]قايغۇرماڭ
ئاپتورى - ئەئىز بىن ئابدۇللاھ ئەلقەرنىي
تەرجىماندىن (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )
بارلىق ھەمدۇ- سانا ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ- سانا ئېيتىمىز ، ياردەمنى پەقەت بىر ئاللاھتىنلا سورايمىز . ئاللاھتىن گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سورايمىز .ئاللاھقا چەكسىز ئىشەنگەن ھالدا تەۋەككۈل قىلىمىز.ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىشى ئازدۇرالمايدۇ ، ئاللاھ بۇ بەندە ئازغن دەپ ھۆكۈم قىلسا ، يول قويسا ، شارائىت ، پۇرسەت بەرسە ، ھېچكىشى ئۇ بەندىنى ھىدايەت قىلالمايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھتىن ھىدايەت ، توغرا يول سوراپلا قالماستىن ، نەپسىمىزنىڭ، ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھنىڭ بارلىق ، بىرلىكىگە ، مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ، قىيامەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە ، پەيغەمبەرلەرگە ، ساماۋى كىتاپلارغا ، ئۆلگەندىن كىيىن روھ ۋە تەن جىدىم بىلەن تىرىلىشىمىزغا شەكسىز ئىشىنىمىز ، ئىمان كەلتۈرىمىز .ئاللاھ تائالا ، رەسۇلىللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامگە ، ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا ، ساھابىلەر ، تائابىنلارغا ، ئۇلارغا ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمانلار مۆئمىنلەرگە رەھمەت قىلسۇن، رەھمەت قىلسۇن، رازى بولسۇن، جەننەتتە جامالىنى كۆرۈشكە ئاتا قىلسۇن . ئامىن! [attachment=14043]
«ئى ئاللاھ »
{ئاسمانلاردىكى ۋەزىمىندىكى ھەممە ئاللاھدىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ .يەنى (دىللار ئاللاھقا مۇھتاجدۇر ). ئاللاھ ھەركۈنى بىر ھالەتتىدۇر .(يەنى ئاللاھ ھەرۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بۇلۇپ ، ئۇلارنى يارىتپ تۇرىدۇ ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ . مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ .} (سۈرە راھمان 29- ئايەت ) كىشلەر دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كۈچلۈك بوران – چاپقۇن يۈز بىرىپ دېڭىز سۈيى شىددەت بىلەن دولقۇنلاپ ، دېڭىز پۈتۈنلەي قالايمىقان بۇلۇپ كەتسە ، كېمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى "ئى ئاللاھ " دەپ چاقىرىدۇ . قۇملۇقتا كېتىۋاتقان يۇلۇچىلار تۆگىسى ۋە ئۇزۇق- تۈلىگىنى يۈتتۈرۈپ قويسا ، ئۇلار :"ئى ئاللاھ "دەپ چاقىرىدۇ . بالايى – ئاپەت يۈز بەرسە ، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار :"ئى ئاللاھ " " دەپ چاقىرىدۇ كىشلەر ئۈزى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېھتىياجلىق نەرسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىچىگە كىرىشكە تىركىشىۋاتقان ئەمما ئۇلار كىرىشتىن بۇرۇن ،ئىشىكلەر يېپىلىپ .بارلىق كىرىش يوللىرى تۇسۇلۇپ قالسا :" ئى ئاللاھ " دەپ چاقىرىدۇ. زىمىن دەھشەت بىلەن كېڭىيىپ ، سىزگە يۇپۇرۇلۇپ كەلگەن ، روھىڭىز ئىنتايىن قىسىلىش ھېس قىلغىنىڭىزدا " ئى ئاللاھ " دەپ ئېچىنىشلىق نالە قىلىسىز . گۇناھسىزلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاققاندا ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ، ئاللاھقا چىن دىلىدىن ئىلتىجا قىلىپ ياردەم تىلەيدۇ . مۈشكۈللۈك ۋە بەخىتسىزلىككە يۇلۇققاندا قوللار ھەم كۆزلەر ئاللاھقا يۈزلىنىپ ، يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئالىدۇ . پاك ، نوقسانسىز ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالانى ئەسلىگىنىمىزدە دىللىرىمىز تەسكىن ، روھىمىز ئارام تېپىپ ، نېرۋىلىرىمىز تنىچلىنىپ زېھنىمىز ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بۇلىدۇ . {ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە رىزىق بىرىدۇ ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر ، غالىبتۇر . }(سۈرە شۇرا 19- ئايەت ) ئاللاھ :ئىسىملارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ، ھەقىقەت بىلەن باغلانغان تەن ، ئەڭ قىممەتلىك سۆزدۇر . {ئۇ ئاسمانلارنىڭ ، زىمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر . ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن .}(سۈرە مەريەم ، 65- ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن ، سەن ئۇنىڭ شىرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن ؟ ئاللاھ : قاچان خىيالىمىزدىكى ھەقىقىي باياشاتلىق ، كۈچ- قۇۋۋەت ، شان – شەرەپ ، ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىپ ، ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تەئەلا : { ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ، ئەمەللىرىدىن ، سىرلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ . بۈگۈن پادىشاھلىك كىمگە خاس ؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر .} (سۈرە غافىر، 16- ئايەت )دەيدۇ . ئاللاھ قاچان خىيالىمىزدىكى كۈيۈمچانلىق ، غەمخورلۇق ، ئاسانلىق ، مۇھەببەت ۋە شەپقەتنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىپ ئېيتىدۇركى : {سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن ، سىلەرگە بىرەر ئېغىرچىلىق يەتسە ، ئاللاھغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر }(سۈرە نەھلە ، 53- ئايەت ) ئى ئاللاھ !سەن بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ پادىشاھى، گۈزەللىك ، كۈچ – قۇدرەت ئىگىسى ، ئاغرىقلارغا شىپالىق ئاتا قىلغۇچى ، قايغۇدىن كىيىن خۇشاللىق ئاتا قىلغۇچى ، قورقۇنىچتىن كىيىن ئەمىنلىك ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن ئى ئاللاھ كۆيىۋاتقان يۈرىكىمىزنىڭ ئازابىنى ئىماننىڭ ھۇزۇرى بىلەن پەسەيتكىن . ئى رەببىمىز ! بىزنى تىنىچ ئۇيقۇ بىلەن ئارام ئالدۇرۇپ ، ئارامسىزلىنىۋاتقان روھىمىزغا ئاراملىق ئاتا قىلغىن! ئى ئاللاھ !بىزنى ئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس ، ھەق يولغا ، يەنى رەھمەت قىلغانلارنىڭ يۇلىغا باشلىغىن . ئى ئاللاھ !دىللىرىمىزدىكى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىنى كۆتۈرۈپ ، ئىسلام نۇرى بىلەن دىلىمىزنى يۇرۇتقىن . ھەق ئارقىلىق باتىلنى بەربات قىلغىن . پەرىشتىلەر ئارقىلىق شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكرىنى بەربات قىلغىن . ئى ئاللاھ ! بىزدىكى ئازاب- ئۇقۇبەت ، بالايى- ئاپەت ، ئەنسىرەشلەرنى كۆتۈرىۋەتكىن . بىز سەن ئارقىلىقلا قورقۇنىچتىن خالىي بۇلالايمىز . ھەممە ئىشتا ساڭىلا تايىنىمىز ، ھەممە ئىشتا ساڭىلا ئىشىنىمىز ، ساڭىلا ئىلتىجا قىلىمىز . سەن بىزنىڭ بۈيۈك ياردەمچىمىز ھەم قوغدىغۇچىمىزدۇرسەن ! |