلا قورساقتا ئۇماچ بولمىسا بىكاركەن!» – بىلىمنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى!

بانكا باشلىقى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغىنىچە بۆلۈم باشلىقىغا دەپتۇ: «سەن سولتەكنىڭ كاللىسى خېلى ئىشلەيدىكەن ھە؟! يۈرۈكۈڭ قاپتەك باركەن…» بۆلۈم باشلىقى مىيغىدا كۈلۈپ قويۇپ زۇۋان سۈرمەپتۇ، كۆڭلىدە بېشىدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك ئۇھ تارتىپ: «ئاخىرى پايچەك ئويناپ تارتقان زىيانلىرىمنى تولدۇرىۋالدىم» دەپتۇ. – بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇش ھەمدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ!


،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ئەلى 2012-01-03 11:51
ئەجەپ قىززىق ۋە ئاچچىق تېمىكەن  بۇ

gunahkar 2012-01-03 16:57
بۇلاڭچىلارنىڭ مەدەنيلىكىگە قاراپ چەتئەلدە بولغان ئىشمىكىن دېسەم !بانكا باشلىقلىرىنىڭ خۇي پەيلىنىڭ يامانلىقىدىن قارىغاندا بۇ ئۇلۇغ جوڭخۇا ئىلىدا بولغان ئىشتەك قىلىدۇ !

arzuyum 2012-01-03 17:35
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،  تېمىڭىزغا  تەشەككۈر  !

دېدار 2012-01-03 18:34
قارغاندا بۇ ۋەقە كەنېت مالېيە ئېشخانېسدا يۇز بەرگەندەك قېلامدۇ نېمە ،،،،،،جەنۇبې شېنجاڭنېڭ چەت يېزا كەنېتلېردا،،،،،

جەڭچى 2012-01-03 20:03
سىياسىنىڭ فورمىلاسىنى  ،،ئىيىتىپ بىرىپتۇ  .     

general 2012-01-03 22:15
بۇ دېلو مۇرەككەپ بولسىمۇ دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ياخشى ئىبرەت ئالدۇق،بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق.
رەھمەت.

saifulla 2012-01-03 22:22
دۆۋلىتىمىزدە بانكا بۇلاپ تۇتۇلماپتۇ  دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ باققانلار بارمۇ؟

unqa 2012-01-03 23:41
بۇ تىمىنى كۈرۈپ نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم  


查看完整版本: [-- كۈچلۈك دىلو تەھلىلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.068417 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us