查看完整版本: [-- بىرقانچە سۈرەتلىك خەۋەرلەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> بىرقانچە سۈرەتلىك خەۋەرلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muzepper 2011-12-21 03:45
                         بىرقانچە سۈرەتلىك خەۋەرلەر
 
                ئامىركا تالىبانلارغا قارشى بۈرگە ئىشلەپ چىقتى
    ئامىركا ئىشلەپ چىققان بۇ بۈرگە تۆت چاڭلىق بولۇپ، كامېرا يەرلەشتۈرۈلگەن. بىر قېتىملىق سەكرىشىدە 7،3 مېتىر سەكرىيەلەيدۇ. ئۆي، ھويلا ئاراملارغا كىرىپ ئۇيەرنى سۈرەتكە تارتىپ مەركەزگە يەتكۆزۈپ بىرىدۇ. تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. توك قاچىلاشتىن بۇرۇن 30 قېتىم سەكرىيەلەيدۇ. ئېغىرلىقى 4.5 كىلو بولۇپ ھەرقانداق يەرگە يامىشىپ چىقالايدۇ.
 

 

 
 
       ئامىرىكا پىيادە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئۈسكۈنە ياساپ چىقتى
    ئامىركا پىيادە ئەسكەرلىرى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قورال، ئوق تاماق، ئىچىملىك، دۇرا، يوتقان-كۆرپە... دېگەندەك بولۇپ 30- 50- كىلو ئەتراپىدا يۈك كۆتۈرۈپ يۈرگەچكە بەكمۇ قىينىلىپ كەتكەن. Lockheed Martin شىركىتى ئامىركا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئۈسكۈنە ياساپ چىقتى. بۇ ئۈسكۈنە بىلەن بىر ئەسكەر 100 كىلو يۈكنى ھىچ كۈچۈمەيلا كۆتۈرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىسمى HULC (تاشقى ئىسكىلىت) ئىكەن. ئامىركا پىيادە قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى كەلگۈسىدە مۇشۇ خىل ئۈسكۈنە قوللىنىدىكەن.
 

 

 

 

 

 

 

 
 
           كومپىيوتۇردا ئالتۇن بارلىقى ئەپسانىسى توغرا چىقتى
    ئۇزۇندىن بۇيان ھەممىمىز قوللىنىۋاتقان كومپىيوتۇردا ئالتۇن بار دېگەن گەپ ئايلىنىپ يۈرەتتى. بۇ گەپ ئاخىرى توغرا چىقتى. بۇ ئىشقا بەكمۇ قىزىققان بىر ئادەم كومپىيوتۇرنىڭ ئانا كارتىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالتۇن ئايرىپ چىقتى. بۇ ئادەم كونا نەرسىلەرنى ساتىدىغان ئادەملەردىن ئەرزان باھادا سېتىۋالغان كومپىيوتۇرلارنىڭ ئانا كارتىنى چىقىرىپ (ئىلىكتىرونىك دەۋرىلەر ۋە دىسكىلەردىمۇ بار ئىكەن) ھەرخىل كەسەلتا ۋە خېمىيىلىك ماددىلارنى قوللۇنۇپ ئالتۇن ئايرىپ چىقتى. رەسمى بىر ئانا كارتتىكى ئالتۇن مىقتارى 1 گىرامنىڭ ئوندا بىرىدىنمۇ ئاز ئىكەن. بۇ ئالتۇننىڭ قىممىتى 5-6 لىرا ( 20 كوي ئەتراپلىرىدا) بولۇپ، ئالتۇننىڭ قىممىتىدىن چىقىمى نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن.
    كېسەلتا ۋە خېمىيەۋى ماددىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى  بىلمەيدىغانلار ھەرگىزمۇ مەنمۇ دوراپ باقاي دەپقالماڭ!.


 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 
 
 

 

 

 
http://www.habervitrini.com/fotogaleri.asp?hfoto=575870&gfoto=&pn=21#foto
http://www.habervitrini.com/fotogaleri.asp?hfoto=575565&gfoto=&pn=16#foto
http://www.habervitrini.com/fotogaleri.asp?hfoto=576616

تاھىربەگ 2011-12-21 10:50
ھاھا...  بۈرگىسى بوپ قويىدىكەن.

qiqak119 2011-12-21 11:11
شۇ تالىبانلارغىغۇ بۈرگە ياساپ چىقىپتۇ ، لىكىن ئالتۇن ئۈچبۇرجەككە نىمىشقا كۈچى يەتمەيدىغاندۇ بۇ ئامرىكىنىڭ . تاجاۋۇز قىلىشقا ئامراق بولغاندىن كىيىن ئالتۇن ئۈچبۇرجەككە تاجاۋۇز قىلىپ ، ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ شۇلارنى يوقاتسا بولمامدىغاندۇ ؟

ansar514 2011-12-21 11:52
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى qiqak119 نىڭ 2011-12-21 11:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شۇ تالىبانلارغىغۇ بۈرگە ياساپ چىقىپتۇ ، لىكىن ئالتۇن ئۈچبۇرجەككە نىمىشقا كۈچى يەتمەيدىغاندۇ بۇ ئامرىكىنىڭ . تاجاۋۇز قىلىشقا ئامراق بولغاندىن كىيىن ئالتۇن ئۈچبۇرجەككە تاجاۋۇز قىلىپ ، ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ شۇلارنى يوقاتسا بولمامدىغاندۇ ؟

دوستۇم ئۇلارغا قىلسا بولمايدۇ نىمىشقا دەمسىز چۇنكى ھۆكۇمرانلارنىڭ قەدىمدىن بىرلا مەخسىدى بار ئۇبولسىمۇ ئۆزىنى ساقلاش ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھەم ئۇنۇملۇك چارسى خەلىقنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ئۇلارنى سىياسى مەسلىگە يىقىن يولاتماسلىق.مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا قاپاققا سىلىپ كولدۇرلىتىش .ئەگەر ئۇچبۇجەكنى يوقتىۋەتسە بىخوتلۇق دورىسىنىڭ پادىشاھىنى كىم ياسايدۇ؟ ئەتراپىمىزدىمۇ ئوچوق ئاشكارا قىزىل مەلەڭزىلىك ئويلەر ۋە ئاۋمىننىڭ تارماق قىما شىركەتلىرى تۇرسا سىرىق مەزمۇندىكى ئىددىيەلەرگە زەربە بىرىمىز قىمائويناش قانۇنغا خىلاپ دەپ ئۇلارغا يىشىل چىراغ ياقماي ۋاتامدۇ؟!  ئۇلار بولسا بىخوتلۇق دورىلىرى ئىشلەيدىغانلارغا ھە دەپ مەبلەخ سالسا سالدۇكى چەكلىمەيدۇ.

بىگان 2011-12-21 14:51
تاشقى ئىسكىلىت دىگەن ئىجادىيىتى ماڭا بەك يارىدى.چامداننى كۆتۈرۈش بەك ئىغىر كىلەتتى...


查看完整版本: [-- بىرقانچە سۈرەتلىك خەۋەرلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055478 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us