查看完整版本: [-- ئابلاجان ئاۋۇت ناخشىسى - ئۇغۇل  بالا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئابلاجان ئاۋۇت ناخشىسى - ئۇغۇل  بالا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xahruh 2011-12-22 14:41
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىن ئىزدىنىش روھىغا باي بىر ناخشىچى
يىتىشىپ چىقىپ ،ئارقا ئارقىدىن بىر تۈركۈم مودا ناخشىلىرى بىلەن ياشلار
ۋە بالىلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى ...
ئۇنىڭ باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشىمايغان تەرىپى شۇكى ئۇنىڭ تۇتقان يولى
كۆچۈرمىكەشلىك ۋە تەرجىمە قىلىشتىن خالى بولغان ئىجاد قىلىش ۋە ئىزدىنىش
يولى ،،،ئۇنىڭ  تاماشىبىنلىرىمۇ ئۆزگىچە ،،،يەنى ياشلار بىلەن بالىلار  تۇرمۇشى
ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا ئۆزگىچە ئىپادىسىنى تاپقاچقا ھازىر تېز تونۇلماقتا ،،،،
ماۋۇ ئوغۇل بالا دىگەن ناخشىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈنئەت خەتنىسسىنى
چوڭ بىلىشتەك ئادەتتە بىز ئانچە پەرۋا قىپ كەتمىگەن  بىر تۇرمۇش كارتىنىسىنى
ناخشا قىلىپ تۇقۇپتۇ ،،،،مېنىڭچە بۇ ناخشىنى ھەممەيلەن ياقتۇرغان بولسا
كېرەك دەپ ئويلايمەن ،،،،،
ھازىر ئۇيغۇر بالىلىرىغا خاس ناخشا تاپماق بەك تەس ،،،ئابلاجاننىڭ
ئىجادىيەتلىرى ئۇيغۇر بالىلىرنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇسى ،،،،،



دانىش 2011-12-22 17:00
تۈگۈمەيدىغان مۇھاببەت ناخشىلىرىغا قارىغاندا ،تىكىسىتى ياخشىكەن.

salamgulja 2011-12-22 17:15
رەھمەت!!!توغرا تۇگۇمەيدىغان مۇھەببەت ناخشىلىرىدىن ياخشىكەن!!!غەيرەت قىل ئابلاجان!!!سەنمۇ غەيرەت قىل شاھروخ!!!

بىگان 2011-12-22 18:22
تىما ئىسمىغا قاراپلا شاخرۇقجاننىڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغانتىم،بۇنداق تىمىلارنى سىزلا بىرىنچى بولۇپ سايغا ئەپ چىقىسىز.
ئابلوجون ئاۋۇتنىڭ ناخشىلىرى باللىرىمزغا، ياش ئەۋلادلارغا غەرپلىشىشىنىڭ يىڭى ئىشىكىنى ئىچىپ بەردى.كىيىنچە ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىمۇ بىسىپ چۈشىشى مۇمكىن.ئۈمۈد زور بۇ بالاڭزىدا... مىللىتىمىزگە قوشقان ھەم قوشىدىغان تۆھپىسىنى ئاز سانىغىلى بولمايدۇ.

ohho~duqu 2011-12-22 18:27
ozini ozi gheyret qil dep

xahruh 2011-12-22 18:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-22 18:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تىما ئىسمىغا قاراپلا شاخرۇقجاننىڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغانتىم،بۇنداق تىمىلارنى سىزلا بىرىنچى بولۇپ سايغا ئەپ چىقىسىز.
ئابلوجون ئاۋۇتنىڭ ناخشىلىرى باللىرىمزغا، ياش ئەۋلادلارغا غەرپلىشىشىنىڭ يىڭى ئىشىكىنى ئىچىپ بەردى.كىيىنچە ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىمۇ بىسىپ چۈشىشى مۇمكىن.ئۈمۈد زور بۇ بالاڭزىدا... مىللىتىمىزگە قوشقان ھەم قوشىدىغان تۆھپىسىنى ئاز سانىغىلى بولمايدۇ.

بېگان قارىم ،ئۆزىڭزنىڭ قولىدىن پوق كەلمەيدۇ يەنا پەتىۋالىرىڭز ئەجەپ تولا ،،،
ئۇنداق بولسا سىز يامان بولغاندىكىن بالىلىرىمىزنى شۇ زەئىپلەشمەيدىغان ،
غەربلەشمەيدىغان ،بۇ ناخشىچىنى بېسىپ چۈشىدىغان قىپ تەربىيلەپ باقماملا ؟؟؟
بىر كۆرەيلى ،،،،،قېنى قىلالامسىزكىن ؟؟
تورغا بېكىنۋېلىپ خەقنىڭ قىلغىنىنى ياراتماي ،يا ئۆزى قىلالماي ........دىسەم
دىمىسەم ھېلىغۇ سەھنىكەن ،مەسچىتنىڭ سۇپىسىغا چىقىپ تۆت ئادەم بار يەردە
ئەزان توۋلاپ باق دىسە ئۆينىڭ تۆرىگە قاچىلىغۇ دەيمەن ھە قارىم ،،،،،

بىگان 2011-12-22 20:00
ئەپەندومممممممممممم...ئىنكاسىمنى ئوبدان ئوقۇپ باقسىلىيا؟ كىم پەتىۋا چۈشىرىپتا؟كىم كىمنى ياراتماپتا؟گەپنى مەن قىلدىم،سىلە قانداق چۈشەنسىلە ئۆزلىرنىڭ ئىشى ماقىما؟ ئىدەمگە تولا قالايمىقان شالۋاقلىرىنى چاچراتمىسىلا.ئۆزەمنى ماختىماي بولدى،ئەزاننى راست مۇڭلۇق توۋلىيالمايمەن،ئەمما تۆت ئادەم دەپ قاپسىز،نەچچە يۈز ئادەم ئالدىدىمۇ سۆلەڭ دىسە تەمتىرمەي سۆزلىگۈچىلىكىم بار.
ئەپۇ قىلغايسىزلەر،كەمتەررەك بولسام بولاتتى،شاخرۇقۇۋ سەل مەنسىتمەيۋاتىدۇ.

ئويغان29 2011-12-22 20:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىنداشلار.....
بۇنى كۆرۈپ بېقىڭلار
http://v.youku.com/v_show/id_XMzA0NDczNTA4.html

دانىش 2011-12-22 21:07
گەپ چۈشۈنۈپ ئوقۇپ ئاندىن گەپ قىلايلى.

ئۆمەرئىلى 2011-12-22 21:34
بۇ كەڭسايدىكى قىرىندشلار نىمە بولغاندۇ...............

almiliq 2011-12-22 22:20
مەشھور مۇنبەر قىززىقچىسى دەپ شەرەپلىك نام ئالغان، يىتۇك كەڭساي ئەربابى، تونۇلغان مۇلاھىزىچىمىز شاھرۇھ ئەپەندىنىڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئامراق كۈيچىسى بولغان ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە قىلغان بايانلىرى ئۈچۈن كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن يەنە بىر قېتىم چاۋاك چېلىۋىتەيلى..............!           

lohman0999 2012-01-02 15:42
ئەر كىشدە كىيىم -كىيشىنى ئۆگنىشى لازىمدەك قىلىدۇ بۇ بالا ،كىيىۋالغان كىيىملىرىگە قارسىڭىز خۇددى كورىيەنىڭ خىنىم چىراي مازلىرىدىن قىلشمايدۇ .

ترتررترې 2012-01-03 17:26
يامان ئەمەسكەن.

ترتررترې 2012-01-03 17:31
لىكىن شۇ  كىيىملەرنى كىيىپ ناخشا ئوكۇگىچە،تۈزۈگرەك كىيىم كىيىپ ئوقۇماي....   

oglan 2012-01-03 18:59
ئابلاجانىڭ ناخشىلرى مەنچىمۇ ياخشى ، ئۆزى شۇنداق كىيىشنى ياقتۇردىكەن ئەمەسمۇ ،باس-باس تورىدىن زىيارەت قىلغاندا ئۆزى مۇشۇنداق كىينىشنى ياقتۇرمەن  دىگەن.ئىدى،

natsist 2012-01-03 19:27
ئۈلۈشكۈن مىنىڭ نەۋرە ئىنىمنى خەتنى قىلدى

0999kokbora 2012-01-03 20:22
ئۈمىدلىك ياش .پۈتۈنلەي ئۆزى ئىجاد قىلىدۇ .(ئابدۇللام ،تاشمەمەت  .......  لەردەك ناخشا  ئوغۇرلاپ تونۇلغانلاردىن مىڭ   ياخشى )  ئۇنىڭ  بالىلار ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن .

unqa 2012-01-03 23:54
مۇشۇ  ناخشىسى بوپ قويدىكەن ،  ئۇ  ناخشىچىغا  ئاللاھتىن  ھىدايەت تىلەيلى .


查看完整版本: [-- ئابلاجان ئاۋۇت ناخشىسى - ئۇغۇل  بالا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060187 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us