ھاراق ئىچمە،ئاق چەكمە پۇللىرىڭنى ئىسراپ قىلما رېستۇراندا قاۋاقتا ، ئىچىپ-چىكىپ يۈرمىگىن باغچىلاردا راۋاقتا. ئۆمۈر ئۆتسۈن ياشلىرىم مەكتەپ ئىچىدە ساۋاقتا، ئۆمرۈڭ بىكار ئۆتمىسۇن ئۆيدە تەييار تاماقتا. !
ئىچمە ھەرگىز ھاراقنى ھاراق دىگەن ھارامدۇر، ھايات بىلەن ئوينىشىپ ئاقنى چەككەن ساراڭدۇر. ھاراق ئىچكەن،ئاق چەككەن سىنىڭ-مىنىڭ بالامدۇر، ئۇشبۇ ناچار ئىللەتكە سۈكۈت قىلغان ساراڭدۇر.*
كىملەر زەھەر چىكىپتۇ بىلىملىكلەر ئىچىدە، تام ياقىلاپ يۈرەمدۇ بىلىملىكلەر كېچىدە. بارمۇ بىزدەك ئەخمەقلەر باشقا مىللەت ئىچىدە، يۈرىۋەرمە ئەي دوستۇم نادانلىقنىڭ ئىچىدە. ئاقنى چەككەن يىگىتلەر ئىگىپ يادەك بەستىنى، چۈشەنمەستىن چەكمەكتە دۈشمەنلەرنىڭ قەستىنى. قاپلاپ كەتتى بۇلاڭچى ئارقا كوچا رەستىنى، چىكىۋەتتى نادانلار ئاتا -ئانا ۋەسلىنى. چۈشەنمىدى نادانلار ئاق تاماكا قەستىنى، ` دو تىكەمتى زەھەرگە بار-يوقى ۋەسلىنى.] يوقاتماقچى ئاق ئىبلىس ئەسلى ئۇيغۇر ۋەسلىنى، ئەقلى بولسا ئۇيغۇرۇم غازاڭ قىلماس پەسلىنى.
ئاقنى چەكمەڭ ئۇيغۇرۇم كەلگۈسىمىز بەك چاتاق، كومپىيوتۇر دەۋرى بۇ باش ئىشلىتىڭ ياخشىراق. بالىنى ياخشى ئۇقۇتۇش ئاتا-ئانىغا پەرىزدۇر، بىلىمسىزنىڭ كۈنىدىن ھايۋان كۈنى ياخشىراق.
مەنبە:ئاق كەپتەر تورى ئاپتۇرى:ئابدۇرىشىت ئەمەت |