ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ سايدىكى كونا -يڭى قىرىنداشلار كەمىنە ئەركەتۈرىكتىن ئوتلۇق سالام ئالى ئىھتىرام ئەمدى گەپكە كەلسەك كەڭ سايغا قۇرۇق كەلگىم كەلمەي 3D تىخنىكىسى بىلەن لاھىلەنگەن قۇرئاننى ئىلىپ كەلگەن ئىدىم كىتاپ نۇسخىسىنى بىۋاستە مۇنبەرگە يوللىيالماي بىرنەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ قويدۇم ،تۆۋەندىكى شىىېر نى ئوقۇپ رەسىملەرنى كۆزدىن كەچۈرۋەتكەندىن كىيىن قىزىقساڭلار ،سىلەر گە يارىسا (ئىنشا ئاللا سىلەرگە چوقۇم يارايدۇ دەپ قارايمەن) ، مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار كىتاپ نۇسخىسىنى يوللاپ بىرىمەن 441478898 ئەگەر قۇرئان ئوقيالمايدىغانلار بولسا مەندە ئەلقارى ئاۋازلىق ئېلىپبەسى بار ، ئۇنىمۇ قىرىنداشلىرىمدىن ئايىمايمەن
قۇرئانىم
قۇرئانىم دەپ سوقىدۇ يۇرەك، قۇرئانىم دەپ ئاقىدۇ قانلار. قۇرئانسىز بۇ ھايات نە كېرەك؟ قۇرئان ئۇچۇن پىدادۇر جانلار.
قۇرئانىمنى سويىمەن دىلدىن، زۇلمەتتە ئۇ نۇرلۇق چىراغىم. چۇشۇرمەسمەن ئۇنى ھېچ تىلدىن، ئۇنىڭ بىلەن ھاسىل مۇرادىم.
پۇتكۇل ئالەم ئوزى بىر دولەت، ئاڭا مۇتلەق پادىشاھ ئاللاھ. قۇرئانغىلا خاستۇر سەلتەنەت، سەپسەتىنىڭ ھەققى يوق ئەسلا.
ھوكۇم تەلەپ قىلسا قۇرئانچە، شۇ كىشىدۇر دەل مۇئمىن كامىل. ھوكۇم قىلسا كىمكى قۇرئانچە، بولىدۇ شۇ ھەقىقى ئادىل.
مۇئمىن ئىنسان ئاللاھقىلا قۇل، بارچە دۇنيا ئۇنىڭچۇن چاكار. ئۇنىڭ مۇتلەق ئۇستازى رەسۇل، باشقا ھەركىم سوزى نول،بىكار.
مۇندىن ئارتۇق ئەركىنلىك ئىزلەپ، يۇرەر كىملەر يولسىز گاڭگىراپ. قالار ئاخىر بارمىقىن چىشلەپ، يۇرگەن بىلەن ھازىر كاكىراپ.
قۇرئانىمغا ئەمەل قىل دوستۇم، ئىزدەر بولساڭ چىن ھەق-سائادەت، ئويلىما قۇتقۇزار دەپ پۇلۇم، دەۋزەخ ئوتى شۇنداق ھالاكەت.
توغرا-خاتا،ھەق-ناھەقنى سەن، تاپالمايسەن ئۇنىڭ غەيرىدىن. تاپتىم دىسەڭ ئازغىنىڭ جەزمەن، قاچالمايسەن ئۇنىڭ شەررىدىن.
قۇرئانىمنىڭ دوستى دوست ماڭا، رەقىبىگە رەقىب مەن ھامان. دوستى بولساڭ پىدامەن ساڭا، دۇشمىنىمگە بەرمەسمەن ئارمان.
بۇيۇك رەببىم ئارغامچىسى بۇ، ئېسىلغانلار تاپىدۇ نىجات. ھەق-ئادالەت قامچىسىدۇر بۇ، زالىملارغا ئۇنىڭدىن ۋاي-دات!
قۇرئانىمدۇر دەرتلەرگە داۋا، شەرتى ئۇنىڭ ئىخلاس،ساداقەت. ئولۇمنىڭ غەيرىگە ئۇ شىپا، ئوز ئەھلىگە قىلار شاپائەت.
قۇرئان بىلەن نۇرلانسۇن دىلىڭ، قۇرئان ئۇچۇن تاشلانسۇن قەدەم. توختىمىسۇن قۇرئاندىن تىلىڭ، سەبىر قىلغىن كەلسە ھەر ئەلەم.
بۇ يول شۇنداق داۋانلىرى كوپ، ھەمدە ئىگىز مەنزىلى ئۇزاق. يوللار بويى تىكەنلىك ئوت-چوپ، قەدەمدە بىر قۇرۇلغان توزاق.
لېكىن بۇ يول ئاخىرى تۇتاش، ھەق سويگەنلەر ئورنى جەننەتكە. ئىككىلەنمەي ماڭغىن قېرىنداش، پىسەنت قىلماي پىتنە-كۇلپەتكە.
ۋەسىيەتتۇر ئەجدادىمىزدىن، ياشىماقلىق شۇ قۇرئان بىلەن. ئۇمىد زور ھەم ئەۋلادىمىزدىن، تىلى چىققاي شۇ قۇرئان بىلەن.
چاقىرىقتۇر قۇرئانىم ھەرئان، زىمىندىكى بارچە ئىنسانغا. مەخلۇققا قۇل بولۇش ئار ھامان، تاشلا ئۇنى يۇزلەن رەھمانغا.
قۇرئانىمنى تەرىپلەپ تىللار، يازسا مىڭلاپ قىسسە-داستانلار. تۇگىتەلمەس ئوتسىمۇ يىللار، مەدھىيىلەپ بارچە ئىنسانلار.
بوپ بەرسىمۇ <قەلەم>ئورمانلار، ھەمدە <قەغەز>بارچە ياپراقلار. بولغاندىمۇ <سىياھ> ئوكيانلار، ئالار قولغا تەسلىم بايراقلار.
[attachment=14067][attachment=14068][attachment=14069][attachment=14070][attachment=14071][attachment=14072][attachment=14073][attachment=14074][attachment=14075][attachment=14066] كوت كوت نۇمۇرۇم 441478898 |