查看完整版本: [-- ئاللاھقا قايتقان يىگىتلەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئاللاھقا قايتقان يىگىتلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مومىيا 2011-12-21 22:22




ئاللاھقا قايتقان يىگىتلەر

بىر يىگىت بار ئىدى. ئۇ راببىسىنى ئۇنۇتقان، شۇ سەۋەبدىن ئۆزىنى ھەم ئۇنۇتقان ئىدى. بەڭۋاشلىقى، قارام ۋە ئەسكىلىكى بىلەن نام چىقارغان ئىدى. ھەتتا كۆپ ئادەملەرگە ئەرزىيەت بەرگەن، زۇلۇم قىلغانلىقىدىن، ئادەملەر ئاللاھتىن ئۇنىڭ يامانلىقىدىن نىجات بېرىشىنى سوراپ، ئۇنى دۇئايى بەد قىلغان، قارغىغان ئىدى. ياخشى سالىھ ئىنسانلار ئۇنىڭغا كۆپ قېتىملاپ نەسىھەتلەر قىلىشقان، لېكىن ئۇ قوبۇل قىلمىغان؛ كۆپ قېتىملاپ ئاگاھلاندۇرۇشقان، قۇلاق سالمىغانىدى. ھاياتى، شەھۋەتلەر زۇلمەتلىرى ئىچىدە ئۆتەتتى.


بىر قېتىم خېلى كۈچلۈك دەۋەتچى كىشى ئۇنىڭغا ۋەز قىلغاندا، تەسىرلىنىپ ھەتتا كۆزىگە ياش ئالغانىدى. ئەمدى ئۇ ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىجاۋەت ئېتىدۇ دەپ گۇمان قىلىنغان ئىدى. لېكىن ئەپسۇسكى، كونا ھالىتىغا قايتىپ، گويا ھېچ قاچان، ھېچ نەرسە بىلمىگەن، ئاڭلىمىغاندەك مەسىيەتلىرىنى داۋام ئېتىۋەردى. مەسچىد يۈزىنى ھەتتا جۈمە كۈنلىرى ھەم كۆرمەسدى.

قاراڭغۇ چۈشىشى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر گوروھ بەڭباش ئاغىنىلىرى بىلەن كوچىغا چىقىپ كېتەر، تاڭ ئاتقانغاندىلا قايتىپ كېلەر ئىدى. قايتىپ كېلىپ كۈن بويى ئۇيقۇغا غەرق بولار ئىدى. ئىشتىن بوشاپ كەتكەن، دىنى ۋە دۇنياسى كاساتقا ئۇچۇرىغان ئىدى.

بىچارە ئانىسى بولسا ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىدىن كۆپ يىغلاپ، ئېزىلىپ تۈگىشەي دەپ قالغان ئىدى. كۆتۈرۈلگەن مۇزىكا ئاۋازى بىلەن ئۇخلاپ، شۇنىڭ بىلەن ئويغىنار ئىدى. ياتاق ئۆيىنىڭ تاملىرى ئۇياتسىز، بىھايا سۈرەتلەر بىلەن بىزەلگەنىدى. زەھەرلىك ماددىلارنى ئىستىمال قىلىشقا قاتتىق بېرىلگەن، مەستلىك ئۇنىڭ ئەقلى ۋە روھىنى ئىگەللىگەن ئىدى. ئاللاھقا مەسىيەتلىرى ئارتسىمۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا نېئمەتلىرىنى ئۇنىڭدىن كەم قىلمىغان ئىدى. ئاللاھقا ئىسيانى داۋاملىق بولىۋاتقان بولسىمۇ، مېھرىبان زات ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىپ، ئۆمۈر بېرەر ئىدى.قۇرئاندىن باشقا ھەممە نەرسىنى ئاڭلار، دىندىن باشقا ھەممە نەرسىنى ئويلار، ئاللاھ زىكرىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى سۆيەتتى.

سۇبھەنەللاھ، ئاللاھنى تونۇماس ئىكەن، قانداق ھەم خارابە ئۇ قەلبلەر، ئاللاھدىن يۈز ئۆرىگەن ئىكەن، قانداق ھەم ئۆتمەس تۇيغۇلار.... شۇ تەرىقىدە يىگىتنىڭ كۈنلىرى مەسىيەتلەر قاراڭغۇلىقلىرى بىلەن قاپلانغان، گۇناھلار غۇبارى بىلەن ئورالغان شەكىلدە ئۆتۈپ بارار ئىدى.

سالىھ ئىنسانلاردىن بىرى، بۇ ئاسىنى مەسىيەتلەر ئازگىلىدىن چىقىرىش يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئىلىم ئەھلى ۋە دانا ئادەملەرنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، بو يوللاردىن بىرى، پايدىلىق پەند-نەسىھەتلەر، ئىلمى تەبلىغلەر ئېلىنغان لىنتىلەرنى ھەدىيە قىلىش، ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە، ماشىنىلىرىغا ئېلىپ كېلىشتۇر. تاكى نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ سۆزلىرىنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە ياتسۇن.

يىگىتكە بىر نەچچە تەسىرلىك تەبلىغلەر ئېلىنغان لىنتىلار ھەدىيە قىلىندى. ئۇ ئالدىدا ماشىنىسىنىڭ قۇتىسىغا بىپەرۋاغىنە تاشلاپ قويدى. ئۇلارنى ئاڭلاشنى ئويلاپ ھەم قويمىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يىگىت ئۆز ماشىنىسىدا دەممەم شەھرىگە سەھەرگە چىقتى. يول بويى زىرىكمەسلىك ئۈچۈن مۇزىكا ئاڭلاپ ماڭدى. لېىنتىلاردىن ئۇنى قويۇپ، بۇنى قويۇپ زىرىكتى-دە، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھېلىقى تەبلىغلەردىن بىرنى قويدى.

لىنتا ئاڭلىغۇچىغا ئىخلاس ئىشىكلىرى ئارقىلىق، قەلبدىكى ئىمان پەردىلىرىنى قوزغىتىشقا باشلىدى. يىگىت لىنتىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاشقا باشلىدى. ماۋزۇ ئاللاھتىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلار ھەققىدە ئىدى. سۆزلەر ئۇنىڭ قەلبىگە سىزىپ كىرىپ، ئۇ يەردىن مۇستەھكەم قارار ئېلىشقا باشلىدى. لىنتا توختىدى. يىگىت، بىر كۈن كېلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىش، ئۇنىڭغا يولۇقۇش ھەققىدە ئويلاشقا باشلىدى ۋە ئىككىنجى لىنتىنى قويدى. بۇ لىنتا بولسا تەۋبە تەۋبە قىلغۇچىلار توغرىسىدا ئىدى. ئۇ كۆڭلىنى بۇزغۇچى ۋە خاپا قىلغۇچى ئۆتمۈشى ھەققىدە ئويلاپ، كۆزلەردىن ياشلار تامچىلىغان ھالدا لىنتىلارنى بىردىن بىردىن ئالماشتۇراتتى. بۇ مەنزىرە ھالەت تىلى بىلەن گويا «ئى مۆمىنلەر! اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار» ئەنفال سۈرىسى 24-ئايەتتىكىدەك دېيىلىۋاتقان ئىدى.

دەممەمگە يېقىنلىشىپ قالدى. لېكىن ئۇ سۆھبەتلەر تەپەككۇرىغا چۆكۈپ قالغىنىدىن، قاتتىق تەسىرلەنگىنىدىن، ھەتتا ماشىنىسىنى ھەم باشقۇرالماي قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىگە ئىمان ئېقىمى قۇيۇلۇپ كىرىپ، ئۇنى سىلكىتە- تىترىتىشكە باشلىغانىدى. «تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان اﷲ نىڭ ھۈنىرىدۇر» (نەمىل سۈرىسى 88-ئايەت)

شەھەرگە يېتىپ كەلدى. شەھەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئىمان شەھىرىگە قەدەم قويدى. ھاياتقا قارىشى ئۆزگەردى. ھاياتقا ئىلگىرى نادان، ئاسى ئىنسانى نەزىرى بىلەن باققان بولسا، ئەمدى ئۇ ئاللاھقا تەۋبە قىلغان بەندە سۈپىتىدە قارار ئىدى. مەسچىدكە قەدەم باستى. ئۇ يەردە كۆز ياشلىرى ۋە سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا باشلىدى. مەسچىدكە كېرىپ ھاياتىنى ناماز بىلەن باشلىدى ۋە يېڭى ئۆمۈر سەھىپىسىنى ئاچتى. «ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۈفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن (ئىسرا سۈرىسى، 81-ئايەت) .

يىگىت ئۆيىگە سالامەت كەلدى ۋە ئۆزى بىلەن غەنىمەت ئولجىلىرى ئېلىپ قايتتى. يەنى مەسىيەتلەردىن سالامەت بولغان ھالىدە ۋە تائەتلەردىن غەنىمەت قىلغان، جەملىگەن ھالىدە قايتتى. ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن چاغدىن باشقا يۈز بىلەن كىردى. چۈنكى مەسىيەت، گۇناھلار ۋە خاتالار ئىگىسىى يۈزى بىلەن چىققان بولسا، تەۋبە ۋە ئىناۋەت، ۋە تائەت نۇرى بىلەن ياشنىغان يۈز بىلەن قايتىپ كەلدى.

يېقىنلىرى تەئەججۇپلىنىشتى، «ئەي پالانچى، ساڭا نېمە بولدى؟» يىگىت: «ھاياتىمدا زور ۋەقە سادىر بولدى، ئاللاھقا قايتتىم ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم، ئاللاھ تەرەپكە يول تاپتىم» دېگەچ، كۆز ياشلاردىن ئۆزىنى توختىتالمايتتى. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئائىلە ئەزالىرى يىغلىشار ئىدى. بۇ خۇرسەنچىلىك ياشلار دەپ ئاتالمىش ياشلار ئىدى. تولدى، تاشتى ھوزۇر ئەمدى. ھەتتا ئۇنىڭ كاتتىلىقىدىن، كۆز ياشلىرىم خۇرسەنلىكىمدىن ئۆي چىراقلىرى خىرەلىشىپ كەتتى. ئاڭلىغان ئادەملەر كېلىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلغان يىگىتنى راببىسىگە قايتقانلىقى بىلەن تەبرىكلەر، ئۇنى بۇ نىسىب بولغان نىئمەت بىلەن قۇتلۇقلاشقا باشلىدى.

گەر قۇللار قېرىپ قالسا كۈچتىن،

ھاجىلار ئازات قىلۇر كۆرسىتىپ ھىممەت،

لېكىن سەن خالىقىم، ئاللا سەن، ئۆز كەرىمىڭ بىلەن،

قۇللۇقتا ئۆتتى ئۆمرۈم، ئازات ئەت جەھەننەمىڭدىن.

قۇرئاندىن ئايەت كەلتۈرىلىدۇ شۇ يەردە. «ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (اﷲ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر» (ئەھقاف سۈرىسى،16-ئايەت).



ئۆلۈمىدىن بۇرۇن رەببىگە تەۋبە قىلالىغان يىگىت ھەقىقەتەن بەختىيار ئەمەسمۇ؟ قانچىكى ئىنسانلار باركى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھ ۋەدە قىلغانغا ئىشىنىدۇ يۇ، خۇددى دۇنيادا ئەبەدى قالىدىغاندەك ياشايدۇ ۋە ھېچ تەۋبە قىلىشقا ئۈلگۈرمەستىن، شۇ ھالەتتە ھاياتىنى تۈگىتىدۇ. بۇ قانداق نادانلىق، بۇ قانداق غەپلەت...

قىيامەت، سۇئال سوراق، جەننەت ۋە جەھەننەم ھەممىسى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭ بولىشىدا شەك يوق. ئۇ ھەرگىزمۇ ئەپسانە رىۋايەت ئەمەس، ياكى فانتازىيەلىك ھېكايە ياكى چۈش ئەمەس. ئەمما بىزنىڭ ئىمانىمىز شۇنچىلىك ئاجىز، قەلبىمىز گۇناھى مەسىيەتلەر بىلەن شۇنچىلىك قارايدىكى، ئۇ ھەقىقەتلەر بىزگە خۇددى پۈۋلىسە يوق بولۇپ كېتىدىغان تۇماندەك يىنىك ۋە يىراق بىلىندى.

قىيامەت ۋە ھەقىقەتلەر كەڭرى بىر دالادىكى غايەت زور قەلئە بولسا، بىزنىڭ مەسىيەتلىرىمىز خۇددى ئۇ قەلئەنى كۆرۈشتىن توسۇپ قويغان تۇمان بولدى. بىز بىلەن قەلئەنىڭ ئارلىقى قاش پىلەن كىرپىكچىلىق قالسىمۇ ھەم، ئۇنى ھېس قىلىشتىن، كۆرۈشتىن غەپلەتتەمىز. ئىمانىمىز ئاجىزلاشقانسىېرى ئۇ تۇمان قۇيۇقلاشتى، قەلئەمۇ بارغانسېرى تۇتۇق كۆرۈندى، ھەتتا ئۇ بىزگە خۇددى مەۋجۇت ئەمەستەك بىلىندى....

ھەر كىشى بىھۇدە ئۆتكەن ئۆمرىگە قاتتىق نادامەت چېكىدىغان كۈن كېلىشىدىن بۇرۇن، رەببىسىگە، ياراتقان پەرۋەردىگارىغا سەمىمىي تەۋبە قىلىشلىرى كېرەك. جەننەتتەك ئېسىل مېۋە بېرىدىغان ھاياتنى تاشلاپ، جەھەننەمدەك يامان مېۋە بېرىدىغان ناچار ئۇرۇقنى ئېلىشقا رازى بولىدىغان ئەخمەقلەردىن بولۇپ قېلىشتىن قورقىشى ۋە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشلىرى كېرەك.

بىز كىممىزكى ساناقسىز نىئمەتلەرنى ئېھسان قىلغان رەببىمىزگە ئىتائەت قىلمىساق، ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى يۈرسەك؛ بىز كىممىزكى ياراتقان پەرۋەردىگار بىزگە شۇ قەدەر مەرھەمەت قىلىپ تۇرغىنىدا، يەنە ئەقلىمىزنى تېپىپ تەۋبە قىلماي ئۇنىڭغا ئىسيانىمىزنى داۋام قىلساق! بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نانكورلۇق بولامدۇ، ئويلاپ قالىسىز....



شۇنداق كىشىلەر باركى، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا كۈلۈپ ياشايدۇ، ئاخىرەتتە بولسا مەڭگۈ كۈلۈش پۇرسىتى بېرىلمەيدۇ. دۇنيادىكى كۈلكىسى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈلكىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا ياش تۆكىدۇ يۇ ئۇنىڭ يېشى بۇ دۇنيادا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە بولسا مەڭگۈ ئازاپلانمايدۇ ۋە ياش تۆكمەيدۇ، تەسۋۈرلىگىسىز بەخت سائادەت ئىچىدە، ئەبەدى كۈلۈپ ياشايدۇ. ھەممىمىزنىڭ جەننەتكە كىرىش ئىستىكىمىز بار. ئۇ يەردە جەننەتنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز نىئمەتلىرىنى ھەم ئۇنتۇلدۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش نېئمىتىنىڭ بارلىقىلىنى ئاڭلىغانمۇ سىز؟... ئاللاھ تائالا ھەربىر ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن. قىزلىرىمىزنى ھەقىقى ئىپپەتلىك، نومۇسچان ئىسلام قىزى، ئوغۇللىرىمىزنى ھەقىقى مەرد، تەقۋا ئىسلام يىگىتى قىلسۇن، ئامىن.



ئەي ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان ياش، ئەي گۇناھى مەسىيەت زۇلمەتلىرى ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگەن بىچارە، كەل. بىللە ئاللاھ تەرەپكە ماڭايلى. مەيلى سەن باي ياكى كەمبەغەل بول، مەيلى ھاراقكەش يانچۇقچى بول، مەيلى گۇناھلىرىڭ دۇنيانى تولدۇرسا ھەم، ئۇمىدسىزلەنمە، ئاللاھقا قايت. كەل قولۇمنى تۇت، بىللە تەۋبە قىلىمىز. كەل، ئاللاھقا كىبىر چوڭلۇق بىلەن ئەمەس، زەئىپ ئاجىز، پېقىرلىق بىلەن قولۇڭنى سوزۇپ ئىلتىجا قىل. ئىشەنكى زۇلمەتكە تولغان قورقۇنچلۇق ھاياتىڭ نۇرلۇق گۈزەل بىر ھاياتقا ئۆزگىرىدۇ. خۇددى ئوكسىگىن يىتىشمىگەن بىر جايدا نەپسى قىسىلىپ بىئارام بولغان چاغدا، ئەتتىگەنكى ساپ ھاۋادا قانغۇچە نەپەسلىنىپ لەززەتلەنگەن كىشىدەك لەززەت ئال! ئۇ تەسۋۈرلىگىسىز لەززەتنى تاپ-دە، دۇنيادىكى بارچە لەززەت ساڭا لەززەت بىلىنمەي قالسۇن. ئاللاھقا سەجدىگە بار ۋە قەلبىڭدىن ئېتىلىپ چىققان ياشلىرىڭنى تۆك، شۇ چاغدا مۇنۇ مىسرانى ئېسىڭگە ئالىسەن: «رەببىم سەجدەڭگە مەن باش قويدۇم، راھەتلىنىپ كۆزلىرىمدىن ياش قويدۇم.» ئۇ زاتقا سەمىمىي ئىخلاسى بىلەن قايتقان كىشى زىيان تارتمايدۇ، ئۇنىڭغا، قىلغان خاتا ئىشى ئۈچۈن نۇمۇس قىلىپ تۆكۈلگەن ھەر تامچە ياشلار، ئۇ زاتنىڭ ھوزۇرىدا بىھۇد بولۇپ كەتمەيدۇ...

شۇنداق كىشىلەر باركى، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا كۈلۈپ ياشايدۇ، ئاخىرەتتە بولسا مەڭگۈ كۈلۈش پۇرسىتى بېرىلمەيدۇ. دۇنيادىكى كۈلكىسى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈلكىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا ياش تۆكىدۇ يۇ ئۇنىڭ يېشى بۇ دۇنيادا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە بولسا مەڭگۈ ئازاپلانمايدۇ ۋە ياش تۆكمەيدۇ، تەسۋۈرلىگىسىز بەخت سائادەت ئىچىدە، ئەبەدى كۈلۈپ ياشايدۇ. ھەممىمىزنىڭ جەننەتكە كىرىش ئىستىكىمىز بار. ئۇ يەردە جەننەتنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز نىئمەتلىرىنى ھەم ئۇنتۇلدۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش نېئمىتىنىڭ بارلىقىلىنى ئاڭلىغانمۇ سىز؟... ئاللاھ ھەربىر قىز-ئوغۇل قىزىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن. قىزلىرىمىزنى ھەقىقى ئىپپەتلىك، نومۇسچان ئىسلام قىزى، ئوغۇللىرىمىزنى ھەقىقى مەرد، تەقۋا ئىسلام يىگىتى قىلسۇن، ئامىن.

تەۋپىق ۋە ھىدايەت ئاللاھتىن، چۈشۈنۈپ ئىبرەت ئېلىش ئوقۇغۇچىدىن. خەيرلىك ئاقىۋەت تەقۋادارلاغىدۇر.... ئاللاھتىن ھاياجانلانغىنىدىلا تەقۋادار بولۇپ كېتىدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمىز.

مەنبە: http://misalim.com/showart.asp?art_id=886

muhlise38 2011-12-21 23:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاللاھ كاتتا ئەجىر بەرسۇن قېرىندىشم،ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل تېما ئىكەن،جانابى ئاللاھ بىزلەرنى ئۆزىنىڭ ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلغۇچىلاردىن قىلسۇن،ئاللاھقا ھەقىقى تەۋبە قىلىپ جەننەتكە بىللە كىرگۈچىلەردىن قىلسۇن،ئامىن!!!

qiqak119 2011-12-22 10:56
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم . مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن . ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئازغان ياشلىرىمىزغا ئىمان ، ئىنساپ تىلەيمەن ، ئامىين .

maslakdax 2011-12-22 11:05
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.مۇشۇنداق ئىسىل تېمىغا ئىنكاس ئاز.

latifa 2011-12-22 11:15
ئاللا رەخمەت قىلسۇن ،مەن بۇنىڭ ئۆزبىكچە تەبلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم ،گەپ-سۆزلىرىنىمۇ ئانچە ئۆزەگەرتمەي ئۆزى بويىچە ئاپسىز ،كۆپ ئەجىر سىڭدۇرۈپسىز ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ،مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .

DOST 2011-12-22 11:38
ئۇلۇغ يەككە-يىگانە ئاللاھ ھەممىمىز گە ھىدايەت قىلغاي،ئامىن!




رەھمەت تېما يوللىغۇچى ، ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز،

بىگان 2011-12-22 15:21
تولىمۇ ياخشى تىمىكەن.اللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،ئاللاھ بىزلەرنى ھەقىقىي مۆئمىنلەردىن قىلسۇن

arslantikin 2011-12-22 15:36
ھەقيقەتەن ياخشى تېما ئكەن رەھمەت سىزگە .ئاللاھدىن  سىزگە كۆپ ئەجىر  ساۋاپ تىلەيمەن

نەزىرە 2011-12-22 17:35
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ!  بەك ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!  بۇنى ئوقۇپ بولغىچە كۆزلىرىمدىن ياشلار  توختىماي ئاقتى.................ھەممىمىزنىڭ ئاللاھقا قايتىپ، ئاللاھقا تۆۋبە قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەقىقى بەختىمىزنى تېپىشىمىزنى، بۇ دۇنيادا ھەم قەلىب ھۇزۇرىنى، ھەقىقى خۇشاللىقنى تېپىشىمىزنى ھەر ۋاقىت ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر بىرىمىزگە ھەقىقى ئىمان ئاتا قىلسۇن!  


查看完整版本: [-- ئاللاھقا قايتقان يىگىتلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.091993 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us