qiqak119 |
2011-12-21 11:59 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، تۆۋەندىكىلەرنى ئوبدان كۆرۈڭلار ، پايدىسى بولىدۇ .
قايغۇرماڭ: ئەگەر كەمبەغەل بولسىڭىز سىزدىن باشقىلار قەرىزگە بوغۇلغان ، ئەگەر سىزنىڭ ماشىنىڭىز بولمىسا ، باشقىلارنىڭ ماڭىدىغانغا پۇتىمۇ يوق .
قايغۇرماڭ ؛چۈنكى سىز ئاللاھقا ، كىتاپلىرىغا ،پەيغەمبەرلىرىگە ، قىيامەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى يامىنىغا ئىشەندىڭىز .......
قايغۇرماڭ ؛گۇناھ قىلىپ سالغان بولسىڭىز تەۋبە قىلىڭ ،يامانلىق قىلىپ قويغان بولسىڭىز ئىستىغپار ئېيتىڭ ، خاتالىشىپ قالغان بولسىڭىز تۈزۈتىۋىلىڭ ،ئاللاھنىڭرەھمىتى كەڭرى ، دەرۋازا ئۇچۇق ،ئاللاھ خالىسا تەۋبىڭىز مەقبۇل .
قايغۇرماڭ ؛چۈنكى قايغۇرسىڭىز نىرۋىڭىز جىددىيلىشىدۇ ،ۋۇجۇدىڭىز تىترەيدۇ ،يۈرۈكىڭىز چارچايدۇۋە كۈنىڭىز ئارامسىزلىنىدۇ . غەلبىنى كۈتۈڭ ،تاڭغا قاراڭ< ئارغامچا قاتتىق تارتىلسا ئۈزۈلىدۇ > دىگەن گەپ بار ،
قايغۇرماڭ ؛ قارا بۇلۇتمۇ يوقىلىدۇ ، زۇلمەتلىك كىچىلەرمۇ يۇرۇيدۇ ، شىۋىرغانلىق شاماللارمۇ پەسىيىدۇ ......
تەنقىتكە ئۇچۇرسىڭىز خاپۇلاپ كەتمەڭ ، تەۋرەنمەي تۇرۇڭ ، شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى تەنقىت قىممىتىڭىزگە تەڭ بولىدۇ . ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش گۈزەل ھاياتتۇر . كىم قەلبى خاتىرجەملىكىنى ئىزدىسە ئاللاھقا زىكرى ئېيتسۇن . ھەربىر ئىشنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ . بىر ئادەمدىن رەھمەت كۈتمەڭ . ئەڭ ئېغىر مۇشاقەتلەرنى قۇبۇل قىلىشقا ئۆزىڭىزنى تەييارلاڭ . نىئمەتتە ئويلۇنۇڭ ۋە رەھمەت ئېيتىڭ . سىز ئۆزىڭىزدە بار ئىمكانىيەتلەر بىلەن باشقىلاردىن يۇقۇرى . قىيىنچىلىق بىلەن ئاسانچىلىق بىللە . يوقىلاڭ ئىشلارغا چېچىلماڭ . پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ رەھمىتى كەڭرى . ئاچچىقلانماڭ ، ئاچچىقلانماڭ ، ئاچچىقلانماڭ .......... مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلاردىن ئىبرەت ئېلىڭ . ئاللاھ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى سىنايدۇ . قىيىنچىلىقنىڭ دۇئاسىنى تەكرار ئېيتىڭ . بىكارچىلىقنى تاشلاڭ ، جىددى قەدەم بېسىڭ . قۇرۇق گەپلەرگە ئىشەنمەڭ . مۆئمىن قېرىنداشلىرىڭىزدىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە بولماڭ ،بۇ ساغلاملىقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
مەنبە: تور دۇنياسى .
|
|