查看完整版本: [-- ئەلۋىدا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئەلۋىدا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xahla91 2011-12-20 23:04
قۇيغىنكى بىر قەدەھ ئەجەل شارابى ،
ئاشىقلىق قىلمىشىم جىنايەت بولسا .
بارلىقىم سەن ئۈچۈن مەنمۇ ھەم سېنىڭ ،
سەزمەمسەن كۆزلىرىم تەلمۈرۈپ تۇرسا .

كۆيمەكتە مەن كەبى ئاخىرقى قوياش ،
زىمىننىڭ باغرىنى سۆيمەكتىكەن قار .
قار باسقان دالىدا تۇرغىنى مەن شۇ ،
بىر قەدەھ شارابىڭ زار يىغلاتتى زار .

ئىنسانلار قېتىدىن يۇلقۇنار گۈگۈم ،
سۆيگۈمنىڭ قەلبىمگە ئويغىنى نىمە ؟
قوش قوللاپ ماناشۇ سۇنغىنىڭ ئەجەل ،
ئەلۋىدا لېۋىمگە سۆيمىگەن  بەندە  .

تاھىربەگ 2011-12-21 10:46
شېئىرنى تازا چۈشەنمەيمەن.  

xahla91 2011-12-21 11:04
كۆدىڭىزما مانى ، دىسەم ئۇنىمايدۇ كەڭسايدا ئەدەبىي ئەسەر قارشى ئېلىنمايدۇ دەپ

كۆكئاي 2011-12-21 11:19
ئىلاھى شېر ئۇقۇغاندەك ھۇزۇرلىنۋالدىم

ئاللاھ ماڭا ئاشىقلىق ئۇتۇڭنى تىغىمۇ كۆپ سالغىن

بىگان 2011-12-21 14:17
ئاخرىقى مىسرادىكى <بەندە> سۆزى،ختابنى يارىغا قىلىۋاتقىنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ قىزدىنمۇ بەخىتلىك بىرى يوق ئەمدى،چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىنى تاپقان ئوخشايدۇ.


查看完整版本: [-- ئەلۋىدا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049707 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us