جۇڭگو ئاخبارات تورى 22-دېكابىر خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىسىر ئەمەلدارى 21–دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىۋالغان ئامېرىكا ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭغا نىسبەتەن قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئاياللارنى خورلىغان مىسىر ئەسكىرىي ساقچىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىكەن. مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىرى شۇ كۈنى قاھىرەدە چەتئەل ئەمەلدارلىرىنىڭ مىسىرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، بۇ بىۋاستە ھىلارىنىڭ مىسىر ھەربىي كۈچلىرىنى ئەيىبلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشقا ئارىلىشىۋالغانلىقىغا قارىتىلغانىكەن. يېقىندا مىسىردا نامايىش يۈز بېرىپ، ساقچى تەرەپ بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، سىن لېنتىسىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ساقچى تەرەپنىڭ ئايال نامايىشچىلارنى قاتتىق خورلىغانلىقى بايقالغان. ۋەقەدىن كېيىن، ھىلارى مىسىر رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي سەھنىلەردە شۇنداقلا كوچىلاردا ئاياللارنى خورلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، بۇنىڭدىن مىسىر ئەمەلدارلىرى قاتتىق نارازى بولغان. (خالىسە ئەھمەد)
مەنبە.ئوكيان تورى |