查看完整版本: [-- تىلنى يىغقان ياخشى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھېكمەتلەر -> تىلنى يىغقان ياخشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاھىربەگ 2011-12-21 15:58
تىلنى يىغقان ياخشى
 
 يەر مىھرى
يەرگە نىمانچىۋالا يېپىشىۋالىسەن؟ـ دىدى شامال.
يەرنىڭ مىھرى، باغرى ئىسسىق دە،ـ دەپتۇ قار.
 
ئەلەم ۋە غەم
   ئەلەم شىرىكى غەمگە دەپتۇ:
 ــ تەبەسسۇم بىلەن گەپلەشمە، ئۇ بىزنى كۆرەلمەيدۇ.
 
باغرى ئىسسىق
 ــ تاشكۆمۈر نىمىدىگەن قاپقارا،ـ دەپ زاڭلىق قىپتۇ كىسەك.
ــ سىرتىدىن باھا بەرمىگىن، ئۇنىڭ مىھرى نەقەدەر ئىسسىق ھە،ـ دەپتۇ تاش.
 
گۈل ۋە يۆگىمەچ ئوت
  يۆگىمەچ ئوت گۈلگە چالۋاقاپتۇ:
ــ قۇرۇپ كەتكۈر، ئادەملەر سىنىڭ بوي - بەستىڭ ئۈچۈن بىزنى يۇلىۋىتىدۇ!…
 ــ ئەي نادان،« نىمە ئۈچۈن يۇلىۋىتىدۇ؟» دەپ ئويلىمىدىڭمۇ؟ چۈنكى، بارچە نەرسىلەرنى بوغۇپ كۆكەرىتمەيسەنغۇ؟…  
 
توغۇرلىق ئۈچۈن
بولقا ئەگرى مىخنى تۈزلەشكە ھەركەت قىلىدۇ. ئەگرى مىختىن نىدا چىقىپتۇ:
ــ رەھىمىڭ كەلسۇن…
ــ ئۇنداقتا تۈز تۇرغىن…ــ، دەپتۇ بولقا.
 
ئۇلۇغ بەخت
ئاقىۋىتىڭ شۇ ئىكەن، بىرئاز يېنىپ، كىيىن كىرەكسىز بولۇپ قالدىڭغۇ…ــ دەپتۇ كۈلگە كېسەك.
ــ كۆيۈپ ئىسسىقلىق چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم. بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بارمۇ؟ـ دەپتۇ كۈل.
 
 
ۋەزىپە
  ــ كۆپ گەپ قىلىپ بېشىمىزنى ئاغرىتىۋەتتىڭ،ـ دىدى چىشلار.
ــ ۋەزىپەم گەپ قىلىش دە،ـ دەپ ئاچچىغلاپتۇ تىل.
ــ تىلنى يىغىش ھەم بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دائىرسىگە كىرىدۇ!ـ دەپتۇ چىشلار ۋە ھەممىسى بىرلىشىپ ئېغىزنى ئاچۇرماپتۇ.  
 
ئۆزبەكچە ياشلىق ژورنىلىنىڭ 2011ـ يىللىق 7ـ سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

مەنبە: http://tahirbeg.com/?p=302

ئەلى 2011-12-21 16:15
تۇييۇ  تاھىربەگ  قاچانلاردا  غەيرەت باشلىقنى  ئۇستاز  تۇتىۋالدىڭ  ئۇكام؟

samanyoli 2011-12-21 16:57
تاھىربەگدە غەيرەت چوڭ ھازىر،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

قارناق 2011-12-21 17:00
رەھمەت قىرىندىشىم

sebire 2011-12-21 18:34
راست تىلنى يىغقان ياخشىكەن.

qiqak119 2011-12-21 19:39
ئادەم ئېغىزىدىن بالاغا قالىدۇ . جاپا تارتىپسىز .

almiliq 2011-12-21 19:51
پۇت يۈگۈرىكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا.
                                                             --- ئۇيغۇر خەلق ماقالى

arzuyum 2012-01-02 22:42
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،  تېمىنىڭ  ماۋزۇسى  بەك  ياخشىكەن  .

!adiyat 2012-01-02 22:50
ياخشى گەپلەنى قىلدۇ  جۇمۇ  مۇشۇ  تورداش..


查看完整版本: [-- تىلنى يىغقان ياخشى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060709 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us