zero903 |
2011-12-21 17:44 |
1991-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئالمائاتا خىتابنامىسى ئىمزالانغان، سوۋېت ئىتتىپاقى غايىب بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 11 جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىرى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئالمائاتادىكى باشلىقلار يىغىنىدا خىتابنامە ئىمزالىدى. ئاساسلىق مەزمۇنى: رۇسىيە، ئوكرائىنا، بىلاروسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىمزالىغان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىلەن پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ بىرلەشمە گەۋدىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئارقىلىق ئادىل ھەمكارلىشىشىنى ئېلان قىلىش؛ ھەربىي كۈچنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ بىر تۇتاش نازارەتچىلىكىنى ساقلاپ قىلىش. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي رايوننى شەكىللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. 1952-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، زۇڭلى جۇ ئېنلەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى تۇرغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن 87 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 120 كىشىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ زوراۋانلىقىغا قاتتىق نەپرەتلىنىپ، ئىنسانپەرۋەرلىككە خىلاپ دېگەن. 1945-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مىجەزى ئەڭ چۇس ئۇرۇش قەھرىمانى گېنېرال جورج پاتتون خېيدېلبېرگتىكى ھەربىي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان. ئۇ 1885-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇغۇلغان. پاتتون 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق گېنېرال. پاتتون شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە يارىلىنىپ، كۆكرەك قىسمىگە قان تولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن. پاتتوننىڭ تانكا ئەترىتىنىڭ ئۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان. 1879-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبىرى ستالىن روسىيەنىڭ گرۇزىيە شەھىرىدە موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1924-يىلى لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولۇشقا باشلىغان، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك سانائەتلىشىشى ۋە يېزا-ئىگىلىكنىڭ كوللېكتىپلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. ستالىن 1953-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
مەنبە.ئوكيان تورى
|
|