查看完整版本: [-- چاۋشىيەن خەلقى ( قىسقا فىلىم ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> چاۋشىيەن خەلقى ( قىسقا فىلىم ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مېھمان 2011-12-21 08:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىىك تورداشلار .
 ئامېرىكا - چاۋشىيەن ئۇرۇشىدىن كېيىن چاۋشىيەندە ئامېرىكىلىقلار قارشى ئېلىنمايدىغان بولۇپ ( فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا ئۇلار ماڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا كاپىرلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىنمۇ قاتتىقراقتەك تەسىر بەردى ) ، بۇقىسقا فىلىمنى بىر ئامېرىكىلىق ئايال مۇخبىر مىڭ بىر جاپا - مۇشەققەتتە سۈرەتكە ئېلىۋالغان . تام قوشنا ( سوتسىيالىستىك ) دۆلەت ( شىمالىي ) چاۋشىيەن زادى قانداق دۆلەت ؟ كىشىلەر ئۇلۇغلىغان " كىم جوڭ ئېل " زادى قانداق كىشى ؟ چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ ئېتقادى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى زادى قانداق ؟ بۇلارنى بىلمەكچى بولسىاڭلار تۆۋەندىكى قىسقا فىلىم ئېكرانىڭلاردا بولسۇن .  ( فىلىم تىلى ئېنگىلىزچە . خەنچە خەتلىك چۈشەندۈرۈلگەن . ) 

maslakdax 2011-12-21 11:30
تەرجىمە گۇرۇپپا ئەزالىرى،ماۋۇ فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ جۇمۇ.

yakuza 2011-12-21 13:15
پۇتۇن دۇنيامۇسۇلمانلىرى ئامېرىكا كاپىرلىرىغا ئۆچ بولغاندەك دىگەن نىمىدىگەن گەپ ئۇ،
   ئاېرىكىدەك بىر  دۆلەت بولمىسا،سىزبىلەن بىز بۇچاققىچە قىرىلىپ تۈگەيتۇق.

بىگان 2011-12-21 13:25
خەلىقنىڭ بىر ئادەم ئۈچۈن شۇنچە يىغا-زار قىلىپ كىتىشى زادى نىمە ئۈچۈن؟ كىم جۇڭئىل زادى قانداق قەھرىمان؟
بەزىلەر ئۇنى  ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىكى ماۋزۇدۇڭغا ئوخشىتىدۇ.چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ماۋزىدۇڭ ۋاپات بولغاندىمۇ پۈتكۈل جوڭگو خەلقى يىغلىغان.ئۇنداقتا كىم جۇڭئىل راستنلا ماۋزىدۇڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ داھىي بولغىدەك نىمە ئىشلارنى قىلغان؟! مىنىڭچە بۇ ئىشىكى يىپىۋىتلگەن چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز بىزلەرگە نىسبەتەن يەنىلا گۇمانلانغىدەك سۇئال!

salamgulja 2011-12-21 13:33
توغرا ئامىرىكا بولمىسا.....................

مېھمان 2011-12-21 14:01
تالىشىپ ئولتۇرمايمەن . شەخسى كۆز قارىشىم خالاس . ئامان بولۇڭ .

aliali 2011-12-21 14:06
چاۋشەننى 4- ھەربىي كۈچ دەپتا!؟

samanyoli 2011-12-21 14:14
شەخسلەر ئىلاھلاشتۇرۇلغان،،،چوقۇنۇشقا مەجبۇر قىلىنغان،،كاللىلار يۇيۇلغان،،ھىچقانداق ئىمكان بېرىلمىگەن،،تۈزۈملەر  ھەربىلەشتۇرۇلگەن،،،،،،،،،،،،،،ئىنسان تەپەككۇرلىرى بوغۇلغان،،،،،،،قىسقىسى شۇ كىشىگە باھا بېرىشتە شۇ جەمىيەت تۈزۈلمىسى ئۈزۈل كېسىل ئۆزگەرتىلىپ ئاندىن 30 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇ جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باقساق تېخىمۇ ياخشى جاۋاپقا ئېرىشەلەيمىز،،،،،،،،،،،،،

يالپۇز 2011-12-21 14:24
ئامرىكىغا نېمانچىلا ئۆچ سىز ، سىزگە نېمە قىلدى

بىگان 2011-12-21 15:17
جەمىيتىمزدىكى غەرىپلىشىش ئامىركىنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن ئازدۇرۇشىدىن بولغان.ئازدۇرۇشقا سەۋەبچى بولغاندىكىن ئاغىرنىدىغان گەپ

abdullajan 2011-12-21 18:12
ئامېرىكا پىتنە پاساتنىڭ ئۇۋىسى، نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى تۆكتى،ئىراق ئاففغانىستان ئۇرۇشىدا ئۆلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى نەچچە يۈزمىڭ، يارلاغان، سەرگەردان بوپ كەتكەن، ئىگە چاقىسىز قالغانلار تېخى بۇنىڭ سىرتىدا. شۇڭا  ئامېرىكا پەرەسلەر تولا ئۇلارغا چاپانچىلىق قىلمايلى، ئەلۋەتتە پەن-تېخنىكا، تەرەققىيات جەھەتتە بىزنىڭ ئۇلاردىن ئۆگىندىغان تەرەپلىرىمىز كۆپ، بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.

abdullajan 2011-12-21 18:19
راستىنلا ماۋزېدۇڭ دەۋېرىدىكى جۇڭگوغا ئوخشاش،،،،،،،
ھەممىسى كوممىنىزىمنىڭ ئېچىنىشلىق قۇربانلىرى،،،،،،،ھەي، دۇنيادىن خەۋەرسىز ياشاۋاتىدۇ دە ئۇلار، كومۇنىزىمغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ....... بۇ كەمگە تېخى كومۇنىزىمغا يېتىپ بولدۇق، دەپ ئولتۇرامدۇ، تېخى ئۇلار،،،

قارناق 2011-12-21 18:35
بىز ئۈزىمىزنىڭ ئىچدىكى ئادەملەرنىڭ ياخشى يامانلىغنى بىلمەيمىز .بىر دۈلەتنىڭ ياخشى -يامانلىغىنى بىلش بىزگەتىخى بالدور.بۇ ئىشلا ئىگىسگىلا ئاشكارە. ئالدىرمايلى.كىمنىڭ ياخشى -يامانلىغنى ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ

zero903 2011-12-21 18:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-21 15:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 8-قەۋەت (يالپۇز) نىڭ يازمىسىغا :
جەمىيتىمزدىكى غەرىپلىشىش ئامىركىنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن ئازدۇرۇشىدىن بولغان.ئازدۇرۇشقا سەۋەبچى بولغاندىكىن ئاغىرنىدىغان گەپ
 
  خەنزۇلىشىشچۇ ..........   كىمدىن ئاغرىنىمىز ياق ياق  بىز بۇنى سۆزلىلەيمەيمىز

بىگان 2011-12-21 19:30
بۇنى نىمىشقا سۆزلىيەلمەيسىز؟! بۇ ئىنىق مەسىلە. ئاللاھ خالىسا ۋاقت چىقىرىپ بۇ توغرىسىدىمۇ تىما يازماقچىمەن، ماتىريالنى تەرجمە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ شۇ.خەنزۇلىشىشىنى ئۆزىمزدىن كۆرسەك بولىدۇ...

zero903 2011-12-21 20:28
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-21 19:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 13-قەۋەت (zero903) نىڭ يازمىسىغا :
بۇنى نىمىشقا سۆزلىيەلمەيسىز؟! بۇ ئىنىق مەسىلە. ئاللاھ خالىسا ۋاقت چىقىرىپ بۇ توغرىسىدىمۇ تىما يازماقچىمەن، ماتىريالنى تەرجمە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ شۇ.خەنزۇلىشىشىنى ئۆزىمزدىن كۆرسەك بولىدۇ...


مەدېمەكچى  ئامېرىكىنىڭ ئەپتە بەشىرىسىنى ئېچىۋەتتۇق...  ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى  ئېيتىپ  باقايلى

جەڭچى 2011-12-21 21:03
گەپ قىلغۇم يوق ،،،دۇنيادىكى بولۋاتقان ئىشلار نى تەھلىل قىلايلى.

ئۆركەش 2011-12-21 22:30
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى aliali نىڭ 2011-12-21 14:06 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
چاۋشەننى 4- ھەربىي كۈچ دەپتا!؟



بۇ چاۋشىيەنلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تېپىۋالغان گىپى .....

قىيا 2011-12-21 23:18
بىچارە چاۆشەن خەلقى  كىم جۇڭ ئېل كۈندۈزنى كېچە دىسە ئەگىشىپلا كېچە دەيدۇ،ئۇلارنى زورلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئۇلار بۇنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئكەنلەگىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ.   مانا بۇ داھى  بۇ مىللەتنى مۇشۇنداق تەربىلەپ يىتىشتۈرگەن.چاۋشەن خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تۇرمۇشىنى بارلىغىنى داھى بەرگەن

zulkyani 2011-12-21 23:49
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى zero903 نىڭ 2011-12-21 20:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:13-قەۋەت (zero903) نىڭ يازمىسىغا :


مەدېمەكچى  ئامېرىكىنىڭ ئەپتە بەشىرىسىنى ئېچىۋەتتۇق...  ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى  ئېيتىپ  باقايلى

ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى يەتكۈچە دەپ باقتۇ...مۇنبەر يۈزدە دېيىلسە ھەل بولىدىغان ئىش بولسا بۇنىڭدىن 10يىل بۇرۇن ھەل بولۇپ بولاتتى. بىزنىڭ دەردىمىز ئۆزىمىزنى سۆكۈشلا خالاس...

oguzhan 2011-12-21 23:50
0-قەۋەت مىھماننىڭ يازمىسىغا نەقىل
.......................................................................................................................................................................
سىز دۇنيادا چوڭ كاپىردىن نەچچىسى بار بىلەمسىز؟

bahram 2011-12-21 23:51
ئەجەپ ئوپمۇ ئوخشاشكەن يا خۇددى دىيىشىۋالغاندەكلا  
ئا خەق كۆزىنى دوختۇر ساقايتسا يۈگۈرەپ بىرىپ رەسىمگە رەھمەت دەپ تازىم قىلىشپ كىتىشىنى توۋا ،،،، نادانلىق بۇنىڭدىن ئۆتە بولماس ئەمدى ...

oguzhan 2011-12-22 00:33
كىم جۇڭ ئىلنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا bbc مۇخبىرىدىن بىرنى كىرىشكە رۇخسەت قىپتىكەن بۇ مۇخبىر بىرنەچچە ئوقۇغۇچىلابىلەن
ئىېنگىلىسچە سۆزلۈشۈپتۇ  مۇخبىر ئوقۇغۇچىلادىن سىلە ئىېنگىلىسچىنى قانداق ئۇگەندىڭلا بۇ دەۋلەتنىڭ ئىشىكى سىرىتقا تاقاق تۇرسا دەپ سوراپتىكەن ئوقۇغۇچىلا بۇ ئۇلۇق دايىمىزنىڭ غەم خورلىقى دەپتۇ ، سىلە دۇنيادىكى ئاتاقلىق كىشىلەردىن كىمنى بىلىسىلە؟ دەپ سورسا  ماۋزىدۇڭ ئىستالىن دەپتۇ،ماندىلانىچۇ؟ ياق ئۇنداق كىشىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان دەپتۇ

nida0998 2011-12-22 01:34
          

dakar 2011-12-22 14:07
ئەمدى گەپ ئوغلىدا قالدى دادىسەك يىتەكلەمدۇ ياكى چوڭ ئۆزگۈرۈش بۇلامدۇ ....

ئوزبېك 2011-12-22 16:27
بەزىلەر چوڭ-كىچىك تەرەت قىلالمىسىمۇ ئامېرىكىدىن كورىدۇ ...غەيۋەتخورلار ھەممە يەردە بار...

kamalturk 2011-12-22 20:45
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋاغۇلۇق!

tumurkala 2012-01-04 14:03
ئامىرىكا سەن شۇنچىۋىلا تىزلىنىپ ئامىرىكىنى ياقىلىغۇدەك نىمىش قىلىپ بەردى ساڭا؟بىلىپ قوي ئۇ بىز ئۇيغۇرلار ۋە بىزگە ئوخشاش مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلچىلىك ياخشىلىق قىلغىنى يوق،پەقەت بىزلەرگە زىيانلا كەلتۈردى خالاس!

0999kokbora 2012-01-04 15:44
سىزنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىڭىز بىر  بىرسى   بىلەن  پىتىشماي  ئۇرۇش قىلىپلا  يۇرسە خەق   پايدىلىنىپ كىتىدۇ  دە ئەلۋەتتە .ئامىركىدەك دۇنيا ساقچىسى   بولمىسا   دۇنيادىن   چاتاق چىقىدۇ .
بىر جۇڭگۇلۇق ئامرىكىدا   شىتات باشلىقى بولالايدۇ ئەمما بىر ئامرىكىلىق جۇڭگودا ئۆلكە  باشلىقى  بولالامدا ؟ئامرىكىدا ئادەملا  بولسا سايلىنىش  ھوقۇقى بولىدۇ .بىرەرسىڭلار  مۇشۇ  ياشقا  كەلگىچە سايلامغا  بىرەر بىلەت  تاشلاپ   باقتىڭلارمۇ ؟

0999kokbora 2012-01-04 15:46
ئىشقلىپ مەن  ئامىرىكىغا ئامراق ،ئەرەپ  دۆلەتلىرى  بىلەن خوشام  يوق.

fatah 2012-01-04 15:53
قېرىنداشلار     بەزى  ئىنكاسلىرىڭلارنى  كۆرۈپ  چاۋشەنلىكلەر  مۇنبەرگە  كىرىۋالغاندەك  ھېس قىلدىم ..
مەنچە  كۆپۈنچىمىز    بەزى  مەسلىلەر  توغۇرلۇق  ئىنكاس  يازىدىغانغا    ئىقدىدارىمىز  كەمچىلمىكىن .
...چۈنكى  نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ  كالللىسى  ھەرخىل  پاراشۇكلاردا  يۇيۇلغان .. .بەزىلىمىزنى  جاھانگىر ئامرىكا يۇدى ،بەزىلىرىمىزنى  تېرورچى  بېنلادىن يۇدى ،،،،يەنە  بەزىلىرىمىزنى  يەنە  قانداقتۇر  بىرلىرى  يۇماقتا ،،،،،
شۇڭا  كاللىمىز  ئۆزىمىزنىڭ  ئەمەس  تۇرۇپ  قالايمىقان   جۆلىمىسەك     ،،،بىر  سىمىز  كىيگەن  چاپان   چوقۇم  يانە  بىرسىمىزگە  چوڭ  كىلىدۇ .............

رەسسام 2012-01-04 20:23
60-يىللاردىكى ئىشلارنى چۇڭلاردىن ئاڭلىغان بۇ فىلىمنى كۇرۇپ شۇ ۋاقىتلار ئىسىمگە كىلىپ قالدا،،!
--چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ئىككى پارچىغا بۇلونۇپ كىتىشى ئىككى خىل دۇنيادا ياشىشى چۇڭ دۇلەتلەرنىڭ سىياسىي مەنپىئەت قۇربانى،،،،،


查看完整版本: [-- چاۋشىيەن خەلقى ( قىسقا فىلىم ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053694 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us