查看完整版本: [-- ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ ئىلمىي دەلىللىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ ئىلمىي دەلىللىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arslantikin 2011-12-22 21:38
ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ ئىلمىي دەلىللىرى
ۋاقىت :2010-07-30 12:55:16  مەنبەسى :   يوللۇغۇچى:ھەقىقەت
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! كۈنىمىزدە ھەر يەردە ئوتتۇرھاللىقتىن سۆز قىلىنماقتا. ئوتتۇرھاللىققا چاقىرىلماقتا.
ئوتتۇرھاللىق - نورماللىق ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەڭ مۇناسىپ يولدۇر. ھەر قانداق ئىشتا ئوتتۇرھال يول تۇتقان كىشى ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ. ئوتتۇرھاللىق ئىسلام دىنىنىڭ ئايرىلماس خۇسۇسىيىتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسلام ئۇممىتىنى «ئوتتۇرھال ئۇممەت» دەپ ئاتىغان. لېكىن بىز مۇسۇلمانلار دىنىمىزنى ئاتا - ئانىمىزدىن مىراس ئالغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنى تەتقىق قىلىپ ياخشى چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا قۇلاقتىن ئاڭلىغان بەزىسى توغرا بەزىسى خاتا پىكىرلەرگە تايىنىپ، دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى يوقاتتۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى مەن مۇسۇلمان دېگەندىن باشقا، دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر ئىسلامنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، تۇرمۇش ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى قاتتىق چىڭىتىپ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئىجرا قىلالمايدىغان ۋە ئىسلامنى بىلمەكچى بولغانلارنى قاچۇرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. يەنى بىز ئوتتۇرھاللىقتىن ھالقىپ كەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسلام دىنىمىزنى ئوتتۇرھاللىق خۇسۇسىيىتى بىلەن ئوڭ - سولغا ئېغىپ كەتمەستىن بايان قىلماقچىمىز.
ئىسلامدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ئىمان. ئىمان - ئىسلامدا ئىنىشنىكە بۇيرۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە چىن ئىشىنىش دېمەكتۇر. بۇلارنىڭ بېشىدا ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا بىرلىكىگە ئىشىنىش كېلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش كوممۇنىستلارنىڭ دېگىنىدەك يوق نەرسىنى بار دەپ ئىشىنىش ئەمەس، بەلكى قەتئىي ۋە ئېنىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتكە ئىشىنىشتۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ چوڭ دەلىل مۇشۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى سانسىز مەۋجۇداتلاردۇر. بىز ئۈستىدە ياشاۋاتقان زېمىن ۋە ئۈستىمىزدە كۆرۈۋاتقان سانسىز يۇلتۇزلارغا قاراپ پىكىر قىلىدىغان بولساق، ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا بولغان ئىمانىمىز ئاشىدۇ ۋە ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ئالدىدا ھەيران قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەۋجۇداتقا قاراپ پىكىر قىلىشقا چاقىرغان ئايەتلەر كۆپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىپ (ئىبرەت ئېلىڭلار). لېكىن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) پايدىسى بولمايدۇ.» [يونۇس: 101]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، اﷲ نىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟» [ئەئراف: 185]
قۇرئان كەرىم بۇ كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارغا قاراپ، ئۇنىڭ بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان سىر ئەسرارلىرىنى بىلگەندىن كېيىن يەنە ياراتقۇچىغا ئىنكار قىلىدىغان ئاتىېتىستلارغا ھېچقانداق دەلىل - ئىسپاتنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى، ھەر قانچە دەلىل كەلتۈرۈلسىمۇ ئۇلارغا تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلىدۇ.
دەلىل - ئىسپاتلار ھەقىقەتنى بىلىشىنى ۋە بىلگەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلغان، تەرسالىقنى ۋە گەردەنكەشلىكنى تاشلاپ ھەقكە بويۇن ئېگىدىغانلارغا پايدا قىلىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتكە ئىشىنىدىغان ۋە ئىمانلىرىنى ھەر تۈرلۈك دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغان زاتلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: « اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.» [ئەنكەبۇت: 44]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (اللەنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار.» [جاسىيە: 3]
ئەمدى بۇ يەردە كائىنات نېمىدىن ئىبارەت؟ دەپ سوئال قويساق، ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: يەرشارى قۇياش ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرىدۇر. قۇياش بولسا ئالەم بوشلىقىدىكى يۇلتۇزلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاققۇچى يۇلتۇزلار، ئايلار ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار بار.
بىز ئاددى كۆزىمىز بىلەن ئۇ يۇلتۇزلارغا قارايدىغان بولساق، مەيلى يەر شارىنىڭ شىمالى يېرىمىدا كۆرۈلىدىغان يۇلتۇزلار بولسۇن ياكى جەنۇبى يېرىمىدا كۆرۈلىدىغان يۇلتۇزلار بولسۇن، 6 مىڭدىن ئارتۇق يۇلتۇز كۆرەلمەيمىز.
لېكىن كۈچلۈك دىربۇنلار بىلەن قارايدىغان بولساق، ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ. ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى كاپتىن، ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنى 40 مىليون دەپ مۆلچەرلەيدۇ. ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى چايلى بولسا 100 مىليون يۇلتۇز بار دەيدۇ. بۇ يۈز مىليون يۇلتۇزلارنىڭ ھەر بىرى يەنە مىليونلارچە يۇلتۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ يۇلتۇزلارنىڭ چوڭلىقى قانچىلىك؟ دېگەندە، ئالىملار قۇياشنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك يۇلتۇز بولغانلىقىنى، قۇياشتەك يۇلتۇزلاردىن نەچچە مىليون يۇلتۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭلۇقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.
بۇ يۇلتۇزلارنىڭ بىزگە يىراقلىقى قانچىلىك دېگەن ۋاقتىمىزدا، قۇياش بىزدىن 93 مىليون مىل يىراق، يەنى ئاينىڭ يىراقلىدىن 400 ھەسسە يىراق. بىز يۇلتۇزلارنىڭ يىراقلىقىنى سان بىلەن ئۆلچەيدىغان بولساق، ئىنسانلارنىڭ ھازىرغىچە بىلگەن سانلىرى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئالىملىرى يۇلتۇزلارنىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچەشتە نۇر سۈرئىتىنى قوللىنىدۇ. نۇر سۈرئىتى بىر سكىنۇتتا 186 مىڭ مىل يول ئالىدۇ.
مانا مۇشۇ مىلياردلارچە يۇلتۇزلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ يەرگە يەرلەشتۈرۈلىشى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ۋە بىر - بىرىگە توقىنىشىپ قالماستىن يىللارچە داۋام قىلىشى، ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ چوڭ دەلىلدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر.» [ۋاقىئە: 75]
مانا مۇشۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلار ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئاجايىب قۇدرەتلىرىنى بىزگە نامايان قىلغاندىن كېيىن، ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ئەقلىمىز بىلەن قايىل بولۇپ ئىمان كەلتۈرۈشكە ھەقلىق ئەمەسمۇ. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە،روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ» دەيدۇ...» [ئالى ئىمران:190 ۋە 191]
مەنبە ساقيە تورى

oylinish 2011-12-22 23:45
مەن ئاخشام بايقىغان  قۇرئاندىكى يەنە بىر مۆجىزىلىك ئايەت:
سۈرە نەملنىڭ 88- ئايىتى:
«تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆرگىلەپ تۇرىدۇ...»
زىمىنغا قۇزۇقتەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاغلار چۆرگىلىگەن ئىكەن، تاغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىنىڭمۇ چۆرگىلەيدىغانلىقى مۇتلەق ھەقىقەت.
بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرى  ھىچبىر ئاستىرونۇم يەر شارىنى چۆرگىلەيدۇ، دەپ قارىمايتتى. ئالىملار يەر شارىنىڭ چۆرگىلەيدىغانلىقىنى بىر نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بايقىدى. قۇرئان كەرىم بۇ مەسىلىگە 1400 يىل ئىلگىرىلا جاۋاب بەرگەن.


查看完整版本: [-- ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ ئىلمىي دەلىللىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.232799 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us